| مەرھابا يېڭى يىل ،مەرھابا بەختىم. (نەسىر) ئەزىز ئەيسا مانا شۇ دەمدە چەكسىز ھاياجان بىلەن 55- يېڭى يىلنى كۈتىۋالماقتىمەن. ۋۇجۇدۇم خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك ئۆركەش ياساپ يۈرىكىم شىرىن بەختىيارلىق بۈشىكىدە ئەللەيلەنمەكتە . چۈنكى مەن مۇشۇ ھاياتىمدا 55يېڭى يىل شاتلىقىغا چۆمىلىپ، 55 باھاردىكى رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلەرنىڭ گۈزەللىكى، خۈش ھىدى ئىچىدە مەست-خۇش بۇلۇپ ، 55يازدىكى كۈللى نازۇ-نىممەتلەرگە تۇيۇنۇپ، 55كۈزدە مول- ھۇسۇل ئۇتۇقلاردىن زەپەر قۇچۇپ ، 55قارا قىشتىكى جۇدۇن چاپقۇنلۇق داۋانلاردا ئات چاپتۇرۇپ كىشىلىك ھاياتنىڭ زەپەر مارشىنى مەغرۇرانە توۋلاپ كەلمەكتىمەن. شۇڭا مىنى ئاپئاق ئوغۇز سۈتلىرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ بۈگۈنكىدەك بەردەم يىگىت قىلىپ چوڭ قىلغان مېھرىبان ئانامغا ،ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەسلىككە،ھەرقانداق بىرئادەمگە ،كىشىلىك ھاياتقا مېھىر مۇھەببەت بىلەن قاراشقا،خەلقىگە،يۈرت ۋەتىنىگە، دەۋىرگە تۆھبە يارىتىشقا ئۈگەتكەن خىزىر سۈپەت ئاتامغا چەكسىز مۇھەببەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن! مىنى يالقۇنلۇق تۇرمۇش ئۇچاقلىرى بىلەن تاۋلىغان ،ماڭا نىمىنىڭ ئاق،نىمىنىڭ قارا ،نىمىنىڭ ھەق، نىمىنىڭ ناھەت، نىمىنىڭ كىشىلىك ھايات ،نىمىنىڭ نومۇس مامات ،نىمىنىڭ كىشىلىك ئىتىقات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقىمگە مەڭگۈلۈك ئىستىقامەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن. مىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىلىم مەرىپەت دېڭىزىدىن جاۋاھىراتلارنى سۈزۈپ بۈگۈنكىدەك كىچىككىنە ئۇتۇق قازىنىشىم ئۈچۈن كەڭرى يول ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن دانا پارتىيە ھۆكىمەتكە چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن. مىنى يۈكسەك ئىززەت ھۆرمەتلىك ئۇستاز سالاھىتىگە ئىگە قىلىپ كەلگۈسىنىڭ چولپانلىرى، قۇياشلىرى ئۈچۈن تەرتۈكۈپ ئەجىر قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن مائارىپ تەشكىلى، قەدىرلىك خىزمەت ئورنۇم مەرىپەت مەشئىلى -مەكتەپكە تۆھبە مېھنەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن. مىنى سۆيگەن ،قەدرىمگە يەتكەن، مىنى قوللىغان، مىنى يۆلىگەن ،دوست بىرادەرلىرىمگە ،ھەمكار -قاياشلىرىمغا سەمىمى ساداقەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن. ماڭا سوغاق نەزەر بىلەن قارىغان،ئارقامدىن ھەسەتخورلۇق ئوقيالىرىنى ئاتقان،رەزىل ھىلە-مىكىر لىرى بىلەن مىنى پۇتلاپ يىقىتقانلارغىمۇ دەرسى ھىكمەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.چۈنكى شۇلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرى ،پۇتلاشلىرى، ماڭا سالغان ئازاپ-ئوقۇبەت ،جەھرى-جاپالىرى بولمىسا ئۆزەمنىڭ باتۇر- جەسۇرلىقىنى ،كىشىلىك قەدىر قىممىتىمنى قانداقمۇ نامايەن قىلاتتىم؟ ئۈمۈت-ئىشەنچكە ،بەختىيارلىققا تولغان بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ ،دستلۇقنىڭ ھەقىقى قەدىر قىممىتىگە قانداقمۇ بۈگۈنكىدەك تىرەن يەتكەن بۇلاتتىم؟! قەدىرلىك دوستلار ئەزىرلەر !شۇڭا بۇ ھاياتنىڭ ،مۇشۇ يېڭى يىلنىڭ ھەر كۈنى، ھەر مىنۇتى شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىكەنكى: كىم بىلىدۇ؟ئەتە ياكى ئۆگۈن،ئەزرائىل ماڭا ،سىزگە ياكى ئۇنىڭغا نۆۋەت بىلەن شۇنداق بى تۇيۇق ھالەتتە ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت يوقلۇق دەرگاھىغا دەرھال كىلىش چاقىرىقىنى تۇتقۇزۇشى مۇمكىن!شۇنىڭغىچە بۇ تۇلىمۇ قىسقا ئەمما قىممەتلىك ھاياتىمىزنىڭ ھەركۈن كۈنى،ھەر مىنىۇتىنى شۇنداق ئۆتكۈزەيلىكى؛ ھالال تەر، ئەجىر مېھنىتىمىز بىلەن ،ئوتلۇق مېھىر مۇھەببىتىمىز بىلەن،ئالىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتىمىز،ئادىمىلىكىمىز بىلەن ھەقىقى ئادەملەردەك ياشاۋاتقانلارنى قەدىرلەيلى، باشقىلار ئۈچۈن مىۋە بەرگەنلەرنى ھۆرمەت قەسرىمىزدە ئولتۇرغۇزايلى، توغرا يول ،توغرا ئىتىقات يۇلىدا ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلارغا ئىلھام- مەدەت بىرەيلى، گاڭگىرىغاننى ،تىنىگەننى توغرا يولغا سالايلى،ئازغاننى قايتۇرايلى، ئۇسسۇغاننى قاندۇرايلى،توڭلىغاننى ئىللىتايلى،ئاچقاننى تويدۇرايلى... ئەجرىمىزدىن شىرىن مىۋىلەر پىشسۇن،ئەتراپىمىزنى مېھىر مۇھەببەت دوستلۇق ،بەختىيارلىق قىزىل گۈللىرىگە پۈركەيلى! مەرھابا يېڭى يىل ،مەرھابا بەختىم. 2015-يىل 30-دىكابىر ئاقسۇ
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|