كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 5

بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدە تىما تەسىقلاش تۈزۈمى يولغا قۇيلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدە تىما تەسىقلاش تۈزۈمى :


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بايقاش مۇنبرىدىكى باشقۇرغۇچى يولداشلار ۋە مۇنبەردىكى بارلىق كونا يىڭى ئەزالار    ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن  زەپەر دىن سىلەرگە ئۆتلۇق سالام  !
بايقاش مۇنبىرى  قۇرۇلغىلى 2011 - يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن ھازىرغىچە ساق  بەش يىلدىن ئاشتى  .بايقاش مائارىپ تورىغا يوللىنىدىغان  تېمىلارھەم ئەزالارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان،ھازىرقى  مەزگىلدە  تېمىنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەزالىرىمىزمۇ، باشقۇرغۇچىلىمىزمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ تىما باشقۇرغۇچى يولداشلارغا ۋە بايقاش تورىدىكى بارلىق كونا  يىڭى ئەزالارغا ئورتاق يوللاندى.
مۇشۇ تېمىنىڭ تەلىپى  بۇيىچە تېما، ئىنكاس تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ،
بايقاش مائارىپ تورىدا 2015- يىلى 11-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ  تەستىقلانمايدىغان تېمىلار ۋە تېما مەزمۇنى  تۈۋەندىكىچە  :
باشقۇرغۇچى يولداشلارنىڭ شۇ بۇيىچە ئىجىرا قىلىشىڭلارنى سۇرايمىز :
1.. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە زىت بولغان، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنىي ئەركىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان، قوش تىل مائارىپىغا قارشى بولغان ، شەھۋانى تۈس ئالغان شىئېر ئەسەرلەر ،  كىنو، ناخشىلارنى يوللاشقا يول قويۇلمايدۇ. تېما ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ۋە يولىغۇچىنىڭ ئەزالىق مۇنبەردىن ئۈچۈرلىدۇ .
2. تەكرار  تىللا  يېغىش مەخسىتىدە  يوللانغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
3. ھەر قانداق بىر تىما يوللىغاندا چۇقۇم شۇ يوللىغۇچى  تىما توغىرسىدىكى تەپسىلاتنى ئىنىق يېزىش كىرەك . ئەگەردە تىمىنى يوللاشتىن بۇرۇن تەپسىلات يېزىلمىغان تىمىلار بىردەك تەسىقلانمايدۇ
4. ھەر قانداق ئەزا تىما يوللىغاندا ئەستايىدىل بۇلۇش  تەسىقلىغۇچىمۇ ئەستايىدىل بۇلۇش پىرىنسىپى يولغا قۇيلىدۇ
مەسىلەن : دەرىس تەييارلىقى ۋە دەرىسلىك دىتال  يوللىماقچى بولسا چۇقۇم ئاز بولغاندا بىر ھەپتىلىك يوللاش پىرىنسىپى يولغا قۇيلىدۇ . ئەگەردە  بىر سائەتتىن پارچىلاپ يوللىغۇچىلارنىڭ  تىمىسى بىردەك تەسىقلانمايدۇ . بولسا تۇلۇق يوللاش  يوللىغاندا چۇقۇم بىر ھۆججەتكە قىستۇرۇپ يوللاش لازىم
5. مەزمۇنىدا  دىنى مەزمۇن بار بولغان ئېلكىتاب، سۈرەتلىك، سۈرەتسىز ناخشا، رەسىم، شېئىر ماقالە،.... قاتارلىق دىنى مەزمۇنلار بىردەك  تەسىقلىماسلىق كىرەك
6.  باشقۇرغۇچىلار  يىڭى ئەزالارنى ياخشى يىتەكلەش تىما يوللاشنى  بىلمىگەن چۈشۈنەلمىگەن ئەزالار بولسا  ئۇلارغا تىما يوللاشنى ئىرىنمەي ئۈگۈتۈش لازىم . شۇ ئارقىلىق بايقاش مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشى ئۈچۈن تۇلۇق كۈچ چىقىرىش كىرەك .
7. ئەگەردە يىڭى ئەزالار  تىما  يوللىغاندا  سەھىپىسى توغرا تاللانمىغان تېمىلار بولسا  تەسىقلىغۇچى ۋاختىدا  تەھىرلەپ ئۆز جايىغا يۆتكۈۋەتىش كىرەك ، مەسىلەن: مائارىپ دېتاللىرى سەھىپىسىگە شىئېر  ئەسەرنى  . دەرىس تەييارلىقى سەھىپىسىگە   ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ،تور بىلىملىرى سەھىپىسىگە  شېئىرنى، باشلانغۇچ دەرسلىكى سەھىپىسىگە ناخشىنى يوللىسىڭىز ، 1- ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى سەھىپىسىگە  دەرىسىلىك دىتالنى ،  1- ماۋسۇملۇق سۇئال سەھىپىسىگە  . دەرىس تەييارلىقىنى     ، 1- يىللىق دەرىس تەييارلىقى  سەھىپىسىگە  3-4- يىللقلارنىڭ دەرىس تەييارلىقىنى   دېگەندەك مەزمۇنلار ..........
8. ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش قوشۇلمىغان، چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى نورمال ئەمەس تېمىلار تەستىقلانمايدۇ،  ئەگەردە شۇنداق تىمىلارنى تەسىقلىغۇچىلار بولسا ئۈزى مەسئۇل بۇلۇپ  ۋاختىدا مۇنبەردىن ئۈچۈرۈش كىرەك
9. ئادەم ئويلاپ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ يىتەلەيدىغان تۇرۇپمۇ يوتقاندىن چىقىپلا يوللىغان تېمىلارنى قەتئى تەسىقلىماسلىق كىرەك .
10.ئەزالار ئىچىدە ماڭا 4- يىللىقنىڭ ياكى باشقا يىللقنىڭ پالانى پېنىنى .تىمىسى  ئىككى ئەركەك غاز دىگەن دەرىسنىڭ   بىر سائەتلىك دەرىسلىك دىتالى لازىم  دىگەندەك پاخال تىمىلارنى قەتئى تەسىقلىماسلىق كىرەك   
11. باشقۇرغۇچىلار ئۈزىمىز تەسىقلىغان تىمىغا چۇقۇم ئۈزىمىز مەسئۇل بۇلىشىمىز ، ئەگەردە يۇقارقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك مەسىللەر بايقالسا ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىش كىرەك
بۇ تۈزۈم 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ تۇلۇق ئىجىرا قىلنىدۇ
شۇڭا باشقۇرغۇچىلار  ۋە ئەزالارنىڭ بۇ ئىشقا ئورتاق ئەھمىيەت بېرىپ، تور بېكىتىمىزدىكى تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە ئەھميەت بېرىپ، جەمىيەت مۇقملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرپىسى
2015- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-6 09:57:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-11-6 11:28:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-6 11:31  

بۇ تېما بايقاش مۇنبىرىنىڭ تەرەقىياتىغا ياخشى بىر يىتەكلىگۈچ بولغۇسى ........
ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت .
مەنمۇ بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، بۇ بايقاش مۇنبىرى تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوختىنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى ،مۇۋاپىق دەپ قارىساڭلار.
1. تېما تەستىقلاش ، يورۇتۇش ، جەۋھەرلەش ، تامغىلاش قاتارلىقلاردا باشقۇرغۇچىلار چوقۇم ئادىل بولۇشى ، يۇرتدىشىم ، تۇنۇشۇم ، يېقىنلىرىم دەپ خالىغانچە مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك .
2. باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆز ھوقوقىمىزدىن ، شارائىتىمىزدىن پايدىلنىپ ئۆز -ئۆزىمىزنىڭ تېمىلىرىنى يورۇتۇپ ،جەۋھەرلەپ ، تامغىلاپ  قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق ، تېمىلىرىمىز ھەقىقەتەن ياخشى ، جەۋھەرلەشكە ، تامغىلاشقا تېگىشلىك تېما بولسا ، ئارىمىزدا شۇنداق سەزگۈر باشقۇرغۇچىلىرىمىز بار ئەمەسمۇ ، ئىشقىلىپ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز قىلۋالمايلى ، باشقىلار قىلسۇن .
دىگەنلىرىم ئورۇنسىز بولسا ئۆز پىكرىمدە قالىمەن ، كۆپچىلىككە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-11-6 15:49:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇنلۇق پىكىر بۇپتۇ.ھەممىمىز دىققەت قىلساق.
ۋاقتى: 2015-11-6 20:03:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ياخشى دىدىڭىز ... مۇنبەر مۇشۇنداق تەرتىپ بويىچە ياخشى كونتىرول قىلىنىشى لازىم ئىدى ...
ۋاقتى: 2015-11-7 12:41:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ، قوللايمەن.
1. ياردەم سوراپ يوللىغان تېمىلارنى تەستىقلاپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۆچۈپ كېتىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.
2. ئوخشاش بىر مەزمۇننى بىر ئادەم يوللىسىغۇ ئۆچۈرەرمىز، ئەگەر ئوخشاش مەزمۇننى ئىككى ئادەم يوللىسىمۇ ئۆچۈرەمدۇق؟ بۇنداق قىلساق ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەندەك بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش