تولۇقسىز 9-يىللىقلارنىڭ كومپيۇتېر تەييارلىقى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ساۋاقداشلار كومپىيۇتىردا بىر پارچە ئىلتىماسنى ئۇيغۇرچە يېزش ئۈچۈن قانداق تەرتىپلەرنى قوللىنىمىز ؟دىگەن سۇئالنى سۇراش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. دەرس تېمىسى: بىرىنچى دەرس ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزچە ئۆلچەملىك خەت كىرگۈزگۇچىنى قاچىلاش ۋە ئىشلتىش ئوقۇتۇش نىشانى: Word 2003تا ئۆلچەملىك خەت كىرگۇزگۇچنى ئىشلىتىپ،ئۇيغۇرچە يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارنى يېتلىدۇرۇش. مۇھىم نۇقتىلار: ئۆلچەملىك خەت كىرگۇزگۇچنى ئىشلىتىپ،ئۇيغۇرچە يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلىش،ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخلىرى بىلەن تۇنۇشۇش،دوكۇمېنتقا مەخپىي كود بەلگىلەش،ئالاھىدە بەلگىلەر ۋە رەسىم قىستۇرۇشنى ئۆگىنىش قېيىن نۇقتا: ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆلچەملىك خەت كىرگۇزگۇچنى ئىشلىتىپ،ئۇيغۇرچە يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان،ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخلىرىنى قوللىنالايدىغان،دوكۇمېنتقا مەخپىي كود بەلگىلەيەلەيدىغان،ئالاھىدە بەلگىلەر ۋە رەسىم قىستۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يىتلىدۇرۇش ئوقۇتۇش جەريانى 1.«ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزچە ئۆلچەملىك كىرگۇزگۇچ»نى قاچىلاش بۇ مەشغۇلاتىنى ئۇقۇتقۇچىلار ئۇرۇنىدايدۇ،ئۇقۇغۇچىلار كومپيۇتېرخانىغا دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرلارغا قاچىلىنىپ تەييارلنىشى كېرەك. بۇ ئۆلچەملىك كىرگۇزگۇچ قورالىWindows 2000\xpسىستېمىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نۇرمال خىزمەت قىلىدۇ.لىكىن بۇ سىستېمىنىڭ مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھۆجىجتى چوقۇم قاچىلانغان بۇلۇشى شەرىت. Windows 2000\xpنىڭ مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلش ھۆججتىنى قاچىلاش. بىرىنچى باسقۇچ: Windows2000\xpسىستېمىسدا ۋەزىپە ئىستوندىكى«开始»(باشلاش)ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ،مائۇسىنى«设置»(بەلگىلەش)ناملىق كوماندا قۇرىغا توغرىلاپ، «控制面板»(كونتروللاش يۈز تاختىسى)ناملىق كوماندا قۇرىنى تاللايمىز. ئىككىنچى باشقۇچ:ئېچلغان«区域和语言选项»(رايۇن ۋە تىل تاللاش تۈرى)ناملىق دىئالوگ رامكىسنى ئاچىمىز. ئۈچىنچى باسقۇچ:ئېچلىغان دىئالوگ رامكىسدىكى«语言»(تىل)ناملىق كارتىدىن «为复杂文字和从右到左的语言安装文件»(مۇرەككەپ يېزىقلار ۋە ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلدىغان يېزىقلار ئۇچۇن ھۆججەت قاچىلاش)ناملىق تۈرىنى تاللاپ،جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىىسنى چېكىمىز. تۆتىنچى باسقۇچ:كومپيۇتېر Windows\xpنىڭ ئوپتىك دىسكىسىنى سۇرايدۇ.قاچىلاش ئوپتىك دىسكىسنى قوزغاتقۇچقا سېلىپ،بۇ مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھۆججىتىنى قاچىلايمىز. بەشىنچى باسقۇچ:ئەگەر كومپيۇتېر قاچىلانغېنى Windows2000مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا كومپيۇتېرنىڭ ۋەزىپە ئىستۇندىكى«开始»(باشلاش)ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ، «开始-设置-控制面板»(باشلاش-بەلگىلەش-كونتىروللاش يۈز تاختىسى)ناملىق كوماندىنى تاللايمىز. ئالىتىنچى باسقۇچ؛ئېچلىغان دىئالوگ رامكىسدىكى«区域和语言»(رايون تاللاش تۈرى)نى ئىككى چېكىمىز. يەتتىنچى باسقۇچ:ئېچلغان دىئالوگ رامكىسدىكى « »(دائملىق)ناملىق كارتىدىكى «系统的语言设置»(سىستېمىنىڭ تىلىنى بەلگىلەش)رايۇنىدىن«阿拉伯语»(ئەرەب تىلى)ناملىق تۈرىنى تاللاپ،جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چېكىمز.كومپيۇتېر Windows2000نىڭ ئوپتىك دىسكىسنى سۇرايدۇ. ئوپتىك دىسكىنى قوزغاتقۇچقا سېلىپ،مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھۆججىتىنى قاچىلايمىز. ئەمەلىي مەشغۇلات «ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزچە ئۆلچەملىك كىرگۇزگۇچ»نى قاچىلاش. بىرىنچى باسقۇچ:كومپيۇتېر نورمال قوزغالغاندىن كېيىن،بۇ ئۆلچەملىك كىرگۇزگۇچ يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان ئوپتىك دىكىسنى قوزغاتقۇچقا سېلىپ سەل كۈتسەك(ئوپتىك دىسكىدىكى UKKSsetup ناملىق كوماندىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلساقمۇ بۇلىدۇ)بىر قاچىلاش دىئالوگ رامكىسى ئېچلىدۇ. ئىككىنىچى باسقۇچ:ئېچلغان دىئالوگ رامكىسدىكى«下一步»كېينىكى باسقۇچ»ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ،كېلىشىم ناملىق دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. ئۈچىنچى باسقۇچ:ئېچلغان دىئالوگ رامكىسدىكى«同意»(قۇشۇلىمەن)دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىمىز. تۆتىنىچى باسقۇچ:ئېكراندا پروگراممىنى قاچىلايدىغان نىشان مۇندەرىجىنى تاللاش دىئالوگ رامكىسى ئېچىلدۇ. بۇ دىئالوگ رامكىسىدىكى« 浏览»(كۆز يۇگۇرتۇش)ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ،قاچىلانغان مۇندەرىجىنى تاللايمىز.ئادەتتە ئالاھىدە تەلەپ بولىمىغاندا،«下一步»ناملىق كۇنۇپكىنى بىۋاستە چېكىپ،كومپيۇتېر ئۆزى كۆرسەتكەن مۇندەرىجىنى تاللايمىز. بەشىنچى باسقۇچ:ئېچلغان دىئالوگ رامكىسدىكى«下一步»ناملىق كۇنۇپكىنى چەكسەك،«ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزىچە ئۆلچەملىك خەت كىرگۇزگۇچ»تۈرلىرىنى تاللاش دىئالوگ رامكىسى ئېچلدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندا بىر تۈرىنى تاللايمىز. ئالتىنىچى باسقۇچ: «下一步»ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ،قاچىلنىدىغان پروگرامما گۇرۇپپىسنىڭ نامىنى كۆرگەندىن كېيىن،يەنە بىر قېتىم «下一步»ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىمىز. يەتتىنىچى باسقۇچ:ئېكراندا زاپاس نۇسخىنى ساقلاشنى جەزملەشتۇرۇش دىئالوگ رامكىسى ئېچلىدۇ.بۇ ئۆلچەملىك خەت كىرگۇزگۇچ قاچلىنىش جەريانىدا ئۆزىگە ئوخشاش پروگرامما ياكى ئالماشتۇرۇلىدىغان پروگراممىلارنى ئۇچراتقاندا،ئەسلىدىكىسىنى ساقلاپ قۇيامىسىز ياكى ئۇستىگە يازامىسىز دەپ سۇرايدۇ.بىز«是(Y)»ناملىق ياكى «否(N)»ناملىق تۈرىنىڭ بىرىنى چېكىپ،ئاندىن««下一步» ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىمىز. سەككىزىنىچى باسقۇچ:« 下一步»ناملىق كۇنۇپكىنى چەكسەك،قاچلاشنى باشلايدۇ.قاچىلاش جەريانىدا«UsP10.dll»ناملىق ھۆججەتنىڭ نەشىر نۇسخسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىساق ئۇنى ئاپتۇماتىك ئالماشتۇرساق،ئۇنى قوغداش پروگراممىسى بىر ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى كۆرىسىتدۇ.
تۇققۇزىنچى باسقۇچ:ئەسكەرتىش دىئالوگ رامكىسىدىكى«取消»(ئەمەلىدىن قالدۇرۇش)ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىمىز.
ئونىنىچى باسقۇچ:ئېچلغان جەزملەشتۇرۇش دىئالوگ رامكىسىدىكى «Y)) 是»ناملىق كۇنۇپكىنى چەكسەك،قاچىلاش تاماملىنىپ،«سىستېمىنى قايتا قوزغىتامىسىز»دېگەن كۆزسەتمە كۆرۈنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا قاچىلىماقچى بولغان«ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزىچە ئۆلچەملىك كىرگۇزگۇچ»ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق ئالماشتۇرغۇچ كۇمپيۇتېرغا نۇرمال قاچىلانغان بۇلىدۇ.جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،كوميۇتېر قايتا قوزغىلىدۇ.
دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2011-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
-يىلى -ئاينىڭ كۈنى بىرىنچى دەرس ئۇيغۇرچە،قازاقچە،قىرغىزچە ئۆلچەملىك خەت كىرگۈزگۇچىنى قاچىلاش ۋە ئىشلتىش 2. 2003 Wordكە ئۇيغۇرچە تېكىىست كىرگۈزۈپ تەھرىرلەش بىرىنچى باسقۇچ: « 开始—程序—Microsoft office—Microsoft office Word2003 »ناملىق كوماندا قۇرىنى تاللايمىز. ئىككىنىچى باسقۇچ: Word2003نىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇچرىشىش يۇزى ئېچلىدۇ.
ئۇچنىچى باسقۇچ:ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇشىنى تاللاپ،«Ctrl+Shift»كۇنۇپكىسىنى بېسىپ،يېزىش يۆنىلىشىنى ئوڭدىن سولغا قىلىپ ئۆزگەرتىمىز.بۇ چاغدا نۇر بەلگە ئېكران ئوڭ تەرىپدە لىپىلىداپ تۇرىدۇ. تۆتىىنچى باسقۇچ:خەت نۇسخىسنى تاللاش ئىستۇندىن خالىغان بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى تاللاپ،ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇشكە باشلايمىز،ئېكراندا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كۆرۇندۇ. بەشىنچى باسقۇچ:مائۇسىنى سۆرەش ئارقلىق ئېكراندىكى«كىرىش سۆز»نى تاللاپ،ئاندىن قۇرال ئىستۇندىكى ئوتتۇرىغا توغرىلاش كۇنۇپكىسىى نى چېكىپ،تاللانغان سۆزىنى ئوتتۇرىغا توغرىلايمىز. 3.دوكۇمېنتقا مەخىپىي كود بەلگىلەش بۇ ئەمەلىي مەشغۇلاتتا،دوكۇمېنتىنى ئېچىش،دوكۇمېنتقا مەخىپىي كود بەلگىلەش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ئارقلىق دوكۇمېنتنىڭ بىخەتەرلكىنى قوغداشنى بەلگىلەش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ،ئاخرىقى نەتجىگە ئىرىشىمىز. بىرىنىچى باسقۇچ: Word2003نى قوزغىتىپ،كىتابنىڭ ئوپتىك دىسكىسىدىكى «荷塘月色\01\ML»ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:« 选项-工具»(قورال-تاللاش تۇرى)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىپ،«安全性»(بىختەرلىك )ناملىق كارتىنى تاللايمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ:مەخپىي كود كىرگۇزۇش رامكىسىغا«123456»نى كىرگۇزىمىز،كىرگۇزگەن ئۇرۇندا يۇلتۇز بەلگىسى كۆرۇنىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،ئېچلىغان دىئالوگ رامكىغا يەنە بىر قېتىم«123456»نى كىرگۇزۇپ،جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز.بۇنىڭ بىلەن دوكۇمېنتقا مەخپىي كود بەلگىلىنىپ،بۇنڭىدىن بۇ دوكۇمېنتىنى ئاچقاندا،مەخپىي كودىنى كىرگۇزۇشنى سۇرايدۇ. بەشىنچى باسقۇچ:ئەگەر ھۆججەتكە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ،مەخپىي كودىنى بەلىگىلەشكە توغرا كەلسە،يۇقىرىدىكى ئۇسۇلغا ئوخىشاش بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز. ئالىتىنچى باسقۇچ:مەخپىي كودىنى بەلگىلەش بۇلىغاندىن كېيىن ساقلاش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،مەخپىي كودىنى بەلگىلەش مەشغۇلاتى تاماملىندۇ. دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2011-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى ئىككىنچى دەرىس Word 2003دىكى جەدۋەلنىڭ قوللىنىلشى ئوقۇتۇش نىشانى: Word 2003تا جەدىۋەلىنى راڭدار قىلىپ لاھىيەلەيدىغان ئەنەلى ئىقتىدارنى يېتلىدۇرۇش. مۇھىم نۇقتىلار: جەدىۋەل قىستۇرۇش،ئۆزگەرتىش،فۇرماتىنى بەلگىلەش ۋە فۇرمىلا ئىشتىلشنى ئۆگىنىش قېيىن نۇقتا: جەدىۋەل قىستۇرۇش،ئۆزگەرتىش،فۇرماتىنى بەلگىلەش ۋە فۇرمىلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. Word 2003دە جەدىۋەل ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بۇلۇپ،جەدىۋەل ئارقىلىق يېزىقنىڭ تىزلىش يۆنلىشى ۋە ئورنىنى ناھايىتى ئاسانلا بەلگىلگىلى بۇلدۇ.بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى ئۆلگە كۆرسىتش،ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى مەشىقلەندۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنى سىناش قاتارلىق ئوسۇللار قوللىنىلىدۇ. جەدىۋەل قىستۇرۇش بۇ دەرىستە جەدىۋەل قىستۇرۇش ۋە ئۇنى تاللاش ئۇسۇلى،مۇرەككەپ جەدىۋەل سىزىش ۋە يۆتكەش ئۇسۇلى نوقتىلىق ھالدا تۇنۇشتۇرۇلدۇ.بۇ ئەمەلىي مەشخۇلاتتا ياسايدىغان جەدەۋەلنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 1.2-رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
1.2-رەسىم ئەڭ ئاخىردا ئىرىشىدىغان نەتىجە قەدەم باسقۇچلار: بىرىنچى باسقۇچ:ئالدى بىلەن نۇر بەلگىنى دوكۇمىنتتىكى جەدەۋەل قىستۇرماقچى بولغان ئۇرۇنغا توغۇرلاپ،« 插入→表格 表格→» (جەدەۋەل← (ناملىق كوم اندىنى چېكىپ،جەدەۋەل قىستۇرۇش دىئالوگ رامكىسنى ئاچمىز. (2.2-رەسىمگەقاراڭ) جەدەۋەل 2.2-رەسىم قىستۇرۇش دىئالوگ رامكىسى ئىككىنچى باسقۇچ:« 列数 »(ئىستون سانى)ۋە« 行数 »(قۇر سانى»دېگەن خەتنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى تېكىسىت رامكىسغا قۇرماقچى بولغان جەدەۋەلنىڭ قۇر ۋە ئىستون سانىنى كىرگۈزمىز. ئۈچىنچى باسقۇچ:جەدەۋەلنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،يېڭدىن بىر جەدەۋەل قۇرۇلدۇ.
(2.3-رەسىمگە قاراڭ). تۆتىنچى باسقۇچ:« 表格-绘制表格 »(جەدەۋەل ←جەدەۋەل سىزىش)ناملىق كوماندىنى چىكمىز.
(2.4-رەسىمگە قاراڭ( بەشىنچى باسقۇچ : « 绘制表格 » ( جەدۋەل سىزىش ) ناملىق كۇنۇپكىنى چەككەندىن كىيىن ،نۇر بەلگە قەلەم شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ .بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاپتوماتىك جەدۋەل سىزىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ،ھەرخل شەكىلىدىكى جەدۋەللەرنى سىزساق بۇلىدۇ . ئالتىنچى باسقۇچ : دوكمىنىتتا مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ،سۆرەپ مۇۋاپىق ئۇرۇنغا بارغاندا ، مائۇس كۇنۇپكىسىنى قۇيۇپ بەرسەك ،بىر دانە تىك تۆت تەرەپلىك شەكىل ھاسىل بۇلىدۇ ،بۇنى جەدۋەلنىڭ تاشقى رامكىسى قىلىمىز . يەتتىنچى باسقۇچ : جەدۋەل رامكىسى ئىچىگە جەدۋەلنىڭ قۇر ۋە رامكىسىنى سىزىمىز ، جەدۋەل سىزىقى كىرەك بولغان ئورۇنلاردا مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ،مائۇسنى توغرىسىغا ،بويىغا سۈرۈپ ،جەدۋەلنىڭ قۇر ،ئىستونىنى سىزىمىز ،دىئاگونال سىزىقىنى سۈرۈش ئارقىلىق يانتۇ سىزىق سىزىشقىمۇ بۇلىدۇ .سىزىلغان ئۈنۈمى 5.2 – رەسىمدە كۆرسىتىلدى .
5.2 –رەسىم جەدۋەل سىزىش سەككىزىنچى باسقۇچ : ئەگەر جەدۋەلنى سىزىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلسە «表格和边框 » ( جەدۋەل ۋە يان رامكا ) ناملىق قورال ئىستونىدىكى ئۆچۈرگۈچ ناملىق كۇنۇپكىنى چىكىپ ،نۇر بەلگە ئۆچۈرۈش شەكلىگە ئۆزگەرگەندە ،مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ،سىزىقلار ئۆچۈرىلىدۇ .ئۆچۈرگەندە نۇر بەلگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىڭ . توققۇزىنچى باسقۇچ : جەدۋەلنى تاللاش ۋە يۆتكەش .نۇربەلگىنى جەدىۋەل ئۈستىگە يۆتكەيمىز ،بۇ ۋاقىتتا جەدۋەلنىڭ سول تەرەپ يۇقرىقى بۇرجىكىدە بىر دانە كىرىسىت بەلگىلىك كىچىك رامكا پەيدا بۇلىدۇ (6.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 6.2 –رەسىم جەدۋەلنىڭ بىر پۈتۈن بەلگىسى ئونىنچى باسقۇچ : بۇ كىرىسىت بەلگىسىنى چەكسەك ،بىر پۈتۈن جەدۋەل تاللىندۇ ،ئەگەر كىرىسىت بەلگىلىك رامكىنى مائۇس كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ،جەدۋەل يۆتكىلىدۇ . دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2011-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى ئىككىنچى دەرىس Word 2003دىكى جەدۋەلنىڭ قوللىنىلشى جەدىۋەل مەزمۇنىنى تەھرىرلەش تۆۋەندىكى ئەمەلى مىسالنى ئىشلەش ئارقىلىق جەدىۋەل كاتىكى ،قۇر ۋە ئىستونىنى تاللاش ئۇسۇلىنى ئۈگنىمىز . ئىشلەش قەدەم باسقۇچلىرى: بىرىنچى باسقۇچ : Word 2003 نى قوزغىتىپ ،كۆپ ئىشلىتىدىغان قوراللار ئىستونىدىكى «打开 » (ئېچىش ) ناملىق كۇنۇپكىنى چىكىپ ،كىتاپنىڭ سەپلەنگەن ئوپتىك دىسكىدىكى «课程表\02 \ML»ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىىز (7.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 7.2 –رەسىم ئېچىلغان ھۆججەت ئىككىنچى باسقۇچ : نۇربەلگىنى تاللىماقچى بولغان كاتەككە ،توغرىلاپ مائۇس كۇنۇكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ،نۇربەلگە بېسىپ ئۆتكەن كاتەكلەر تاللىنىدۇ (8.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 8.2 –رەسىم مائۇسنى سۆرەپ كاتەك تاللاش ئۈچىنچى باسقۇچ نۇربەلگىنى جەدۋەل كاتىكى سول تەرىپىگە يۆتكەپ ،نۇربەلگە شەكلىگە ئۆزگەرگەندە ،مائۇسنى چەكسەك بۇكاتەك تاللىنىدۇ (9.2 –رەسىمگە قاراڭ ) .مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ،ئۇلىنىپ كەلگەن كۆپلىگەن كاتەكلەرنى تاللىغىلى بۇلىدۇ . تۆتىنچى باسقۇچ : نۇر بەلگىنى جەدۋەل سول تەرىپىگە يۆتكەپ ،نۇر بەلگە شەكلىگە ئۆز گەرگەندە مائۇسنى چەكسەك ،نۆۋەتتىكى قۇر تاللىنىدۇ ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ، بىر قانچە قۇرلارنى تاللىغىلى بۇلىدۇ . ( 10.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 9.2 –رەسىم بۆلەك تاللاش 10.2- رەسىم قۇر تاللاش بەشىنچى باسقۇچ : نۇر بەلگىنى جەدۋەلنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يۆتكەپ ،نۇربەلگە شەكلىگە ئۆزگەرگەندە مائۇسنى چەكسەك ،نۆۋەتتىكى ئىستون تاللىنىدۇ . مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك ،بىر قانچە ئىستوننى تاللىغىلى بۇلىدۇ (11.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 11.2 –رەسىم ئىستون تاللاش ئالتىنچى باسقۇچ : بىر قۇر ،بىر ئىستون ياكى بىر كاتەكنى تاللىغاندىن كىيىن ،Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ،تاللىماقچى بولغان كاتەك ،قۇر ياكى ئىستوننى داۋاملىق چەكسەك ،كۆپلىگەن ئوبىكىتلارنى تاللىغىلى بۇلىدۇ (12.2 –رەسىمگە قاراڭ ) 12.2 –رەسىم ئۈزلىكسىز بولمىىغان ئوبىكىتلارنى تاللاش تاپشۇرۇق: ئۆتۇلگەن دەرسلەرنى پىشىقلاش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش. دوسكا لاھىيەسى: ئىككىنچى دەرىس Word 2003دىكى جەدۋەلنىڭ قوللىنىلشى جەدىۋەل قىستۇرۇش قەدەم باسقۇچلار جەدۋەل مەزمۇنىنى تەھرىرلەش كەسپى ئاتالغۇلار دەرىستىن كېينكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى تۆتىنچى دەرس Word 2003 نىڭ ئوبيېكتلىرىنى قوللىنىش ئوقۇتۇش نىشانى: Word 2003ئوبىيكتلىرىنى ئەمىليەت داۋامىدا قوللىنالايدىغان بولۇش بۇ دەرستىكى مۇھىم نوقتىلار ئاساسلىق شەكىللەرنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى تەھرىرلەشنى ئۆگىنىش. ھۆسنىخەتنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش. خەنزۇچە خەتكە پىينىن قۇشۇشنى ئۆگىنىش. قېين نۇقتا: ئاساسلىق شەكىللەرنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە تەھرىرلىيەلەيدىغان، ھۆسنىخەتنى ئىشلىتەلەيدىغان، خەنزۇچە خەتكە پىينىن قۇشۇشنى بىلىدىغان بولۇش. Word 2003 دە كۆپلىگەن ئېنىقلىما بېرىدىغان شەكىللەر تەمىنلەنگەن بۇلۇپ،شەكىللەر ئارقىلىق ھەر خىل گۇل نۇسخىلىرىنى سىزىشقا بولغاندىن سىرت،ئۇنى يەنە يېزىققا قۇشۇشقىمۇ بولىدۇ، شەكىل سىزىش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ئىسىم كارتىسى ياساش بۇ ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىق تېكىسىت رامكىسى بىلەن تۇنۇشىمىز،تېكىسىت رامكىسنى سىزىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش،ھۆسنخەتنى قىستۇرۇش،ئۆزى تاللايدىغان شەكىلنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىمىز،ئىسىم كارتىسى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەپ،كۆرسىتىلگەن ئاخىرىقى نەتىجىگە ئېرىشىمىز. بىرىنجى باسقۇچ: Word 2003 يۇمشاق دىتالىنى قوزغىتىپ،ئاندىن كوماندا تىزىملىكىدىن «插人-文本框-横排»(قىستۇرۇش-تېكىسىت رامكىسى-توغرىسىغا تىرىش) ناملىق كوماندىنى تاللاپ،دوكۇمېنتقا توغرىسىغا تىزدىغان بىر تېكىست رامكىسنى قىستۇرىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:تاللانغان تېكىستنى مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ،ئېچىلغان تىزىملىكتىن «设置文本框格式» ناملىق كوماندىنى تاللايمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ:ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدىن«大小»ناملىق كارتىنى تاللاپ،تېكىستنىڭ ئېگىزلىكىى5،كەڭلىكىنى9 قىلىپ بەلگىلەيمىز.
تۆتىنچى باسقۇچ:جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،ئىسىم كارتىسنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بەلگىلىنىدۇ.ئاندىن كېىيىن تېكىسىت رامكىسىغا يېزىق كىرگۇزىمىز،يېزىق كىرگۇزگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمى كۆرسىتىلدۇ.
بەشىنچى باسقۇچ:«格式»(فورمات)قۇرال ئىستونىدىن پايدىلىنىپ،تېكىست رامكىسدىكى يېزىققا تۇزىتىش كىرگۇزۇش ئېلىپ بارىمىز،خەت نۇسخىسى،خەت نۇمۇرى ۋە توغرىلىنىش شەكىلى بەلگىلىگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمى كۆرسىتىلىدۇ. ئالتىنچى باسقۇچ: خالىغان ىبر قۇرال ئىستونىنى مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ،ئېچىلغان تىزىملىكتىن« 绘图»(شەكىل سىزىش)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئۇنىڭ قۇرال ئىستونىنى ئېچىپ،«自选图形»ناملىق كۇنۇپكىنى چېكىپ،«星与旗帜»(يۇلتۇز ۋە بايراق)ناملىق كوماندا قۇرى ئاستىدىكى كرېسىت شەكىلدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى چىكىمىز. يەتتىنچى باسقۇچ: بۇ ۋاقىتتا نۇر بەلگە شەكىل سىزىش ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ،ئىسىم كارتىسنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى چېكىپ،مائوسنى سۆرىسەك،بىر يۇلتۇز سىزىلىدۇ. سەككىزىنچى باسقۇچ:يۇقىرىدا سىزغان يۇلتۇزنى مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ ئېچلغان تىزىملىكتىن«设置自选图形格式»(ئۆزى تاللايدىغان شەكىل فورماتىنى بەلگىلەش)ناملىق كۇماندىنى تاللاپ،ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز،«颜色与线条»(رەڭ ۋە سىزىق)ناملىق كارتىنى تاللاپ،تولدۇرىدىغان رەڭنى قىزىل،سىزىق رەڭگىنى«无填充颜色»(تولدۇرۇش رەڭگى رەڭسىز يوق)قىلىپ بەلگىلەيمىز. توققۇزىنچى باسقۇچ: جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،ئۆزىمىز تاللايدىغان شەكىل ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز.
ئونىنچى باسقۇچ«插人-图形-艺术字»(قىستۇرۇش-رەسىم-ھۆسنىخەت)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ھۆسنىخەت ئامبىرىنى ئېچىپ2-قۇر،5-ئىستوندىكى ھۆسنىخەت فورماتىنى تاللايمىز. ئون بىرىنچى باسقۇچ:جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،ھۆسنىخەت دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.«文字»دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى تېكىست رامكىسىغا«阿力木»دېگەن ئۈچ خەتنى كىرگۇزۇپ،خەت نوسخىسىنى«华文新魏»خەت نۇمۇرىنى20 قىلىپ بەلگىلەيمىز. ئون ئىككىنچى باسقۇچ:جەزملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسنى چەكسەك،بىر ھۆسنخەت قىستۇرۇلىدۇ،ئۇنىڭ ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشىسەك،باشتا كۆرسىتىلگەن ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز. تاپشۇرۇق: ئەمىليەت داۋامىدا Word 2003نىڭ ئوبىكتىلرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دوسكا لاھىيەسى:
تۆتىنچى دەرس Word 2003 نىڭ ئوبيېكتلىرىنى قوللىنىش شەكىل سىزىش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ئىسىم كارتىسى ياساش ئىشلەش قەدەم باسقۇچلىرى
دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
بەشىنچى دەرىس: Word 2003دىكى بەت ياساش ماھارىتى ئوقۇتۇش نىشانى: Word 2003تا ماقالىنى تىزىش،ئىستونغا بۈلۈش ۋە ھۈسۈنخەت ئىشلىتىش ماھارىتىنى ئىگەللەش مۇھىم نۇقتىلار: ماقالىنى تىزىش،ئىستونغا بۈلۈش ۋە ھۈسۈنخەت ئىشلىتىش ماھارىتىنى، بەت قېشى ۋە بەت نۇمۇرىنى قۇيۇشنى، گىزىت-ژورنال مۇندەرىجىللىرىنى تىزىشنى، ماتىماتىكلىلىق مۇرەككەپ فورمۇلالارنى تىزىشنى ئۈگىنىش. قېيىن نۇقتا: ئۆگەنگەن مەزمۇننى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. ئالدىنقى دەرىسلەردەWord 2003 نىڭ ئاساسلىق مەشخۇلات ئۇسۇللىرى بىلەن تۇنۇشتۇق بۇ دەرىستە Word2003 دىكى بەت ياساش ماھارىتى،جەدىۋەل ياساش ئورنى تەگلىك ۋە يان رامكىنىلارنى بەلگىلەش ئۇسۇللىرى ئالماشتۇرۇشنىڭ قوللىنىلىشى بەت قېشى ۋە بەت ئاستىنى بەلگىلەش،بەت نۇمۇرىنى بەت نۇمۇرىنى بەلوگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تۇنىشىمىز. 1.ماقالە تىزىش ماھارىتى بۇ ئەمەلىي مەشخۇلاتتا خەت نۇسخىسى ۋە خەت نۇمۇرىنى بەلگىلەش خەتكە سايە بەلگىلەش باش قۇرنى ئىچىگە كىرگۈزۈپ تىزىش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇنۇشۇپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك نەتىجىگە ئىرشىمىز. مەشغۇلات قەدەم باسقۇچلىرى: بىرىنچى باسقۇچ: Word 2003نى قوزغۇتۇپ قۇرال ئىستونىدىكى«打开» (ئېچىش)ناملىق كۇنۇپكىنى چىكىپ،كىتابنىڭ ئوپتىك دىسكىسىدىكى «杨州的夏日 »ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېچىلغان ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى تاللاپ.ئاندىن ئۇنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىپ ئېچىلغان تىزىملىكتىن «格式 »)فورمات )ناملىق كوماندىنى تاللايمىز. ئۈچىنچى باسقۇچ: « 格式 »)فورمات )ناملىق قۇرال ئىستونىدىكى خەت نۇسخىسى رايۇننى چىلكىپ ئېچىلغان تىزىملىكتىن« 华文行楷 » نى تاللايمىز. تۆتىنچى باسقۇچ:خەت نۇمۇرىنى بەلگىلەش رايۇنىدىن 1-نۇمۇرلۇق خەتنى تاللايمىز. بەشىنچى باسقۇچ: «格式 »)فورمات )ناملىق قۇرال ئىستونىدىكى ئوتتۇرغا توغىرىلاش كۇنۇپكىسىنى چىكىپ تاللانغان ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلايمىز. ئالتىنچى باسىۇچ ماۋزۇنى تاللاپ« 格式-字体»(فورمات-خەت نۇسخىسى)ناملىق كوماندىنى تاللاپ دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىپ ،ئاندىن«效果»(ئۈنۈم)ناملىق تۈرلەر گۇرۇپپىسىدىنن«阴影»(سايە) ناملىق تۈرنى تاللاپ ماۋزۇغا سايە قۇشىمىز. يەتتىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك ماۋزۇغا ئېلىپ بارغان بەلگىلەش ئۈنۈمىنى كۈرىمىز. سەككىزىنچى باسقۇچ: « 自清 朱 »دىگەن ئۈچ خەتنى ئوتتۇرغا توغرىلاپ ،ئاندىن بارلىق تىكىستنى تاللايمىز. توققۇزىنچى باسقۇچ:«格式-段落»(فورمات-ئابزاس)ناملىق كوماندىنى تاللاپ«缩行和间距» (ناملىق كارتىنىڭ تاللانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن «特殊格式 »(ئالاھىدە فورمات)نىڭ ئاستىدىكى ئۈچ بۇلۇڭ بەلگىسىنى چىكىپ ئېچىلغان تىزىملىكتىن«首行缩进 »(باش قۇرنى ئىچىگە كىرگۈزۈش )ناملىق كوماندا قۇرىنى تاللايمىز ئون بىرىنچى باسقۇچ:«朱自清»دىگەن ئۈچ خەتنى تاللاپ«格式-字体 »(فورمات-يېزىق)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىپ «字体»ناملىق كارتا تاللانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن «下划线型»(ئاستىغا سىزىدىغان سىزىق تىپى)ناملىق سىيرىلما تىزىملىكتىن بىر خىل تىزىملىك تىپىنى تاللايمىز. ئون ئىككىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز. 2.دوكمىنىتنى ئىستونغا بۈلۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۈسنخەت قىستۇرۇش بۇ ئەمەلىي مەشخۇلاتتا ھۈسۈنخەتنى قىستۇرۇش ۋە ئۇنىڭا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دوكمىنىتنى ئىستونغا بۈلۈشنى ئۈگىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز ئىشلەش قەدەم باسقۇچلار: بىرىنچى باسقۇچ:نى قوزغۇتۇپ Word 2003 نى قوزغۇتۇپ كىتابنىڭ ئوپتىك دىسكىسىدىكى « 绿 ML\05\ » ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:تىما قىلىنغان«绿»خەتنى تاللاپ (قىستۇرۇش-رەسىم-ھۆسنىخەت)ناملىق كوماندىنى تاللاپ دىئالوگ رامكىنى ئاچىمىز.ھەمدە دىئالوگ رامكىسىدىن 5-قۇر،4-ئىستوندىكى ھۆسنىخەتنى تاللايمىز. ئۈچىنچى باسىقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چىكىپ،ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدىكى خەت نۇمىرىنى 96،خەت نۇسخىسىنى ئاق خەت قىلىپ بەلگىلەيمىز.
تۆتىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،ھۈسنىخەت قىستۇرۇلغان ئۈنۈمنى كۈرىمىز. بەشىنچى باسقۇچ:ھۆسنىخەتىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن « 设置芝术字格式» (ھۆسنىخەت فورماتنى بەلگىلەش) ناملىق كوماندنى تاللاپ، ھۆسنىخەت رەڭگنى ئۆزگەرتىمىز . ئالتىنچى باسقۇچ: ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدا « 颜色与线条 » (رەڭ ۋە سزىق ) ناملىق كارتىنىڭ تاللانغانلىقىنى جەزملەشتۇرۇپ، رەڭ سىيرلما تىزملىكدىن «填充效果 » (تولدۇرۇش ئۇنۇمى ) ناملىق تورنى تاللايمىز . يەتتىنچى باسقۇچ:ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدا « 渐变»(تەدرىجىي ئۆزگىرىش ناملىق كارتىنىڭ تاللانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن «颜色»(رەڭ )تاللاش گۇرۇپپىسىدىكى «双色»(قوش رەڭ)ناملىق تۈرنى تاللاپ «颜色1»نى «鲜绿»(ئۇچۇڭ يىشىل)«颜色2»نى «深绿»(قېنىق يىشىل)رەڭ قىلىپ بەلگىلەيمىز. سەككىزىنچى باسقۇچ:«绘图»(شەكىل سىزىش)ناملىق قۇرال ئىستونىنى ئېچىپ «三维效果样式»(ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈم نۇسخىسى)ناملىق كۇنۇپكىنى چىكىپ، ئېچىلغان سىيرىلما تىزىملىكتىن «三维设置»(ئۈچ ئۆلچەمنى بەلگىلەش )ناملىق كوماندىنى تاللايمىز. توققۇزىنچى باسقۇچ:ئېچىلغان قۇرال ئىستونىدىكى «三维颜色»(ئۈچ ئۆلچەم رەڭگى )ناملىق كونۇپكىنى چىكىمىز.ئېچىلغان سىيرىلما تىزىملىكتىن «深绿»(قېنىق يىشىل)رەڭگىنى تاللايمىز. ئونىنچى باسقۇچ؛ھۆسنىخەتنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىپ،ئېچىلغان تىزىملىكتىن «设置艺术字格式»ناملىق كوماندىنى تاللاپ ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىپ «版式»(بەت شەكلى)ناملىق كارتىدىكى«高级»(يۇقىرى دەرىجە»ناملىق كوماندىنى چىكىمىز. ئون بىرىنچى باسقۇچ:ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدىكى «文字环烧»(يېزىق بىلەن ئوراش)ناملىق كارتىدىن «上下型»ناملىق تىپىنى تاللايمىز. ئون ئىككىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ،ھۈسنىخەتنى مۇۋاپىق ئورۇنغا يۆتكەپ 26.5-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۈنۈمگە ئىرشىمىز. ئون ئۈچۈنچى باسقۇچ:تىكىستنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ باش قۇرنىڭ ئىچىگە ئىككى ھەرىپ بەلگە كىرگۈزۈپ تىزىمىز.ئاندىن تىكىستنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىنى ھۈسنىخەت قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن تاللايمىز ئون تۆتىنچى باسقۇچ:«格式-段落»(فورمات-ئابزاس)ناملىق كپماندىنى تاللاپ «缩进和间距»ناملىق كارتىدىكى«缩进»(ئىچىگە كىرگۈزۈش)تۈر تاللاش تىكىست سول تەرەپ ئۈچ ھەرىپ بەلگە ،ئوڭ تەرەپنى ئۈچ ھەرىپ بەلگە قىلپ بەلگىلەيمىز. ئون بەشىنچى باسقۇچ:«格式-边框和底纹»(فورمات-يان رامكا ۋە تەگلىك)ناملىق كوماندىنى تاللاپ «边框»(يان رامكا)ناملىق كارتىدىن « 方框»(تۆت چاسا رامكا )نى تاللايمىز.
ئون ئالتىنچى باسقۇچ:«底纹»(تەگلىك)ناملىق كارتىدا«样式»(نۇسخا) ناملىق سىيرىلما تىزىملىكتىن %20 كۈل رەڭلىكنى تاللايمىز. ئون يەتتىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،يېزىققا يان رامكا ۋە تەگلىك قۇشۇلغان ئۈنۈمگە ئىرشىمىز. ئون سەككىزىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلق تىكىستنىڭ ئۈچىنچى ئابزاستىكى خەتلەرنى تاللايمىز. \ ئون توققۇزىنچى باسقۇچ:«格式-分栏»(فورمات-ئىستونغا بۈلۈش )ناملىق كوماندىنى تاللاپ،دىئالوگ رامكىنى ئېچىپ «预设»(ئالدىن بەلگىلەش)ناملىق تۈر تاللاش گۇرۇپپىسىدىن «三栏»(ئۈچ ئىستون)ناملىق تۈر بىلەن «分隔线»(ئايرىش سىزىقى )ناملىق تۈرنى تاللايمىز. يىگىرمىنچى باسقۇچ:جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك ئىستونغا ئايرىلغاندىن كىينكى ئۈنۈمگە ئىرشىمىز. يىگىرمە بىرىنچى باسقۇچ:«格式-边框和底纹 »ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىپ « 页面边框 »(بەت يۈزىنى يان تەرەپ ئارلىقى )ناملىق كارتىدىكى «艺术字»ناملىق سىيرىلما تىزىملىكتىن بىر خىل يان رامكىنى تاللايمىز، يىگىرمە ئىككىنچى باسقۇچ:بەلگىلەش تاماملانغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،بىر پوتۇن بەت يۈزىنى بېزەش ئاخرىلىشىپ ئۆزىمىز بەلگىلىگەن ئونۇمگە ئىرىشىمىز. تاپشۇرۇق: ئۆتۇلگەن دەرسلەرنى پىشىقلاش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش. دوسكا لاھىيەسى: ئىككىنچى دەرىس Word 2003دىكى ئوبىكتىنىڭ قوللىنىلشى ماقالە تىزىش ماھارىتى قەدەم باسقۇچلار دوكۈمىتىنى ئىستۇنغا بۆلۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆسىنخەت قىستۇرۇش قەدەم باسقۇچلار كەسپى ئاتالغۇلار دەرىستىن كېينكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
ئالتىنچى دەرىس:Excel2003دىكى جەدۋەللەرنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرى ئوقۇتۇش نىشانى: Excel2003دىكى جەدىۋەللەرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسنى ئىگەللەش مۇھىم نوقتىلار: مائاش جەدىۋەلنى ئىشلەشنى ئۆگنىش. شەخىسلەرنىڭ خىراجىتىنى ئالدىن ھېساپلاش جەدىۋىلنى ئىشلەشنى ئۆگنىش.جەدۋەلنى يۆتكەشنى ئۆگۈنۈش. قېين نۇقتا: مائاش جەدىۋەلى،شەخىسلەرنىڭ خىراجىتىنى ئالدىن ھېساپلاش جەدىۋىلى،جەدۋەل يۆتكەشنى ئەمەلىي مەشغۇلات داۋامىدا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش جەريانى: بۇ دەرىستە Excel 2003نىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق مەشخۇلاتلىرنى تۇنۇشتۇرۇپ،ئوقۇرمەنلەرنى جەدىۋەل مەشخۇلاتى توغرىسدا بىر ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلمىز.جەدىۋەل ياساش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش،جەدىۋەلنى ئېچىش،ساقلاش ۋە يېپىش قاتارلىق ئاساسلىق مەشخۇلاتلارنى ئۆگتىمىز ھەمدە جەدىۋەلنى كۆچۈرۈش،يۆتكەش ئۇسۇللىرنى تۇنۇشتۇرمىز. 1.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش جەدۋىلنى ياساش بۇ ئەمەلىي مەشخۇلاتتا،جەدىۋەل قۇرىنى قىستۇرۇش،بىرلەشتۈرۈش ئوتتۇرغا توغىرلاش ۋە«جەدىۋەل كاتىكى»كوماندىلىرنى ئىشلىتىشنى ئۆگۈنۈپ،تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز. مەشغۇلات قەدەم باسقۇچلىرى: بىرىنچى باسقۇچ: Excel 2003نى قوزغىتىپ،بىر خىزمەت جەدۋىلنى قۇرۇپ،A1كاتەكنى تاللاپ،«序号»دىگەن خەتنى كىرگۈزمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:كۇنۇپكا تاختىسىدىكى«→»كۇنۇپكىسنى چىكىپ،نۇر بەلگىنى كەينىگە يۆتكەپ، كاتەكچىنى تاللاپ B1 تاللاپ «姓名»نى كىرگۈزىمىز،ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق «→»كۇنۇپكىنى بېسىپ،C1 كاتەكنى تاللاپ،«性别»نى كىرگۈزىمىز،ئوخشاش ئوسۇل ئارقلىق«→»كونۇپكا ئارقىلىق نۇر بەلگىىنى يۆتكەپ،كەينىدىكى كاتەكچىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «毕业院校»«职务»«工资»قاتارلىق خەتلەرنى كىرگۈزىمىز ئۈچىنچى باسقۇچ:A2كاتەكنى چىكىپ،رەقەم«1»نى كىرگۈزۈپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى«| » كۇنۇپكىسىنى بېسىپ A3كاتەكچىنى تاللاپ،بۇ كاتەكچىگە « 2»نى كىرگۈزىمىز. تۆتىنچى باسقۇچ:جەدىۋەل كاتەكچىنى تاللاپ مائۇسنىA2دىنA3كاتەكچىگە سۆرىسەك A2:A3 كاتەك تەڭلا تاللىنىدۇ. بەشىنچى باسقۇچ:تاللانغان كاتەكچىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۈۋەنكى بۈرجىكىدىكى كاتەككە نۇر بەلگىنى توغىرىلىساق نۇر بەلگە كىرسىت شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ،بۇ ۋاقىتتا مائۇسنى تۈۋەنگە سۆرىسەك،رەت نۇمىرى توغرىلىنىدۇ. ئالتىنچى باسقۇچ:B2كاتەكنى تاللاپ،نامىنى كىرگۈزۈپ،ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى«→،←،↓،↑» كۇنۇپكىلاردىن پايدىلىنىپ،نۇر بەلگىنى خەت كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا توغرىلاپ،جەدۋەلگە خەتلەرنى كىرگۈزىمىز. يەتتىنچى باسقۇچ:جەدۋەلدىنEئىستوندىكى خەتنىڭ تۇلۇق كۈرۈنمىگەنلىكىنى كۈرىمىز.نۇر بەلگىنى EبىلەنFئىستوننىڭ ئوتتۇردىكى سىزىققا يۆتكەپ،نۇر بەلگە قوش باشلىق ئىستىرىلكىغا ئۆزگەرگەندە مائۇسنى ئوڭغا سۆرەيمىز. سەككىزىنچى باسقۇچ:ئىستون كەڭلىكىنى تەڭشىگەندىن كىيىن يېزىق تۇلۇق كۈرنىدۇ،بۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش جەدۋىلنى ياساش مەشخۇلاتى تاماملىنىپ دەسلەپتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز. 2.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەشغۇلات قەدەم باسقۇچلار: بىرىنچى باسقۇچ: Excel 2003نى قوزغۇتۇپ كىتاپنىڭ ئوپتىك دىسكىسىدىكى «ML\公司员工表»ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:A1كاتەكنى ياكى1-قۇردىكى خالىغان بىر كاتەكنى چىكىپ،«插入-行» (قىستۇرۇش-قۇر )ناملىق كوماندىنى تاللاپ،تاللانغان كاتەكنىڭ ئۈستىگە بىر يېڭى قۇرنى قۇرىمىز. ئۈچىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەپA1دىنG1گىچە بولغان كاتەكلەرنى تاللايمىز. تۆتىنچى باسقۇچ:تىزىملىكنى مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىپ،ئېچىلغان تىزىملىكتىن«格式» (فورمات)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. بەشىنچى باسقۇچ: فورمات ناملىق قۇرال ئىستونىدىكى«合并及居中»(بىرلەشتۈرۈش ۋە ئوتتۇرغا توغرىلاش )كۇنۇپكىسى نى چىكىپ تاللانغان كاتەكچىلەرنى بىرلەشتۈرىمىز. ئالتىنچى باسقۇچ:بىرلەشتۇرۇلگەن كاتەككە«公司员工表»دېگەن بىر قانچە خەتنى كىرگۇزۇپ،ئاندىن بۇ خەتلەرنى تاللاپ،«格式-单元格»(فورمات-كاتەك)ناملىق كاماندىنى تاللاپ،ئېچىلغان دىئالوگ رامكىدا خەت نۇسخىسنى قارا خەت،خەت نۇمۇرىنى 22 قىلىپ بەلگىلەيمىز. يەتتىنىچى باسقۇچ:جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،بەلگىلەش ئۈنۇمىگە ئېرىشىمىز. سەككىزىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئارقلىقA2 كاتەكتىنF10گىچە بولغان كاتەكلەرنى تاللايمىز. تۇققۇزىنچى باسقۇچ:Ctrlكۇنۇپكىسىنى بېسىپ تورۇپ G2كۇنۇپكىسىنى چېكىپ G2كاتەكنى ئالدىدا تاللانغان كاتەككە قوشىمىز. ئونىنچى باسقۇچ:«格式»(قورمات)نامىلىق قورال ئىستۇننى ئېچىپ،ئۇنىڭدىكى ئوتتۇرىغا توغرىلاش نى چېكىپ تاللانغان يېزىقنى ئوتتۇرىغا تۇغرىلايمىز. ئون بىرىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقلىق مائاش ئىستۇندىكى بارلىق رەقەملەرنى تاللايمىز. ئون ئىككىنچى باسقۇچ:«格式-单元格»(قورمات-كاتەك)نامىلىق كوماندىنى تاللاپ،دىئالۇگ رامكا ئېچىلغاندىن كېيىن«数字»(رەقەم)نامىلىق كارتىدىكى«分类»(تۈرگە ئايرىش)تىزىملىكىدىن货币»نامىلىق تۈرنى تاللاپ،ئونلۇق كەسىر خانىسىنى«1»قىلىپ بەلگىلەپ،بىر خىل پۇل بەلگىسىنى تاللايمىز. ئون ئۈچىنچى باسقۇچ:خىزمەت دەپتىرى«Sheet2»نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ،ئېچىلغان تىزىملكىتىكى«删除»(ئۆچۈرۈش)نامىلىق كۇماندىنى تاللاپ،كېرەك قىلمايدىغان« Sheet2»نى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز. ئون تۆتىنچى باسقۇچ:ئوخشاش ئۇسۇل ئارقلىق«Sheet3»نىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز. ئون بەشىنچى باسقۇچ:«Sheet1»نى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكسى بىلەن چېكىپ،ئېچىلغان تىزىملكىتىن«重命名» (قايتا نام بېرىش)نامىلىق كۇماندىنى تاللايمىز،«Sheet1»تاللانغان ھالەتتە بولىدۇ. ئون ئالتىنچى باسقۇچ:«»دېگەن خەتلەرنى كىرگۈزسەك،جەدۋەلنى ئۆزگەرتىش تاماملىنىپ،شىركەت ىادىملىرىنىڭ خىزمەت جەدۋىلىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز. تاپشۇرۇق: ئەمىليەت داۋامىدا Excel2003دىكى جەدۋەللەرنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دوسكا لاھىيەسى: ئالتىنچى دەرىس Excel2003دىكى جەدۋەللەرنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرى 1.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش جەدۋىلنى ياساش 2.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
يەتتىنچى دەرىس Excel دىكى جەدەۋەللەرنىڭ فورماتىنى بەلگىلەش ئوقۇتۇش نىشانى: Excel2003نىڭ جەدۋىلىدىن پايدىلنالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم نۇقتا: قېيىن نۇقتا:ئەمەليىەت داۋامىدا Excel2003نىڭ جەدۋىلىنڭ خۇسۇسيتىدىن تۇغرا پايدىلنالايدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش جەريانى: بۇ دەرىستە جەدىۋەل قىستۇرۇش ۋە ئۇنى تاللاش ئۇسۇلى،مۇرەككەپ جەدىۋەل سىزىش ۋە يۆتكەش ئۇسۇلى نوقتىلىق ھالدا تۇنۇشتۇرۇلدۇ. خىزمەت جەدۋىلىنى زىننەتلەش بۇ ئەمەلىي مەشخۇلاتتا ئىستوننى ئاتلاپ ئوتتۇرغا توغرىلاش شەكلىنى قوللىنىشنى ئۈگىنىش يېزىقنى توم قىلىپ بەلگىلەشنى ئۈگىنىش خىىزمەت جەدۋىلىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تولدۇرۇشنى ئۈگىنىش ئارقىلىق رەسىمدىدەك ئۈنۈمگە ئىرشىمىز ئىشلەش قەدەم باسقۇچلىرى بىرىنچى باسقۇچ: Excel 2003يۇمشاق دىتالنى قوزغۇتۇپ كىتابنىڭ ئوپتىڭ دىسكىسدىكى «员工工资表»ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز ئككىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئارقىلىق A1:G1كاتەكنى تاللاپ ئاندىن«格式-单元格» (فورمات-كاتەك)ناملىق كوماندىنى تاللاپ ئۇنىڭ دىئالوگ رامكىسنى ئاچمىز.«对齐» (توغىرلاش) كارتىدىن «跨列居中» (ئىستون ئاتلاپ ئوتتۇرغا توغىرلاش) ناملىق تۈرنى تاللايمىز ئۈچۈنچى باسقۇچ: «单元格格式 » (كاتەك فورماتى ناملىق دىئالوگ رامكىسدا «字体»( خەت نۇسخىسى) ناملىق كارتىنى ئېچىپ،خەت نۇسخىسنى قارا خەت،خەت نۇمۇرنى 8،خەت رەڭگىنى ئاق قىلىپ بەلگىلەيمىز. تۆتىنچى باسقۇچ:كاتەك فورماتى ناملىق دىئالوگ رامكىدىن «图案»( گۈل نۇسخىسى) ناملىق كارتىنى ئېچىپ كاتەك تەگلىكنىڭ رەڭگىنى قارا قىلىپ بەلگىلەيمىز. نۇسخىسنى بەلگىلەش تەگلىك رەڭىگىنى بەلگىلەش بەشىنچى باسقۇچ:خەت نۇسخىسى ۋە گۈل نۇسخسىنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،جەدۋەل بېشى بىلەن تەگىلكىىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقنى كۆرىمىز. ئالتىنچى باسقۇچ:مائۇسنى سۆرەش ئارقلىق A2:G2كاتەكنى تاللاپ،ئاندىن«»(فۇرمات)نامىلىق قورال ئىستۇنىدىكى تۇم قىلىش كۇنۇپكىسى نى چېكىپ،تاللانغان خەتلەرنى تۇم خەت قىلىمىز. يەتتىنچى باسقۇچ:«格式»(فۇرمات)نامىلىق ئىستۇندىكى رەڭ بىلەن بۇياش كۇنۇپكسى نى تاللاپ،ئېچىلغان تىزىملكىتىن«橙色»(قىزغۇچ سېرىق)رەڭنى تاللاپ،ماۋزۇنى قىزغۇچى سھىرىق رەڭلىك تەگىلىك بىلەن بۇيايمىز ھەمدە خەتنى توملاشتۇرىمىز. سەككىزنىچى باسقۇچ:A3:A10كاتەكىنى تاللاپ،يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئوسۇل بۇيىچە كاتەكتىكى خەتلەرنى توم قىلىپ بەلگىلەيمىز ھەمدە تەگىلكنى قىزغۇچ سېرىق رەڭ قىلىپ بەلگىلەيمىز. تۇققۇزىنچى باسقۇچ:B3كاتەكنى چېكىپ ھەمدە ئۇنىG10كاتەككىچە سۆرەپ،B3:G10كاتەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ،ئاندىن يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئوسۇل بۇيىچە«格式»(فۇرمات)ئىستۇنىدىكى تولدۇرۇش رەڭگى نامىلىق كۇنۇپكا نى چېكىپ،تاللانغان كاتەكلەرنى سۇس سېرىق رەڭ بىلەن تولدۇرۇپ ئاخىرىقى نەتىجىگە ئىرىشىمىز. تاپشۇرۇق: ئەمىليەت داۋامىدا Word 2003نىڭ ئوبىكتىلرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دوسكا لاھىيەسى: يەتتىنچى دەرىس:Excel2003دىكى جەدۋەللەرنىڭ فۇرماتنى بەلگىلەش خىزمەت جەدۋەلىنى زىننەتلەش ئىشلەش قەدەم باسقۇچلىرى
دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
سەككىزىنچى دەرىس:Excel2003فورمۇلىسىنى قوللىنىش ئوقۇتۇش نىشانى: Excel2003نىڭ قورمۇلاسىدىن پايدىلنالايدىغان بولۇش قېين نۇقتا:يىغىندا،ئوتتۇرىچە قىممەتنى ھېساپلاش،رەتكە تىزىش،تۈرى بۇيىچە يىغىش،بىرلەشتۇرۇپ ھېساپلاشنى ئۆگىنىش. قېيىن نۇقتا:ئەمەليىەت داۋامىدا يىغىندا،ئوتتۇرىچە قىممەتنى ھېساپلىيالايدىغان،رەتكە تىزىش،تۈرى بۇيىچە يىغىش،بىرلەشتۇرۇپ ھېساپلاش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش جەريانى: بۇ دەرىستە Excel 2003نىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق فورمۇلاسىنى تۇنۇشتۇرۇپ،ساۋاقداشلارنى جەدىۋەل مەشخۇلاتى توغرىسدا بىر ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلمىز. يىغىندا،ئوتتۇرىچە قىممەتنى ھېساپلاش،رەتكە تىزىش،تۈرى بۇيىچە يىغىش،بىرلەشتۇرۇپ ھېساپلاشنى ئۆگىنىش قاتارلىق ئاساسلىق مەشخۇلاتلارنى ئۆگتىمىز ھەمدە ئەمەليىەت داۋامىدا يىغىندا،ئوتتۇرىچە قىممەتنى ھېساپلىيالايدىغان،رەتكە تىزىش،تۈرى بۇيىچە يىغىش،بىرلەشتۇرۇپ ھېساپلاش ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۇرۇش ئوچۈن مەشىقلەندۇرىمىز. 1-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى نەتىجىسى بىلەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى ھېساپلاش بىرىنچى باسقۇچ: Excel 2003نى قۇزغىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى دىگەن ھۆججەتنى ئاچىمىز. ئىككىنچى باسقۇچ:نۇر بەلگىنى J3كاتاككە يۆتكەپ،«插入-函数»(قىستۇرۇش-قۇنكىسىيە)نامىلىق كۇماندىنى تاللاپ،دىئالۇگ رامكىنى ئېچىپ،« 选择函数»(قۇنكىسىيىنى تاللاش)نامىلىق تىزىملكتىنSUMقۇنكىسىيسىنى تاللايمىز. 、ئۈچىنچى باسقۇچ:يىغىندىنى ھېساپلاش فۇنكىسىيسىنى تاللىغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،«»(فۇنكىسىيە پارامېتىرى)نامىلىق دىئالۇگ رامكىسىنى ئېچىپ،بۇ دىئالۇگ رامكىدىكى1Numberنىڭ كەيىندىكى كۇنۇپكىنى چېكىمىز. تۆتىنچى باسقۇچ: 1Numberنىڭ كەيىندىكى كۇنۇپكىنى چەككەندىن كېيىن،سانلىق قىممەتىنى تاللاشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن دىئالۇگ رامكىنى كېچىكلىتىپ كۆرسىتىدۇ. بەشىنچى باسقۇچ:نەتىجە جەدىۋىلىدەA3نى چىكىپ ھەمدەJ3كاتەككىچە سۆرەپ،A3:J3كاتەكلەرنىڭ ھەمىسىنى تاللايمىز.بۇ ۋاقىتتا فۇنكىسىيە پارامېتىرى نامىلىق دىئالۇگ رامكىدا تاللانغان كاتەكنىڭ نامى كۈرۇنىدۇ،كۇنۇپكا قاتلانغان كۇنۇپكىغا ئۆزگىرىدۇ،دىئالۇگ رامكىدىكى كۇنۇپكىنى چەكسەك ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىكىEnter(قايتۇرۇش)كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،دىئالۇگ رامكا تولۇق ئېچىلىدۇ،ئاندىن جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك،J3كاتەكتە ھېساپلانغان ئومۇمى نەتىجە كۆرۇنىدۇ. ئالتىنچى باسقۇچ:ئومۇمى نەتىجىنى يەنە بىر خىل ئوسۇل ئارقىلىق ھېساپلاشقىمۇ بولىدۇ.نۇر بەلگىنىJ4كاتەككە توغرىلاپ،بۇ كاتەكىنى تاللاپ،تەڭلىك بەلگە«=»نى كىرگۇزۇپ،ئاندىن پارامېتىرتاللاش رايۇنىدىن يىغىندىنى ھېساپلاش فۇنكىسىيسى«SUM»تاللىساقلا بولدى. يەتتىنچى باسقۇچ:نۇر بەلگە قارا رەڭلىك كىرېست شەكىللىك ئىستىېلىكىغا ئۆزگەرگەندە مائۇسنى تۆۋەنگە سۆرەپJ12 كاتەككە ئاپارساق،بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى نەتىجىسى ھېساپلىنىپ چېقىدۇ. سەككىزىنچى باسقۇچ:K2كاتەكىنى تاللاپ،ئاندىن«插入-函数»(قىستۇرۇش-فۇنكىسىيە)نامىلىق كوماندىنى تاللاپ،دىئالۇگ رامكىنى ئاچىمىز،ئېچىلغان دىئالۇگ رامكىدىن ئوتتۇرىچە قىممەتنى ھېساپلايدىغان فۇنكىسىيە AVERAGنى تاللايمىز. توققۇزىنچى باسقۇچ:فۇنكىسىيەنى تاللىغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۇرۇش كونۇپكىسىنى چېكىپ،ئېچىلغان دىئالۇگ رامكىدا يۇقرى ئومۇمى نەتىجىنى ھېساپلايدىغان ئوسۇلدىن پايدىلىنىپ،فۇنكىسىيە پارامېتىرى نامىلىق دىئالۇگ رامكىنى تاللاپ،ئاندىنC3:I3كاتەكنى تاللاپ،دىئالۇگ رامكىنى يىپىپ،جەزىملەشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،ئوتتۇرىچە قىممەتنىھېساپلاشنى ئاخرلاشتۇرىمىز. ئۈننىچى باسقۇچ:مائۇسىنى سۆرەش ئارقىلىق تەرتىۋى بۇيىچە تولدۇرۇش ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى ھېساپلاپ چىقساق بولىدۇ. تاپشۇرۇق: ئەمىليەت داۋامىدا Word 2003نىڭ ئوبىكتىلرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دوسكا لاھىيەسى: سەككىزىنچى دەرىس:Excel2003فورمۇلىسىنى قوللىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى نەتجىسى بىلەن ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى ھېساپلاش ئىشلەش قەدەم باسقۇچلىرى
دەرىستىن كېيىنكى يەكۈن:
گورۇپپا مەسئۇلى ئىمزاسى: 2010-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
ئونىنجى دەرىس دەرىسلىك يۇمشاق دىتالى ۋە كۆرسەتمە ئورگىنال ياساش بۇدەرىستىكى مۇھىم نوقتىلار. ◆ شىئىر يۇمشاق دىتالىنى ياساشنى ئۈگىنىش. ◆ پىرويىكسىيەپىلاستىنكىسى ئاناتاختىسىنى قوللىنىشنى ئۈگىنىش. ◆ كارتونغا بەلگىلەش ئېلېپ بېرىش ۋە ھەركەت كۇنۇپكىسى قوللىنىشنى ئۈگۈنۈش.
بۇدەرىستە نوقتىلىق ھالدا power point 2003دەرىسلىك يۇمشاق دىتالىنى ياساش ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۇسۇلى،كارتون كۇنۇپكىسىنى لاھىيلەش ۋە كارتوننى بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار تۇنۇشتۇرلىدۇ.
1.شىئىر يۇمشاق دىتالىنى ياساش بۇ ئەمەىلىي مەشغۇلاتتا،لاھىيلەش قېلىپ تاختىسىنى لاھىيلەشنى قوللىنىش ناملىق بەت شەكلىدىكى « »نى قوللىنىش ئارقىلىق شىئىردىن ھۇزۇرلىنىدىغان پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى ياساپ،10.1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز. بىرىنجى باسقۇچ: power point 2003نى قوزغىتىپ،« »(ھۆججەت←يېڭىدىن قۇرۇش) ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئېچىلغان روجەك كۆزنىكىدە« »(لاھىيلەش ئانا تاختىسىغا ئاساسەن) ئولتىرا ئۇلىنىش ئورنىنى چكىمىز.(10.2-رەسىمگە قاراڭ) ئىككىنجى باسقۇچ: ئولتىرا ئۇلىنىش ئورننىنى چەككەندىن كىيىن،« »(پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى لاھىيەلەش) ناملىق ۋەزىپە رۇجىكى ئېچىلىدۇ،ئۇنىڭدىن« »ناملىق تۈرنى تاللايمىز.(10.3-رەسىمگە قاراڭ) ئۈچىنجى باسقۇچ؛نۆۋەتتىكى پىرويىكسىيە پىلاستىنىكا يۈزىگە بىر دانە يېڭى پىرويىكسىيە باش بىتىنى قۇرمىز.(10.4-رەسىمگە قاراڭ) تۆتىنجى باسقۇچ: تىما ۋە قۇشۇمچە تىما ئورنىنى چىكىپ،بۇ ئورۇنلارغا يېزىق كىرگۈزۈپ،كىرگۈزگەن تىمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى« »،خەت نۇمىرىنى 80قىلىپ بەلگىلۋالمىز.قۇشۇمچە تىمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى « »،خەت نۇمۇرىنى 32قىلىپ بەلگىلەيمىز.(10.5-رەسىمگە قاراڭ). بەشىنجى باسقۇچ: « » (قىستۇرۇش←يېڭىپىرويىكسىيە پىلاستىنكىسى)ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ئېچىلغان ۋەزىپە رۇجىكىدىن« »(مەزمۇن بەت شەكلى)نىڭ ئاستىدىن « »(قۇرۇق)ناملىق تۈرنى تاللاپ 2.دەرىسلىك يۇمشاق دىتالىنى ياساش بۇ ئەمەلىي مەشغۇلاتتا،يېڭىدىن قۇرۇش يېڭى پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسى،ھۆسنىخەت قاتارلىق كوماندىلارنى ئىشلىتىپ،12.10-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى نەتىجىگە ئىرشىمىز.
بىرىنجى باسقۇچ: power point 2003 يۇمشاق دىتالىنى قوزغىتىپ،كىتابنىڭ ئوپىتىك دىسكىسىدىكى«/图像知识10/ML»ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز.(13.10-رەسىمگە قاراڭ)
ئىككىنجى باسقۇچ:ئالدى بىلەن 1-پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى تاللاپ،ئاندىن« »(پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى قۇيۇش←كارتون لاھىيسى) ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ۋەزىپە رۇجىكىنى ئاچىمىز.« »(تاللانغان پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىغا قوللىنىش) ناملىق تىزىملىك رامكىسىدىن« »(لەيلىمە) ناملىق تۈرنى تاللاپ،بىرىنجى باسقۇچ پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىغا لەيلىمە كاتون ئۈنۈمىنى بەلگىلەيمىز.(14.10-رەسىمگە قاراڭ) ئۈچىنجى باسقۇچ: 2-پارچە پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسنى تاللاپ« » ناملىق تىزىملىك رامكىسىدىن« »ناملىق تۈرنى تاللاپ،ئىككىنجى باسقۇچ پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىغا كارتون سۈرەت ئۈنۈمىنى بەلگىلەيمىز.(10.15-رەسىمگە قاراڭ) تۆتىنجى باسقۇچ:ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق 3-پارچە پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسى ئۈچۈن « »(ئىچىگە قاراپ ئىرىش) ناملىق تۈرنى تاللاپ،پىرويىكسىيە كارتون لاھىيسىنى ياساشنى تاماملايمىز. بەشىنجى باسقۇچ: 1-پارچە پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى تاللاپ،ئاندىن « » (پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى قۇيۇش←پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىغا ئالماشتۇرۇش) ناملىق كوماندىنى تاللاپ،ۋەزىپە رۇجىكىنى ئېچىپ،« » (قۇتا شەكىللىك يېيىش) ناملىق تۈرنى تاللاپ،قالغان تۈرلەرنى بەلگىلەيمىز.(10.16-رەسىمگە قاراڭ) ئالتىنجى باسقۇچ: 2-پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى تاللاپ،« » (تاللانغان پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىغا قوللىنىش) ناملىق سىيرىلما تىزىملىكتىن « »(ئاستس سۈرئەت) ناملىق تۈرنى تاللايمىز.(10.17-رەسىمگە قاراڭ) يەتتىنجى باسقۇچ: 3-پارچە پىرويىكسىيە پىلاستىنكىسىنى تاللاپ،يۇقىردىكى ئۇسۇل بۇيىنچە« » ناملىق تىزىملىك رامكىسىدىن« »(سائەت ئىستىرىلكىسى يۈنىلىشى بۇيىنچە ئايلىنىش،ئىككى تال شادا) ناملىق تۈرنى تاللاپ،« » (سۈرئەت) ناملىق سىيرىلما تىزىملىكتىن« »(ئوتتۇرا سۈرئەت) ناملىق تۈرنى تاللاپ،پىرويىكسىيە پىلاسكىنكىسىنىڭ ئالمىشىشىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەشنى تاماملايمىز. تۈزگۈچى: پەرھات |