كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 5

بويتاقلار ( شىئېر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بويتاقلار
(بىر قىسىم قىز بويتاقلارغا)
ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم(سەلكىن)

قەلبى‹‹ئوچۇق››پۇل ئۈچۈن،چىن سۆيگۈگە ‹‹تاقاق››لار،
بارمىدۇ  سەن  بارمىغان  ئايرىمخانا، ياتاقلار؟
مەسىت-ئەلەس بوپ،رەسۋا بوپ،قىلغان ئىشى ‹‹چاتاق››لار،
سەۋەپسىزلا چىقارمۇ ھەرخىل يامان ‹‹ئاتاق›› لار ؟
ئۆمۈر بويى توى قىلماي ئۆتەرسەنمۇ بويتاقلار؟

سوراپ قالسا يىگىتلەر سەن ئۆزۈڭنى ‹‹تاق››دەيسەن،
پاك كۆرسۈتۈپ ئۆزۈڭنى قەلبىم سۈتتەك ‹‹ئاق››دەيسەن،
تەلەپ قويسا پۇلى يوق ئىككىلەنمەي ‹‹ياق››دەيسەن،
پۇلدارلارغا:‹‹بۈگۈن كەچ دېرىزەمنى قاق››دەيسەن،
كىملەردىندۇر ،بىرنېمە كۈتەرسەنمۇ بويتاقلار ؟

بىركۈنلەردە بىرىنى دىل خانەڭگە باشلايسەن،
ئۇچراپ قالسا زاردارلار دەرھال ئۇنى تاشلايسەن،
خۇددى غەمسىز سىياقتا،ئويناپ-كۈلۈپ ياشايسەن،
شۇ ئويۇندا بىر كۈنى كۆزلىرىڭنى ياشلايسەن،
پۇشايماندا دەردىڭنى تۆكەرسەنمۇ بويتاقلار؟

جۇپ كۆزلىرىڭ ئوۋ ئىزدەرتېپىپ ياخشى پىنھاننى،
ئىلىندۇرۇپ قارماققا پۇل-ھوقۇق بار ‹‹سۇلتان››نى،
بۇلغىۋەتتىڭ پېتىغداپ ئەرزان سېتىپ ئىماننى،
گاھى بۇرنۇڭ قانايدۇ خاتا تاللاپ نىشاننى،
چەيلەپ ئەخلاق-بوستاننى ئۆتەرسەنمۇ بويتاقلار؟
يېشىڭ ئاشتى ئوتتۇزدىن ياراشمايدۇ بالىلىق،
قۇرداشلىرىڭ بوپكەتتى بىر-ئىككىدىن بالىلىق،
مەسئۇل بولغىن ئۆزۈڭگە قىلما ئەمدى چالىلىق،
بىر يىگىتنى چىڭ تۇتۇپ قىلماي كۆڭلى ئالىلىق،
چىن دىلىڭدىن تۇرمۇشنى سۆيەرسەنمۇ بويتاقلار؟

ۋەيران سانسىز ئائىلە قولۇڭلاردا سىلەرنىڭ،
ياتار شۇڭا شۇم قىسمەت يولۇڭلاردا سىلەرنىڭ،
نېمە باركىن بىلمىدىم ئويۇڭلاردا سىلەرنىڭ؟
قىساسى بار سىلەردە ئېھتىمالىم كىملەرنىڭ؟
شۇ قىساسنىڭ ئوقىدا ئۆلەرسەنمۇ بويتاقلار؟

ئەي بويتاقلار،بويتاقلار،قاش-كۆزلىرى ئويناقلار،
خۇلىقلىرى ئۆزگىچە،سۆزى شېرىن-قايماقلار،
رەڭ بوياقتا ھۆسنى ئۇز،ئەمما دىلى‹‹مايماق››لار،
بىلسەڭ قاچار سىلەردىن قەلبى پاكىز ئويغاقلار،
نام-نىشانسىز ھاياتتىن ئۆچەرسەنمۇ بويتاقلار؟


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-2 16:56:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى راۋان ،چۇشىنىشلىك ،چوڭقۇر مەنلىك شېئرىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۇم.
ۋاقتى: 2015-6-2 17:14:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا   بىر قىسىم بويتاقلارنىڭ جەمىيىتىمىزگە كەلتۈرگەن  يامان  تەسىرى ئاز ئەمەس  ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز. ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
ۋاقتى: 2015-6-4 17:49:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبى‹‹ئوچۇق››پۇل ئۈچۈن،چىن سۆيگۈگە ‹‹تاقاق››لار،
بارمىدۇ  سەن  بارمىغان  ئايرىمخانا، ياتاقلار؟
مەسىت-ئەلەس بوپ،رەسۋا بوپ،قىلغان ئىشى ‹‹چاتاق››لار،
سەۋەپسىزلا چىقارمۇ ھەرخىل يامان ‹‹ئاتاق›› لار ؟
ئۆمۈر بويى توى قىلماي ئۆتەرسەنمۇ بويتاقلار؟

دەر ھەقىقەت... بەك  ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن..
ۋاقتى: 2015-6-5 14:52:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئر ئىكەن ،ئەمما بىرقىسم قىزلارنىڭ بۇنداق بۇلۇپ كېتىشى شۇنى ئازدۇرغۇچى يىگىتلەرنىڭ بولغانلىقىدا !
شائېرلار شئېر يېزىپ تىللاپ كەتكەن،بىرقسىم ياش يىگتىلەر قىزلارنى گوللاپ كەتكەن.قىزلارمۇ ياشلىقىمدا ئوينىۋالاي دەپ ئىگىز پەس دەسسەپ كەتكەن،....ھەي  تۈزۈلۇپ قالارمىز
ۋاقتى: 2015-6-15 11:59:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدىكى  ،يامان ئىللەتلەرنىڭ بىرىنى قامچىلاپسىز؟ مېنىڭچە بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ئادەم چۇقۇم ياخشى  تەربىيە ئالىدۇ.تەردىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ساتىرادىن بىرنى يوللاپسىز،ئەجرىگىزگە تەشەككۈر!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش