بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-25 23:09
كاۋاك يېزىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پائالىيتىنى كەڭ كۈلەمدە قانات يايدۇرۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى سەپەۋەرلىك سۆز ، (يېزىلىق پاتىكومنىڭ شۈجىسى : قەيسەر ئۇبۇلقاسىم )
ھۇرمەتلىك رەھبەرلەر ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن تەنھەركەتچىلەر ئۇقۇتقۇچى – ئۇستازلار ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر،ياشلار ،ۋە ئاتا –ئانىلار ،ياخشىمۇ سىلەر! بىز بۇگۇن بىر يەرگە جەم بۇلۇپ جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھەم جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ، فاشىسىتلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقنى خاتىرلەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى مۇبارەكلەش ، شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىڭ روھى بۇيىنچە ، كاۋاك يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پۈتۈن دېھقان چارۋىچىلار ۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەر قاتناشقان چوڭ كۈلۈملىك تەنتەربىيە تۈرى بۇيىنچە ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ،مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېزىلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىگەھەم يېزىمىزدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق رەھبىرى كادىرلارغا ۋاكالىتەن ھەممىڭلارغا ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە ھەممىڭلارغا سالام يوللايمەن. ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلاردىن سەمىمىي ھال سۇرايمەن. ھۆرمەتلىك دىھقان -چارۋىچىلار ئۇقۇتقۇچى - ئۇستازلار،ئىشچى-خىزمەتچىلەر،سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار،بۇگۈن بىز بۇ يەرگە خوشاللىق بىلەن جەم بولۇپ،شان شەرەپ ئۈچۈن تىرىشىدىغان ، يېزىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق تەنھەركەتچىلەرگە بۇلۇپمۇ سىلەر ئارقىلىق يېزىمىزنىڭ ھەر قايسى كەسىپ ۋە ساھەلەردە ئىجدىھات بىلەن ئىشلەۋاتقان ، ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھەر مىللەت ياشلىرىغا قىزغىن سالام يوللايمەن. يولداشلار بۇگۇن بىز بۇ يەردە ،پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 4-ئۇمۇمى يىغىنى روھى ئىزچىللىشىۋاتقان ،دۇلەتنى جۈملىدىن ،شىنجاڭنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى دادىل بىسىۋاتقان ۋە مۇكەممەلەشتۈرىۋاتقان ،مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۇھبەت يىغىنى روھىغا بىرلەشتۇرۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 3 ئەل خىزمىتى يەنى - ئەل قەلبىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۇزۇش ،ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرلۇپ كەڭ يېزىلاردا ۋە ھەرقايسى كەنتىلەردە زور ئۇزگىرىش بولغان ،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئەسەبىيلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يىيىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە يېزىمىزدا بىر قىتىم چوڭ كۈلەملىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئىلىپ بارماقچى بۇلىۋاتىمىز. يولداشلار! تەنھەركەتچىلەر بىز بۈگۈنكى ئۇمۇتكە تولغان خۇشاللىق كۈنلەردە يېزىمىز بۇيىچە تەنتەربىيە پائالىيتىنى جاللاندۇرۇپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن << ئەر - ئاياللار بۇيىچە چېلىشىش ،يۈگۈرەش ، تىك توپ ئويناش يىراققا سەكرەش ، ئەر - ئاياللار بۇيىچە ۋاسكىتبول . ۋالىيبول ئويناش ھەم 10000 مىتىرغا يۈگۈرەش . 3000 مىتىرغا يۈگۈرەش ،100 مىتىرغا يۈگۈرەش چۈيۈن توپ ئېتىش ، قاتارلىق پائالىيەتلەر بۇيىچە مۇسابىقە تەشكىللەۋاتىمىز .بۇنىڭدىكى سەۋەب يېزىمىز تەۋىسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى بۇلىشىغا ، پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى بۇيىچنە ئىتىپاقلىشىپ ياخشى بولغان ئىناق- ئىتىپاق مۇھىت يارىتىشقا ، ئەسەبى ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ ، ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ داغدام قەدەم تاشلاشقا ئەمىلى كۈچ قۇشۇش ئۈچۈندۇر. مۇسابىقىگە تەييارلانغان تەنھەركەتچىلەر ،ئاتا –ئانىلار ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن ، ياشلار رىقابەت كۇز قارىشىنى تىكلەپ تۇھپىدە بەسلىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بۇلۇپ ،ۋەتەنگە تۇھپە قۇشۇشىمىز ،ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۇرمەتلەپ ،ئۇمۇدىنى ئاقلاپ ،مىللەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ،دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىگە دادىل قارشى تۇرۇشىمىز ،ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللىنىپ گۇزەل كىلەچەكنى يارتىش يۇلىدا ئىزدىنىشىمىز ،تىرىشىشىمىز ،ئۇيلىنىشىمىز كىرەك.ياشلار قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى. ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ،ياشلار، تەنھەركەتچىلەر: بۇندىن كىيىنكى ھەر ساھەخىزمەتلەردە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ،ئەلا نەتىجىمىز ئارقىلىق تارىخ بېتىمىزگە تېخىمۇ گۈزەل ،تېخىمۇ نەپىس رەسىملەرنى سىزىپ چىقايلى! تەڭرىتېغىنىڭ ياڭراق ساداسى،يىللارنىڭ زەپەر مارشى بىزگە جۆر بولسۇن! ئاخىرىدا بۇگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بۇلۇشىنى ۋە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ،ساۋاقداشلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھەر ساھە خىزمەتلىرىدە تېنىنىڭ سالامەت،خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق،ئۆگۈنىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن ھەمدە بۇگۈنكى پائالىيتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن . سۇزۇم تۇگىدى كۇپچىلىككە رەھمەت
بۇ سەپەۋەرلىك سۈزىنى تەييارلىغۇچى : نۇرمەمەت جۈمە
كاۋاك يېزىلىق پارتىكوم خەلىق ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى |