| شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبىرىكلەش،يېزىمىزدا 4-ماي ياشلىرىنىڭ ۋەتەنپەرلىك رۇھىنى جارى قىلدۇرۇش،1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبىرىكلەش ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بۇيىچە ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى ، ( كاۋاك يېزىلىق پارتىكومنىڭ شۈجىسى قەيسەر ئۇبۇل قاسىم )
ھۇرمەتلىك رەھبەرلەر ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن تەنھەركەتچىلەر ،ياشلار ،ۋە ئاتا –ئانىلار ،ياخشىمۇ سىلەر! بىز بۇگۇن بىر يەرگە جەم بۇلۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبىرىكلەش ، 4-ماي ۋەتەنپەرۋەر ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 96يىللىقىنى خاتىرلەش 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبىرىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز،مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېزىلىق پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىكلەش سۇزى قىلىمەن،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلاردىن سەمىمىي ھال سۇرايمەن ۋە سىلەرگە ئالىي ئىھتىرام بىلدۇرىمەن! سىلەر ئارقىلىق يېزىمىزنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە ئىجدىھات بىلەن ئىشلەپ ئۇز بەختىنى ئىزدەۋەتقان ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھەر مىللەت ياشلىرىغا قىزغىن سالام يوللايمەن. يولداشلار بۇگۇنكى پائالىيىتىمىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 4-ئۇمۇمى يىغىنى روھى ئىزچىللىشىۋاتقان ،دۇلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش ،شىنجاڭنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرلەش بۇلىۋاتقان ،مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۇھبەت يىغىنى روھىغا بىرلەشتۇرۇپ ئەل قەلبىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۇزۇش ،ئەل قەلبىنى مۇجەسسەم قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرلۇپ كەڭ يېزىلاردا ۋە ھەرقايسى كەنتىلەردە زور ئۇزگىرىش بولغان ،جەمىيەت ئامانلىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۇزەش ،تىنىچ ئامانلىق قۇرلىشى ئىلگىرى سۇرلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت ئاستىدا يىتىپ كەلدى. يولداشلار! بىز ئۇمۇتكە تولغان 21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز،ئالدىمىزدا رىقابەت بىلەن خىرىس،تاللاش بىلەن شاللاش تەڭلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.رىقابەت دەۋرىدە يېڭىپ چىقىش،چىقالماسلىقىمىز ئۇزىمىزگە باغلىق.بىزنىڭ بەخىت- سائادىتىمىزگە ئەجداتلار ئاساس سالغان. تارىخقا نەزەر سالساق1919-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۇنى خۇرلۇق ۋە ھاقارەتكە چىدىمىغان،ۋەتەن زىمىننىڭ جاھانگىرلارنىڭ ئاياق ئاستىدا خانىۋەيران بۇلۇشقا تاقات قىلالمىغان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن توپلانغان 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا نامايىش قىلىپ ۋەتەن خائىنلىرىنى جازالايلى،ئىلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى قايتۇرۋالايلى،21ماددا بىكار قىلنسۇن،سۇلھى شەرتنامىگە ئىمزا قۇيۇشنى رەت قىلايلى!دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ ۋەتەن زىمىنىنى قايتۇرپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان.ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتى چەتئەل دائىرلىرىنى ساراسىمگە سالغان.قۇلىدا تۇمۇرنىڭ سۇنۇقى يوق ئوقۇغۇچىلار ساقچى دائىرلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ ئۇزلىرىنىڭ قۇرقماس رۇھىنى نامايەن قىلغان. ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ ئاتا –ئانىلار –ياشلار ،ۋەتەننى گۇللەندۇرۇش ،قۇدرەت تاپقۇزۇش ،خەلىقنى بېيىتىشتا پەن-تېخنىكىغا ،مائارىپقا تايانماي بولمايدۇ.مائارىپ مىللەتنىڭ مائارىپى،ئەۋلاتلار بىزنىڭ مائارىپنى قوغداش خەلىقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۇستۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى.بىزنىڭ مىھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋەتەنگە،مىللەتكە مەسئۇل بۇلۇش تۇيغۇسى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ يۇقىرى نەتىجىلەرنى يارىتىپ رەھبەرلەرنىڭ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. ياشلار مىھنەتكەش،جاپاكەش ئاتا –ئانىلار ،سىلەر مەكتەپنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش جەريانىدا ۋاقىت بىلەن ھىساپلاشماي كىچىنى- كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئىشلەپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭلار . ئۇقۇتقۇچى – ئۇستازلار ئۈزلىرى مەشئەل بۇلۇپ كۇيۇش بەدىلىگە ئوقۇغۇچىلارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلدىۋاتىدۇ،ياشلار ،سىلەر ئويلاندىڭلارمۇ بىز دەۋىر تەرەققىياتى بىلەن ماسلىشىپ ۋەتەننىڭ ،مىللەتنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاش ئۇچۇن نىمە قىلىشىمىز،قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىز ،ئائىلىمىزنىڭ ئۇمۇدى ئارزۇسى ،مىللەتنىڭ كەلگۇسى ،بىز چۇقۇم مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇليىتىمىز ،ئىجدىمائىي مەسئۇليىتىمىزنى، يۇرتىمىزنى ،خۇتەننى گۇللەندۇرۇش مەسئۇليىتىمىزنى ئۇستىمىزگە ئېلىشىمىز كىرەك.بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەتراپىمىزدا، كۇز ئالدىمىزدا قۇرداشلىرىمىز ئارىسىدا يۇز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار بىزنى چەكسىز ئېچىندۇردى.چەكسىز ئۇكۇندۇردى،ئۇلار ئىلىم-پەن ،مەدەنىيەت ئۇگەنمەي دائىم ئوقۇشتىن قېلىپ مەكتەپتىن چىكىنىپ ۋە قېچىپ دۇشمەنگە قول بەردى.ھەق-ناھەقنى ئايرىيالمىدى.ئۇلارنىڭ كۇزلىرى ئاشۇ بىر توپ دىنىي ئەسەبىيلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلدى.ئەقلى-ھۇشى ئاشۇ بىر توپ قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن تىزگىنلەندى.ئىدىيىسى ئىنتاديىن ئەسەبىيلىشىپ ،«غازات قىلپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ»دىگەن سەپسەتىگە بىرىلىپ ،ئاخىرى نادانلىق ،بىلىمسىزلىك تۇپەيلىدىن ياۋۇزلۇق بىلەن زوراۋانلىق تىرورلۇق جىنايىتى ئۇتكۇزۇشتەك بارسا كەلمەس يولغا ماڭدى.بىز ئويلاپ باقايلى !بۇ بىر نەچچە يىلدا بىر قىسىم ياشلىرىمىز نۇرغۇن زوراۋانلىق ،تىرۇرلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ ئىستىقبالىنى تۇگۇتۇپلا قالماي ،سانسىز ئائىلىلەرنى چەكسىز ئازاپ ئۇقۇبەتكە دۇچار قىلدى.نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاتا-ئانىلار قەۋىم-قېرىنداشلارنى ئازاپ-ئۇقۇبەتكە سالدى،دەل مۇشۇ سەۋەپتىن خۇتەنلىكلەرنىڭ ئىناۋىتىگە بىراقلا داغ تەگدى.بۇلارغا كىم سەۋەپچى ؟دەل بىزنىڭ قۇرداشلىرىمىز،ئۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زەھەرلىنىپ ،يۇرتنى ئار نۇمۇسقا قالدۇردى،مىللەتنىڭ جىنايەتچىسى بولدى.بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك ؟ۋەتەننى سۇيۇپ قانۇنغا رىئايە قىلىشىمىز،جەمىيەتكە تۇھپە قۇشۇشىمىز ،كەلگۇسىگە ئۇمۇت بىلەن قاراپ جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرىشىشىمىزلازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىغان دىئالېكتىك مۇناسىۋەتتۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمايدىكەن دۆلەتنىڭ بىرلىكىمۇ بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، مۇقۇملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . مەركەزنىڭ 1983 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلنىڭ 5– ئېيىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى قىلىپ بېكىتكىنىگە 15يىل بولدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيدى، ھەر مىللەت خەلقى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياشاپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزئارا بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1.ياشلارنىڭ غايىسى بولۇشى كىرەك.بۇنىڭ ئۇچۇن ياشلار باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان غايە تىكلىشى؛ دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان غايە تىكلىشى كېرەك؛ 2.ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش كىرەك. ياشلىق پەسلى بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى، بۇ مەزگىل قاتمال ئىدىيە ئەڭ ئاز بولىدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى ئەڭ ياخشى قوبۇل قىلالايدىغان مەزگىل بولغاچقا، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش كېرەك. پەقەت بىلىم، ماھارەت ئۆگنىپلا قالماي، يەنە ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك. 3.ئەخلاقلىق بولۇش كىرەك. ياشلار چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى بىلىشى، ئۆز زېممىسىدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىپىنى بىلىشى كېرەك. ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپ لەۋزىدە تۇرىدىغان ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشى كېرەك. 4.ئۆز كۈچىگە تايىندىغان بولۇش كىرەك. ياشلار مۇستەقىل پىكىر قىلشقا ماھىر بولۇشى، ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئادەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى، ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك 5.ۋەتەن،مىللەتنىڭ گۇللىنىشى ،قۇدرەت تېپىشى ئۇچۇن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان بولۇشى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىقى، بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا. ئەگەر بىر مىللەتتە جاسارەتلىك-ياراملىق ياشلار بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ؛ ئەگەر بىر مىللەتتە سەمىمىي، تۈز، كەسكىن، ئاق كۆڭۈل ۋە باتۇر بولغان پەزىلەت بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. ياشلارنىڭ تەقدىرى ــــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى، ياشلارنىڭ كەلگۈسى ــــ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى. بىزكەڭ ئاتا –ئانىلار ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن تەنھەركەتچىلەر ، ياشلار رىقابەت كۇز قارىشىنى تىكلەپ تۇھپىدە بەسلىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بۇلۇپ ،ۋەتەنگە تۇھپە قۇشۇشىمىز ،ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۇرمەتلەپ ،ئۇمۇدىنى ئاقلاپ ،مىللەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ،دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىگە دادىل قارشى تۇرۇشىمىز ،ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللىنىپ گۇزەل كىلەچەكنى يارتىش يۇلىدا ئىزدىنىشىمىز ،تىرىشىشىمىز ،ئۇيلىنىشىمىز كىرەك.ياشلار قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى،مەنىۋىيىتىمىز مېيىپ بۇلۇپ قالمىسۇن.جەمىيەتتە ھەقىقىي ئادىمىيلىك بىلەن ياشاپ يۇرتىمىزنىڭ ئامان-ئىسەنلىكى ،تەرەققىياتى ئۇچۇن تىگىشلىك تۇھپە قۇشايلى. ئاخىرىدا مەن رەھبەرلەرگە ،ۋە يېزىمىز بۇيىچەبىر يەرگە جەم بۇلۇپ قاتناشقان ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا ياشلارغا ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى پائالىيتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىنى - خىزمەت ئۇگۇنىشىگە ئۇتۇق ،تۇرمۇشىغا بەخىت -ئامەت ،تىنىگە سەلامەتلىك ،بايرىمىڭلارغا شاد-خۇراملىق تىلەيمەن. سۇزۇم تۇگىدى كۇپچىلىككە رەھمەت
تەييارلىغۇچى : نۇرمەمەت جۈمە
|
|