كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 4

ھەربى قىسىملارنىڭ ئىشتات تۈزۈلمىسى،ھەربى ئۇنۋانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         مەن بۇنداق تىمىغا دوسلارنىڭ بۇ دەرىجىدە قىززىقىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن ، ئالدىنقى قېتىم ،پەقەت ھەربى ئۇنۋانلارنىلا يوللىغان ، قېرىنداشلار قىززىقىدىغانلىقىنى دەپتۇ  شۇڭا دوسلارنى تۇلۇق خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللۇدۇم . ئىچىمىزدىن ھەربى ئىشلارغا قىززىققۇچىلارنىڭ چىقىشى ياخشى ئىش .
گېنىرال پولكوۋنىكلار ئادەتتە باش قۇماندانلىق شىتاپتا بولۇدۇ ، ئۇلار جەڭ پىلانلىرىنى تۈزۈدۇ . ياكى بۇيرۇق بويىچە بىر نەچچە ئارمىيەلەرنىڭ بىرلەشمىسى بولغان گورۇپپىۋوي ئارمىيەگە ياكى يۆلۈنىش ئارمىيەگە ياكى فۇرونتىۋوي ئارمىيەلەرگە قۇماندانلىق قىلىدۇ . ئايرىم ئەھۋالدا ئارمىيەلەرگىمۇ قۇماندانلىق قىلىدۇ .

1 . ھەربى قىسىملارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەدىكىچە بولۇدۇ .
چوڭ جەھەتتىن   : ( 1 ) قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى . ( 2 ) دېڭىز ئارمىيىسى . ( 3 ) ھاۋا ئارمىيىسى .
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ، كىچىك كۆلەملىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغان ، چوڭ ھەربى ھەركەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇقلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان زەربىدار ئەترەت ( ئالاھىدە قىسىم) لىرى بولۇدۇ ، بۇنداق قىسىملار مەلۇم ئارمىيە تۈرىگىمۇ قارايدۇ، ياكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بىۋاستە ئۇرۇش قىلىش ئاپراتلىرىغا بىۋاستە قارايدۇ ، ياكى مۇستەقىل كۈچ سۈپۈتىدە مەۋجۇتمۇ بولۇدۇ . جانلىق ئىشلىتىش ئۈچۈن   : ( 1 ) ھەر خىل نام قويۇلغان  زەربىدار ئەترەتلەر . مەسىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ  « 007 شوخ يىگىتلەر » زەربىدارلار ئەترىتى ، ئەنگىلىيەنىڭ « كوماندا » ئامېرىكىنىڭ « دېڭىز يىلپىزى » ياپوننىيىنىڭ « سىرلىق شامال » قاتارلىقلار. ( 2 ) باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى ( دۆلىتىمىزدە 2 - توپچى قىسىم دەپ شەرتلىك ئاتىلىدۇ ) . ( 3 ) ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزى مۇداپىئە قىسىملىرى ( ئادەتتە بۇنداق قىسىملار باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇسۇدىغان بومبىلار بىلەن ، رادارلار بىلەن ، ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايرۇپىلانلار بىلەن قۇراللانغان بولۇدۇ  يەنى مەسىلەن  ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قىسىملىرى ، ئۇدۇل دىسەك ۋەتەنپەرۋەر ناملىق توسقۇچى بومبىلار بىلەن قۇراللانغان قىسىملىرىدەك ) .                              ( 4 ) تاغلىقتا جەڭ قىلغۇچى  قىسىم . ( 5 ) قۇملۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم . ( 6 ) دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى .

2 . قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ  ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى ئالاھىدە شىتات تۈزۈلمىسى  : ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئېھتىياجغا ، جەڭنىڭ كۆلىمىگە قاراپ تەشكىللىنىدۇ .                           
( 1 ) فورونتىۋوي ئارمىيە . ئادەتتە بۇ خىل بىرلىكتە 300 مىڭدىن 7 - 8 يۈزمىڭ ئەسكەر بولۇدۇ ، بۇنىڭغا بىر نەپەر گېنىرال پولكوۋنىك باش قۇماندان بولۇدۇ .
مەسىلەن : 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيىنىڭ قۇملۇق تۈلكىسى دەپ نام ئالغان ، تانكا ئۇرۇشىنىڭ نەزىرىيەۋى ياراتقۇچىسى ، ئافرىقا ئارمىيىسىنى (فىرونتىنىڭ )
باش قۇماندانى گېنىرال پولكوۋنىك روممېل .
( 2 ) يۆلۈنىش ئارمىيە    . ئادەتتە بۇنىڭدا 200 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئەسكەر بولۇدۇ . مەسىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئوكرائىنا 1- يۆلۈنىش ئارمىيىسى دىگەندەك
( 3 ) گورۇپپىۋوي ئارمىيە . ئادەتتە بۇ مۇستەقىل جەڭ ئوپىراتسىيەلىرىنى يۈرگۈزەلەيدىغان قىلىپ تۈزۈلىدۇ . مەسىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ، گېرمانىيىنىڭ تۆمۈر  گېنىرال دەپ نام ئالغان گودىرىئان قۇماندانلىقىدىكى  « ب » گورۇپپۇۋوي ئارمىيەسىدەك .

  ئەمدى يۇقارقى ھەربى بىرلىكلەر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆرۈلمىدى . سەۋەبى ( 1 ) بۇنداق كەڭ - كۆلەملىك ئۇرۇش يۈز بەرمىدى . ( 2 ) زامانىۋى تېخنىكىلار نۇرغۇن
ئەسكەرنىڭ ئورنىنى باستى 60 يىلنىڭ ئالدىدىكى 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلايدىغان جەڭلەرنى 100 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئورۇنلىغىلى بولىدىغان بولدى . بىراق ئەگەر يەنە شۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولسا ئەلۋەتتە سەندە بار تېخنىكا باشقىلاردىمۇ بار ، بۇنداق ئەھۋالدا مۇشۇنداق چوڭ قىسىملار يەنىلە تەشكىللىنىدۇ .

3 .  ئادەتتە تىنىچ مەزگىللەردە ئارمىيە شىتات تۈزۈلمىسى مۇنداق بولۇدۇ .
( 1 ) ئارمىيە ( خەنلەر جۈنتۈئەن دەيدۇ ) . ئادەتتە 100 مىڭدىن 150 مىڭغىچە ئەسكەردىن تۈزۈلىدىغان بولۇپ، تەركىۋىدە ئۈچ ياكى تۆت كورپۇس بولۇدۇ  . بۇنىڭغا بىر نەپەر گېنىرال لېيتنات  ( خەنلەر جۇڭجىئاڭ دەيدۇ) قۇماندان بولۇدۇ . مەسىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى
ئامېرىكا 3 - ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى گېنىرال لېيتنات «  پاتتون  » غا ئوخشاش .
ئادەتتە ئارمىيەدە قۇماندانلىق شىتاپ بولۇدۇ ، بۇنىڭغا بىر نەپەر قۇماندان بەلگۈلىنىدۇ ، بۇ قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، بىر نەپەر تەڭ ياكى بىر دەرىجە تۆۋەن دەرىجىلىك  ھەربى شىتاپ باشلىقى بولۇدۇ ، ئادەتتە شىتاپ باشلىقى  ، بىرنەچچە پولكوۋنىك ياكى پوتپولكوۋنىك دەرىجىلىك ھەربى مەسلەھەتچىلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ ، جەڭ پىلانلىرىنى
تۈزەپ باش قۇمانداننىڭ جەڭ قىلىشىغا مەسلەھەتچىلىك قىلىدۇ . بىر ئارمىيەدە يەنە  جەڭ قىلىش بۆلۈمى بۇلۇدۇ ، بۇ بۆلۈم ئادەتتە قۇمانداننىڭ جەڭ قىلىشىغا كاپالەتلىك
قىلىدۇ . يەنە ئارقا سەپ بۆلىمى بولۇدۇ بۇنىڭغا بىر نەپەر پولكوۋنىك ياكى پوتپولكوۋنىڭ مەسئۇل بولۇپ ، جەڭدە يارىلانغان ، ئۆلگەن  ئەسكەرلەرنى  ئارمىيە قۇما ندانىنىڭ  كۆرسەتمىسى بيىچە يۇقۇرىغا يوللاپ يىڭىدىن ئەسكەر تۇلۇقلاش ، يىمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەك ، تۇرالغۇ مەسىللىرىنى پىلانلايدۇ تۇلۇقلايدۇ . يەنە ئالاقە بۆلۈمى ، ئالاقە
مەسئۇل دىگەندەك ....................

( 2 ) كورپۇس  ( خەنلەر جۈن دەيدۇ ) . ئادەتتە كورپۇسقا بىر نەپەر گېنىرال مايور ( خەنلەر شىياۋجاڭ دەيدۇ ) قۇماندان بولۇدۇ . ئارمىيەدە بار بۆلۈملەرنىڭ ھەممىسى بار ، بىراق شۇ بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇدۇ . ئادەتتە كورپۇستا ئۈچ ياكى تۆت دىۋىززىيە بولۇدۇ . ئەسكەر سانى 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولۇدۇ .
( 3 ) دىۋىززىيە ( خەنلەر شى ) دەيدۇ . دىۋىززىيەگە ئەڭ تۈۋەن بولغاندا  بىر نەپەر گېنىرال مايور ( خەنلەر شىياۋجاڭ دەيدۇ )  قۇماندان بولۇدۇ . كورپۇستا  بار بۆلۈملەرنىڭ ھەممىسى بار ، بىراق بىر دەرىجە تۆۋەن . ئادەتتە بىر دىۋىززىيەدە ئۈچتىن بەشكىچە پولك بولۇدۇ . ئەسكەر سانى 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە بولۇدۇ .
( 4 ) پولك ( خەنلەر تۈئەن دەيدۇ ) . پولكقا ئادەتتە بىر نەپەر پولكوۋنىك ( خەنلەر شاڭشاۋ دەيدۇ ) ياكى بىر نەپەر پوتپولكوۋنىك ( خەنلەر جۇڭشىئاۋ  دەيدۇ )  قۇماندان بولۇدۇ . ئادەتتە دىۋىززىيەدە  بار بارلىق بۆلۈملەر پولكتا  بار بولۇپ دىۋىززىيەدىن بىر دەرىجە تۈۋەن بولۇدۇ . پولكتا 1500 دىن 3000 مىڭغىچە ئەسكەر بولۇدۇ .تەركىۋىدە ئۈچتىن بەشكىچە باتالىيون بولۇدۇ .
( 5 ) باتالىيون (خەنلەر يىڭ دەيدۇ ) . ئادەتتە باتالىيوندا ئۈچتىن بەشكىچە روتا بولۇدۇ . ئەسكەر سانى 450 تىن 1000 غىچە بولۇدۇ . باتالىيون شىتابىدا بىر نەپەر مايور  (خەنلەر شاۋشىياۋ دەيدۇ ) كوماندىر بولۇدۇ ، بىر نەپەر مۇئاۋىن بولۇدۇ ، ۋە بىر نەپەر ئارقا سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل ھەربى  بولۇدۇ . شىتاپ باشلىقى ۋە مەسلەھەتچى ( مۇشاۋىر ) لەر كوللۈكتىۋى بولمايدۇ . ھەممە ئىشنى باتالىيون كومادىرى بولغان مايور قارار قىلىدۇ . تەركىۋىدە ئۈچتىن بەشكىچە روتا بولۇدۇ .
( 6 ) روتا ( خەنلەر لىيەن دەيدۇ ) . ئادەتتە روتىغا بىر نەپەر سىتارشى لېيتنات ( خەنلەر جۇڭۋېي دەيدۇ ) كوماندىر بولۇدۇ ، بىر نەپەر تەڭ ئۇنۋانلىق ياكى بىر دەرىجە تۈۋەن ئۇنۋانلىق ھەربى مۇئاۋىن روتا كوماندىرى بولۇدۇ ، ئۇنۋانى تەڭ ياكى بىر دەرىجە تۆۋەن بولغان  بىر نەپەرھەربى مەشقاۋۇل بولۇدۇ . ئادەتتە ھەممە ئىشنى روتا كوماندىرى يۇقۇرنىڭ بۇيرۇغىغا ئاساسەن ئۆزى قارار قىلىدۇ . ئەسكەر سانى 150 تىن 250 كىچە بولۇدۇ . تەركىۋىدە ئۈچتىن بەشكىچە ئىزىۋوت بولۇدۇ .
( 7 ) ئىزىۋوت ( خەنلەر پەي دەيدۇ ) . ئادەتتە بىر نەپەر لېيتنات ( خەنلەر جۈنشى دەيدۇ )كوماندىر بولۇدۇ ، مۇئاۋىنلىققا بىر نەپەر تەڭ ئۇنۋانلىق ياكى  بىر نەپەر ئوتدېلنىيە كوماندىرى تەيىنلىنىدۇ .ئادەتتە 30 دىن 50 كىچە ئەسكەر بولۇپ تەركىۋىدە ئۈچتىن بەشكىچە ئوتدېلنىيە بولۇدۇ .
( 8 ) ئوتېدېلنىيە ( خەنلەر بەن دەيدۇ ) . ئادەتتە بىر نەپەر كونا ئەسكەر يەنى 3 - دەرىجىلىك ئەسكەر كوماندىر بولۇدۇ . تەركىۋىدە 7 دىن 15 كىچە ئەسكەر بولۇدۇ .

ئالاھىدە ئەھۋال ، يەنى جەڭ ۋاقتىدا ، قۇماندان ياكى كوماندىر ئۆلسە ، ھەربىلەر ئۇنۋان تەرتىپى بويىچە ئۆزلۈكىدىن قۇماندانلىقنى ياكى كوماندىرلىقنى  ئۆز ئۈستۈگە ئالىدۇ .

ھەربى ئۇنۋانلارنىڭ بىزچە ۋە خەنچە ئاتىلىشى ، ۋە ھوقۇق دائىرسى تۈۋەندىكىچە .

  بىزچە ئاتىلىشى                      خەنچە ئاتىلىشى                        

  گېنىرال پولكوۋنىك                  شاڭجىئياڭ            ( فۇرونتىۋوي ئارمىيە ، يۆلۈنۈش ئارمىيە ، گورۇپپۇۋوي ئارمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ) .
  گېنىرال لېيتنات                      جۇڭجىياڭ              ( ئارمىيەگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ).
  گېنىرال مايور                         شىئاۋجىياڭ            ( كورپۇسقا ، ياكى دىۋىززىيەگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ).
  
  پولكوۋنىك                             شاڭشىياۋ              ( پولكقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ     ).
  پوتپولكوۋنىك                         جۇڭشىياۋ              ( پولكقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ     ).
  مايور                                    شىياۋشىياۋ            ( باتالىيونغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ).

  سىتارشى لېيتنات                    جۇڭۋېي                 ( روتىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ     )
  لېيتنات                                 جۈنشى                  ( ئىزىۋوتقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ )
  3 - دەرىجىلىك ئەسكەر           سەندېڭبىڭ            ( ئوتدېلنىيەگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ )
  2- دەرىجىلىك ئەسكەر            ئېردېڭبىڭ              (.........................................     )
  1 - دەرىجىلىك ئەسكەر           شىنبىڭ       ياكى يىدېڭبىڭ

( بىراق دۆلىتىمىزدە ئەسكەرنى ئىككى دەرىجىگىلا ئايرىيدۇ ، يەنى يېڭى ئەسكەر ۋە كونا ئەسكەر )

ئەسكەرتىش :
1 . ئەمەلى ئەھۋاللاردا ئۇنۋانى يۇقۇرىلار تۆۋەنرەك خىزمەتلەرنى ، ئۇنۋانى تۆۋەنرەكلەر يۇقۇرى دەرىجىلىك خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلەيدۇ . بىراق  ئۇنۋانى تۆۋەن بىر ھەربى ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن يۇقۇرى ئۇنۋانلىق ھەربىيگە يىتەكچىلىك قىلىشىقا قويۇلمايدۇ . دەرىجە تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق ۋە دەخلىسىز ، تۇسالغۇسىز ئىجرا قىلىنىدۇ .
2 . دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇنۋان ۋە شىتات قاتلىمى ئازراق پەرقلەنسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش . پەقەت دېڭىز ئارمىيە ......... ياكى ھاۋا ئارمىيە ...........دەپ ئاتىلىدۇ . مەسلەن دېڭىز ئارمىيە گېنىرال مايورى ، ھاۋا ئارمىيە گېنىرال لېيتناتى دىگەندەك .
ئىلگىرىلەردە دېڭىز ئارمىيىسىدە ئادىمىرال دىگەندەك ئۇنۋالارمۇ بولغان بىراق بۇ ھازىر يوق ياكى ئۇنۋاننى بىلدۈرمەي دېڭىز ئارمىيىسىدىكى بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك قۇماندان
ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرىدۇ .  
  
4 . ھەربى بىرلىكلەرگە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىزچە ۋە خەنچە ئاتىلىشى .

   بىزچە                          خەنچە

  قۇماندان                       سىلىڭ  ( بۇ بىر ئومۇمى ئاتالغۇ بولۇپ ، باتالىيوندىن يۇقۇرى بىرلىككە يىتەكچىلىك قىلغچىلار مۇشۇنداق ئاتىلىدۇ .
                                           ئاساسەن ئارمىيە قۇماندانلىرىغا قارىتىلىدۇ ).
  كورپۇس كوماندىرى        جۈنجاڭ
  دىۋىززىيە كوماندىرى       شىجاڭ
  پولك كوماندىرى             تۈئەنجاڭ
  باتالىيون كوماندىرى       يىڭجاڭ
  روتا كوماندىرى              لىيەنجاڭ
  ئىزىۋوت كوماندىرى         پەيجاڭ
  ئوتدېلنىيە كوماندىرى      بەنجاڭ

ئەسكەرتىش :
( 1 ) بىز ئىزىۋوت كوماندىرىنى قىسقارتىپ  « كوم  ئىزۋوت » . ئوتدېلنىيە كوماندىرىنى قىسقارتىپ « ئودكوم » دەپ ئاتايمىز .
يەنە بىر مەسىلە ، مەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى پەقەت بۈيۈك ھۆرلۈك ئىنقىلابىمىزنىڭ تايانچىسى بولغان ، « مىللى ئارمىيەنىڭ » ھەربى ئۇنۋان تۈزۈلمىسى  بويىچە ئاتىدىم ، بىراق ئاخرىدىكى سىتارشى لېيتنات ۋە لېيتنات ئۇنۋانى ئۇ ۋاقىتلاردا مىللى ئارمىيەدە يوق بولۇپ ئۇنىڭغا تەڭداش ئۇنۋانلاردىن كاپىتان ئۇنۋانى بار .
بۇمۇ  بىزچە روتا كوماندىرى ، خەنچە لىيەن دەرىجىلىك ئۇنۋان .باشقىللىرى ئاساسەن ئوخشاش .   
( 2 ) خەنلەردە « لۈ »  دەپ بىر ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ بۇ ھازىر يوق بولۇپ ئۆز ۋاقتىدا پولكتىن چوڭ دىۋىززىيەدىن كىچىك ھەربى بىرلىككە قارىتىلغان .   

ئاخرىدا قوشۇمچە قىلىپ قويسام ، ماۋۇ ئۆزەمنىڭ قىززىقى بويىچە ، بىراق بۇنىمۇ خاتا دىيىشكە بولمامدىكىن دەيمەن .

  بىزچە                                    ھازىرقى ئاتىلىشى

  ئەمىر                                     گېنىرال پولكوۋنىك
ئەمىر لەشكەر                           گېنىرال لېيتنات
  سەر لەشكەر                            گېنىرال مايور
  
  سانغۇن                                  پولكوۋنىك
  سەردار                                   پوتپولكوۋنىك
  سەركەردە                               مايور  

  يۈز بېشى                                سىتارشى لېيتنات
  توپ بېشى                               لېيتنات

تۈركى مىللەتلەردە يەنە پاششا ، دىگەن بىر ھەربى ئۇنۋان ئۇچرايدۇ . بۇ خۇددى خەنلەر سىلىڭ دىگەندەك قۇماندانغا قارىتىلغان ئۇقۇم ، تۈركىيە تۈرۈكلىرىدە 2 - جاھان ئۇرۇشى مەزگىللىرىگىچە قوللۇنۇلغان ، ئاساسەن ئۈچ خىل دەرىجىدىكى گېنىراللارنى كۆرسۈتىدۇ .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-29 12:29:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ سەرىپ ئىتىپسىز ،مىنى تۇلىمۇ خۇشال قىلغىنى بىرقىسىم ئاتالغۇلارنى ھەقىقى مەنىسىدە ئۇيغۇرچە ئىزاھلاپ بىرىپسىز .رەھمەت
ۋاقتى: 2015-3-29 21:19:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز بۇنىمۇ بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىلىمكەن جۇمۇ
ۋاقتى: 2015-3-29 23:12:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىللىرىنى ھازىر بىلدىم .رەھمەت سىزگە بۇرادەر .
ۋاقتى: 2015-3-29 23:39:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىزىقىدىغان بەك ياخشى تېما يوللاپىسز، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش