كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 8

مىنىڭ تىللارىم يەتمىدى قانداق قىلىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                         مىنىڭ تىللارىم يەتمىدى قانداق قىلىمەن

   بايقاشتىكى كەسىبداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار غا مىنىڭ ئازىراق سەمىمى تەكلىبىم ۋە يۈرەك سۈزۈم باتتى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار قۇبۇل قىلاسىلەر..
كەسىبداشلار بىزنىڭ بۇ مۇنبىرىمىز ھەزىرقى ئۇيغۇر مائارىپ توردىكى تىمىللىرى ئىنتايىن سەرخىل ،مول بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبىەرلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى .مىنىڭ بۈگۈن ئازىراق ۋاقتىم چىقىپ مۇنبەرنى زىيارەت قىلۋېتىپ،يېڭى يوللانغان  بىر جەۋھەر تىمىنى كۈرۈپ قېلىپ 10 تىللاغا سېتىۋېلىپ چۈشۈردۈم.ھەمدە كۆزدىن كۈچۈرۈپ قاراپ باقسام ،1،2،3،4،5،6،يىللىقلارنىڭ ئادەتتىكى خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلىقىكەن. 3-يىللىقنىڭكىنى ئېچىپ قاراپ باقسام  24-30  نەچىنچى دەرىسكىچە تۈزۈلگەن تەييارلىقكەن . ھازىر نەدىمۇ ئادەتتىكى خەنزۇ تىلى دەرىسلىك  كىتابىدا 30 نەچچە دەرىس بار.بىر يىللىق ئۇمۇمى دەرىس 32 چىقىدۇ.بىراق بۇ تەييارلىقتا شۇنداق كۆپ دەرىس تۇردۇ، مەزمۇنىغا قاراپ بۇ يېقىنقى يىلدىكى دەرسلىك ئەمەسكەن. ھازىر تۇلۇق بىر يىل ئۇقۇيدىغان بىر قىسىم كىتاب يوق ،ئاساسەن ئىككى مەۋسۈملۈك ئىككى كىتاب قىلىپ تۈزۈلگىلى ئۇزۇن يىللار بۇلۇپ قالدى.
ئىنكاسلارغا قاراپ باقسام تىللا پارىڭى ۋە تىمىغا مۇناسىۋەتلىك نارازلىق ئىنكاسمۇ باركەن.شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار كۈڭۈل ئاياپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ مىنىڭ سۆزلەپ قويغۇم كىلىپ بۇ تىمىنى يېزىىۋاتىمەن.
بۇنداق دىشىيىم 10 تىللاغا  ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ سۆزلەپ قالغىنىم يوق .مەن ھەر يەردە ھەر كىم پاراڭلىشاي ۋە مۇنبەرلەردە تىمىلارغا ئىنكاس يازاي ۋاقتىم يىتىشسىلا ئويلىغانلىرىمنى چۇقۇم سۆزلەيمەن ۋە يازىمەن شۇڭا ماڭا تىللا يىغىش مۇنبەردە تەسكە چۈشمەيدۇ .مىنىڭ ئويلىغىنىم مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولغان يېڭى تورداش ۋە كەسىبداشلارنىڭ «تىللارىم يەتمىدى» دىگەن كەسىبداشلار نىڭ نۇرغۇللىرنىڭ «نەق پۇل بولسىمۇ ئالاتتىم» دىگەن ئىنكاسىنى ئۇچىراتتىم ،ئۇلارنىڭ بەزىللىرى زاڭلاشتۇرۇپ دىسىمۇ بەزىللىرى ئامالىنى قىلالماي تەڭلىكتە قالغان چاغدا دىگەن بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.ياكى بىرەر خىزمەتتىشىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئەزا بۇلۇپ كىرسەملا ئىزدىگەن نىمەمنى تاپارمەن دەپ ئويلىغان بۇلۇشى مۇمكىن،بۇنداق ئوي مەنمۇ مۇنبەرگە  يېڭى ئەزا بۇلۇپ كىرگەندە بولغان.بۇلارمۇ تورداشلارنىڭ سەمىمى تەكلىبىنى قۇبۇل قىلسا مۇنبەرنىڭ قائىدىللىرنى چۈشەنسە ئۇلارمۇ ئۇنداق ئويلىمايدىغان بۇلىدۇ.ئۇلار بىر مەزگىل ئىنكاس يىزىپ تىما يوللاشنى ئۆگەنگىچە ئازىراق ۋاقىت كىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەسىبداشلار مۇنبەرگە تىما يوللىغاندا يوللاشتىن بۇرۇن تىما ئېگىسى يولىماقچى بولغان تىمىسىنى ئەستايىدىل كۈرۈپ باشقىلارغا نەپ بەرگىدەك  تىمىلارنى يوللىساق. ھازىر  يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى بىلەن ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرۋاتقانكىن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەزمۇن ۋە تىمىلارنى يوللىساق .تورداش ۋە كەسىبداشلارنىڭ قان تەرى بولغان تىللاىرىمۇ زايا كەتمىسە .
ئۇلارمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بېسىمنى يەڭگىللىتىش نەتىجىسىدە مۇنبەرگە كىرىپ كەسىبداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان كۈچىمۇ زايا كەتمىسە، ھەمدە شۇۇ يىغقان ئازغىنە تىللالىرى بىلەن ئېتىياجىنى قاندۇرۋالسا دەپ ئويلايمەن.تىمىنى ھەقلىق قىلىش تىما ئېگىسىنىڭ ھۇقۇقى ئەمەس بەلكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ ھۇقۇقى .ئۇلارغا يارىسا پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى بولسا ھەقلىق قىلىپ تەڭشەپ قۇيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تىما تەستىقىلغانلارمۇ تىما مەزمۇنىنى تۇلۇق كۆزدىن كەچۈرۈپ تەھرىرلسە ،خاتالىق كۈرۈلگەن تەرتىپسىز يەرلەرنى تۈزەپ جەۋھەرلىسەك دەپ ئويلۇدۇم. مۇمكىن بولسا ھازىر ئۇقۇتۇشنىڭ 2- مەۋسۈمى يەنە كىلىپ ھەر قانداق تىما يوللىغاندا تىللا يىغىشنى مەقسەت قىلىپ ،تاپتىم دەپ قىممارۋازنىڭ تاۋكاسىغا ئاتقاندەك  تاشلاۋەرمىسەك.، مۇنبەر باشقۇرغىچىللىرمۇ  چۇقۇم ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان كەسىبداشلارغا تىما تەستىقلاش ھۇقۇقىنى بەرسەك.قانداق دىگەندە ھازىر يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى بىلەن ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرۋاتقىلىمۇ خېلى يىللار بولدى. ئىشخانا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارمىغىلى ئۇزۇن بولغان كەسىبداشلار بۇنى بىلمەي قالدىمۇ بەزى تىمىلار جەۋھەرلىپ كىتىپتۇ.شۇڭا مۇنبىرىمىزنىڭ كۈندىن –كۈنگە راۋاجىلىنىشى ھەم كەسىبداشلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنىڭ يەڭگىللىشىنى نىيەت قىلغان ئاق كۈڭۈل مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئەمگىكىگىمۇ ھورمەت قىلساق.تىمىغا ئېھتىياجلىقلارمۇ يېڭى بولغان ئۆزىڭىزمۇ يوللىسام بولغۇدەك دەپ قارىغان تىمىللىرىڭىز بولسا ئايىمىسىڭىزچۈنكى «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دەپتىكەن ،مۇنبەردە سىز  ۋە بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقانلارمۇ ئارام ۋاقىتلىردىن ۋاقىت چىقىرىپ مىھنەتسىز تەر تۈكۈۋاتىدۇ.ئۇلارمۇ مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتىدۇ شۇڭا سىز ۋە بىزمۇ كەسىبداشلار ئۈچۈن ئكزىمىزدە بار يېڭىلىقنى ئايىمايلى دەپ ئويلايمەن.  ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كۆپچىلىكتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئاخىردا مەن كوپچىلىككە  بىر خەنزۇچە مائارىپ تورنىڭ ئادېرىسىنى تەۋىسيە قىلىپ يوللاپ قۇياي كۆرمىگەنلە كۈرۈپ بېقىڭلا ،دەرىسلىك  ماتىرياللار ئاساسەن رەسىم شەكلىدە يوللىندۇ ،تېلفۇندا رەسىمگە تارتىۋېلىپ يازساڭلارمۇ شۇنچىلىك قولايلىق بولىدۇ.www.docin.com
تىما يازغۇچى : ئاق چېچەك

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +15تىللا +15تۆھپە +15شۆھرەت +15يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
火山 + 10 + 10 + 10 + 10قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 16:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمام تىما تەستقلغۇچىغا يارمىدىمۇ،باشقىلار كۆرەمەيدىغان تەشىلىپ قاپتۇ.ھازىرغۇ ھەق گەپ ھىچكىمگە ياقمايدىغان ئەكسىچە ماختاشنىلا خالايدىغانلا كۆپ ئىدى.شۇنداقتىمۇ تەكلىب يۈزسسىدىن يازغان ئىدىم.
ۋاقتى: 2015-6-16 09:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتىسىز ئەمەلىيەتتە بەزى جەۋھەر تېمىلار نىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولغاچقا مۇشۇنداق ئەھۋاللار بار !سىزنىڭ مۇشۇنداق سەمىمىي تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت بولسا مۇشۇنداق ۋاقتى ئۆتكەن تېمىلارنى ئۇچراتسىڭىز ئادىرىسىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قويسىڭىز ! يەنە باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۈچۈرۈپ تاشلىساق !
سىزگە كۆپ رەھمەت !
ۋاقتى: 2015-6-16 09:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش تورى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبەر دېگەنگە نەچچە خىل ئادەم كىرىدىغان گەپكەن . مېنىڭچە بولغاندا ماتىرىيال يوللانسىلا قارا-قويۇق تىللالىق قىلىۋەتمەي ، ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ، ۋاقىت  خاراكتىرى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن . مۇمكىن بولسا مەشئەل ئەپەندىم ئېيىتقاندەك ھەممەيلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە مۇنبەر ئىچىدىكى سىزگە ئۇچرىغاندەك ئەخلەت تېمىلارنى پاش قىلىپ مۇنبەرنى ساپلاشتۇرۇپ ، سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقارساق . شۇنداق بولغاندا بىھۇدە ئاۋارىچىلىكنىڭ ، تىللا ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
بىر گەپنى ئوچۇق دېسەم مۇشۇ يېقىن ئاغىنەم ، باشقۇرغۇچى " زەپەر " تېمىلارنى كۆرسىلا تىللالىق قىلىشقا يۈگرەيدۇ . تىللالىق قىلغاندىمۇ بىر ماۋسۇملۇق تۇلۇق بولسا ئاندىن تىللالىق قىلىپ تەڭشەلسە بۇلاتتى .ئاشۇ يۈتۈمنى بىر ئاز باشقۇرساق دەپ قارايمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-18 17:19:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بەك توغرا دەيسىز،زەپەر تىللاغا بەك ئامىراق.يەنە كىلىپ ئادەم ئۇزۇندىن بىرى ساقلىغان نىمىلەرنى باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويسا كىم تەييارلىغان قانچە سائەت قىلىپ دەپ تۇرۋالىدۇ تېخى.
ۋاقتى: 2015-6-20 21:55:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AK_QEQAK يوللىغان ۋاقتى  2015-6-18 17:19
دىمىسىمۇ بەك توغرا دەيسىز،زەپەر تىللاغا بەك ئامىراق.ي ...

زەپەر ئەپەندىم يەنى دوستۇم گەرچە بىر مەھەللىك بولمىسىقاقمۇ كۆرۈشۈپ تۇرۋاتىمىز ! بەك مەسئۇليەتچان ،بىز تىللاغا ئامراق ئەمەس شۇ ھەممە كىشنى ئازراق كۈچ چىقىرپ ماتېريال چۈشۈرسە دەيمىز ! تىللاغا مۇشۇ تور بەتتىن باشقا يەردە ھېچنىمە كەلمەيدۇ! ئەمما سىلەردىن ياخشى دوستلارنىڭ بەرگەن ئېنكاسىغۇ رەھمەت ! بەك قىزىقارلىق ئېنكاس يېزىپسىلەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-22 16:58:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
火山 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-20 21:55
زەپەر ئەپەندىم يەنى دوستۇم گەرچە بىر مەھەللىك بولمىس ...

شۇ قىزىقارلىق بولسۇن دەپ يىزىپ قويدۇم،ئۇنى مەنمۇ خېلى تۇلۇق چۈشنىمەن،ئۇ بەك مەرىت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش