كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 0

سىنگاپورنىڭ سابىق زۇڭلىسى لى گۇاڭياۋ توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۇمرۇغ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ئاتالغان سابىق زۇڭلى لى گۇاڭياۋ يېقىندا ئۆپكە ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، 18-مارت كەچتە توردا سىنگاپور زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدىن كېسىۋېلىنگەندەك قىلىپ لايىھەلەنگەن ساختا سۈرەتتە لى گۇاڭياۋنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كۆرسىتىلدى. ئەمما سىنگاپوردىكى تاراتقۇلار زۇڭلى مەھكىمىسىدىن ئۇلارنىڭ بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى دەللىلىدى.
لى گۇاڭياۋ ئىلگىرى ئەنگىلىيەدە قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ، ئادۋوكات بولغان. كېيىن سىياسىيغا قاتناشقان. ئۇ سىنگاپورنىڭ زۇڭلىسى بولغان 10 يىل جەريانىدا سىياسەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ سىنگاپوردىكى لى جەمەتى سىياسى سەھنىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىنگاپورنىڭ سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئوغلى لى شىيەنلوڭ ھازىر سىنگاپورنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
    لى گۇاڭياۋ 1923-يىلى 16-سېنتەبىر سېنگاپوردا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەجدادى جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن. لى گۇاڭياۋ 1940-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، كامبرېج ئۇنۋېرستېتى ۋە جۇڭديەن ئۇنۋېرستېتىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە ساۋاقدېشى كې يۈجې بىلەن توي قىلغان. ئۇ 1954-يىلى نويابىردا سىنگاپور خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىنى قۇرۇپ، باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1955-يىلى قانۇن تۈزۈش كېڭىشى (1965-يىلى دېكابىردا پارلامېنتقا ئۆزگەرتىلگەن)نىڭ ئەزاسى بولغان. 1959-يىلى ئىيۇندا سىنگاپور ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولغان. 1965-يىلى  9-ئاۋغۇست سىنگاپور مالايشىيا فېدراتسىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. لى گۇاڭياۋ 1990-يىلى نويابىرغىچە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش