كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 0

شاھزادە خاررى ھەربىي سەپتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندا، شاھزادە خاررى سىرتقا ئۆزىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا 10 يىللىق ھەربىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىشنى تېخى بېكىتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بەس-بەستە شاھزادە خاررىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي بولۇشى ئۇنىڭ سىياسىي ئوبرازىنى كۆپ ياخشىلىدى، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
شاھزادە خاررى 1984-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ  ۋەلىئەھدى چارلىز بىلەن مەلىكە دىئاننانىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ھازىر خانلىق تەختىنىڭ تۆتىنچى ۋارىسى. 17-مارت، ئۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنىشنى ناھايىتى «مۈشكۈللۈك ئىچىدە قارار» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ 10 يىللىق ھەربىيلىك سەپىرىدىن ناھايىتى مىننەتدار ئىكەن، ئۇنى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمە دەپ قارايدىكەن. 2005-يىلدىن باشلاپ، شاھزادە خاررى ئەنگلىيەدىكى داڭلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي مەكتىپى سانخۇرستا ھەربىي تەلىم ئالغان. 2007-يىلدىن 2012-يىلىغىچە ئىككى قېتىم ئافغانىستانغا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە بارغان. 2009-يىلى 1-ئايدا، خاررى خان جەمەتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھاۋادا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسىغا ئايلانغان. 2012-يىلى، ئۇ ئاپاچى قوراللىق تىك ئۇچار ئۇچقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بەزى تاراتقۇلار بۇنىڭغا قارىتا ئىلگىرى «ئەسكى ئوغۇل بالا» «ھەربىي قەھرىمان»غا ئۆزگەردى، ئەنگلىيە ئاممىىسى ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى يۇقىرىلىدى دەپ قارىدى. شاھزادە خاررى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە زەھەر چېكىش، قاۋاقخانا جېدەل چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان.
ھەربىي سەپتىن چېكىنىشتىن بۇرۇن، شاھزادە خاررىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ناھايىتى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 4-ئايدا ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ھەربىي قىسىمنىڭ مەشقىگە قاتنىشىدىكەن. 4-ئاينىڭ ئاخىرى دادىسى ۋەلىئەھدى چارلېزقا ھەمراھ بولۇپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گاللىپولى جېڭىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيتىىگە قاتنىشىدىكەن. بۇيىل يازدا، ئافرىقىغا بېرىپ خەير-ساخاۋەت پائالىيتىگە قاتنىشىدىكەن.
كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا قارىتا شاھزادە خاررى «داۋاملىق ئويلىنىش ئۈستىدە» دېدى. لېكىن يەنە كەلگۈسىگە نىسبەتەن «ئۈمىدۋار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بەزى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، شاھزادە خاررىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئىشلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش