كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 0

جۇڭگولۇقلار نېمىشقا چەتئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئامېرىكا «دېپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا 16- مارت ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «جۇڭگودىمۇ ‹ۋاكسىنا ئەملەشكە قارشى زات› لار بار»، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى سەھىيە ئەمەلدارلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەشكە قارشى ھەرىكەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا، جۇڭگومۇ مۇشۇنداق ئالاقزادە كەيپىيات بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. يېقىندا دۇڭگۈەندىكى بىر تورداش مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ سەل قورقۇۋاتىمەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىدا راستىنلا مەسىلە يوقمۇ؟» دېدى. چېڭدۇدىكى بىر تورداش مۇنداق دېدى: «ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىم ۋاكسىنىنى ‹چەتكە قاقىدۇ، گۇمانلىنىدۇ، ئىشەنمەيدۇ.›»
غەربتىكى ۋاكسىنىدىن ئەندىشە قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە ۋاكسىنىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ تەبئىي ئىممۇنىتېت كۈچىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلار بولسا چەتئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلارغا ئىشىنىدۇكى، ئەمما ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىلار بۇلغانغان ياكى ئۆلچىمى زىيادە تۆۋەن دەپ گۇمانلىنىدۇ. پىتنە- پاسات ۋە ساراسىمە پەيدا قىلىدىغان ئىنتېر تورىدا مۇشۇنداق كەيپىيات ئېغىرلاشماقتا. ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىنمۇ، جۇڭگودىكى 10 ئۆلكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملىنىش نىسبىتى %30 تۆۋەنلەپ كەتكەن، باشقا ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملىنىش نىسبىتى %15 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلانى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇاچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاھالىلەر ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىدىن بارغانسېرى گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇلار تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن. ئەگەر بۇ يۈزلىنىش داۋاملاشسا، بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىش نەتىجىلىرى بىكارغا كېتىپ، غايەت زور زىيان كېلىپ چىقىدىكەن.
جۇڭگو 1978- يىلى مەملىكەت مىقياسىدا ئىممۇنىتېت ۋاكسىنىسى ئەملەش تۈرىنى يولغا قويغان، ھازىر 10 نەچچە تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋاكسىنا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى قاتارلىقلار بار. ۋاكسىنا ئەملەنگەندە يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ كېسەللەر يەنە پەيدا بولۇپ قالدى. 2014- يىلى جۇڭگودا 107 مىڭ ئادەم قىزىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 2013- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 26 مىڭدىن كۆپرەك ئاشتى.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگودا ئەمەلىي ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. مەسىلەن، گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم بىر ناھىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، سەككىز ئايلىقتىن 47 ئايلىققىچە بولغان بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىش نىسبىتى ئاران %22 بولغان. بۇنداق مەسىلە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەۋجۇت ئىكەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش