كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 0

مۆجىزىگە تولغان مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
     تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى ئالدىدا ناھايىتىمۇ كېلىشكەن بىر جۈپ قىز-يىگىت تاكسى توسۇپ تۇراتتى.
رەيھان ئۇچىسىغا ئۇزۇن گۈللۈك كۆينەك كىيگەن بولۇپ، سۇس قەھۋە رەڭ بۈدرە چېچى بېلىگىچە چۈشۈپ تۇراتتى. جەۋلان قاتۇرۇپ كىيگەن كاستيۇمىنىڭ قىرىنى بۇزۇشنى خالىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر، قولىنى ئىشتان يانجۇقىغىمۇ سالماي، تۈپتۈزلا تۇراتتى. رەيھان بولسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسۇپ ھالەك:
- ئەجەب باشقا چاغدا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تاكسىلار بۈگۈن بىرىمۇ كەلمەيدا؟
رەيھان سەل توڭلىغاندەكمۇ قىلاتتى. بىردە قوللىرى بىلەن جەينەكلىرىنى قۇچاقلاپ تىترىسە، بىردە قولىنى سوزۇپ تاكسى توساتتى. ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يېنىدىكى يىگىتىگە لەپپىدە قاراپ قويدى-دە، ئۇھسىنىپ يەنە ئالدىغا قارىۋالدى.
   ئاق رەڭلىك تۇلپار ماشىنىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىلىققىنە توختىدى. جەۋلان بۇ ماشىنىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدى. شوپۇر دېرىزىنى چۈشۈرۈپ:
- قەيەرگە بارىسىلەر؟ يولىمىز بىر بولۇپ قالسا، ئالغاچ كېتەي...
رەيھان ئالدىراپ «ياق، بولدى!» دېيىشىگە، جەۋلان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، شوپۇرغا قاراپ، ئېگىلىپرەك سۆزلىدى:
- بىز شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قوروسىغا بارىمىز. ئون كويغا ئاپىرامسىز يە؟
- ھە، يولىمىز بىركەن. چىقىڭلار، بۈگۈن تاكسى بەك كەمچىلغۇ تاڭ...
- ئاۋۋال دەڭ، تاكسىمۇ ئون كويغا بارىدۇ، ئۇندىن ئارتۇق بولسا چىقمايمىز.
- مەن تاكسىچى ئەمەس، ھەقسىز ئالغاچ كېتەي!
   جەۋلان رەيھاننى ئىتتىرىپرەك ماشىنىغا چىقاردى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىنى سىلاپ تۇرۇپ، شوپۇردىن سورىدى:
- قىممەت ماشىنا ھەيدىگىنىڭىزگە قارىغاندا چوڭ باي ئوخشىمامسىز؟
  رەيھان جەۋلاننىڭ قولىدىن تارتقۇچلاپ قويدى. شوپۇر ئەينەكتىن بىردە گۈزەل قىزغا، بىردە يېنىدىكى يىگىتكە قاراپ قويدى-دە:
- ئۇنداقمۇ ئەمەس... سىلەر يېڭى توي قىلغانما؟
- ياق تېخى، توي قىلغۇدەك پۇل يوق شۇ...- ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن جەۋلان رەيھاننىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارىغۇدەك چولىسى يوقتەك قىلاتتى،- شۇ بىرەر ئاسانراق پۇل تاپىدىغان سودىلار بولسا تونۇشتۇرۇپ قويمامسىز بايۋەچچە...
- بولىدۇ، ئەمسە بىرەر ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز مەن ياردەم قىلاي، بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتام.
   مانا، ھەممە ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى.
   
   -جېنىم بالام، ئۇنداق قىلمىغىن، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، سەن يامان يولغا كىرىپ قېلىۋاتىسەن. بىلەيزۈكنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر! ئۇ داداڭدىن قالغان بىردىنبىر مىراس بالام...
   كۆزلىرىدىن ياش ئورنىدا قان قۇيۇلىۋاتقان موماي ئوغلى جەۋلانغا يېلىناتتى، ئۆينىڭ تۆرىسىدىن خېلى يەرلەرگىچە ئۆمىلەپ دېگۈدەك كېلىپ، ئوغلىنىڭ قولىغا ئېسىلدى. جەۋلان:
  -ئانا، سەن ئەنسىرمە، ساڭا بۇنىڭدىنمۇ چوڭىنى ئەپبېرىمەن! ھازىر چوڭ بىر سودىغا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن، مەبلەغ ئازلاپ قالدى. ماقۇل دېگىن ھە، ئاپا!
   ئانا يىغلاپ قالدى، ئوغۇل بولسا قويۇن يانجۇقىغا ئەپلەپ سالغان بىلەيزۈكنى سىرتتىن سىلاپ قويۇپ، ئىشىكنى جاقىلدىتىپ چىقىپ كەتتى.
  بۈگۈن ھاۋانىڭ پەيلى بەك يامان، بوران چىقىۋاتىدۇ، ھەم يامغۇرمۇ توختىماي يېغىۋاتىدۇ. ئەمدىلا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىن قايتقان جەۋلان ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغانىدى. ئۇ يېنىدا ئۆزىنى يۆلەپ كېلىۋاتقان قىزغا قاراپ ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەۋاتاتتى:
   - مەندە باغۇ قاراڭ، پۇل دېگەن توننىلاپ بار! مېنى يالاڭتۆش چاغلاپ قالغانما؟ مانا پۇل دېگەن... ئۇ يېنىدىن نەچچە ئون ۋاراق يۈز يۈەنلىك پۇلنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويۇپلا، ئاستا يانجۇقىغا سېلىۋالدى. بۇ چاغدا ئالاھىدە چاكىنا ياسانغان قىز بولسا تېخىمۇ چاپلىشىپ، ئۇنى ئۇدۇللا مېھمانخانىغا سۆرەپ ئېلىپ كەتتى.
   مانا، ئانىسىنى قاقشىتىپ زار يىغلىتىپ، بىردىنبىر مىراسنى ئېلىپ چىققانىدى. ئەمدىلىكتە بىر كېچىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ئۇ مېھمانخانىدىن چىققاندا يېنىدا پەقەت چۈشلۈك تاماق يېگۈدەكلا پۇلى قالغانىدى. ئەمدى ئانىسىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ ئەسلى بۇ پۇلنى ھېلىقى كۈنى ماشىنىسىغا چىققان بايۋەچچە تەۋسىيە قىلغان سودىغا مەبلەغ سالماقچى ئىدى. بۇنچە پۇلنى نەدىنمۇ تاپار؟
  نومۇسسىز ئىنسانلارنىڭ قىلمايدىغىنى يوقتە! سىز ھەم بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھامان يۈز بېرىۋاتىدۇ. توغرا، جەۋلان قىز دوستى رەيھاننى ئىزدەپ باردى. رەيھان بولسا بۇ باغرى ئالەمنى سىغدۇرىدىغان، گاھ مېھرى ئىللىق گاھ تەپتىدىن مۇز ياغىدىغان ئۈرۈمچىگە مۇساپىر بىر قىز. مەلۇم شىركەتنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئىقتىساتچىل بولغاچقىمۇ، يىغىپ قويغان پۇللىرى خېلى بار ئىدى. بۇنىسى يىگىتى جەۋلانغا بەش قولدەك ئايان.
  رەيھان بىلەن جەۋلان يۇرتداشلار يىغىلىشىدا تونۇشۇپ قالغان. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلار ھەم باشلانغۇچتا بىر يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقداش بولۇپ چىقىپ قالدى. شۇنى باھانە قىلىپ جەۋلان رەيھاننى قوغلىشىپ، ئاخىرى ماقۇل كەلتۈرىۋالدى. ئەمما ماۋۇ نۇقتا ئېنىق بولسۇن، ئۇ چاغدا جەۋلان ئۆزىنى چوڭ سودىگەر قىلىپ كۆرسىتىپ، رەيھانغا كىتابخۇمار ھەم تىرىشچاندەك تەسىر بەرگەنىدى. مانا ئارىلاشقىلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دېدى، ئىككىسى تالاي قېتىم ئايرىلىپ، جەۋلاننىڭ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋېلىشى بىلەن تالاي قېتىم يارىشىپ قالغان. ئەمما ھازىر رەيھاننىڭ ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلى قالمىغانىدى. چۈنكى بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ مۇئاشى ھەتتا ئۆيىگە ئەۋەتىدىغانغىغۇ يوق، ئۆزىگىمۇ يەتمەي قېلىپ، تەڭدىن تولىسى شۇ مەرەز يىگىتىگە كېتىۋاتاتتى. قانداقمۇ ياق دېيەلىسۇن؟ ئۇنىڭ ھىيلىسى ھەقىقەتەن تولا، ھەتتا دادىسى ۋاپات بولغاننى باھانە قىلىپمۇ، ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىنىنى باھانە قىلىپمۇ نەچچە مىڭ يۈەننى سۈمۈرۈپ قاچىدىغان تۇرسا!
   -مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشىشىمىز بولۇپ قالسۇن جەۋلان! ئەمدى سىز بىلەن كۆرۈشمەيمەن، ھەم مېنىمۇ ئىزدىمەڭ! - گەرچە بۇ سۆزلەر كۈرمىڭ قېتىم تەكرارلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم رەيھاننىڭ ئىرادىسى قەتئىي ئىدى. جەۋلاننىڭ كۆزى پەقەت شۇ قىزنىڭ قولىدىكى پۇلدا. بولۇنىۋاتقان سۆزلەر قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايۋاتىدۇ. ھەي يىگىتلىكىڭگە نومۇس قىلىۋاتىمەن جەۋلان!
    بۇ ئىشلاردىن ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقان بايۋەچچە، يەنى نەچچە كۈن ئاۋۋال ئىككىيلەننى ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويغان بايۋەچچە ئاللىبۇرۇن رەيھاننىڭ ئىزىغا چۈشكەنىدى. جەۋلان ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سودا ئىشى توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىغاندا، ئۇ ھەم يىگىتكە خىزمەت تونۇشتۇرۇپمۇ قويدى، بىراق جەۋلاننىڭ ھورۇنلۇقىنى قويۇپ، نەزىرىنىڭ ئۈستۈنلىكى بايۋەچچىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يىگىتكە مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سودىغا تونۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئەمدى ئىزدىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جەۋلان خۇشال ھالدا بايۋەچچە كۆرسەتكەن شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى.
   - رەيھان، سېنى دېرىكتور چاقىرىدۇ.
   خىزمەتدېشىنىڭ چاقىرىشى بىلەن، ئورنىدىن يەڭگىل تۇرۇپ ئىشخانىغا كىرگەن رەيھان نېمىشقىدۇر دېرىكتورنىڭ ئۆزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بىردە قىزىرىپ ئۇيالسا، بىردە غورۇرىغا تەگكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدى. «نېمانداق قارايدىغاندۇ؟ ئەزەلدىن بۇنداق قارىمايدىغان ئادەم». دېرىكتور ئۆزىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، رەيھانغا قاراپ ئېغىز ئاچتى:
  - سىزنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىڭىز، ھەم كەسپىي ئەخلاقىڭىز شۇنداق ياخشى، ھەممەيلەن جۈملىدىن مەن سىزدىن ھەم نەتىجىڭىزدىن رازى.
   رەيھان ھەيرانلىق بىلەن، دېرىكتورغا قاراپلا قالدى، ئۇ بىردەمدە خىيالىدا «مۇشۇنداق ياغلىما سۆزلەر بىلەن ئالداپ مېنى ئىشتىن بوشىتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەمدى دەيدىغاننى دەۋالسۇن، بوپتۇلا، مەنمۇ يۇرتۇمغا كېتىپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقارمەن!» دېگەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ بولدى.
  دېرىكتور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
  - بىلىسىز، بىزنىڭ بۇ شىركەت پەقەت تارماق شىركەت، شۇڭا سىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىڭىز ئۈچۈن باش شىركەتكە ئەۋەتىشنى لايىق كۆردۇق. راستىنى ئېيتقاندا، باش شىركەت سىزنىڭ كېلىشڭىزنى تەلەپ قىلدى،- رەيھان ھاياجان ئىلكىدە تېپچەكلەۋاتقان كىچىككىنە يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېدى،  ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شىركەتكە قىيمايدىغانلىقىنى، ئەمما شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇندىغانلىقنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
  بۈگۈن رەيھان چېچىنى بوشقىنا بىر تال ئۆرۈۋېلىپ، سۇس گىرىم قىلغان ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا كىيگەن كۆينىكى يەنىلا شۇنداق ئۇزۇن، ھەم چىرايىغا يارىشىملىق رەڭدە كىچىككىنە چاپان ئارتىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغانىدى. ئۇ نىڭ يوغان شەھلا كۆزلىرى، سۈزۈك چىرايى كىملەرنىڭ يۈرەكلىرىنى لال قىلىپ، كىملەرنى ئوتتا كاۋاپ قىلىۋاتقاندۇ؟!
  رەيھان جەۋلان بىلەن ئارىلاشقان بۇ ئۈچ يىلدا ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايى شۇ تاماق يەيدىغان ئاشخانا ياكى بولمىسا كىتابخانا. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا پەقەت جەۋلان ئۆزىلا باراتتى. رەيھاننى باشتا شۇنداق مەجبۇرلاپ باقتى، ئەمما كار قىلمىدى. يا بىر پۇت قولىنى باغلاپ ئاپىرىپ قويغىلى بولمىسا، قىز بالا بېرىشنى خالىمىسا ئەلۋەتتە بارمايدۇ. شۇڭا جەۋلاننىڭ دوستلىرىمۇ رەيھاننى تونۇمايتتى، رەيھانمۇ جەۋلاننىڭ ئاغزىدىن ئىسمىنى ناگاندا ئاڭلاپ قالىدىغان بىر قانچە دوستلىرىنىڭ شۇ ئىسمىنىلا بىلەتتى خالاس! ئۇ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ، باش شىركەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. قىز بالا دېگەن يەنىلا قىز بالىدە، ئۇ بوشقىنا تىنىۋېلىپ، ئۇششاق چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىسىۋەتتى. ياۋ، ئىنسان بالىسىمۇ مۇنداق نازىنىن بولىدىكەن، خۇددى پەرىشتىلەردەك سۈزۈك چىرايلىق بۇ قىز ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتسىمۇ كەينىگە بىر قايرىلىپ قارىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ مانا!
    - ۋۇي، يول ئۈستىدىكى تاشتىلا ئولتۇرۇپ قالغان بۇ بوۋاي قارىغاندا تىلەمچى ئوخشىمامدۇ؟ لېكىنغۇ تىلەمچىگە ئوخشىمايدىكەن، بەلكىم يۇرتتىن چىقىپ، ھېلىقىدەك ئايالىنى ياكى نەۋرىسىنى داۋالىتىۋاتقان، داۋالاش پۇلى يېتىشمەي پۇل تىلەۋاتقان بوۋايلاردىن بولسا كېرەك. پېشىندىن بۇرۇن سەدىقە بەرسە ياخشى دەپ ئاڭلىغانىدىم پەتىۋالاردىن.- رەيھان شۇنداق ئويلاپ، سومكىسىدىن بىر يۈەننى چىقىرىپ، بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، بوۋاي ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قالغانىدى. رەيھانمۇ ئۆتە ھەيران! نېمىشقا سەدىقە بەرسىمۇ دۇئا قىلمايدىغاندۇ؟! بۈگۈنكىدەك خىزمەت ئورنۇم ئالماشقان تۇنجى كۈندە ياخشى تىلەكلەر بىلەن باشلاي دېسەم، بۇ بوۋاي نېمدا قىلىدىغاندۇ؟!
   باش شىركەت بىناسى خېلىلا ھەشەمەتلىككەن، تارماق شىركەتتەك كىچىككىنە ئىشخانىلارنىلا يىغىن زالى قىلىۋالىدىغان ئىش يوق، يىغىن زالىمۇ چوڭ، كارىدورلىرىمۇ كەڭتاشا، ھەتتا تازىلىق ئۆيلىرىمۇ پاكىز ھەم كۆركەم ئىدى. نېمىدېگەن كۆپ ئايرىم ئىشخانىلار بۇ؟ باش دېرىكتور ئىشخانىسى، بۆلۈم باشلىقى ئىشخانىسى، مالىيە ئىشخانىسى، ئارقا سەپ بۆلۈم ئىشخانىسى، مۇدىرىيەت ئىشخانىسى، لىدىر ئىشخانىسى... مەن مۇشۇ ئىشخانىغا كىرىمەن راست، مېنى مۇشۇ ئىشخانىغا كىرىڭ دېگەنىدى. رەيھان نازۇك قوللىرى بىلەن ئىشىكنى يېنىك چەكتى:
  - كىرىڭ!- رەيھان ئىشخانىدىن چىققان ئەركەكلەرگە خاس بۇ بوم ئاۋازدىن يۈرىكى سېلىپ كەتتى. ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى.
  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز، مەن ئۈچىنچى تارماق شىركەتتىن كەلگەن رەيھان بولىمەن، دېرىكتور مېنىڭ سىزنى ئىزدىشىمنى ئېيتقانىدى....
   قىزنىڭ شۇ قەدەر تونۇش نازۇك زىل ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئاران تەستە تۇتىۋېلىپ تۇرغان لىدىر ئەپەندى، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنى ئولتۇرۇشقا مەرھەمەت قىلدى:
  - ھە، رەيھان، قېنى ئولتۇرۇڭ، ئالىيە، مېھمانغا بىر ئىستاكان لىمون چېيى، شېكەرنى تېتىتىپراق سېلىپ دەملەپ ئەكىرىڭ!- ئۇ رەيھاندىن سورىمايلا بۇيرىغان بۇ چاي ھەقىقەتەن رەيھاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چېيى دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بۇنىڭدىن رەيھان ئۆزىمۇ ھەيران!- ھە، ئۇ يەردىكى ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟
  رەيھان تېخىچە بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى ئەسلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى، يەنە كېلىپ، بايىقى دېگەن سۆزلىرىدىنمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنى ئەسكە ئالالمايۋاتقاندەك قىينىلىپ كېتىۋاتاتتى.
  لىدىر ئەپەندى ئەمدىلا 30 ياشتىن ئاشقان قىران يىگىت بولۇپ، كۆزىنى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بۇ خىجىلچان قىزدىن ئۈزەلمەيۋاتاتتى.قىز بىردە بېشىنى تاتلاپ قويۇپ، بىردە بارماقلىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ ئاخىرى ئەسكە ئالدى.
  - ھە، سىز؟ مېنى ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟ مەن، ھېلىقى....- رەيھان ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتىيۇ، نېمىلەردىندۇر خىجىل بولغاندەك، يەنە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. بۇنى سېزىپ قالغان لىدىر ئەپەندى رەيھانغا قاراپ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن:
   - ھەئە، ئەلۋەتتە ئېسىمدە، سىزنى ئالىيە ئەچىقىپ ئىشخانىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسۇن. كېيىنچە ئايرىم پاراڭلىشارمىز.- ئەمدىلا گەپنىڭ ئايىغى چۈشىشىگە، ئىشىك بوشقىنا چېكىلدى ۋە بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، لىدىر ئەپەندى ئورنىدىن چاقماق تېزلىكىدە تۇرۇپ:
  - كەل، دادا، يەنە پىيادە كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ شوپۇر ئالغىلى بارسا بولماسمىدى...
  - ئۆھۈ، ئۆھۈ... ماڭسام ياخشى بالام، ئارىلىقتا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاپ كەلدىم... ئۆھۈ، ئۆھۈ... قايناقسۇ بامۇ بالام؟- بوۋايغا قاراپ، رەيھان ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. بۇ بوۋاي بايا رەيھان بىر يۈەن سەدىقە بەرگەن بوۋاي شۇ ئىدى. ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان بوۋايغىلا خاتالىشىپ سەدىقە بېرىپ يۈرگىنىمنى قارا! ھەي، خۇدا، مېنى تونۇپ قالارمۇ؟ بالدۇرلا چىقىپ كەتسەمچۇ ئىشخانىدىن...
- ئەمسە مەن چىققاچ تۇراي... - رەيھان يۈزىنى تام تەرەپكە بۇراپ، ئىتتىك چامداپ  مېڭىپ، ئەمدىلا ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا، بوۋاي، ئولتۇرغان جايىدىن ئاستا قوزغىلىپراق ئوغلىغا بىر قارىۋېتىپ سورىدى:
  - بۇ قىزىم؟...
   ھىم، رەيھان ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، نېمە ئالجىپ ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە سەدىقە بېرىپ يۈرىدىغانسەن؟ قارىغىنا خەقنىڭ ئوغلى چوڭ شىركەتنىڭ لىدىرىكەن، سەن بىر ئاددىي خىزمەتچى ئۆزۈڭچە شۇ بوۋايغا سەدىقە بەردىڭما؟
   - ھە، تارماق شىركەتتىن بۈگۈن يۆتكىلىپ كەلگەن يېڭى خىزمەتچى، دادا،- لىدىر ئەپەندى، رەيھانغا قاراپ،- مېنىڭ دادام بولىدۇ، - دەپ تونۇشتۇرغاندەك ئىشارەت قىلدى. رەيھان، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، بوۋايغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ، پۇت-قولىدا جان قالمىغانىدى. بوۋاي سالامنى ئىلىپ ئېلىپ، خىرىلداپ كۈلۈپ قويدى.
    كۈنلەر شۇ قەدەر گۈزەل ئۆتىۋاتىدۇ. رەيھان كۈندە كۆرۈپ تۇرغان لىدىر ئەپەندىنى ھەر بىر كۆرسە بىر يۈرىكى سالىدىغان، بوۋاينى كۆرگەندە قىزىرىپ تاتىرىدىغان بولدى. نېمىشقىدۇر؟ لىدىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا خىزمەت ئىشى بىلەن بولسۇن، ياكى باشقا سەۋەبتىن بولسۇن كىرىپ تۇرۇشىنى، ياكى كارىدوردا بولسىمۇ ئۇچرىشىپ قېلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتى.
   ئاخىرى ھەممە ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىشتى.
    بىر يىلدىن كېيىن، رەيھان لاتاپەتلىك كىيىنىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، شىركەت چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى، خىزمەتچى خادىملار بىردەك  ئېگىلىپرەك سالام قىلدى:
  - لىدىر خانىم ياخشىمۇسىز!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش