كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 1

تالاغا قاراپ قېلىش تاماق يېگەندەكلا بىلىنىدىغان 10 دۆلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇر تورى تەرجىمىسى: دۇرېكس شىركىتى 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جاھاندىكى ئۇچرىشىش تور پونكىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ نىكاھتىن سىرتقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. بۇنىڭدا فرانسىيە خەلقىنىڭ چېھرىگە ئەمدىلا كۈلكە يۈگۈرۈۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇزغۇنلۇقنى شەرقىي ئاسىيادىكى بىر قەدىمىي دۆلەت ئېلىپ كەتتى ......

10. فىنلاندىيە: %36 (ئەرلەر + ئاياللار) تۆۋەندىمۇ ئوخشاش

Match.com تورىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، فىنلاندىيەدە ئەرلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمى توي قىلغاندىن كېيىن تالاغا قاراپ قالىدىكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەمراھى 10 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن. كەسكىنرەك ئېيتقاندا، فىنلاندىيە ئەرلىرىنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرى يولدىن چىققانلىق ھېسابلانمايدىكەن، ئۇلار ئادەتتە سەمىمىيلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنىنى ئوينايدىكەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، 2010- يىلىدىن كېيىن فىنلاندىيەدىكى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى زو دەرىجىدە ئازايغان. بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنى جىنسىي ھاياجانغا رىغبەتلەندۈرىدىغان دۆلەت. پۇرسەت بولسىلا ھاياجانلىق جىنسىيەتتىن ھوزۇرلىنىش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىش كېرەك ـــ مانا بۇ فىنلاندىيەدىكى جىنسىيەت روھى.

9. ئەنگلىيە %36

ئالىيجاناپ ئەنگلىيە ئەرلىرى بىزگە نېمىنىڭ ياسالمىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈپ قويدى. بىر تەرەپتىن، ئۇلار ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىكاھتىن كېيىن تالاغا قاراپ قېلىش نىسبىتى بار، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يولدىن چىقىش قىلمىشىغا قارىتا چوڭقۇر پۇشايماندا، ئەنگلىيە ئەرلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىغا نەپرەتلىنىدۇ، بۇ نىسبەت فرانسىيە ئەرلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ. ئەلۋەتتە، بۇ تەكشۈرۈش پەقەت ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان، خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ ئېسىل بولۇشى مۇمكىن.

8. ئىسپانىيە %39

ئىسپانىيەدىن ساھىبجاماللار كۆپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇشقۇن، جەزبىدارلار، مەسىلەن پېنېلوپې كرۇز دېگەندەك، «ئۇنى كۆرسەملا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن» دېگەن ئامېرىكىلىق بىر رىژېسسور. بۇ ئەھۋال ئىسپانىيە ئەرلىرىنى ئوسال قىلىپ قويدى. بەختكە يارىشا، ئىسپانىيە ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىخلاسمەن كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بولغاچقا، دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ئەقىدىلەر ئەرلەرنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن تالاغا قاراپ قېلىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە توسۇپ قالغان. ئەمما، ئىسپانىيەدە ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاجرىشىش نىسبىتى بار بولۇپ، %60 كە يېتىدۇ، قارىغاندا روھىي جەھەتتىن تالاغا قاراش ئەڭ قورقۇنچلۇق ئوخشايدۇ.

7. بىلگىيە %40

دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ مۇلايىم، كۆڭلى- قارنى كەڭ كىشىلەر ياشايدىغان دۆلەتتە توي قىلغان ئەر- ئاياللار تولىمۇ ۋەھشىي. بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق تىزىملاتقان ئەزاسى بار، يەر شارىدىكى تالاغا قاراپ قالغان كىشىلەر سانىنىڭ %10 تىنى ئىگىلەيدىغان، مەخسۇس توي قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كلىدىن ناملىق تور پونكىتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتە ئاشنىلار توي قىلغان ئەرلەرنىڭ زۆرۈر بۇيۇمى ھېسابلىنىدىكەن.

6. نورۋېگىيە: %41

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، نورۋېگىيەدىكى ئۇچرىشىش تور پونكىتلىرىنىڭ ئەزالىرى شىددەت بىلەن %78 ئاشتى. قۇتۇپ كېچىسى بار بىر دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇزۇن كېچىلەردە قىلغىلى ئىش تاپالماي تالاغا قاراپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەمما خەتەرلىك يېرى شۇكى، نوپۇسى تولىمۇ ئاز بۇ دۆلەتتە دىققەت قىلمىسا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

5. فرانسىيە %43

فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئاشنىسى بارلىقىدەك خەۋەرمۇ باش بەتكە چىقتى، چۈنكى فرانسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئاشنام بار دېيىش تولىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىش. فرانسىيەلىكلەر يەر شارىدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان نايناقلار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ رەت تەرتىپتە 1- ئورۇنغا تىزىلسىمۇ ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. فرانسىيەدىكى ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھتىن كېيىن تالاغا قاراپ قېلىش مەسىلىسىدىكى پىكرى ئەڭ بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، %63 فرانسىيەلىك توي قىلغاندىن كېيىن تالاغا قاراپ قېلىشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت %28 كىشىلا ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن تالاغا قاراپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، راستىنلا دېگىنىنى قىلىدىغانلار ھە!

4. گېرمانىيە %45

يەنە بىر قېتىم ئەقلىڭىز يەتمىدى شۇنداقمۇ، تالاغا قاراپ قېلىشتا فرانسىيە ئەرلىرى بىلەن بەسلىشەلىگەندىكىن ئېھتىياتچان گېرمانىيە ئەرلىرىمۇ قارىغاندا ئىشەنچلىك ئەمەس ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى نامى بەلكىم مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. گېرمانىيە ئەرلىرىنىڭ %40 تى خوتۇنلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى ئىقرار قىلغان، %43 گېرمانىيە ئاياللىرى ئەرلىرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالغان.

3. ئىتالىيە %45

ئىتالىيەنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ پاھىشە چاقىرغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى، شۇڭا بۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى ئېنىقلا ئىش. بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتتە ئاجرىشىش ئادۋۇكاتى ئىجاد قىلىنغان، ئىتالىيە تارىخىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن داڭلىق سۆلەتۋاز كاسانوۋانىڭ «تۇتۇلۇپ قالمىسىلا تالاغا قاراپ قالغان ھېسابلانمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بار. شۇنداق بولغاچقا، ئىتالىيەدە ئاجرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىنى قوغداشقا تولىمۇ ماھىر.

2. دانىيە %46

گەرچە كوپىنھاگېننى جاھاندىكى مەشھۇر جىنسىيەت ئاستانىسى دېگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئانچە- مۇنچە داڭقى بار. دانىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ساياھەت قوللانمىسىدا، چۈشكەن مېھمانسارايدىن قانچە قەدەم ماڭسا قورامىغا يەتكەنلەر بۇيۇملىرى دۇكىنىغا بارغىلى بولىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەمما دانىيەدە توي قىلغان ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىش نىسبىتى ئەرلەردىن يۇقىرى، قارىغاندا بۇ دۆلەتتە ئەر- ئاياللار باراۋەرلىك خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەندەك قىلىدۇ.

1. تايلاند %56

تايلاندتا قىزىل چىراغ رايونىنىڭ جىقلىقىنى دېمەي تۇرايلى، بۇ يەردە جىنسىي سودا خۇددى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئوخشايدۇ. ئەمما قىزىل چىراغ رايونىنىڭ زىچلىقى توي قىلغانلارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكمۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. ئەمما ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار بولىدىغان بۇ دۆلەتتە بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئالىدىغان ئىشلار دائىم ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرگە نىسبەتەن ئالغان خوتۇنىنىڭ سانى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا سىمۋول بولالايدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-17 22:08:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربلىكلەردە بۇ ئىش خۇددى « خالاغا بېرىپ تەرەت قىلىپ كەلگەندەك » ئاددىي بىلىنىدىغان ئوخشايدۇ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش