كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 0

مىسىر زۇڭتۇڭى دۆلەتنىڭ «گۇمر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگو تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى يېقىندا ئالدىنقى زۇڭتۇڭ مۇرسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بار ئاماللار بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ناۋادا دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى كونترول قىلمىغاندا  دۆلەتنىڭ «گۇمران» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قېتىملىق زور ئىقتىسادى مەسىلىلەر كېڭىشىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە يىغىن ئېچىلغان جايدا ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ مەلۇم بىر  مۇخبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان، چۈنكى بۇ مۇخبىرنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدە «مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇنىڭ ئالاقىسى قويۇق » دەپ يازغان.
سىسى بۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكىلەردە مىسىر ھازىرقى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشىنىش بار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مىسىرنى ۋە مىسىرنىڭ ھازىرقى خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تۇلۇق چۈشىنىدۇ دەپ تەكىتلىگەن.
سىسى مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى رولى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ « ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە مىسىر خەلقىنىڭ قوللىغۇچىسى» دېگەن، مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىزنىڭ سىياسىي مەيدانىڭىزنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ دەپ سورىغاندا سىسى:«سىسى دېگەن ئىسىم مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى سىسى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، خەلق سىسىنى نېمە ئۈچۈن قوللايدۇ؟ چۈنكى سىسى مىسىر خەلقىنى قىزغىن سۆيىدۇ، خەلققە سادىق» دېگەن.
سىسى مىسىرنى ئەسەبىيلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ دېگەن، ئۇ يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى «تېررورىزمنىڭ مەنبەسى، دۇنيادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىسى، دۇنياغا تېررورلۇق ئىدىيىسىنى تارقاتقۇچىلار» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە مىسىرنىڭ «گۇمران» بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى «ئىسلام دۆلىتى» ئاشقۇن تەشكىلاتىنىڭ «زاپاس كۈچى» مۇ دېگەن سوئالغا قارىتا سىسى :«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا قارىتا ئۇ ئالدى بىلەن مىسىر-ئىسرائلىيە مۇناسىۋىتىنى ماختىغان، ئاندىن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتكە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ بىلەن ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيەنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ كەلگەنلىكىنى، سىناي يېرىم ئارىلىدىكى مىسىر ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق جايلارغا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ كىلىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارىتا سىسى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ تازا راۋان بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر ئاڭلاۋاتقان، قوبۇل قىلىۋاتقان خەۋەرلەر ھەرگىز مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق سىياسىي كرىزىسقا پېتىپ قالغان شارائىتتا ئامېرىكا بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ تۇرسا ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ دېگەن.
مىسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالغا سىسى:« مىسىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ھەرگىز ئامېرىكىچە نەزەردە ئامېرىكىچە ئۆلچەمدە قارىماسلىق كېرەك، ئامېرىكا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلدى، مىسىردا دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشقا ئالدىراپ كەتكەنلىك مىسىرنىڭ «گۇمران» بولۇشىنى تېزلەتكەنلىك دېگەن.
ئاخىرىدا مۇخبىر سىسىدىن سىز بۈگۈن «ۋەيران بولۇش» دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تىلغا ئالدىڭىز، سىز مىسىرنىڭ «گۇمران» بولۇش يولىغا مېڭىشىدىن ئەندىشە قىلامسىز؟ دەپ سورىغان.
سىسى دەل مۇشۇ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ يەنە ئامېرىكا سومالىدىن ۋاز كېچىپ سومالى جەمئىيىتىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەجەبا سىلەر ئامېرىكىلىقلار مىسىرنىڭ سومالىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر دېگەن.
ئىران مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالغا سىسى «ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھىسىدە بىرلىككە كېلىش جەريانىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش