| ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، 火山 ئەپەندى، كەۋسەرجانغا ۋە باشقا تورداش دوستلارغا دېگەن سۆزلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى قانچىلىك تۇتىۋالغانلىقىڭىزنى، قانچىلىك كەڭ قورساقلىق بىلەن گەپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەۋسەرجان تىلغا ئالغان ھېلىقى كىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشىنى تەۋسىيە قىلىپسىز، ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنسىز، سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن، سىزگە كۆپ رەخمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. سىزگە بولغان ھۆرمىتىم يۈزسىدىن تورداشلارغا ئىكى ئېغىز گەپ قىلغىم كەلدى: تورداش دەستلار، گەپنى چايناپ بېقىپ قىلايلى، ئۆزىمىزنى چاغلاپ گەپ قىلايلى، ئۆزىمىز ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتقان، ۋاقتىنى، زىھنىنى تەقدىم قىلىۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزنى قەدىرلەشنى بىلەيلى، مائارىپتا ئەخلاقسىزلار ، تەييارتاپلا كۆپىيىپ كەتسە، مائارىپ مەغلۇپ بولىدۇ، |
|