| ۋاھاپجان قۇربانقۇل تەۋەررۈك (تاجىك)
ۋاقت-نەتىجە، ۋاقىت – مۇۋەپىقيەت بىز ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالغان ۋاقتىمىزدا ، يۈرەكنى ئېزىدىغان تۈرلۈك ئىسراپچىلىقلاردىن خالى بولالۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز . ئەمەليەتتە بىزنىڭ ئىسراپ قىلۋاتقان نەرسىمىز دەل ۋاقىت . ۋاقىت ئىسراپچىلىقى – بارلىق ئىسراپچىلقلارنىڭ ئانىسى . ئومۇمەن بىز «ئالسام ، يسەم ئۆلمىسەم ، مەككىگە كەتسەم كەلمىسەم » دىگەن خاراكتىردىن قۇتۇلغىنىمىز يوق . ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بەدىلىگە « خۇشاللىققا ، بەخىتكە» ئېرىشىش قان- قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. بىراۋ بىزدىن «كۆرۈنمەيسەن، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈردۈڭ» دەپ سورىسا مۇتلەق كۆپچىلىكىمىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بىر خىللا ، يەنى « بىكار». قايسى كۈنى دوست بۇرادەرلەر بىلەن يىغىلىشىپ ۋاقىتىمىزنى نىمىلەرگە سەرپ قىلۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدا ئەنجۈمەن بولۇشتۇق. ھەر قايسىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق ۋە ئاخىرىدا شۇنداق خۇلاسىگە كەلدۇق. « ۋاقىتنى زىچ، ئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرالساڭ ، بىكار قالمايسەن، بىكار قالمىساڭ زېرىكمەيسەن، زېرىكمىسەڭ سىرتلارغا چىقمايسەن، سىرتلارغا چىقمىساڭ پۇل خەجلىمەيسەن،قۇرۇق غەيۋەت-شىكايەتلەرگە ئارىلاشمايسەن، پۇل خەجلىمىسەڭ ئىقتىسادىڭ تېجىلىپ قالىدۇ، قۇرۇق غەيۋەت -شىكايەتلەرگە ئارىلاشمىساڭ قۇلىقىڭ تىنچ تۇرىدۇ.» دىمەك ۋاقىتنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەممە ئىشتا مەلۈم ئۈنۈم ۋە نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ . زېرىكىش كېسىلى بىزدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ يامان ۋە ئەڭ ئېغىر كېسەللىك . بىزدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلار دەردىنى ھاراق-تاماكا، قارتا-قىمار قاتارلىق نەرسىلەردىن ئېلىپ ئۈگىنىپ قالغان. زېرىكىش كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ چوڭ رىتسىپى ۋاقىتنى ئەتراپلىق ، زىچ ۋە ئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش . ئۆتكەندە مەلۇم بىر ژۇرنالدىن ماقالە ئاپتۇرىنىڭ كانادالىق بىر پىرافسۇر بىلەن كەچلىك تاماقتا بىرگە بولغانلىقى ، لىكىن ئۇ پىروفسۇرنىڭ سائەت تېخى سەككىز بولمايلا «بالىسىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ، سورۇندىن خوشلاشقانلىقىدەك بىر مەزمۇننى ئوقۇپ يەنىمۇ ئىسراپ بولۇپ كېتۋاتقان ۋاقتىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدىم . راست ، بىراۋلار ۋاقتىنى شۇنچىلىك زىچ ئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەتتا باللىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىشكە ۋاقىت ئاجرىتىدىكەن ، بىراق بىزچۇ؟ بىزنىڭ رېستۇران -تۈنەكخانىلاردا قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك موزىكا تۈتۈنلىرى ئىچىدە مەي-شاراپ ئىچىشىپ،ۋاقتىمىزنى قۇرۇق پاراڭلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە ۋاقتىمىز بار، بىزنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىدا تۇرۇۋىلىپ قۇرۇق پاراڭ ۋە غەيۋەت شىكايەتلەرنى سېلىشقا ۋاقتىمىز بار، بىزنىڭ يەنە قارتا، بىليارت ئويناشقا ۋاقتىمىز بار، ئەجەبا باللىرىمىزغا بىرەر سائەت كىتاپ ئوقۇپ بېرىشكە ۋاقتىمىز يوق . ئۆيىمىزدىن چىقىپ كەتكەندە «ئاتا، قاچان قايتىپ كېلىسەن؟» دەپ بالا-چاقىلىرىمىز تېلفۇن قىلىپ بىزنى ساقلاپ ئىسسىق تاماق سوۋۇيدۇ، ئۇلار بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۈننى تەڭگە ئۇلايدۇ. ئىسسىق تاماقلارنى سوۋۇتۇشقا، ئۇلارنى ئۇيقۇسىز قويۇشقا ۋاقتىمىز بار. بىراق شۇ نەس «كۆڭۈل»،«دوستلۇق» تىن ۋاز كېچىشكە ۋاقتىمىز يوقمىدۇ؟! « ۋاقىت يوقمۇ ياكى روھ يوقمۇ؟» دەپ ۋاقىراپمۇ باقتۇق، مۇتلەق كۆپچىلىك زىيالىلىرىمىز ئىسراپ بولۇۋاتقان ۋاقتىمىز توغرىسدا تەربىيۋى ئەھمىيىتى مول بولغان ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقىمىزگە سۇندى، بىزنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىمىزنى سۆكتى . بىزنىڭ ئىسراپ بولۇۋاتقان ۋاقتىمىزغا ئېچىندى ، بىزگە ۋاقىتنى قانداق قىلغاندا قەدىرلىگلى ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ، بىراق بىز يەنىلا بىپەرۋا قىياپەتتە ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ يۈرىۋەردۇق . دۇرۇس، تالاي چاچلار ئاقاردى، تالاي قوللار قاپاردى، بەللەر مۈكچەيدى ، يىللار ئۆزىنىڭ رەھىمسىز تامغىلىرىنى تېنىمىزگە ، ۋۇجۇدىمىزغا باستى . تالاي جانلار تۈگىدى، يەنە تالاي جانلار كۆكلىدى ، ھاياتلىق يەنىلا يىللار ھالقىسىدا جۇلا ئەيلىدى. بىز شۇنداق بىر قانۇنيەتنى خۇلاسىلىگەن: « گۈل-چېچەكلەر توزۇپ كەتسە قايتا ئېچىلىدۇ، ئەمما ۋا قىت ئۆتۈپ كەتسە قايتا يېتىپ كەلمەيدۇ »،«ئۆمۈر دىگەن -ئاققان دەريا، ئاتقان ئوق ». شۇنداق،« بۇ ھاياتلىق تاختىسىدا <ctrl+z> يوق».① بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىرىس، رىقابەت ھەر جەھەتتىن قاپساپ تۇرغان جەمىيەتتە، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. ۋاقىت دىمەك پۇرسەت دىمەكتۇر . سوغۇققانلىق بىلەن ئىسراپ بولۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىز ھەققىدە ھەققى ئويلانغان ۋاقتىمىزدا ئەپسۇسلۇق ، پۇشايمان تۇمانلىرى ۋۇجۇدىمىزغا تېپىشى مۈمكىن . بۆگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش، ئەتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ، ھازىر ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ماھيەتتە ۋاقىتنىڭ مەنىلىك ياكى مەنىسىزلىكىگە قارىتىلغان. بىزدە ئىسراپچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ كەتتى . ئاتام دەيدۇ : «بالام، ئاش-ناننى خارلىما، ناشكۇرى تۇتىدۇ»، مېنىڭچە ۋاقىتنى خارلىساق ئۇنىڭ ناشكۇرى ئاش-ناننى خارلىغاندىنمۇ بەكرەك تۇتۇشى مۈمكىن . يىرتىلغان كالىندار ئۆتمۈشكە تەۋە، ۋاقىتنى توختىتىپ قويالايدۇ كىم . ئايلارنىڭ ، كۈنلەرنىڭ نىدالىرىدىن ، ئۆزەمگە بىر پارچە كېپەنلىك يىرتتىم . بىزنى قېرىتۋاتقان ھەر بىر سىكۇنت، ھەر بىر دەقىقە ، ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈن بىز ئۈچۈن رەھىمسىز ئۆتمۈش. ئۇنىڭ ھەر بىر بەتلىرى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن تارىخقا ئايلىنىدىغان كەچمىشتۇر. ئۇلارمۇ بىزدىن ، بىز فىردەۋسى ، ھەييام ، جامى ، رۇداكى ،مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلاردىن پەخىرلەنگەندەك پەخىرلەنسە بولاتتىغۇ؟! ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ ياخشى نەتىجە يارىتىش ۋە تۈرلۈك ئىشلاردا مۇۋەپىقيەت قازىنىش كىملىكىمىزنى تونۇيدىغان، نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت . بىزگە ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىش پۇرسىتىنى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى دەل ۋاقىت بېرىدۇ . ۋاقىتنى نەتىجگە، ۋاقىتنى مۇۋاپىقيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى !
|
|