كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 0

بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز»

                                                  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

   «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز» بۇ ئۇقۇم ھەقىقەتكە ئايلانغىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، ئەمما، يەنە تەكىتلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بەزى ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى ئايىغى ئۈزۈلمەس ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ، بالىلىرىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ، ئۇچىسىنىڭ يالىڭاچ قالمىغىنىغىلا قانائەتلىنىپ يۈرۈۋاتىدۇ. كۈندىن - كۈنگە كۆلەملىشىۋاتقان بۇ ئەھۋال سەبىي بالىلارغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا، ئۇلار بالىلىق تۇيغۇلىرىدىن، ئامراق ئويۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ...
    «ئەمدى بالىلارنى بۇرۇنقىدەك ئويۇنغا قۇيۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، جۇمۇ!...» بىر سورۇندا مۇشۇنداق باشلىنىپ بالىلارنى بالدۇر ئالىم قىلىش توغرىسىدىكى پاراڭ قولىقىمغا كىرىپ قالدى. ھەر قېتىم ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق پارىڭىنى ئاڭلىسام، بىغۇبار بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالىمەن. چۈنكى ھازىرقى بالىلار بىز ئوينىغان ئويۇنلارنى ئويناش ئۇياقتا تۇرسۇن، شۇ ئويۇنلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ، نېمىلا ئىش قىلسۇن، پۇل ياكى بىرەر سوۋغاتقا ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى نەدىن ئىزدەش كېرەك؟ يەنىلا شۇ «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز» دەپ تىنىم تاپماي چېپىپ يۈرگەن ئاتا - ئانىلاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
    بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئېيتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. ئۇنىڭدا »بالىلار ئۈچ ياشتىن - ئالتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە مىجەز - خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچتا بولىدۇ« دەپ يېزىلغان. چۈنكى، نۆۋەتتە پىسخىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش يېشى كۈندىن - كۈنگە كىچىكلەپ، بۇرۇنقى بوۋاي - مومايلاردىن بوۋاقلارغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. كورىيەلىك مەشھۇر بالىلار پىسىخولوگى، پىروفېسسور شېن يىجىن مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: »بالىلار بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە بولىدۇ. ئەگەر چوڭلار ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئىنتايىن چوڭ خەتەر ۋە خاتالىققا يول قويغان بولىدۇ«. ئۇ يەنە ئاتا - ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ «كىچىك ۋاقتىدا بالىلارنى ئۆگىنىشكە زورلاشنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ قارشىلىق پىسخىكىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەم بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بېسىملار ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېغىر بۇزغۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر».
    يۇقىرىقى بايان ۋە دەلىللەردىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر لاياقەتلىك ئاتا - ئانا بولاي دېسىڭىز ھەم بالىڭىزنىڭ تالانت ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت مېھىر - مۇھەببىتىڭىزنى بېرىڭ، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇڭ، ئۇلارغا ئىشىنىڭ، مۇھىمى، ئۇلارغا بالىلىق قەلبى قانغۇدەك ئويۇنلارنى ئويناشقا ئەركىنلىك بېرىڭ. چۈنكى، بالىلارنىڭ بەش ياشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزى خالاپ ئوينىغان ئويۇنلىرىلا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىزنىڭ «قارا - قارا قۇشلارىم»، «مۆكۈ - مۆكۈلەڭ»، «ئۇچتى - ئۇچتى»، «ئاق تېرەك - كۆك تېرەك»، «تەپكۈچ»، «قاچ - قاچ توپ»، «ياغلىق تاشلاش» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئويۇنلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە كوللىكتىۋىزىملىق ئېڭى يېتىلىدۇ.
    مېنى ئويلاندۇرغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئالىدىغان «توپ»قا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىدۇر
    مەن بەزى ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن سىردىشىپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ھازىر ئۇچراۋاتقان بېسىمى ئۆگەي دادا - ئانىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاتا - ئانىلىرىدىن ئىكەن. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاجرىشىشى سەۋەبىدىن ئەسلىدىلا دىلى سۇنۇق، بوينى قىسىق، كۆزى نەم بۇ سەبىي بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىدىغان دەۋرىدە دەشنام ئاڭلاشتىن ساقلىنالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا موھتاج قەلبى تېخىمۇ ئازار يەپتۇ.
    ئېنىقكى، بۇنداق بالىلارنىڭ روھى دۇنياسى بارا - بارا قاتماللىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە ۋە ھېچنېمىگە مۇھەببەت باغلىمايدىغان، كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوقۇشتىن رايى يېنىپ ئويۇنخانىلارغا قاترايدىغان، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ھەر خىل ئىچىملىك، چېكىملىك ۋە باشقا ناتوغرا يوللاردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئاتا - ئانىلار «ھازىرقى بالىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتى!» دەپ قاقشايدۇ، ئەيىبنى ئۆزىدىن ئىزدەپ كۆرمەيدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلغۇم كېلىدۇ: بالىلىرىڭلار سىلەرنى چوڭ بىلىدۇ، ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا ئالدى بىلەن سىلەرنى ئۈلگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوبرازىدىن يۈكسەك يەنە بىر ئوبراز بولمايدۇ، قەلبىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ باشقا بالىلاردەك ساغلام، ئۈمىدۋار، كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل، ئىرادىلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بالىلىرىڭلارنى سىلەرنى ئۈلگە قىلىدىغان، سىلەرنى چوڭ بىلىدىغان، گېپىڭلارنى ئاڭلايدىغان بولۇپ چوڭ بولسۇن دېسەڭلار، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاق قەغەزدەك روھى دۇنياسىنى بۇلغىماڭلار. ئەگەر ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانا بولساڭلار، ئۇنداقتا پەرزەنتىڭلارنىڭ پاك قەلبىنى پەرۋىش قىلىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭلار. ئىمكان بار ئۇلارغا ئىللىق كۈلكە ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىڭلار! «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز» دېگەن گەپ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمىسۇن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش