يەھۇدىيلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئون ئېغىز سۆزى 1.بىر ئىستاكان پاكىز سۇغا بىر تامچە مەينەت سۇ تامچىتسىڭىز، ئىستاكاندىكى سۇ مەينەت سۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەمما بىر ئىستاكان مەينەت سۇغا بىر تامچە پاكىز سۇ تامچىلاتسىڭىز، ئىستاكاندىكى سۇ پاكىز سۇغا ئايلانمايدۇ. 2. بۇ دۇنيادا مۇنداق ئۈچ نەرسىنى ھېچكىم سىزدىن تارتىۋالالمايدۇ: بىرى، ئاشقازىنىڭىزغا كىرىپ بولغان يېمەكلىك؛ بىرى، قەلبىڭىزگە يوشۇرۇنغان ئارزۇ-ئارمان؛ يەنە بىرى، ئوقۇپ كاللىڭىزغا قاچىلىۋالغان كىتاب. 3.ئات يۇمشاق يەردە ئاسان مۆدۈرۈپ كېتىدۇ، ئادەم شېرىن- شېكەر گەپتە ئاسان ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. 4.بۇ دۇنيادىكى ئىشلار قانداقتۇر تىرادىگىيە ۋە كومىدىيە دەپ ئايرىلمايدۇ، ئەگەر سىز تىراگىدىيەدىن قۇتۇلۇپ چىقالىسىڭىز، بۇنىڭ ئۆزى كومىدىيە بولىدۇ، ئەگەر سىز كومىدىيەگە مەستخۇش بولۇپ كەتسىڭىز، بۇنىڭ ئۆزى تىراگىدىيە بولىدۇ. 5.ئەگەر كىتاب ئوقۇمىسىڭىز، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرسىڭىزمۇ ھاشارچىدىن باشقا نەرسە بولالمايسىز. 6.ناۋادا قوشنىڭىز كېچە سائەت ئىككىدە ساز چېلىپ مېڭىڭىزنى قوچىۋەتسە، بەك ئاچچىقلىنىپ كەتمەڭ، پەقەت سائەت تۆت بولغاندا ئۇنى ئويغىتىپ، باياتىن سازنى ناھايىتى ياخشى چالغانلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ بەكلا ھۇزۇرلانغانلىقىڭىزنى دەپ قويسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. 7.كۈتۈشتىن باشقىنى بىلمىسىڭىز، ھاياتلىق سىزگە پەقەت قېرىلىقنىلا ئاتا قىلىدۇ. 8.ھەقىقىي دوست دېگەن قانداقتۇر سىز بىلەن قانچە ئۇزۇن مۇڭداشسىمۇ گېپى تۈگىمەيدىغان ئادەم بولماستىن، بەلكى بىر ئېغىز گەپلەشمىسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمايدىغان ئادەمدۇر. 9.ۋاقىت قەلب يارىسىنى ساقايتىدىغان ئۇستا تېۋىپ، ئەمما مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان دانا ئەمەس. 10بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىپ پۇشايمان قىلساڭ قىلغىنكى، پۇشايمان قىلىدىغان ئىشنىمۇ قولدىن بېرىپ قويمىغىن.
مەنبە: يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىدىن |