كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 0

قەشقەر يۇمىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                   شاپتۇلنىڭ باھاسى

   روزى ۋاقتىدا بىرنەچچە دوستىمىز بىلەن قەشقەرگە خىزمەتكە بېرىپ قالدۇق، ئاشخانىلار تاقاق بولغاچقا قوساقنى ئەستەرلەش ئۈچۈن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە خام بازىرىدىن مېۋە-چېۋە ۋە نان سېتىۋالماقچى بولدۇق. «كېلىشسىلە ئاكىلار، ئاجايىپ ئېسىل شاپتۇل بار، ھازىر شېخىدىن ئۈزگەن، مۇزدەك!» دەپ خېرىدارلىقىمىزنى قىلدى 13 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا. شاپتۇلنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار بولۇپ، ئارىمىزدىكى قەشقەر س س م ب ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنىمز سولياۋ خالتىغا شاپتۇللارنى سېلىۋېتىپ باھاسىنى سورىدى. «كىلوسى 20 كوي، ئەرزان، بۇنداق شاپتۇلنى باغدىنمۇ تاپالمايلا ئاكا» دېدى ھېلىقى بالا. ئارىمىزدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرسى كەسپىي ئادىتى بويىچە: «ئۇكوووم، 15 كويدىن بەرسەك كېلەما؟ » دېۋىدى، ھېلىقى بالا شاپتۇلنى تارازىغا سېلىپ كۆرۈپ بىزگە تەڭلەپ : «ئاكا ماۋۇ شاپتۇل ئۈچ كېلو كەپتۇ، كەچتە ئىپتاردا يەپ بېقىپ، ياراپ قالسا پۇلىنى ئەتە موشۇ ۋاقىتتا ئەكەپ بەرسىلە» دېدى. بىز يەنە نېمە دەيتتۇق؟
                                                                       ئاپتوۋۇزدا

   قەشقەرگە دائىملىق تەربىيىگە بېرىپ، كەچتە شەھەردە قونۇپ قېلىپ، سەھەردە 18-يولنىڭ ئاپتوۋۇزىدا مائارىپ ئىنىستىتوتىغا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، گېزىتخانىنىڭ ئالدىدا ئاپتوبۇسقا چىقتىم. بەكلا ئەتىگەن بولغاچقا ئاپتوبۇستا 2-3 لا ئادەم بار ئىدى. مېنىڭ ئۇيقۇم تازا ئېچىلىپ كېتەلمىگەن، بېشىم سەل ئاغرىپ تۇرغاچقا چىقىپلا ئىككى كىشىىلىك ئورۇننىڭ سىرت تەرىپىدە ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىمنى قويۇپ سەل مۈگدەپ قالغان ئوخشايمەن. شۇ ئارلىقىتا ئاپتوبۇس شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەپ بوپتۇ، ئادەممۇ لىق توشۇپتۇ. بىر چاغدا ماڭا ئوخشاش «بېشى ئاغرىق» تىن بىرسى مۈرەمگە نوقۇدى، شۇنداق قارىسام، ئۇ: «ئادووووش، سىلە پۇل ساندۇقىغا ئىككى كوي تاشلىغانمۇ يا؟» دېۋىدى، مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي «ياق!» دىيىشىمگە ،: «ئۇنداق بولسا ئا تەرەپكىرەك ئولتۇرمامسىلە» دېمەسمۇ؟
                                 ‹‹بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن››

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش