كۆرۈش: 834|ئىنكاس: 5

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دىن ئىشلىرى نىزامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 15:00  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دىن ئىشلىرى نىزامى


1- باپئومۇمىي پىرىنسىپ

1- ماددا:بۇ نىزام پۇقرالارلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار ئىناقلىقىۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلاش، دىن ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسەنقانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا بىنائەت چىقىرىلىدۇ.
2- ماددا:پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغائېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانپۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارپۇقرالار، باشقا- باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆز- ئارا ھۆرمەتلىشىشى،ئىناق ئۆتۈشى كېرەك.
3- ماددا:دۆلەت قانۇن بويىچە نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ. دىنىي تەشكىلات، دىنىيسورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇن ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
دىنىيتەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئاساسىي قانۇن، قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىۋە جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ دىندىنپايدىلىنىپ، ئىجتىمئاىي تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانيەتكۈزۈدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا،شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4- ماددا:دىنلار مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ
دىنىيتەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي خادىملار دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تاشقى ئالاقىنى يولغا قويىدۇ. باشقاتەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ تاشقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكىھەمكارلىق ۋە ئالاقىدار قوشۇمچە دىنىي شەرتلەرنى قۇبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
5- ماددا:ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئەتىۋە جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇنبويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭباشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتىدائىرىسىدە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقادقىلىدىغان پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىماسلاشتۇرۇش كېرەك.
2- باپدىنىي تەشكىلات
6- ماددا:دىني تەشكىلاتنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە رويىخەتتىن ئۆچۈرۈشتە «ئىجتىمائىيتەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
دىنىيتەشكىلات نىزامنامىسى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» دىكىئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. دىنى تەشكىلاتنىڭ ئۆز نىزامنامىسىبويىچە قانات يايدۇرغان پائالىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
7- مادد:دىنىي تەشكىلاتلار دىنغا ئائىت تەشىر بۇيۇمىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىبويىچە تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ. ئاشكارە تارقىتىلدىغان دىنىي نەشىر بۇيۇمىنى نەشىرقىلىشتا دۆلەتنىڭ نەشىرياتچىلىقىنى باشقۇرۇشتىكى دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشكېرەك.
دىنىيمەزمۇن بار نەشىر بۇيۇملىرى «نەشىرياتلىقنى باشقۇرۇش نىزمى» دىكى بەلگىلىمىگە
(1) دىنغائېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان.
(2) باشقا-باشقا دىنلار ئارىسىدا ۋە دىننىڭ ئىچىكى قىسىمىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان،
(3) دىنغائېتىقدا قىلىدىغان پۇقرلار ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىكەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان.
(4) دىنىيئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان.
(5) دىننىڭمۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدىغان.
8- مادد:دىنىي مەكتەپ قۇرۇشتا مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلات گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرىتارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىقشەھەرلىك دىنىي تەشكىلات دىنىي مەكتەپ قۇرۇلدىغان ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق،بىۋاستە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك.ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پىكىرىنىئوتتۇرغا قويۇشى، قوشۇلدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغاتەستىقلىتىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭدىن ئىشلىرى تارمىقى مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماسىنى ياكى ئۆلكىلىك،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دىنىي مەكتەپقۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاشياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
9- مادد:قۇرۇلدىغان دىنىي مەكتەپلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشىكېرەك.
(1) تەربىيلەشنىشانى، مەكتەپ نىزامنامىسى ۋە تەسىس قىلىندىغان دەرسلىك پىلانىئېنىق بولۇش.
(2) تەربىيلەششەرتىگە تۇتۇشىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇش.
(4) ئوقۇتۇشۋەزىپىسى ۋە مەكتەپ كۆلىمىگە مۇناسىپ ئوقۇتۇش سورۇن، ئەسلىھەئۈسكىنىسى بولۇش،
(5) مەكتەپنىڭمەخسۇس مەسئۇلى، لاياقەتلىك مەخسۇس ئوقۇتقۇچى ۋە ئىچكى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتىبولۇش،
(6) جايلىشىشىمۇۋاپىق بولۇش.
10- ماددا:مەمىلكەتلىك دىنىي تەشكىلات شۇ دىننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ دىن ئوقۇيدىغانلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن دىن ئوقۇيدىغانلارنى مۇۋاپىق قۇبۇل قىلسابولىدۇ.
11- مادد:ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەج قىلىشىنى مەمىلكەتلىكئىسلام دىنىي تەشكىلاتى تەشكىللەيدۇ.
3- باپدىنىي سورۇن
12- مادد:دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار كوللىكتىپ دىنىي پائالىيەتنى ئومۇمەن تىزىمغائېلىنغان دىنىي سورۇن (ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ ۋە باشقامۇقۇم دىنىي سورۇن) دا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. پائالىيەتنى دىنىي سورۇن ياكى دىنىيتەشكىلات ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ دىنىي خادىم شۇ دىننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانباشقا كىشىنىڭ راياسەتچىلىگىدە دىنىي قائىدە بويىچە ئۆتكۈزىدۇ.
13- مادد:دىنىي سورۇن قۇرۇشتا دىنىي تەشكىلات ، دىنىي سورۇن قۇرۇلدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىد. ناھىيە دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30كۈنئىچىدە قوشۇلدىغانلىرىنى رايۇن بار شە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنئىشلىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىنباشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىقپىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىقشەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىشى، باشقا مۇقىم دىنىيسورۇن قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك،ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىتارمىقى رايۇن بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ساڭرام،تويۇن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چېركاۋ قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتنىتاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشىكېرەك.
دىنىيتەشكىلاتلاردىن دىنىي سورۇن قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلىرى شۇن سورۇننى قۇرۇشتەييارلىقىنى قىلسا بولىدۇ.
14- ماددا:قۇرۇلدىغان دىنىي سورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
(1) مۇشۇنىزامنىڭ 3-، 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولماسلىق.
(2) شۇجايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دائىم كوللىكتىپ دىنىي پائالىيەتئۆتكۈزۈش ئېھتىياجى بولۇش.
(3) دىنىيپائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دىنىي خادىملار ياىكى شۇ دىنننىڭبەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىشى بولۇش.
(4) زۆرۈرمەبلىغى بولۇش.
(5) جايلىشىشىمۇۋاپىق بولۇش، ئەتىراپتىكى ئورۇن ۋە ئاھالىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا دەخلىقىلمايدىغان بولۇش.
15- ماددا:دىنىي سورۇن قۇرۇش تەستىقتىلىپ تەييارلىقى باشلانغان ھەمدە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىنكېيىن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغاتىزىملاشنى ئىلتىماش قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىتارمىى ئىلتىماس تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە شۇ دىنىي سورۇننىڭباشقۇرغۇچى تەشكىلاتى، قائىدە- تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكەتوشىدىغانلىرىنى تىزىملاپ، «دىنىي سورۇن تىزىملاتقانلىق گۇۋاھنامىسى» بېرىشىكېرەك.
16- ماددا:دىنىي سورۇننى قوشۇۋېتىش، ئايرىش، بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭ تىزىملاتقان مەزمۇنىنىئۆزگەرتىشتە ئەسلىدىكى تىزىلاپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېمۇكراتىك كېڭىشىشئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە شۇ سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
17- ماددا:دىنىي سورۇندا باشقۇرغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ، دېمۇكراتىڭ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشكېرەك. دىنىي سورۇننى باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى دېمۇكراتىڭ كېڭىشىشئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە سورۇننى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
18- ماددا:دىنىي سورۇن ئىچىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن- نىزام ۋەقائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم، مالىيە، بۇغالتىرلىق، ئامانلىق، ئوت مۇداپىئەسى، مەدەنىيەتيادىكارلىق مۇھاپىزىتى، سەھىيە، يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشتۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدارتارمىقىنىڭ يىتەكچىلىگى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
19- ماددا:دىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇننىڭ قانۇن- تۈزۈم ۋە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشئەھۋالى، سورۇن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تىزىملاتقانتۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، دىنىي پائالىيىتى ۋە چەتكە چېتىشلىق پائالىيەتئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. دىنىي سوۇرن دىنى ئىشلىرى تارمىقىنىنازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.
20- ماددا:دىنىي سورۇن دىنىي ئادەت بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلسا بۇلىدۇ.لېكىن زورلاشقا ياكى سېلىق سېلىشقا بولمايدۇ.
غەيرىدىنىي تەشكىلات،غەيرى دىنىي سورۇننىڭ دىنىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىغا، ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.دىنىي ئىئانە قۇبۇل قىلىشقا يول قويولمايدۇ.
21-ماددا:دىنىي سوۇرندا دىنىي لازىمەتلىك دىنىي سەنئەت بۇيۇمى، دىنىي نەشىر بۇيۇمى تىجارىتىقىلىشقا بولىدۇ.
22- ماددا:ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ، دىنىي سورۇنغا سىغمايدىغانچوڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە ياكى دىنىي سورۇن سىرتىدا چوڭ دىنىي پائالىيەتئۆتكۈزۈشتە ، ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىتۋە چېركاۋلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتىن 30 كۈن ئىلگىرى، چوڭ دىنىي پائالىيەتئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇم، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىكخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك،ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىتارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكىتەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
چوڭدىنىي پائالىيەتلەر تەستىق ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپكە بىنائەت، دىنىي قائىدە بويىچەئۆتكۈزۈلىشى كېرەك. بۇ نىزامنىڭ 3-، 4- ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگەخىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىنئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۈتۈلمىگەنھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. چڭ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكىيېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوبدان باشقۇرۇپ، چوڭ دىنىيپائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
23 ماددا:دىنىي سورۇن شۇ سورۇندا سورۇندا زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ياكى دىنىي پەرھىزگەخىلاپلىق قىلىشتەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ھىسياتىغا ئازاربېرىدىغان،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئامانلىقىغاتەسىر يەتكۈزۈدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئالدىنقىتارماقتا كۆرسىتىلگەن ھادىسە ياكى ۋەقە يۈز بەرگەندە دىنىي سورۇن شۇ جايدىكىناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشىكېرەك.
24- ماددا:دىنىي تەشكىلات، ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە چېركاۋلار دىنىي سورۇنسىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسىماقچى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇم، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلىك دىنىي تەشكىلات، ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستەقاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشىكېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭدىن ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدەپىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، قوشۇلدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭدىن ئىشلىرى تارمىقى دىنىي سورۇن سىرتىغا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياسش توغرىسىدىكىدوكلاتنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكىتەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك.
25- ماددا:ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەردىن دىنىي سورۇندا ئۆي- ئىمارەتنى ئۆزگەرتىدىغان ياكىيېڭىدىن سالىدىغان، سودا- مۇلازىمەت نوقتىسى قۇرىدىغان، كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغان،كىنو- تېلۋېزىيە فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىدىغانلىرى ئالدى بىلەن شۇ دىنىي سورۇننىڭ شۇسورۇن بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك.
26- ماددا:دىنىي سورۇن ئاساسلىق سەيلى- ساياھەت مەزمۇن قىلىنىغان داڭلىق مەزىرە رايۇنىدا ،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دىنىي سورۇن بىلەن باغۋەنچىلىك،مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ ۋە بىرتەرەپ قىلىپ، دىنىي سورۇننىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
دىنىيسورۇن ئاساسلىق سەيلى- ساياھەت مەزمۇن قىلىنغان داڭلىق مەنزىرە رايۇننىڭ يىرىنپىلانى ۋە قۇرۇلۇشى، دىنىي سورۇننىڭ ئوسلۇبى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىشى كېرەك.
4- باپدىنىي خادىملار
27- ماددا:دىنىي خادىملار دىنىي تەشكىلات بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىتىن يۇقىرى خەلقھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئانگە ئالغاندىن كېيىن دىنىي پائالىيەت بىلەنشۇغۇللانسا بولىدۇ.
تىببەتبۇددا دىنىي گېگەننىڭ ۋارىسلىق قىلىشى بۇددا دىنىي تەشكىلاتنىڭيىتەكچىلىگىدە، دىنىي قائىدە ۋە تارىخى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. رايۇن بار شەھەردەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ياكى رايۇن بار شەھەردەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. كاتولولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپىنىمەمىلكەتلىك كاتولولىك دىنىي تەشكىلاتى گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى تامىقىغا ئەنگەئالدۇرسا بولىدۇ.
28- ماددا:دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي سورۇندا ئاساسلىق دىنىي ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى ۋەزىپىدىنئايرىلىشى شۇ دىننىڭ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
29- ماددا:دىنىي خادىملارنى دىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشى، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش،دىنىي كىتاپلارنى رەتلەش، دىنىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىقانۇن قوغدايدۇ.
5- باپدىنىي مال- مۈلۈك
30- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن قانۇنلۇق ئىشلەۋاتقان يەر، قانۇنلۇق ئىگىدارچىلىققىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئكي، قۇرۇلما، ئەسلىھەلەر، باشقا قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ۋە تاپاۋات قانۇنىغا قوغدايدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننىڭ ۋە قانۇنلۇق مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىشى، تاللاپ كېتىشى، بۇلىۋېلىشى، نابۇت قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز پىچەتلىشى،تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشى، مۇسادىرە قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويولمايدۇ. دىنىيتەشكىلات ۋە دىنىي دوۇرن ئىلكىدە بولغان، ئىشلىتىۋاتقان مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرىنى نابۇت قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
31- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن ئىلىدە بولغان ئۆي ۋە ئىشلىتىۋاتقان يەرنى ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- جاي، يەر باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماسقىلىپ تىزىملىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇھاۋنامىسى ئېلىش كېرەك.مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ۋاقىتدا ئۆتەش كېرەك.
يەتباشقۇرۇش تارمىقى دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋەئۆزگەرتىشتە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكىرىنىئېلىشى كېرەك.
32- ماددا:دىنىي سورۇن دىنىي پائلىيەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئۆي، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭدىكى دىنىيخادىملارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى ئۇنى دەسمايە قىلىشقا بولمايدۇ.
33- ماددا:شەھەر پىلانلاش ياكى نوقتىلىق قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ ئۆي ۋەقۇرۇلمىلىرىنى چېقىش، كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە چاققۇچىلار شۇ دىنىي تەشكىلات ياكىدىنىي سورۇن بىلەن كېڭىشىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ پىكىرىنىئېلىشى كېرەك. تەرەپلەر كېڭىشىپ چېقىش، كۆچۈرۈشكە قوشۇلسا چاققۇچىلار چېقىلدىغانئۆي ۋە قۇرۇلمىنى يېڭىدىن سېلىپ بېرىشى ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىبويىچە چېقىلغان، كۆچۈرۈلگەن ئۆي ۋە قۇرۇلمىغا بازار باھالانما باھاسى بويىچە تۆلەم بېرىشىكېرەك.
34- ماددا:دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلار جامئاەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە يولغاقويسا بولىدۇ. تاپاۋىتى ۋە باشقا قانۇنلۇق كىرىمىنى مالىيە ۋە بۇغالتىرلىقباشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگەئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەت ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك.
35- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرائىچى- سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلىپ، شۇ دىنىيتەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىەە ئۇيغۇن پائالىيەتلەرگە ئىشلەتسە بولىدۇ.
36- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلار دۆلەتنىڭ مالىيە- بۇغالتىرلىق، باج باشقۇرۇشتۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە باج كېمەيتىشۋە كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرمەن بولۇشى كېرەك.
37- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلىدىغانلىرى ياكى بىكارقىلىنغانلىرى مال- مۈلۈكنى ئېنىقلىشى، ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاشقان مال-مۈلۈكنى شۇ دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي سورۇننىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقائىشلىتىشى كېرەك.
38- ماددا:دۆلەت خادىملىرىدىن دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەسپايدىلىنىپ، خىزمەتكە بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ،جىنايەتشەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەتشەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا كۆرۈلىدۇ.
39- ماددا:پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىغان ۋەياكى دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاشلاقىلغانلاردىن دىن ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقاخىلاپلىق قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
دىنىيتەشكىلات، دىنىي سورۇن ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق- تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
40- ماددا:دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋسىزلىكى، جامائەت خەۋسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش،پۇرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە دېمۇكراتىيە ھوقۇقىغا چېقىلىش، ئىجتىمئاىي باشقۇرۇشتەرتىپىگە دەخلى قىلىش، جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلكىگە چېقىلىش قاتارلىققانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، جىنايەت شەككىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچەجاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايە شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇلتارماقلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن جازالايدۇ. پۇقرالر، قانۇنى ئىگىلەر ياكىباشقا تەشكىلاتلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق- تەلەپ جاۋاپكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
چوڭدىنىي پائالىيەتلەردە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى ئىجتىمائىيتەرتىپكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە ئالاقىدارقانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە شۇ جايدا بىر تەرەپ قىلىندۇ ۋە چېراۋنىڭ جاۋاپكارلىغىبولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگان رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.
ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلەرنى دىن ئىشلىرى تارمىقىپائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ ئۈچھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دىنىي پائالىيەت، دىنىيتەشكىلات، دىنىي سورۇن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچىئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇننى بىۋاستە جاۋاپكار خادىمىنى ۋەزىپىدىنئېلىپ تاشلاش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرىسىمۇ بولىدۇ.
41- ماددا:دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرسىنى سادىر قىلسا، دىنئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە ۋە دىنىي قىلمىشى ئېغىرراق بولسا تىزىملاپ باشقۇرغۇچىئورگان شۇ دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ. قانۇنسىز پۇل-مېلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. دىنىي تەشكىلات ۋە دىنىي سورۇننى رويىخەتتىن ئۆچۈرىدۇ.قانۇنسىز پۇل- مېلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
(1) تۈزۈمئۆزگەرتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا.
(2) دىنىيسورۇن مۇشۇ نىزامنىڭ 18- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدارباشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغان ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى تەلەپكە ئۇيغۇنكەلمىگەن بولسا.
(3) دىنىيسورۇندا يۈز بەرگەن چوڭ ھادىسە، چوڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا دوكلات قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.
(4) مۇشۇنىزامنىڭ 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋەئۆزىنى ئۆزىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا.
(5) چېگرائىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىئانىسىنى قۇبۇل قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا.
(6) تىزىملاپباشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قۇبۇل قىلمىغان بولسا.
42- ماددا:دىنىي مەزمۇن بۇ نەشىر بۇيۇمىدا بۇ نىزامنىڭ 7- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىغا مەنئىي قىلىنغانمەزمۇنلار بولسا ئالاقىدار جاۋاپكار ئورۇن ۋە خادىمىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماققانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچەجىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
43- ماددا:ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي سورۇن قۇرغانلار رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن دىنى سورۇندادىنىي پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي مەكتەپ قۇرغانلارنى دىنئىشلىرى تارمىقى ئامەلدىن قالدۇرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ.قانۇنغا خىلاپ ھالدا سالغان ئۆي- قۇرۇلمىلىرىنى قۇرۇلۇش مەسئۇل تارمىقى قانۇنبويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغاقانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
غەيرىدىنىي تەشكىلات، دىنىي سورۇنلاردىن دىنىي پائالىيەت تەشكىللىگەن، ئۆتكۈزگەن، دىنىيئىئانە قۇبۇل قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىنتۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
دىنغائېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ھەجىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەنلەرنى دىنئىشلىرى تارمىقى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىبارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ بىرھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
44- ماددا:تالادا چوڭ دىنىي ھەيكەل ياساشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىدىن ئىشلىرى تارمىقى ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. سۈرۈك ئىچىدە چاقتۇرىدۇ. قانۇنغاخىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.
45- ماددا:دىنىي خادىملاردىن دىن ئىشلىرىدا قانۇن- نىزام ياكى قائىدىلەرگە خىلاپلىققىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. دىن ئىشلىرى تارمىقىئالاقىدار دىنىي تەشكىلاتلارغا ئۇلارنىڭ خادىملىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.
دىنىيخادىم بۇلىۋېلىپ دىنىي پائالىيەت قىلغانلارنى دىن ئىشلىرى تارمىقى پائالىيىتىنىتوختىشىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىمۇسادىرە قىلىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغلا قانۇنبويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇنبويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
46- ماددا:دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ كونكىرىت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار قانۇنبويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپچىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
7- باپقوشۇمچە پىرىنسىپ
47- ماددا:ئىچكى جايلارنىڭ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنى، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىيرايۇنى ۋە رايۇنى بىلەن بولغان دىنىي ئالاقىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
48- ماددا:بۇ نىزام 2005- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1994-يىل 1- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېلان قىلىنغان «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-20 15:01:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قانۇن نىزاملاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-1-20 18:35:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى ماتىريال ئېلىپ كەپسىز ، مۇنبىرىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن ، ئامان بولغايسىز
ۋاقتى: 2015-1-20 20:14:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن
ۋاقتى: 2015-1-21 22:09:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەخمەت.
ۋاقتى: 2015-2-6 12:13:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت..... مەن چۈشۈرۈۋالدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش