ئىگىسى: ئايرال

بايقاش تور ژورنىلى (ئالاھىدە سان) نى چۈشۈرۈۋېلىڭ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-22 20:21:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئايرال ئەپەندى ، بايقاش تورى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۋاتىسىز .
ۋاقتى: 2015-1-25 11:01:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك  ئەجىر قىپسىز.  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-1-26 13:57:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجىمى چوڭ ئىكەن، كۆپ ئەجىر قىلغانسىز قېرىندىشىم، رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-2-1 09:08:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى دىتالكەن رەھمەت سىزگە ،ھارمىغايسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 10:26:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمۈد2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 13:57
ھەجىمى چوڭ ئىكەن، كۆپ ئەجىر قىلغانسىز قېرىندىشىم، رەھ ...

ھېچقىسى يوق ، سىلەرگە ئاز-تولا زوق بېغىشلىيالىسام كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم ……
ۋاقتى: 2015-2-8 12:05:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئايرال ، تىمىڭىزنى تۇلىمۇ كىچكىپ كۈرۈپتىمەن .چۈشۈرۈپ تەپسىلى بىر قانچە قېتىم قايتا -قايتا كۆردۈم .مەن ھازىرغىچە كۆرگەن مۇنبەر ئىلكىتاپلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىشلەنگىنى بوپتۇ ،بۇرۇن ئەلكىن ئەپەندى ئەلكىن ھازىرقى ئەلكۈن مۇنبىردە ئىشلىگەن ئەمما ئاۋاز يوق .ھەم تەگلىك رەسمىمۇ سىزنىڭ ئىشلىگىنىڭزچىلىك ئەمەستى ،سىز بەكلا كۈچەپسىز .تىرىشسڭىز قۇلىڭىزدىن خېلى كۆپ ئىشلار رۇياپقا چىققۇدەك .
   ئەڭ ئاخىردا ئېيتىدىغان يۈرەك سۈزۈم ،مىنىڭ ئەسرىمنىمۇ بۇ ئىلكىتاپقا كىرگۈزگىنىڭزدىن سۈيۈندۈم .ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بۇلۇپ قالغان يىرى ‹‹مەن قەلبىڭدىن يۇقۇلاي تامان ›› ناملىق بۇ شئېرىم ئۈزۈم ئەڭ ياخشى كۈردىغان ئۇقۇسام -ئۇقۇسام قانمايدىغان ئەسرىم ئىدى .لىكىن ئىلكتاپتىكى خەت شەكلىنى پەقەت ياقتۇرمىدۇم قىسقىسى شېئرىمنىڭ گۈزەللىكىگە نوقسان يەتكەندەكلا ھىس قىلدىم .يەنە بىر نەسىرىمنى يەنى ‹‹تۇمان باسقان كېچە ›› بۇ نەسىرنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىۋىتپسىز ، يەنە ئىسمىممۇ يوق .بۇ نەسىرنى ئەسلى مەن مەتبۇئاتقا ئەۋەرتىپ باقاي دەپ ئويلاپ خېلىلا كۈچ سەرىپ قىلىپ يازغان، ئارلقىتا مەتبۇئاتقا يوللىغىدەك ۋاقىت چقىرالمىدىم ،مەتبۇئات يۈزىگە چىقماي تۇرۇپ ئىلكتاپقا چىقىپتۇ ،ئەمما ئەھۋال  بايا سىزگە دىگەندەك .
تورغا يوللانغان ھەر قانداق نەرسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .تارقىلشى سىزنىڭ تىنقىڭىزنىڭ تارقىلشدىنىمۇ تىز .شۇڭا توردا قىلغان ھەر بىر سۆزنى ئويلاپ قىلىپ ،ماڭغان ھەر بىر قەدەمنى پۇختىلاپ باسمىساق بولمايدۇ ،بۇنى مەن دىمسەممۇ سىز ئوبدان چۈشنىسىز .
   سىزگە ،چەككەن جاپالىرڭىزغا قايىلمەن .دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار ،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەپ مىنىڭ يۇقارقى ئۆز كۆز-قارشىمنى ئوتتۇرغا قۇيشۇم ھەرگىز تارتقان جاپايىڭىزنى نۆلگە تەڭ قىلۋىتىش ئەمەس ،بەلكى بۇندىن كىينىكى نەتىجىللىرڭىزگە ئاساس سېلشتىن ئىبارەت .خەيىر كۆپ سۆزلەپ قالدىم ئەيىپكە بۇيىرىماسسىز ،ئامان بۇلۇڭ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 02:46:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك زىبا ، ياخشىمۇسىز ؟ ئۇزۇن بولدى ، مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈشەلمەي قالدۇق ، بۇنىڭدىن خۇددى بىر نەرسەم كامدەك ھېس قىلۋاتاتتىم ، تەتىل كىلىشى بىلەن يەنە مۇنبەر يۈزىدە يۈز كۆرۈشپ تۇرۇپتىمىز ……خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەنمۇ ياكى تور شارائىتى سەۋەبىدىنمۇ ، ئىشقىلىپ مۇنبەردە سىزنى ئۇچرىتالمىدىم ، بىر قانچە قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتسەممۇ ، جاۋابىڭىز يوق .
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم ، ئەرزىمەس ئەسىرىمگە شۇنچە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدىن ، شۇنداقلا قىممەتلىك باھايىڭىزنى بەرگىنىڭىزدىن ، ئەڭ مۇھىمى پېقىرنى قوللىغىنىڭىزدىن ئالەمچە خۇش بولدۇم . بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
بىلەمسىز؟ مىللىي مائارىپچى ، تۆھپىكار باغۋەن -روزى مەتسىدىق مۇئەللىم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، شەخسىيەتسىز روھى ، كەڭ دائىرلىك بىلىمى شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، مىللىي تىل-يېزىقىدىكى ماتىرىيال مەنبەسى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ، ئىلمىي مۇھاكىمە ، پىكىر-ئالماشتۇرۇش سورۇنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ھەممىمىزنىڭ پەخىرى بولغان بايقاش تورىنى قۇرۇپ چىقتى ، مانا قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا بايقاش تورىمىز خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى ، ماتىيال مەنبەسىمۇ كۈنسىرى ئازلىقتىن-كۆپلىككە ، ئاددىيلىقتىن-مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ ، بۇنىڭدىن ئاز بولمىغان ئۇستازلىرىمىز ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتى ، مانا مۇشۇنداق ھاياجانلىرىمنىڭ تۈرىتكىسىدە كاللامغا قانداق قىلسام بايقاشنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا تەشۋىق قىلالايمەن ؟ قانداق قىلسام ئۆزۈمنىڭ خاراكتىرىمغا خاس بولغان ئىجادىي ئۇسلۇپتا بايقاشنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلالايمەن ؟ دىگەن سۇئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئاخىرى ئەرزىمەس دىتالنى روياپقا چىقاردىم .
بۇ ماڭا نىسپەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئالاھىدە سان بولۇشى كىرەك دىگەن خىيالدا ئەڭ نادىر ئەسەرلەر ۋە يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلىنىشى كىرەك ……دىگەندەك تەپەككۇرىم ئارقىسىدا بۇنىڭغا خام ماتىريال تاللاشقا ئاتلاندىم . ئەلۋەتتە ، تاللىغان ئەسەرلىرىم ئەڭ ئاۋۋال بايقاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئىجادىيەتلىرى بولىشى كىرەك ، شۇنداق ئويلىدىم ئۆزەمچە ……
شۇنىڭ بىلەن ، بەزى تىمىلارنىڭ ئىگىسى بىلەن مۇنبەر يۈزىدە يۈز كۆرۈشتۈم ۋە ئەرزىمەس پىلانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، نەتىجىسى قانداق بولدى ؟ ئەلۋەتتە قوللايدىغانلار كۆپ نىسپەتنى ئىگەللىدى ، لىكىن ، بەزى تورداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قېلىش سەۋەپلىك ، ئۇلارنىڭ روخسىتىنى ئېلىش ھېچ بولمىسا سەمىگە سېلىش ئەمەلگە ئاشماي قالدى ، ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ، شۇنداقلا باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بايقاش مۇنبىرى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولغان ئەسەرلەرنى يەنە بايقاش ئىلكىتابىدا تېخىمۇ رەڭدار ئۇسلۇپتا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنىڭ ئارتۇقچە يامان تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم . ئەلۋەتتە ، شۇ مەزگىللەردە ئۆزىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىدۇق ، ئەنە شۇ ئەدەبى ئەسەرلەر گۈلزارى سەھىپىسىدىكى مىڭلىغان ئەسەرلەر ئىچىدىن ئىككى پارچە ئەسىرىڭىزنى تاللىۋالدىم ، ئۆزەمچە ……
بىلەمسىز ؟ بايقاشنىڭ كۈندىلىك چىكىلىش قېتىم سانى 10نەچچە مىڭ قېتىم ، بايقاشتىكى ئومۇمى ئەزا سانى نەچچە ئونمىڭ ئادەمگە يىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور كۆپ ساندىكى ئەزالار بولسا مائارىپچىلاردۇر ، جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ تەمىنى ئېنىق تېتىيالىغۇدەك سەۋىيىدىكى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەردۇر . مىنىڭچە بۇ بايقاش ئۈچۈن ، ھەر بىر ئەسەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەشۋىقات ، مۇنبىرىمىزگە يوللانغان ئەسەرگە نىسپەتەن ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان باھاسى بولىدۇ ، سىزگە ئوخشاش ئىجادىيەت مەنزىلىدىكى شاش تولپارغا نىسپەتەن ئەتراپتىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەدەت بىرىشى ، يۇقىرى باھاسى قەدىمىڭىزنى تېخىمۇ تىز ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ …
مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى-يامان باھاسى كۆڭلىدە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ھەممىسىدىن ئاپتورنىڭ تولۇق خەۋەر تاپالىشى ناتايىن ، ئەمما ، تور ۋاستىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي ۋاستە ئارقىلىق تارقالغان ھەر بىر پارچە ئەسەرگە نىسپەتەن نەچچە يۈزلىگەن قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر بايا ماڭا ئېيىتقىنىڭىزدەك تىنىقىڭىزدىن بۇرۇن سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ ، بۇنىڭدىن ئاپتور تېخىمۇ ئىلھام-مەدەتلەرگە ئىرىشدۇ ،شۇنداقلا تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىدۇ ،  ئاخىرقى ھىساپتا خەلقمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن تىگىشلىك ئورۇنغا ئىرىشىدۇ ……
ھۆرمەتلىك زىبا ، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز كۈچلۈك ، قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ، تىل ئىشلىتىشكە ماھىر ، يالقۇنجاۋاتقان بىر پارچە ئوتسىز ، سىزنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق تۈردە كەسىپداشلارغا سۇنساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ئۇشبۇ ئىلكىتاپنىڭ يۇمشاق دىتالىنى تەرجىمە قىلىش ، لاھىيلەش ، ئەسەر تاللاش ، كونتىروللارنى قۇرۇش ، فىلەش ئۈنۈملىرىنى قىستۇرۇش ، تەگلىك لاھىيلەش ، ئاۋاز ، سۈرەت ، مۇزىكا قاتارلىق كۆپ ۋاستىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن تارتىپ كوررىكتورلىققىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى پېقىر بىر قوللۇق تاماملاپ چىقتىم . ئەلۋەتتە ، بۇ ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لېكىن بۇنىڭدىن ياخشى چىقىرىشقا ئىشەنچىم كامىل ، چۈنكى ئەتراپىمدا سىزگە ئوخشاش قوللىغۇچىللرىم ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرغۇچى ، ئېسىل يازمىلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغۇچى كەسىپداشلىرىم ، ئۇستازلىرىم بار .
ھە راسىت ، سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ خەت شەكلىگە كەلسەك ، كېيىنكى قېتىمدا چوقۇم دىققەت قىلىمەن . شۇنداقلا ، يارىدەمدە بولىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
سىزنىڭ نەسىرىڭىزنىڭ تىمىسىنى راسىت خاتا ئۇرۇپ قاپتىمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سۇرايمەن !
راستىمنى ئېيىتسام ، ھەر كۈنى كۈندۈزدە مەكتەپتە ئالدىراش ئىشلەپ ، كېچىسى كومپىيوتېر ئالدىدا شىنجاڭ ۋاقتى 3لەرگىچە ئىشلەپ ، زىيادە چارچاش سەۋەپلىك تىمىسىنى تۇمانلىق كىچە دەپ ئۇرۇپ قويۇپتىمەن ، ھەقىقەتەن خىجىلمەن راستىمنى ئېيىتسام ، ماڭا بۇ نەسرىڭىز ئالدىنقى شېئىرىڭىزدىنمۇ بەكرەك ياققان ئىدى ، قايتا-قايتا ، قايتا-قايتا ، قايتا-قايتا ئوقۇش ئارقىلىق نەسىردىكى مەزمۇنغا ماس ھالدا ھازىرقى ئارقا مۇزىكىسىنى قىستۇرغان ئىدىم . بىر قارىسام بەكلا ماس كەلگەندەك ، بىر قارىسام تازا جايىغان چۈشمىگەندەك بولۇپ قالغان ئىدى ، بۇ نوقتا سىزگە قانداق تەسىر قىلدى ، بىلمىدىم . بىراق ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تورداشلار چ چ  نومۇرۇمغا ئەسەرنىڭ لاھىيلىنىشى مۇزىكىلارنىڭ قىستۇرۇلىشى ، فىلەش ئۈنۈملىرىنىڭ بەكلا ماس كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر ئەۋەتىپ مىنى چەكسىز خۇشال قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ شېئىرىڭىزمۇ بار ، ئەلۋەتتە .
ھە راسىت ، نەسىرىڭىزدە ئىسمىڭىز بار جۇمۇ ! تۆتىنچى بەتنىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئاستىنقى بۇجىكىجە دىققەت قىلماپسىز ، مىنى قەستەن ، كۆزگە چېلىقمىغۇدەك سۇس كىرىشتۈرۈپ قويۇپتۇ ، دەپ قالماڭ يەنە ! بۇنىڭ رەڭ ھالىتىنى خەت رەڭگىنىڭ فىلەش ئۈنۈملىرىنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن Pگە تەڭشەپ قويغان .
زىبا ، يۇقىرىقى ئىنكاسلىرىمنى سىزنىڭ تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئىلھامى تۈرىتكىسىدە تەڭ كچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، مىنى قوللىغىنىڭىزغا ، قىممەتلىك باھايىڭىزغا ، سەمىمىي تەكلىپلىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ئامان بولۇڭ !
ۋاقتى: 2015-2-9 10:26:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرال يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 02:46
ھۆرمەتلىك زىبا ، ياخشىمۇسىز ؟ ئۇزۇن بولدى ، مۇنبەر يۈز ...

بۇ  تىمىڭىزغا  يەنە   قايتا   كىرىپ  ئولتۇرۇپتىمەن   ھەقىقەتەن  قايتا  كىرىشكە  ئەرزىگۈدەك   تىما   .
مەقسىتىمنى   بايان  قىلسام   ماڭا   ئۇچۇر   ئەۋەرتسىڭىزمۇ  جاۋاپسىز   قىلىشى  ،ئالاقلىشەلمەسلكىنىڭ  سەۋەبى  بار   .مەن   11-ئايدىلا  ئۆي  كۆچكەن   ھازىرقى   ئۈيۈمدە  تور  يوق  ،  تور   بار   ئۈيۈمنى   پەقەت   شەنبە  -يەكشەنبىلەردىلا   كىلىپ   بىرەر   قۇر   تازلاپ   يىغىشتۇرۇپ   قۇيۇپ  كىتىمەن  شۇڭا   بۇنداق  ۋاقىتلاردىمۇ   تورغا  چىققان  تەقدىردىمۇ   ئۇزۇن   ئولتۇرغىدەك   ئۇچۇرلارنى   كۆرگىدەك   ۋاقىت  يوق  .مەكتەپتە   ئىشخانامدىكى   كومپىيوتىرىم   ۋىرۇسلىنىپتۇ   تېخى   پات  يېقىندىلا   باشقا  سىستىما   قاچىلاپ   ئوڭشىدۇم  .بۇ   مەۋسۇم   خىزمەت   بېسمىم  بەكلا   ئېغىر  ،يەنە   نۇرغۇن   مۇسابىقىلەرگە   قاتنىشىپ   كەتتىم   قىسقىسى  بەكلا  چارچىدىم   شۇڭا   ئولتۇرۇپ   ئەسەر   يازغۇدەك   ،مۇنبەرگە  چىققۇدەك   ھالىم   يوق  .مانا   تەتىل   كىلىشى  بىلەنلا  يەنە   شۇ  ئىلھاملىرىم   ئولتۇرغۇزماي   مۇنبەرگە  سۆرەپ  كىردى  .  يازغان   ئەسەرلىرمنى   تىلفۇندا   يوللىدۇم    ئەمما  قانچىلىك  قىيىنغا   توختىغىننى  بايقاش  ئەپەندى   بىلەن   ئۈزۈم   بىلىمەن   .  قىسقىسى  پۇرسەت  يوق   نۇرغۇن   تۇيغۇلىرىم   ،ئىلھاملىرىم    تۇنجىقىپ   قالدى  ئەمدى  يازاي  دىگەندە  پۇررىدە  ئۇچۇپ   كەتكەن   ،كاللامدا  ھېچنەرسە  يوق  قۇپقۇرۇق  .ئەدەبىياتنىڭ   سىرى  مانا   مۇشۇ   ،ئىلھام   دىگەن  مانا    مۇشۇنداق  نەرسە  كەلگەندىلا   تۇتۋالمىسا   كىيىن   ئالتۇن   بىرىپمۇ   ئەكەلگىلى   بولمايدۇ  .
ئەمدى  بۇ   ئىلكىتابىڭىز   توغرلۇق   توختالسام   ئەسەرلەرنى  ھەقىقەتەن   ياخشى  تاللاپسىز  .ھەتتا    بەزى   ئەسەرلەرنى  كۈرۈپ  بايقاشتا   مۇشۇنداق  ياخشى  ئەسەر   يازدىغانلارمۇ   باركەن   ھە   دەۋەتتىم  .  ئات  جەڭدە   سىنىلىدۇ  ،ئادەممۇ  رىقابەتتە   پىشىپ   يىتىلىدۇ  .  كۈندە   مۇشۇنداق   ياخشى  ئەسەرلەرنى   كۈرۈپ   تۇرساق   بىزدىمۇ   يەنىلا  يېزىش  ئىستىكى   تۇغۇلىدۇ  .  شەخسەن  مەندە   شۇنداق   .مۇنبەر  ۋە  مۇنبەرداشلار  مىنىڭ   ئىلھامىمنىڭ   مەنبەسى  .  شۇڭا   سىز   دەسلەپكى   قەدەمنى   ناھايتى   ياخشى  ئاپسىز   ،  ئاندىن   كىرشتۈرگەن  تەگلىك  رەسىملەر  ،مۇزىكا   ئىش  قەلىپ  ھەممىسى   شۇنداق  ماسلىشىپتۇ  .مىنىڭ   نەسىرمنىڭمۇ   تەگلىك   رەسىم    بەك  پەيزى   چققىپتۇ  ،ئىسمىمنى   ئاخرقى  بەت   بۈرجەككىلا  چىقىرىپ   قۇيۇپسىز   شۇ  .
نىمە   ئۈچۈن   ئىسمىمغا  ئالاھىدە  دىققەت  قىلىمەن   دىگەندە   مىنىڭ   مەۋھۇملۇق   بىلەن   خۇشۇم    يوق  .  كۈپۈنچە   كىشىلەر    توردا   ئۆز   نام   -شەرپىنى   ئاتاشنى   خالىمايدۇ  ۋە   ياكى  مەڭگۈ   ئاشكارلىمايدۇ  ،  بۇ   نىمدىن  دىرەك  بىرىدۇ  .....؟
ئەمما  مەن   بىر  جۈملە   يازساممۇ  ،بىر  پەش   قويساممۇ  ئىزىمنى   قالدۇرۇپ   ماڭىمەن    .يازغۇچىلار  مۇنبىردە   ھەممىسى   دىگۈدەك  ئۆز ئىسىم -فاملىسىنى   ئاتايدۇ  .مىنىڭمۇ   يېزىقچىلقنى   تاشلاپ   قويغۇم   يوق   .  ۋاقتى  شارائىتىم   يار   بەرسىلا   ئاللا   خالىسا   ئىزچىل   داۋاملاشتۇرغۇم   بار   شۇڭا    چوقۇم   ئەسەرلىرمنىڭ   ئۆز   نامىم  بىلەن   تۇرشىنى   ھەرگىز   ئىسمىمنى   شارتىلا   قىلىپ  ئۈچۈرۋىتىپ   ،ئاللىقاندۇقتۇر  شېئىرلىرىمغا   بىرەر   پارچە   رۇمانتىك   رەسىملەرنى   كىرشتۈرۈپلا   ئىگسىز  ئۇچۇپ  يۈرشىنى   ۋە  ياكى  يۈزىنى  داپتەك  قىلىپ   ئۈزنىڭ   قىلۋېلشىنى   خالىمەيمەن   ،  گەرچە  يازغانلىرىم   ئاددى   بولسىمۇ   ،  تەلەپتىن   خېلىلا  يىراق  بولسىمۇ   ئۇنىڭغا   نۇرغۇن   ئەجرىم   ،قان   تەرىم   سىڭگەن   بەلكىم   كىيىنچە   پىششىغلىسام  ياخشى  بىر  ئەسەر   بوپ   قېلشى  مۇمكىن   ياكى   بولمىسا   ماڭا   بىر   خاترە   بۇلۇپ   قېلشى   مۇمكىن   شۇڭا   ناخشچىلار   ئاھاڭ  سېلىپ   ئۇقۇيمىز   دىسىمۇ   بىرنچى   شەرتىم   ئاپتۇرلۇق  ھۇقۇقىمنى   قوغداڭ   دىدىم   ئۇنىڭدىن   باشقا  ھېچنەرسە  تەلەپ  قىلمىدىم   .  مۇنبەردىمۇ  ھەم   شۇنداق   ئاپتۇرلۇق   ھۇقۇقۇم    قوغدالسىكەن  دەپ   ئويلايمەن   .
شۇڭا   بەك   ئىنچىكلەپ   كەتكەن   ئىنكاسلىرىمنى   تەپسىلى  ئۇقۇپ   بۇنىڭدىن   كىيىنكى   ئىلكىياپلىرىڭىزدا   يۇقارقى   تەلەپ   -پىكىرلەردىن    ئۈنۈملۈك   پايدىلنىپ   تور  دۇنياسىدا   ئەڭ   ياخشى  رۇلىڭىزنى   جارى   قىلدۇرشىڭىزنى   ئۈمۈت   قىلىمەن   .
ئەگەر   ئەسەر   تاللاشتا   ياردەم   كىرەك   بولسا  قۇلۇم   كۆكسىمدە   .   مۇنبەرگە   ئۇچۇر  قالدۇرسىڭىز   بۇلىدۇ   .يەنە   باشقا  ياردەم   كىرەك   بولسىمۇ   ياردىمىمنى   سىزدىن   ئايىمايمەن   .   ئەسەرلەرنى   ئۇقۇپ   بىردىغان   ئاۋازلىق  ئىشلەيدىغان  ئىش   بولسىمۇ   مەندە  چاتاق  يوق  ،بىلسىزغۇ  ئەسەرگە  جان   كىرگۈزۋىتدغىنىمنى  .  
ئەڭ   ئاخىردا   تىنىڭزگە  سالامەتلىك  ،تەتىلىڭىزگە   خۇشال-خۇراملىق  تىلەيمەن   .
ۋاقتى: 2015-2-21 18:34:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە! ئىزدىنىش ھەممىمىزگە ھەمراھ  بولسۇن!
ۋاقتى: 2015-3-13 11:28:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن،تىخىمۇ تېرىشىڭ!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش