كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 0

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
 (2014-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.
  بۇ قېتىملىق يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 199 كىشى، كاندىدات ئەزادىن 164 كىشى قاتناشتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن قىسمەن يولداشلار، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارمۇ سىرتتىن قاتناشتى.
  يىغىندا شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «قارار» (مۇزاكىرە نۇسخىسى) ھەققىدە يىغىنغا ئىزاھات بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)








جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(1)
جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 2014-يىلى 20-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ھازىر تولۇق تېكىستىنى ئاڭلىتىمىز: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي يكومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى:
2014-يىلى 23-ئۆكتەبىر جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى.
  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 20-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 199 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 164 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسى قاتلام ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسس ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ قارارنى ئومۇمىي يىغىندا تولۇق چۈشەندۈردى.
  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت چېگىش مۇرەككەپ، مەملىكەت ئىچىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ۋەزىپىسىمۇ مۇشكۇل بولدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-،2-،3-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئولۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يىتەكلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەش ئاساسى كۆز قارىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىستراتىگىيەلىك تۇراقلىقنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيە، تۈزۈم جەھەتتىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئە، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتىگىيەلىكى، ئومۇمىيلىقى، ئۇزاق مۇددەتلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بەردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قېيىن مەسىلىلەردە پائال بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاپ، چېرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەستىن قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەر خىرسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچتى.




جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(2)
ئومۇمىي يىغىندا ئۇزاقتىن بۇيانقى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بېرىلدى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر دەپ ھېسابلاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيىمىز مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلاپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ۋە تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، جەمئىيەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەردە كۆتۈرەڭگۈ ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات، سىياسىي سەگەكلىك، مەدەنىيەت گۈللىنىشى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ئىستراتىگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ يىتەكچىلىك قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئولۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسىزىم، لىنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خۇجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن مېڭىپ، ئاساسى قانۇن، قانۇننىڭ نوپوزىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ھەققانىيلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىككى «يۈز يىللىق كۆرەش نىشانى»، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومومىي نىشانى- جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، سوتسىيالستىك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئۈنۈملۈك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قاتتىق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسى، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىمى قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدىلىيە ئادىللىقى، ئومۇم خەلق قانۇنغا بۇيسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ ئومۇمىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۇرۇشتە، جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.






















جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(3)
 ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈپ تەجرىبىسى. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى تۇرغۇزۇلغان. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش-سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىردەك، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قىلىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ خوجايىنلىقىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، پارتىيەدىن ئاساسىي قانۇن، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم پارتىيەدىن پارتىيە ئىچىدىكى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇش؛ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن-دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، ياخشى قانۇن-ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشتا، قانۇن چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش؛ خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش قارىشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىقىرىلغان ھەر بىر قانۇننى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش؛ ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارىلىق پىرىنسىپىنى قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن، بەلگىلىمىنىڭ دەرھاللىق، سىستېمىلىق، قاراتمىلىق، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇنغا ئىزاھات بېرىش تەرتىپى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ياخشىلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بار خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلاردىكى شەھەرلەرنىڭ يەرلىك جايلىرىغا قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىش؛ ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى توپلاش ۋە ئىسپاتلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ تەرتىپلىك قاتنىشىشى بىلەن قانۇن چىقىرىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، نىزام ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇن تۈزۈمنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال مۈلۈك ھوقۇقى، تۈپ سىياسىي ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى، پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەشنى تۇتاشتۇرۇپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇش، قانۇن چىقىرىشتا ئىسلاھات ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(4)
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، فۇنكسىيەسى ئىلمى، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئادىل، ئاشكارا، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنى تېزدىن قۇرۇشى؛ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئورگان، فۇنكسىيە، ھوقۇق دائىرىسى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خەتەرنى باھالاش، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشنى مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەر ھەققىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۆلچەش ھوقۇقى مىزان تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ مەمۇرىي ھوقۇققا بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، خاتالىقنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارىلاشنى دائىملىق ھالەت، ئاشكارىلىماسلىقنى بۇنىڭ سىرتىدىكى پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئاشكارىلاش، ئىجرانى ئاشكارىلاش، باشقۇرۇشنى ئاشكارىلاش، مۇلازىمەتنى ئاشكارىلاش، نەتىجىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادىللىق-قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جان تومۇرى. ئەدلىيە ئادىللىقى-جەمئىيەت ئادىللىقىغا قارىتا مۇھىم يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئەدلىيەدىكى ئادىلسىزلىق-جەمئىيەت ئادىللىقىغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئەدلىيەنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئەدلىيە ھوقۇق ھەرىكىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە پائالىيىتىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشىش كېرەك.

  سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىلارنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، كونكرېت دېلولارغا قول تىقىپ بىر تەرەپ قىلىش خاتىرىسى، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇقتۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوغداش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەدلىيە جەھەتتىكى خىزمەت ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، سوتلاش ھوقۇقى بىلەن ئىجرا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئايرىلغان مېخانىزىم ئىسلاھات سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سەييارە سوت تەسسىس قىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسسىس قىلىش ئۈستىدە ۋە تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا تۈزۈمى تەسسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئەدلىيەدە چىڭ تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىتنى ئاساس قىلىش ۋە قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو بىجىرىش سۈپىتىگە مەڭگۈ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە ناھەق دېلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيەگە قاتنىشىشغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيە جەھەتتە ياراشتۇرۇش، ئەدلىيە جەھەتتە ئىسپات ئاڭلاش، ئەرزىيەت قاتارلىق ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىگە خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق زاستاتېللىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارە، خەلقكە قولايلىق بولغان ئەدلىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەدلىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈدىغان قانۇنىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، خەلق ئىشلىرى دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋانى قانۇنىي جەھەتتىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇمشاق قوللىق قىلىشقا، مۇناسىۋەت بىلەن، ئادىمىگەرچىلىك بىلەن، پۇل بىلەن دېلو بىجىرىشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك


جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(5)
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇننىڭ نوپۇزى خەلقنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە سەمىمىي ئەقىسىدىن كېلىدۇ. خەلقنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە قانۇن بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، قانۇننىڭ نوپۇزىنى خەلقكە تايىنىپ قوغداش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا بوي سۇنۇس شەرەپلىك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش نومۇس دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، پۈتۈن خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسىغا، ئاڭلىق بوي سۇنغۇچىسىغا، قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى خەلق مائارىپ سىستېمىسىغا ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىلىرى، ئورۇنلار ۋە كەسىپلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل جەمئىيەت گەۋدىلىرىنىڭ ئۆزىنى چەكلىشى، ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى قوللاپ، شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئۆلچىمى، كەسسىپ قائىدىسى ۋە كوللىكتىپ نىزامى قاتارلىق جەمئىيەت ئۆلچەملىرىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مۇكەممەل بولغان قانۇنىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇنىي مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ياردەم قىلىش تۈزۈمى، ئەدلىيە جەھەتتە ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە ھوقۇق قوغداش ۋە ماجرانى ھەل قىلىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىدىيەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزىمى، مەنپەئەتنى ئىپادىلەش مېخانىزىمى، مەسلىھەتلىشىش مېخانىزىمى، ياردەم بېرىش قۇتقۇزۇش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قانۇن يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. سىتىرىئولۇق ئىجتىمائىي كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ئىدىيە سىياسىي ساپاسى، كەسىپ ئىقتىدارى، كەسپىي ئەخلاق سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلقكە، قانۇنغا سادىق سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنى قۇرۇپ، ئىدىيە سىياسەت قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش قوشۇنى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى، ئەدلىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىكى كادىلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى شۇنداقلا باشقا ئورۇنلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن كەسىپىگە كىرىشكە ئىجازەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادۋوكات، قانۇنشۇناس مۇتەخەسسىسلىرى ئىچىدىن قانۇن چىقىرىش خىزمەتچىلىرى، سوتچىلار، تەپتىشلەنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، سىياسىي ۋە قانۇن كەسىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدىغان تۈزۈمنى، كەسىپ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن مۇلازىمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئادۋوكاتى، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئادۋوكاتى ۋە شىركەت ئادۋوكاتى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق كەم جايلىرىنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئادۋوكاتلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيەسى سىستېمىسى، پەن سىستېمىسى، دەرىس سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دەرىسلىكلىرىنىڭ دەرسخانىلاردا سۆزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا تونۇشلۇق ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلىرى ۋە زاپاس كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ بارلىق جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرىشىمىز لازىم. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، ھوقوقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزمەسلىكى، ئۆز سۆزىنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكى، ھوقوقى ئارقىلىق قانۇننى دەپسەندە قىلماسلىقى، شەخسى غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزماسلىقى كېرەك. پارتىيە قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش فاڭجىن، سىياسەتلىرى، تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مىخانىزمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتكومنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەر، سوت قىلىش ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشىغا رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقوقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمە تۈزۈلمە مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچى قانۇن بەلگىلىمە تۈزۈمى سېسىتىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن بەلگىلىمە ئارقىلىق، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئۇنى خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش-بېجىرەلماسلىكنى كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇشنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆرەش ئىستىھكامىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، مەركەزنى تۆۋەنگە قارىتىش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتەك قانۇن بىلەن باشقۇرۇش خىزمەت مىخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم.
ئارمىيەنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەربىي ئىشلارنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قانۇن ئارقىلى كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت روناق تېپىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم. چەتئەللەرگە چېتىلىدىغان قانۇن خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتتىكى مەنپەئەتىنى، ئېلىمىز پۇخرالىرى، قانۇن ئىگىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى شۇنداقلا چەتئەل پۇخرالىرى، قانۇن ئىگىلىرىنىڭ ئېلىمىزدىكى يوللۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق قوغداش لازىم.





جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(6)
ئومۇمىي يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىندى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەممە ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، خاتىرجەم ھالەتتە تۇرغاندە، خەۋىپ-خەتەرنى ئويلاپ، ھەم مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك پۇرسەت، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتىگىيىلىك پورسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ھەم ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، مىخلاش روھى بىلەن، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ قىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى، ئىستىلنى ياخشىلاش خىزىمىتىنى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئىشلارنىڭ باشلىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىش لازىم. ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن ما جيەنتاڭ، ۋاڭ زۇئەن، ماۋ ۋەنچۇننى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى.
  ئومۇمىي يىغىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ لى دۇڭشىڭ، جياڭ جېمىن، ۋاڭ يۇڭچۇن، لى چۇنچىڭ، ۋەن چىڭلياڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ھەققدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ياڭ جىنشيەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقارغان لى دۇڭشىڭ، جياڭ جېمىن، ياڭ جىنشيەن، ۋاڭ يۇڭچۇن، لى چۇنچىڭ، ۋەن چىڭلياڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش ھەققىدىكى قارارى جەزىملەشتۈرۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىلدى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش