ئىگىسى: paknur2

ئىزدىنىش ئىچىدە چاقنىغان ياشىلىق

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-7 08:36:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 13:35  

مەنمۇ بۇ تېمىنى ئوقۇپ كىمكىن دىسەم ئەسلىدە باشلىقىمىز ئىكەن ئەمەسمۇ
باشلىقىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ  بەختلىك، بارىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-1-7 11:29:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توققۇزبۇلاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:30
رۇزى مەتسىدىقنىڭ بۇ سوزلىرى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قىلدى ‹‹ ...

ھەممە ئوقۇتقۇچى مۇشۇنداق قاراشتا،مۇشۇنداق ئويدا بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە
ۋاقتى: 2015-1-7 11:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىلىك ئۆتكەن ھايات بوپتۇ. كىينكى ھاياتىنىڭمۇ تېخىمۇ رەڭدار بولىشىغا تىلەكداشمەن.
ئۆزىنىلا ئويلايدىغانلار ئەمەس، مىللەت، مائارىپ ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشىۋاتقان تىپلارنى چۇقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 21:01:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەپپەككۇر ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنداق بىر ھېكىمىتى بار :‹‹ پەقەت پۇل ئۈچۈنلا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى مەرىپەت بېغىدىكى مەدىكاردۇر ››   .  بۇ ھېكىمەت دەل ھەر بىر مائارىپچىدىن پۇل ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن ئەۋلاد ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ . دىمەك روزى مەتسىدىق ئىنىمىز ئەۋلاد ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن باغۋەن بولماستىن ، بەلكى ئۆز دائىرسىدىن ھالقىغان ھالدا نەچچە مىڭلىغان باغۋەن ئۈچۈنمۇ جان كۆيدۇرگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇلۇغ ئىنساندۇر ! دەل مۇ شۇ ئىنىمىزنىڭ  ئەكسىچە  مائارىپ ساھەسىنى پاخال قىلىپ  يا ئەۋلاد ئۈچۈن جان  كۆيدۈرمەيدىغان ، يا جەمىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشمايدىغان ، يا ئادىمىيلىك پەزىلەت ، ئوقۇتقۇچىلىق ئوبىرازىغا لايىق ئىش قىلالمايدىغان ئاز ساندىكى جان باقتى ‹‹مۇئاشچىلار›› مۇ مەۋجۈت !  دىمەك روزى مەتسىدىق ئىنىمىز ئۆزىدىكى تالانىت ، مەسئوليەتچانلىق تۇيغۇسى ، بىلىمخۇمار روھى ، كەسىپچانلىق خاراكتىرى بىلەن مىڭلىغان ياشلارغا ۋە مائارىپچىلارغا ھاياتنى سۆيۈش ، كەسىپنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى . مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ياشاۋاتقان ياشلارنى تېخمۇ كۆپ كىشلەر تونىشى ، ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك ، شۇڭا مېنىڭ بۇ تېمامنى تورداشلار ئۈندىداردا ، نوپۇزلۇق مۇنبەرلەردە تارقىتايلى ! جەمىيەت بىر مۇنەۋەر باغۋەندىكى تالانتنى ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ، شەخسىيەتسىز خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسۇن !!!!
ۋاقتى: 2015-1-7 23:44:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
paknur2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 21:01
مۇتەپپەككۇر ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنداق ب ...

توغرا دەيسىز. ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆزىنى بېغىشلاش بولمىسا مائارىپنىڭ گۈللىنىشىدىن سۆز ئېچىش تەس.
ئۆزىنى بېغىشلاش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىۋەرمەيدۇ. بېغىشلىيالىغانلارنى تەشۋىق قىلىپ، باشقىلارنىمۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا چاقىرىشىمىز كېرەك.
مەكتەپتە كۆپ قىسىم كەسىپداشلىرىم بۇ توردىن كۆپ نەپ ئالغاچقا بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ يىگىتگە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈشتى.
ۋاقتى: 2015-1-8 22:33:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار بۇ تىمىنى ئوقۇپ يول باشچىمىز روزى مەتسىدىقتىن ناھايتى سۆيۈندىم بەكمۇ پەخىرلەندىم، مۇشۇ ئەھۋاللارنى بىزگە يەتكۈزگەن قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەسىپدىشىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ مەن ئۆزەمنىڭ 15 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم گەرچە نۇرغۇن مايسىلارنى تەربىيلەشتە كۈچ چىقارغان بولساممۇ تىرىشچانلىقىمنىڭ ئىغىزغا ئالغۇچىلىكى يوقلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن، بۇندىن كىيىن تىخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن تىرشىپ مائارىپىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرشىمەن..........
ۋاقتى: 2015-1-11 20:50:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ئەپەندىمنىڭ مائارىپ سېپىمىز ئۈچۈن قولغا كائەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز. شۇنداقلا ئائىلىسىنىڭ بەختىلىك، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاقتى: 2015-1-24 23:06:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى  كىچىكىپ  كۆرگىنىمدىن بەكمۇ  ئەپسۇسلاندىم.
ئاتامانىمىز  رۇزى مەتسىدىق  خۇددى  پاكنۇر خانىمنىڭ  ئېيتقىنىدەك .   ئۇنىڭ مىللى مائارىپىمىزغا قوشقان تۆھپىسىنى  تىل بىلەن  ئىپادىلەش ئاجىزلىق  قىلىدۇ.
ۋاقتى: 2015-1-25 03:43:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن.
مەن بايقاش ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2015-1-25 12:47:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش بىزدىكى نۇرغۇنلىغان ياش ،ئوتتۇرا ياش مائارىپ خادىملىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتە يېتىلىشىگە زور ياردەملەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاپ جارى قىلدۇرۇش،يېتەرسىزلىكلىرىنى بايقاپ تۈزىتىۋېلىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى.نۇرغۇنلىغان مائارىپچىلار ئۆزئارا يۈز كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ مۇشۇ سەھنىدە ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى،مائارىپىمىز ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتى.بايقاشلىقلارنىڭ‹‹بايقاش روھى››نى يارىتىشتا ئاتامان ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مائارىپ سۆيەر سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ قان تەرى سىڭگەن.پاكنۇرغا رەھمەت...تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!!يەنە ئۈمۈدۈم سۆيۈملۈك باشقۇرغۇچىلىرىمىزنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان قەلەم سايىبلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ،روھىنى گەۋدۈلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يورۇقلۇققا چىقىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۆزئارا قوللاش،ئۆزئارا تەشۋېق قىلىش،ئۆزئارا يۆلەشلەر بىزنى يۈكسەك پەللىلەردىن،يۈكسەك چوققىلاردىن ھالقىشقا  مۇيەسسەر قىلىدۇ!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش