| مەكتەپنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى پىلانى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى ،مەكتەپ مۇھىتىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا مەكتىۋىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلق ھەرىكىتىنى كەڭ كۈلەمدە رىۋاجلاندۇرۇپ،مەكتىۋىمىزنىڭ مۇھىتىنى تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇپ،تەربىيەلەنگۈچىلەرنى پاكىزە-ساب بۇلغان ئۇقۇتۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۈستۈرۈش ئۈچۈن بۇ،پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. 1. مەكتىۋىمىزدە تازىلايدىغان 16سىنىپ، ئۈچ ئشخانا ، ئۈچ ئامبار،بىر ئىتىز كىتاپخانا،شۇنىڭدەك 16تازىلىق مەيدانى بار. مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەلگۈلەنگەن تازىلىق ۋەزىپىسىنى بىجاندىل ئورۇنداپ،رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كىرەك. 2. تازىلىق ئورۇنلىرىنى سىنىپلارغا ئادىللىق بىلەن بۈلۈپ بىرىلىدۇ ھەمدە تازىلىق ئورۇنلىرىغا سىنىپلارنىڭ ئسمى سىنىپ مۇدىرى ئسمى يېزىپ چاپلىنىدۇ.بۇ ئارقىلىق ياخشى-يامان ئورۇنلارنىڭ نامى ،قىلغان ئىشى ئاشكارىلىنىدۇ. 3.ھەپتىنىڭ 1.3.5.كۈنلىرى7-سائەت دەرىس ۋاقتىدا مەكتەپ بۇيچە ئومۇميۈزلىك چوڭ تازىلىق قىلىنىدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەن،چۈش ھەم چۈشتىن كىيىن ئائىلىگە قۇيىۋېتىش ئالدىدا ئادەتتىكىچە تازىلىق قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەلگۈلەنگەن ئورنىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى تازىلىق قىلىشى ،تام-تۇرۇس،ئىشىك -دەرىزىلەرنى سۈرتىشى، ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى پاكىزە سۈرتىپ رەتلىك تىزىشى لازىم. 4. ئوقۇتقۇچى ھەركۈنى دەرىسكە كىرىشتىن بۇرۇن سىنىپ تازىلىقىنى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازىلىقىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلىك تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى،يىتەر سىلىكلەرنى تۈزىتىشكە بۇيرىشى لازىم. 5. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازىلىقىنى قەرەلسىز ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرىشى،تازىلىقى ئىزچىل ناچار ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۈھبەت ئېلىپ بىرىپ،ئولارنىڭ ئىدىسىنى ھەل قىلىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەتسىز،تازىلىقتا لاياقەتلىك ئىجازىتى بۇلمىغان ناچار يىمەكلىكلەرنى ئستىمال قىلىشىنى قەتئى تۇسىشى لازىم. 6. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن مابۇ،سۇپۇرگە بۇلۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرىشى ،رۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇتۇش ئورنىنىڭ پاكىزە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. 7.كەلگەنلا يەرگە تۈكۈرمەسلىك،مىۋە شۈپەكلىرىنى،ئەخلىتلەرنى تاشلىماسلىق،ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرەپ ئەخلەت تۇڭلىرىغا تاشلاش لازىم،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۈرمەت قىلىش ،تازىلىق سايمانلىرىنى ئاسىراش لازىم. 8. تازىلىقنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش،ھەپتىدە بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازىلىقىنى ھەمدەئوقۇش قۇراللىرىنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش ، ھەپتىنىڭ 1.3.5.كۈنلىرى كۈچ تەشكىللەپ ئومۇميۈزلىك تازىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى جانلىق ئىجرا قىلىنىپ،ھەپتىدە بىر قېتىم ئىلىپ بىرىلىدىغان بەشخىل پائالىيەت خۇلاسىسىغا تەسىر قىلدۇرلىدۇ.تازىلىقنى ئىزچىل ياخشى ئشلىمىگەن سىنىپ كۇللىكتىپىنى چوڭ يېغىندا تەنقىتلىش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
|
|