كۆرۈش: 848|ئىنكاس: 0

تۈزۈملەر توپىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى _ پارتىيىنىڭ بىر ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى، تەشكىلى قۇرلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنڭ لۇشىيەن ، فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ، دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى ئۈگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياچېيكىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ ۋە يولغا قۇيۇشقا  يىتەكچىلىك قىلىپ ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۈلۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈملەرنى ئەمىللەشتۈرىدۇ.
1) پارتىيە ئەزالىرى ئارىسدا ماركىسىزىم، لېنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ، پارتىيە 17-قۇرۇلتېيى روھى، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر ھۆججەت ماتىرىياللارنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىياسى يادىرولۇق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.
2) ياچېيكا رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ياچېيكا رەھبەرلىكى ئاستىدا شەخىسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ، مەسئۇل بۇلۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ ، شەخىسلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئەقىل پاراسىتى ، قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. شەخىس تەشكىلاتقا بويسۇنۇش، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش، تۆۋەن يۇقۇرىغا بويسۇنۇش، پۈتۈن پارتىيە مەركىزى كومىتىتقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت دېموكراتىيە،  مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ.
3) قەرەللىك ھالدا ياچېيىكا ھەيئەتلىرى يىغىنى ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، ئۈگۈنۈش قىلىش، مەسىللەر توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىش، پارتىيە دەرىسى ئۆتۈش، تەجىرىبە _ ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، تۈرلۈك خىزمەت پىلانلىرىنى قاراپ چىقىش ، ماقۇللاش، يولغا قۇيۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
4) پارتىيىىنڭ ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا، ئىلمى بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىش، كوممۇنىستىك غايە ئىتىقاتىدا چىڭ تۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كۆللىكتىۋىزىملىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ خارەكتىرلىك، مۇھىم مەسىللەردە مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىغى روشەن بۇلۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى، قانۇنسىز دىنى ھەركەت، دىنى سىڭدۈرمىچىلىك ، بۇزغۇنچىلىق،قۇتراتقۇلۇق ۋە ئىجىتمائى مۇقۇملۇققا تەسىر يىتىدىغان بارلىق ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىدۇ.
5) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياچېيكا ھەيئەتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىنىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىني ھەركەتلەردىن ھۇشيار بولغان-بولمىغانلىقىنى، خىزمەت ئىستىلىدا پاك _ دىيانەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىپ، ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاختىدا ھەل قىلىدۇ. تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جان _ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەت ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
6) ئامما بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلاپ، ئامما ئىچىدىكى ئاكتىپلارنى تاللاپ، تەربىيلەپ پارتىيىگە ئەزا قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،  ھەر يىلى ئاز دىگەندە شەرتى توشقان 1~2 نەپەر كىشىنى پارتىيىگە قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن ئىلغارلارنى تەربىيەلەپ، زاپاس كادىرلار قۇشۇنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ. يىڭىدىن پارتىيىگە قۇبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقۇرى بۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى خىزمىتىگە كۈڭۈل بۈلىدۇ.
7) مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپ قىز- ئاياللار تەشكىلاتى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، پىئونىرلار خىزمىتىگە ياخشى يىتەكچىلىك قىلىپ،  ئۇلارنىڭ پائالىيەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بۇلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
8) مەكتەپ ئىشلىرىنى دىمگىراتىك باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، نازارەت قىلىش، دىمگىراتىك باھالاش، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قۇيۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ.
9) ئىلغارلىقتا بەسلىشىپ نەمۇنىلىك بەرپا قىلىش، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ، مەدەنىيەتلىك سىنىپ، مەدەنىيەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقى، بىخەتەر كىچىك رايۇن قۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت، پۇقرالار ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجىتمائى كەيپىياتنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلايدۇ.
10) ياچېيكىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە دائىر خىزمەتلەرنى ۋە مەكتەپنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇتۇش، تەلىم _ تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۈلۈپ، يۇقۇردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن تۈرلۈك كەسپى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئۇرۇنداشقا  يىتەكلەش، نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.











2.ئوقۇتقۇچى، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئىنتىزامى
1) سىياسى ئۈگۈنىشكە ۋە سىياسى كەيپىياتقا ھەرۋاقىت ياخشى ئەھمىيەت بىرىپ، سىياسى جەھەتتە پارتىيە مەركىزى كومىتىتى جۈملىدىن مەكتەپ پارتىيە ياچىيكسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيىنىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىدۇ.
2) ئاساسى قانۇن ۋە باشقا قانۇن نىزاملار، بەلگۈلمىلەر، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سۆز-ھەركەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە بۇلىدۇ.
3) ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز  دىننى ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ، يامان ئادەم، يامان ئىشلارنى قانات ئاستىغا ئالمايدو،«ئىزبوت تەشكىلاتى» قاتارلىق قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتناشمايدۇ ۋە قەتئى قارشى تۇرىدۇ.  ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مۇقۇملىقىنى قوغداشقا  ئاكتىپ تۆھپە قۇشىدۇ.
4) كەسىپىنى قىزغىن سۆيۈپ، خىزمەتتە مەسئۇليەتچان بولىدۇ، ئوقۇتۇشتا ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ئىزباسارلاردىن ھەم قۇرغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشكە بارلىغىنى بېغىشلايدۇ.
5) پاك _ دىيانەتلىك بۇلۇپ، قالايمىقان سېلىغ سېلىش، ھەق يىغش ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلمايدۇ.  ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەيدۇ.
6) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، ئىتىپاق ياچېيكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار تەشكىلاتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ۋەزىپىللىرىنى ياخشى ئۇرۇنلايدۇ.
يۇقارقى ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، رىئايە قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇليىتى ئەھۋالنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە ئاساسەن تەنقىد-تەربىيە بىرىش، مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۈرۈش، ئىقتىسادى جەھەتتىن جەرىمانە قۇيۇش، قانۇنى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىش، ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلنىدۇ.

3. دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىش، مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش تۈزۈمى
مەكتەپ _ ياش ئەۋلاتلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن، قۇرغۇچىللىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەيدىغان مۇھىم بازا. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئېدىيىسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسى، «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ئارقىلىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار دىنغا ئىشەنسە، دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا ئوقۇتقۇچىلارغا خاس ئەقەللى شەرتنى يۇقاتقان بۇلىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىگە ئىتىقات قىلماي، دىنىغا ئىشەنسە، دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا، دىننى ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى تۇيۇق يولغا باشلىسا، جەمىئيەت مۇقۇملىقىغا، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، سىياسى مۇقۇملۇققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشكە ، دىنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ دىنى ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلىشقا قەتئى يول قۇيۇلمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار_ ۋەتەننىڭ كېلېچىگى، سوتسىيالىزىم، كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە ئىزباسارلىرى. ئۇلارنىڭ ماركىسىزىملىق ئىتقاد ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئارقىلىق قۇراللىنىپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشكە، دىننى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئى بولمايدۇ.
مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار، پارتىيە، ئىتىپاق ئەزاسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممىسى بىردەك دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىقى، دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى كىرەك. ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دىننى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى قانۇنسىز ھىساپلىنىدۇ.
مەكتىۋىمىزدە يۇقارقى تەلەپلەرنى تۇلۇق ئۇرۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشنىڭ، مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيىلىدۇ ۋە شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ:-
1) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەمۇرىيىتى پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتىگە ئالاقىدار قانۇن، نىزام، بەلگۈلىمىلەرنى ئۈگۈنۈش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىۋىگە كىرگۈزۈپ، دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشنىڭ، مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە سىياسى خىزمەت بۆلىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشى ۋە مەكتىۋىمىزگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرىدۇ.
2)ئاساسى قانۇن، پارتىيمىزنىڭ دىننىي سىياسىتى، گوۋۇيۇەننىڭ«دىننىي ئىشلىرى نىزامى»، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دىننىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى،بەلگۇلىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزام، بەلگۈلىمىلەرنى ئۆگۈنۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات يېزىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پارتىيىنىڭ دىننى سىياسىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
3) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا دىنغا ئىشىنىشى، يەر ئاستى دىنى مەكتەپتە ئوقۇشى، ھەر خىل قوليازمىلارنى يېنىدا ساقلىشى قاتتىق مەنئې قىلىنىدۇ. قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى، نەشىر بۇيۇملىرىنى ساقلىشىغا، ئۇقۇشىغا، تەشۋىق قىلىشغا يول قۇيۇلمايدۇ.
4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن، باشقا شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، دىنى ئەقىدىلەرنى، خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلىشقا، دىنى مەزمۇندىكى كىتاپ، قول يازما، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۈرۈشكە، ئاڭلاشقا، تارقىتىشقا، دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقىشقا، مىللەت بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، سۆز ھەركەتلەرنى قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
5) «مەخسۇس تۈزەش» بۇيىچە تىگىنى تېپىش، ئارخىپلاشتۇرۇش، تەربىيە بىرىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى چەكلەش، زەربە بىرىش بۇيىچە قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، مەسىلە كۈرۈلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ.
6) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئەتلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى دىننىڭ مائارىپقا ئارلىشىشىنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، ئالدىنى ئېلىش مەخسەت قىلىنغان، مەخسۇس تىمىدىكى ئاتىزىم تەربىيىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
7) نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنتىللىرى ۋە گۇمانلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا نازارەتچىلىك قىلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش،قىشلىق، يازلىق تەتىل كۈنلىرىدە  ھەر جۇمە كۈنى مەكتەپكە يىغىپ سۆھبەتلىشىش ، ئەھۋال ئىگەللەش، ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ، دىنغا ئىشىنىش، دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىنىڭ بار_ يوقلىقىنى ئىنىقىلاش ئارقىلىق دىننى سىڭدۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
8) تۈزۈم _ تەدبىرنىڭ ھەقىقى ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە سىياسى خىزمەت بۈلۈمى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا، سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىللىرى ئوتتۇرىسىدا مەسئۇليەتنامە ئىمزالىنىدۇ. رامىزان مەزگىلىدە، قىشلىق، يازلىق تەتىلنىڭ ئالدىى كەينىدە ئايرىم-ئايرىم مەسئۇليەتنامە ئىمزالاپ، تۈزۈمنىڭ ئەمىللىشىگە بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.
9) قانۇنسىز دىننى پائالىيەت ۋە دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، يۇشۇرغانلارنىڭ مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلنىدۇ. ئەگەر بۇجەھەتتىكى بەلگۈلىمىگە ئەمەل قىلماي، قەستەنگە ياكى بىپەرۋالىق قىلىپ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغانلار كۈرۈلسە مەسئۇليەت قاتتىق سۈرۈشتۈرلىدۇ ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
10) ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار مەكتىۋى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاتا-ئانىلار سۆھبىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا پارتىيىنىڭ دىننى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، پەرزەنتىللىرىگە دىننى سىڭدۈرمىچىلىك ئېلىپ بارماسلىق، دىننى تەلىم ئېلىشقا، رۇزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا، قاۋادە، قۇرئان ئوقۇشقا زورلىماسلىق ۋە يول قويماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئىچىدە بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە ۋاقتىدا مەكتەپ تەشكىلى ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم-تەدبىرلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلنىدۇ.
يۇقارقى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ئادەتتىكىچە مەسىلە سادىر قىلغانلارغا قارىتا تەنقىد-تەربىيە بىرىلىدۇ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بۇيىچە  بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.
مەسىلىسى ئېغىرراق بولغانلارغا قارتا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ دىن باشقۇرۇش مەسئۇليەتنامىسىنىڭ روھى بويىچە ئىقتىسادى، مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۈرۈلگەندىن سىرت ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ بىر تەرپ قىلىشىغا يوللىنىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە مەسىلنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مەۋسۇملۇق، يىللىق باھالاشتا خىزمەت ئىلغارى، مۇنەۋۋەر بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 2يىلغىچە ئۈنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. مەسىلىسى ئېغىر بولغانلار شۇ يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز باھالىنىدۇ. تەنقىد-تەربىيە بەرگەندىن كىيىنىمۇ تۈزەتمەي قايتا مەسلە سادىر قىلسا، ئۈنۋان دەرىجىسى تۆۋەنلىتىش ياكى خىزمىتىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈش ھەققىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارغا تەكلىپ بىرىلىدۇ.










4. سىياسى-ئىدىيىۋى خىزمەت تۈزۈمى
سىياسى-ئىدىۋى خىزمەت ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەركەزنىڭ، ھەردەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيچە ئۆگۈنىشكە تەشكىللەش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيىسىنى، سىياسى سەزگۈرلىكىنى، سىياسى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى، غايە-ئىتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتنىڭ مەكتىۋىمىزدە پەيدا قىلغان، بارلىق تەسىرلىرىنى ئۈزۈل _ كىسىل تازلاپ، مەكتەپنى بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ مۇستەھكەم بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيۋى ئەخلاق قۇرلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ  تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق تەربىيەلەش نىشانىنى ئوموميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن سىياسى جەھەتتىن ساغلام، ھەر جەھەتتىن يىتىلگەن  ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىش تۈپ مەخسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيىلىدۇ:-
1) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىسىگە  ئاز دىگەندە 4 سائەت سىياسى ئۈگۈنۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجىن _ سىياسەتلىرىنى ئۈگۈنۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، تەسىرات سۆزلەش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيسى ۋە سىياسى سەزگۈرلىكى يۇقۇرى كۈتۈرلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، ئەترەت پائالىيىتى، 2-دەرىسخانا پائالىيىتى، سىنىپ يىغىنى، ئۇقۇغۇچىلار يىغىلىشى، ئىدىيە-سىياسى دەرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيۋى-سىياسى ۋە ئەخلاقى تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
2) مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە ئىدىيۋى سىياسى خىزمەت بۆلىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارغا ماركىسىزىملىق بەش قاراش تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، چوڭلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيىسنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭنى يۇقۇرى كۈتۈرىدۇ.
3) دۆلەت بايرىغى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، دۆلەت بايرىغى ئالدىدا قەسەم بىرىش، ئىنقىلاۋى ناخشىلارنى ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق تۈزۈمگە ئايلاندۇرىدۇ.
4) بارلىق ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماتىرىيالىزىمچى ۋە ئاتىزىمچىلاردىن بۇلۇپ، دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنى سىڭدۈرمىچىلىك قىلماسلىق، كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.
5) مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى قېلىپلاشقان قائىدە-تۈزۈم ئارقىلىق ئىلمى دىمگىراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇپ، سىياسى-ئىدىيۋى خىزمەت، ئەخلاقى-تەربىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى كۈچەيتىدۇ.
6) ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىلىچەكنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ج ك پ مەركىزى كومىتىت گوۋۇيۈەننىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرى»، «3 كە ئەھمىيەت بىرىش»، «3 كە ۋەكىلىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى، «ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تەرەققىيات پىراگىراممىسى»نى، «مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق ماتىرىياللارنى ئۆگۈنىشكە تەشكىللەش ئارقىلىق قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ.
7) ئوقۇتقۇچىلارنى يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى ۋە ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ سىياسى نەزىرىيە ساپاسى ۋە كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق مەكتەپتە، جەمئىيەتتە، ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇش، ياخشى تەسىر قالدۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
8) مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار تەشكىلاتى، پىئونىرلار ئەترىدى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۈزىنىڭ فونكىسىيىلىك رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ياش، يىڭى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەسئۇليىتىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
9) «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى» گە رىئايە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدىيىۋى-سىياسى خىزمەت يىتەكچىسى مەۋسۇم، يىل بېشىدا پىلان تۈزەش، پىلان ئاساسىدا مەخسۇس تىمىدا لىكسىيە تەييارلاپ قەرەللىك دوكلات بىرىپ، تەشۋىقى _ تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئەخلاقى _ تەربىيە خىزمىتىنى باھالاش چارىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈش ۋە ساغلام بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
10) ئاتا-ئانىلار مەكتىۋى، ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشكەن تەلىم تەربىيە تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى خادىملار ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇتۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىللىرىغا ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈش ھەمدە ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
11) تۈرلۈك خىزمەت ھالقىللىرىدا، ئىجابى تىپلارنى تۇرغۇزۇشتا  سىياسى جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى ئالدىنىقى شەرت قىلىش، سىياسى-ئىتىقادى سۇس بولغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تەنقىد تەربىيە بىرىش، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى يۇقۇرغا يوللاپ يۇقۇرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارى بۇيىچە ئىش كۈرۈش تۈزۈملەشتۈرلىدۇ.
12) «ئوقۇغۇچىلار سۆز ھەركىتىدىكى 7 نى قىلماسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلار ئىدىيىسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ بۇ جەھەتتە چوڭ كىچىك مەسلە چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلنىدۇ.
13) ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، پىكىرلىشىش، سىردىشىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر بىر ماۋسۇمدا شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %50 دىن كۆپرەكى بىلەن سۆھبەتلىشىش، نوقتىلىق ئائىلە پەرزەنتى ۋە ئەخلاقى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى، يىتىم-يىسىر ئوقۇغۇچى بىلەن ۋاختى قەرەلىدە سۆھبەتلىشىپ، ئۆگۈنۈش، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىغا كۈڭۈل بۈلۈش تەلەپ قىلنىدۇ.
14) ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، تەبرىكلەش پائالىيىتى، مەخسۇس سىنىپ يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى، ئاياللار جۇرىنى قاتارلىقلارنى قاتناشتۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپنى، مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى، ئوقۇتقۇچىلارنى، پەرزەنتىلىرىنى چۈشۈنۈش ئاڭلىقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
15) «ئۈچ پىشقەدەم» سىياسى يىتەكچىلەرنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ، سېلىشتۇرما تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپارتىيىگە بولغان ئىتقادىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
ئىدىيۋى-سىياسى خىزمەت ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە نىسبەتەن جىددى قارىمايدىغان، بىپەرۋالىق قىلىپ مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنى، ياكى مەسىلە سادىر بۇلۇپ چىقىشقا سەۋەپچى بولغان مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنى مەسىلىنىڭ ئېغىر _ يىنىكلىكىگە قاراپ خىزمەت ئىلغارى قىلىپ سايلىماسلىق، ئۈنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كىچىكتۈرۈش، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە ئىرىشكەن دەرىجىسىنى تۈۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.









5.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى-ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش، تەلىم تەربىيە خىزمىتى ۋە بارلىق ئىجىتمائى پائالىيەتلەردە رىئايە قىلىش زۈرۈر بولغان ئۆلچەم ۋە ھەركەت قائىدىسنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى خىزمەتچى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىشى شەرت.
ئوقۇتقۇچى ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق توغرا سىياسى كۆز قاراشنى، كوممۇنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتنى، ئىلغار ئىدىيۋى كەيپىياتنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۈرتكە بۇلىدىغان مەخسۇس خادىملار، بۇلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنىڭ قانداق بۇلىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۇرۇندىشىمىز لازىم :
1) مەكتىۋىمىزدىكى ھەرقايسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم تەربىيە پائالىيىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگۈلمىسى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئوموميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
2) مائارىپ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش، مەسئۇليەتچان بۇلۇشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئەكىس ئەتتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قۇيۇش ئاساسىدا ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈش، ئاسراش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش، ھاقارەتلەش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە فىزولوگىيىلىك ساغلاملىقىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4) خىزمەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز ئۆگۈنۈپ، مەدەنىيەت كەسپى سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسپى خىزمەتتىكى ئوقۇتۇش ماھىرلىرنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، ئارقىدا قالغانلارغا تەنقىدى- تەربىيە بىرىش، ئىش ئورنىدا تەربىيلەش، ئۈنۋان باھالاش، يىللىق، ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرۇش چارىسى بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلنىدۇ.
5) ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىق، ھەمكارلىق، كەمتەر ئىھتىياتچان بۇلۇش، ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلىتى ئارقىلىق مائارىپقا، مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئۇدا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
6) ئاتا-ئانىلار بىلەن دائىم يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكىر _ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، ئاتا-ئانىلار مەكتىپىدىن ۋە ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ماسلاشقان ياخشى تەلىم _ تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
7) پاك ئىنتىزامچان بۇلۇش، ئۆز مەنپەتىدىن كىچىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۆھپە قۇشىدىغان، ئىسىل ئەخلاقى-پەزىلەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالىدىغان، راسخۇد يىغىدىغان، جىرىمانە قۇيىدىغان، نەرسە _كىرەك تەلەپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشقا سالىدىغان ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىدۇ.
8) جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسپى ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى جەھەتتە نەمۇنىلىك رول ئويناشنى، تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا بۇلۇش، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق، كىيىم-كىچەكنى پاكىزە، رەتلىك كىيىش، مەدەنىيەتلىك ئەدەپلىك بۇلۇش، ناچار ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
9) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلار بار بولغان ھەر قانداق جايدا قالايمىقان چاقچاق قىلىشقا، مەكتەپلەردە تاماكا چىكىشىگە، ھاراق ئىچىپ ياكى ھاراق پۇرۇتۇپ مەكتەپكە كىرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.   
10) ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىملىق خىزمىتى بۇلۇپ، سىياسى كەسپى ئۆگۈنۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، بىخەتەرلىك، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە، كوممۇنىستىك ئەخلاقتا ھەر ۋاقىت باشقىلارغا، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلارغا ئۈلگە بۇلۇش. بۇجەھەتتە مەكتەپ مەسئۇللىرى، دۈجۈرنى ئوقۇتقۇچى، قوغداش نۆۋەتچىسى قاتارلىقلار ، ھەر كۈنى كۆزۈتۈپ، نازارەت قىلىپ، ناچار گەپ-سۆزلەر يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇسۇش، مەسلە كۆرۈلسە مۇۋاپىق شەكىلدە تەنقىد-تەربىيە بىرىش، مەكتەپ تەشكىلىگە مەلۇم قىلىش، ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىغا تەسىر قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
11) مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئوقۇتۇشنى قانۇن بويىچە توغرا سىياسى يۈلۈنۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ ئېلىپ بارماي، ناتوغرا ئىدىيۋى-كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، مەكتەپ خىزمىتىگە تەسر يەتكۈزسە، كەسىپنى قىزغىن سۆيمەي، ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى تەلەپ بۇيىچە ئىشلىمىسە، ئوقۇغۇچىلارغا قۇپال مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىسە، تەن جازاسى بەرسە، ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان راسخۇد، جەرىمانە يىغسا، شەخسى ئىشقا سالسا، مەكتەپ مال مۈلىكىنى ئىگەللىۋالسا، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە، ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ ئىتىپاقلىقىنى بۇزسا، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلسا ، دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقسا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزۈپ يامان تەسىر پەيدا قىلسا، مەسلە سىزىلگەن ھامان تەكشۈرۈپ تىگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
ئادەتتىكى مەسىللەرگە تەربىيە بىرىش، پىرىنسىپال مەسىللەرگە تەنقىد قىلىش، تەن سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش، زەخمىنىلىش ھادىسىلىرىگە قارتا، ئىختىسادى تۈلەم تۈلىتىش، قانۇنى مەسىللەردە قانۇنى ئۇرۇنلارنىڭ  تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، مەسلە سادىر قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلغار باھالىنىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، مۇنەۋەر باھالىماسلىق، جەرىمانە ئېلىپ زىياننى تۈلىتىش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەر بىلەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، باشقىلارغا ئبرەت قىلىنىدۇ. پارتىيە -ئىتىپاق ئەزالىرىدا بۇخىل خاھىش يۈز بەرسە، پارتىيە تەشكىلى ۋە ئىتىپاق باش ياچېيكىسى مۇزاكىرە قىلىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە قايتا مەسلە سادىر بۇلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.


67.ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت تۈزۈمى
ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتى – مەكتەپ تەلىم -  تەربىيە خىزمىتىدە ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئىشلىنىدىغان ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنىىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سېڭدۇرۇپ ئېلىپ بېرىشقا تىگىشلىك مۇھىم خىزمەت بۇلۇپ، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭمۇ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى. شۇڭا مەكتەپ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا  قۇيۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى كونكىرىتنى تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە  :
1)مەكتەپلەر ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا ۋە مەكتەپلەرنىڭ يىللىق، ماۋسۇملۇق پىلانىنى تۈزگەندە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتنى مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى قاتارىدا پىلانغا كىرگۈزىدۇ. ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ ۋە  ئەمىللەشتۇرىدۇ.
2) ئىلمي بۆلۈم، سىياسىي خىزمەت بۆلۈم، ئىتتىپاق تەشكىلى، پىئونىرلار تەشكىلى خىزمىتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە، خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا، تەكشۈرۈپ خۇلاسىلاشتا، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ، ۋە ئەمىللەشتۈرىدۇ.
3. رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىدىيە-  ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر ھۆججەت- ماتىرياللارنى ئۆگىنشىكە ، مۇزاكىرە قىلشقا،  ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
4) ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى تەسىس قىلىپ(ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ)، ئىدىيە- ئەخلاق، ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئىدىيە-  ئەخلاق دەرسى ئۆتۈش، سىنىپ يىغىنى، پىئونىرلار ئەترەت پائالىيىتى، بايرام، خاتىرە كۈنلەر، زىيارەت ، ئىكىسكۇرسىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيىسى بىرىشنى ئۇمۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇ. ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشىغا سىڭدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
5) مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرغاندا، تەكشۈرگەندە، خۇلاسىلىغاندا ئىدىيە- ئەخلاق خىزمتىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ، تەكشۈرەيدۇ ۋە خۇلاسىلايدۇ. ئىلغارلارنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ، ساقلانغان مەسىللەرنى تەنقىدىي _ تەربىيە ئارقىلىق تۈزىتىشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.
6) رادىئو تەشۋىقاتى، قارا دوسكا، شۇئار ،لوزىنكا،  بايراق چىقىرىش ئەسلىھەلىرى، سىنىپتىكى كۆرسەتمە قۇراللار قارالىق ماتىرياللارنى تۇلۇقلاپ، مەكتەپنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.
7) ئۆزى باشلامچىلىق قىلىش، باشقا بەنزە ئەزالىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىۋاستە تەشۋىقى _ تەربىيە، سۆھبەت، سىردىشىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
8)ھەر ئۇقۇش يىلىنىڭ بېشىدا، روزا- رامىزان مەزگىلىدە ، قىشلىق، يازلىق تەتىللەردە ئوقۇتقۇچى، ئۇقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە، كاپالەتنامە ئىمزالاپ، ناتوغرا ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ  چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
9) ئاتا- ئانىلار مەكتىۋى، ئىتتىپاق مەكتىۋى ۋە پىئونىرلار ئەترىتى تەشكىلىنى قۇرۇپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىدە مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
10) ئىدىيە- ئەخلاق خىزمىتىنى ياخشى يولغا قۇيۇشقا ئىھتىياجلىق بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىش، ئىشخانا ئەسلىھەلىرنى تۇلۇقلاش، قەغەز ،رەڭ، سۇ ، توك، ئىسىنىش، ئارخىپ ماتىرياللارنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىدۇ.






8.«نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»  ۋە نىزام- بەلگىلىمىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش  تۈزۈمى
« نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى » ۋە ئالاقىدار نىزام – بەلگىلىمىلىرى- دۆلىتىمىزنىڭ يىڭى دەۋىردىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۈپ خاراكتىرلىك قانۇن- نىزام. ئۇ ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۇمۇمى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپلا قالماي، پۈتۈن جۇڭخۇا مىللەتلرىنىڭ تۈپ مەپىئەتىگە ، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا، تەرەققىيات سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ بىرى. شۇڭا بارلىق ئۇقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋە  ئائىلە تاۋاباتلىرى تەشكىلى مۇناسىۋەت جەھەتتىن بىزگە چېتىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»ۋە ئالاقىدار نىزام- بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ.
1)مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى، مەمۇرىيىتى، مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، دۆلەتنىڭ «  نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە ئالاقىدار نىزام- بەلگىلىمىلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
2)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» نىڭ 15-ماددىسىدا نۇپۇسنىڭ كۆپۈيىشىنى پىلان  بويىچە تەكشۈرۈشى توغرىسىدا مۇنداق بەلگۈلىمە چىقىرىلغان:«شەھەر بازارلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەر- خوتۇن ئۈچ پەرزەنىتلىك بولسا بۇلىدۇ. ئەر- خۇتۇندىن بىرسى شەھەر بازارلار ئاھالسى بولسا، شەھەر بازارلار ئاھالىسىگە قارىتىلغان پىلانلىق توغۇت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن پەرزەنىتلىك بولسا بۇلىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر جۈپ ئەر- خوتۇننىڭ بەلگىلىمىدىن ئارتۇق پەرزەنىت كۆرۈشىگە يول قۇيۇلمايدۇ. كىچىكىپ توي قىلىپ، كىچكىپ پەرزەنىت كۆرۈش، ئاز ۋە سۈپەتلىك تۇغۇش، پەرزەنىتلەرنىڭ ياش پەرقى ئۈچ ياشتىن كەم بولماسلىق» تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
3) مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى، مەمۇرىيتى ۋە باشقا سىياسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەكتىۋىمىزگە قاراشلىق بارلىق ئاھالىنىڭ « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»،« ئىجتىمائى تەربىيلەش ھەققى ئېلىش باشقۇرۇش خىزمىتنى باشقۇرۇش چارىسى»،«پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمتى باشقۇرۇش نىزامى»،« ئاقما نۇپۇسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتنى باشقۇرۇش چارىسى»،« ئاقما نۇپۇسنىڭ نىكاھ، تۇغۇت ئىسپاتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ۋە باشقا قۇشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى تۇلۇق ئىزچىللاشتۇرشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەر قانداق  كىشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلشتىن باش تارتىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
4) ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىنى ئۆز ۋاقتىدا قوللىنىش ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا ئالدۇرۇش ياكى پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇش ھادىسلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش كىرەك، ئەگەر تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئالماي تۇرۇپ، پىلاندىن سىرت ھامىلدار بولۇپ سۇنئىي ئۇسۇلدا بالا ئالدۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھامىلىنىڭ ئايلىق سانىغا ئاساسەن 100.00يۇەندىن 300.00يۇەنگىچە جىرىمانە ئەمىللەشتۈرىلىدۇ ھەمدە بالا ئالدۇرۇش داۋامىدىكى خىزمەت قالدۇرغان ۋاقتى سەۋەپسىز خىزمەت قالدۇرغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
5) مەكتىۋىمىز ئۆتكەن بىر قانچە يىللىق پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قۇيۇش داۋامىدا تۇغۇتتىن كىيىن تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشنى كىچىكتۈرۈپ، خىزمەتكە تەسلىك كەلتۈرۈش ئەھۋالى كۆپۈيۈپ قالغاچقا تۇغۇت كۆرسەتكۇچى ئالىدىغان خىزمەتتىكى خادىم بولسا 300.00يۇەن، ئائىلە تاۋابات بولسا 200.00يۇەن ياجىڭ پۇلى تاپشۇرۇش، تۇغۇپ 60كۈن ئىچىدە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللانسا ئالدىن ئېلىنغان پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىش، تۇغۇپ 60كۈن ئىچىدە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللانمىغان بولسا ئالدىن تاپشۇرۇلغان پۇل جىرىمانە ھىساپلىنىپ مەكتەپكە كىرىم قىلىش ھەمدە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
6) ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردىن تۇغۇت كۆرسەتكۈچ ئالمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم. ئالاھىدە كىسەل سەۋەبىدىن تەدبىر قوللىنىش  ئىمكانىيىتى بولماي قالسا ، يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى كىچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى رەسمىي يازمىچە ئىسپات خېتى بۇلۇشى كىرەك.
7) مەيلى تۇنجى پەرزەنت ياكى 2-پەرزەنت ئۈچۈن ھامىلدار بولۇشتا ئالدىن بىلەن يازمىچە ئىلتىماس يېزىش ئارقىلىق كۆرسەتكۈچ ئېلىپ ئاندىن ھامىلدار بولۇش، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن دەرھال مەلۇم قىلىش، بىر ئاي ئىچىدە بالىنىڭ نۇپۇس رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش كىرەك.
8) توي قىلغان تۇغۇت يېشىدىكى  ئاياللار كۆپىيىش سېستىمىسى ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش نىسپىتى ٪ 100بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇلازىمەت تەكشۈرۈشتىن كىيىن تەكشۇرۇشتىن كىيىن تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى مەكتەپ پىلانلىق توغۇت خىزمىتگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىگە تاپشۇرۇپ رەھبەرلىكنى خەۋەرلەندۈرۈشى كىرەك. سىرتقا كەتكەن ئاقما نۇپۇسلارغا نىسپەتەن نىكاھ، تۇغۇت ئىسپاتى بولۇش تۈزۈمى ئەمىللەشتۈرلىدۇ. نۇپۇسى مەكتىۋىمىزدە بولغان ئاياللار سىرتقا جايلارغا تۇرۇۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ باشقۇرۇشقا، مۇلازىمەتكە قاتناشمىسا، شۇ كىشى ياكى بۇ يەردە تۇرىۋاتقان ئۇرۇق تۇققانلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئەمىلىلەشتۈرلىدۇ.
9) مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان پىلانلىق تۇغۇت  ئۆگىنىش پائالىيىتى، تەكشۇرۇپ تىزىملاش، سۆھبەت، جىنسىي ساغلاملىق تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنىىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە تەشكىللەش خىزمتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ، ئۇرۇنسىز باھانە ۋە سەۋەپ كۆستىپ مەكتەپ تەشكىلى ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسلىك يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش كىرەك. ھەر قانداق كىشىنىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە نارازىلىق سۆز – ھەرىكەتتە بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ. بۇخىل ناتوغرا ئەھۋال كۆرۈلسە مەسىلىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ، « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە « پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.






















9.مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلۇشىغا دائىر قائىدە- تۈزۈملەر
I رەھبەرلىك خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈزۈملەر:
رەھبەرلىك خىزمىتى مەكتەپنىىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتنىڭ ياخشى ئىشلىنىش- ئىشلەنمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ. شۇڭا مەكتىۋىمزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ.
1)مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسنىڭ ھەيئەتلىرى، مەمۇرىيەت ئەزالىرى، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەر ھەپتىسى 4سائەتلىك سىياسىي ئۆگىنشىنى يولغا قۇيۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتنىڭ يىتەكچى ئىدىيىىنى، سىياسىي نەزىريە ، يۆلۈنۈش، پىرىنسىپ،  ۋەزىپە، مەنىلىرىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2)ئۆگىنشىتە پىلان، ۋاقىت ، مەزمۇن، يوقلام ، خاتىرە قاتنىشىدىنغا ئادەم، يىتەكچىلىك قىلغۇچى، خاتىرە يازغۇچى بولۇش قاتارلىقلار ئەستايىدىل ئەمىلىلەشتۈرىدۇ.
3) مەكتەپنىىڭ باشقۇرۇش خىزمىتى، ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ، خىزمەت ئىستىلى، خىزمەت تەرتىۋى ، مۇھىيتى، ئۇرۇنلاشتۇۇش، تەكشۇرۇش ،خۇلاسىلاش خىزمەتلرىنىىڭ ھەممىسىدە مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى تەلەپلەر ئۆلچەم قىلىنىپ، يىتەكچىلىكنىڭ، تەربىيە مۇزمۇنلىرىنىڭ توغرا بۇلۇشىغا، باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش،  ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆرۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4. رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھەر قايسى مەسئۇل خادىملارنىڭ تۈرلەر بويىچە بىكىتىلگەن خزمەت مەسئۇلىيىتىدە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى تەپلەر ئاساس قىلىنىپ، ھەممە ئادەم  ئۆز خىزمىتى ئارقىلىق مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگە تۆھپە قۇشۇش روھى ھالىتى ئەكىس ئەتتۇرۈلىدۇ.
5) مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنىىڭ جەريانى باشتىن  ئاخىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن باغلانغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەنىۋىي مەدەنىيەتنى بەلگىلەيدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا ماددى مەدىنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدىنىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇش، ئىقتىساد ئارقىلىق مەنىۋى مەدىنىەت خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى ئىشلەيمىز . مەنىۋى مەدىنىيەت خىزمىتنىڭ خىزمەت  شارائىتى تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش  بۇيۇملىرى ، قاتناش ، توك ئىشلىتىش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە كىتىدىغان مالىيە چىقىم راسخۇتىغا  كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي قىينچىلىقنى تەكىتلەپ، مەنىۋى مەدىنىيەت خىزمىتنىىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
6) تەنقىت ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ.
Ⅱتەربىيلەش خىزمىتى جەھەتتكى تۈزۈملەر:
تەلىم- تەربىيە مەكتەپنىىڭ ئاساسلىق خىزمىتى .  ئۇنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، ئۇسۇلى خىلمۇ- خىل، تەربىيە خىزمىتى ئىشلەيدىغان خادىملار تەربىيە ئوبىكىتلىرىنىڭ ئەھۋالىدا نۇرغۇن پەرقلەر بار. تەربىيە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلشتا ئايرىم ئالاھىدىلىكلەرگە ماس ھالدا ئىتبار بىرىش، كونكرىتنى زۈرۈرىيەت بولسىمۇ، لېكىن يىتەكچى  ئىدىيە ، ئاساسى پىرىنسىپ، يىتىدىغان نىشان، خىزمەت تەرتىۋى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم تۈزۈپ، يولغا قۇيۇشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ جەھەتتە يولغا قۇيۇلىدىغان تۈزۈم تۆۋەندىكىچە:
1)يىتەكچى ئىدىيە جەھەتتە: ماركىسزملىق توغرا يولۈنۈشتە  چىڭ تۇرۇش ، جوڭگو كومممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش، ئېلىم- پەن نوقتىنەزىرىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنى بىلەن بىردەك بولۇش قاتارلىق پىرىنسىىپلار يولغا قۇيۇلىدۇ.
2)مەكتىۋىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىش، راستچىل،سەمىمىي بولۇش، مىللەت بۆلگۈنچىلىگى ۋە قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، دىننىڭ ئوقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلار ئىددىيسىگە سېڭىپ كىرىشنى قاتتىق چەكلەش، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىىڭ ئالدىنى ئېلىش ، مەدەنىيەتلىك ، ئەدەبلىك بولۇش،بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك تازلىق پائالىيەتلرىنى ياخشى ئىشلەپ، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىلغار ئىدىيە ، ئىلغار سۆز – ھەرىكەت ، ئىلغار مۇھىت، ئىلغار تەرتىپ، ئىنتىزام كۆز قارشىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىمىز.
3) نەزىرىيەنى ئەمىلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئەمىلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلشنى مۇھىم نوقتا  قىلىش، تەربىيە ئوبىكىتلىرىنىڭ قوبۇل قىلش ئىقتىدارى، قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئېلىىپ بارغان ھەرخىل تەربىيە مەزمۇنلىرىنى بىر نوقتىغا مەركەزلەشۈرۈپ، تەربىيلەنگۈچىلەرنى سوتسىيالىزمنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرى ۋە لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4) تەربىيە خىزمتىدە تەربىيلىگۈچى بىلەن تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ مەسئۇليىتى ئېنىق بىكىتىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلغان، نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك ياخشى بولغانلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان، خىزمتىدە گەۋدىلىك نوقسان كۆرۈلگەنلەرنى تەنقىدلەش، مەمۇرى چارە كۆرۈش، مۇناسىپ ئىش ھەققىنى تۇتۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
5) سىياسىي خىزمەت ، كەسپى خىزمەت، مالىيە ئىقتىساد باشقۇرۇش خىزمىتى، بىخەتەرلىك، كىسەللىكنىىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە قارىتا كونكىرىتنى تۈزۈم- تەدبىرلەر بۇلۇش، تۈزۈمنى  ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئادەم بۇلۇش ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا خۇلاسە بولۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
6) مەكتەپنى قانۇن بويىچە  ئىدارە قىلىش، دىموگراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشلرىنى مۇھاكىمە قىلىش،  قائىدە- تۈزۈملەرنى ماقۇللاش، تەنقىد تەكلىپ پىكىر قۇبۇل قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ساندۇقى ئېسىش، پىكىر – تەكلىپ قەغىزى تارقىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن  كەڭ ئاممىنىىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش، ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزىتىش، خىزمەت ئىستىلنى ياخشىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7) تەربىيە خىزمىتدە مەكتەپ، ئائىلە، جەمىئەت تەربىيسىنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قۇيۇلىدۇ. مەكتەپ ئىچى، سىرتى ۋە ئەتراپىنىڭ سىياسىي مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ.
8) تەربىيە خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ئارخىپ ماتىرياللارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ياخشى باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
Ⅲ خىزمەت نازارەتچىلىكىگە ئائىت تۈزۈملەر:
1)مەكتەپ پارتىيە ياچىيكسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ ھەمدە مەكتەپ ئىشلرىىدا ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك خىزمەت مەزمۇنلىرى بىكىتىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئايلار، پەسىللەر ، يىللار بويىچە مەكتەپ ئىشلرىنى ئاشكارىلاش يولغا قۇيۇلىدۇ.
2) مەكتەپ ئىشلىرىغا قارىتا بارلىق ئۇقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر، ئۇقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش يولغا قۇيۇلىدۇ ھەمدە  ۋەكىل خاراكتىرلىك بىر قانچە كىشىنى مەخسۇس نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر- ئىنكاسلىرىنى يەتكۈزۈش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
3) ئاشكارىلانغان مەسىللەردە ئەمىلىيەتنى ئاساس  قىلشى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەينەن ئاشكارىلاش، ئاشكارلاشتىن ئاۋۋال رەھبەرلىك گۇرۇپپا قاراپ چىقىش، ئاشكارلىغاندىن كىيىن ئاممىنىڭ پىكىر تەكلىپلرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بىرىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈش يولغا قۇيۇلىدۇ.
Ⅳخىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش ۋە خۇلاسىلاش تۈزۈمى
خىزمەت پىلانى تۈزەش، ئۇرۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، خۇلاسىلاش_ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلشنىڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچى.خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىش، ۋەزىپە، تەلەپ، نىشاننى كۆرسىتىپ، بىرىدىغان يوليۇرۇق. تەكشۈرۈش بولسا ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدىكى كونكىرىتنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ، خىزمەتلەرنى ئالغا سۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ. خۇلاسىلاش بولسا، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ياخشى – يامان تەرەپلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىلغارلىققا ئىلھام بىرىپ، ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلىپ ، كىيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئاساس سالىدىغان مۇھىم خىزمەت. خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن جەزمەن تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش  كىرەك. تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىنمىسا ، خىزمەتلەر ياخشى قانات يايمايدۇ. شۇڭا بىز خىزمەتلەردە تۆۋەندىكى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيىمىز.
1)رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە بارلىق  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك يىغىن، ئۆگىنىش پائالىيەتلرىدە پىلان، ۋاقىت، يوقلام خاتىرىسى، يىغىن، ئۆگىنش خاتىرلىرى، مەزمۇن ، تەسىرات ، تەتقىقات بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار ئارخىپ ئارقىلىق خىزمەت، ئۆگىنىش، يىغىن روھىنى ئىزچىللەشتۇرۇش ئەھۋاللىرى يىلدا 4 قېتىم ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى دائىملىق تۈزۈم قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
2) ھەر ھەپتىنڭ سەيشەنبە كۈنى مەكتەپ مەمۇرىيتىدىكىلەر ئۆگىنىش، خىزمەت دوكلات قىلىش، خىزمەتلەرنى پىلانلاش پائالىيتى  ئېلىپ بېرىلىپ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارچە- پۇرات ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ،كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئاقستىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىمىز.
3) ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت، مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىنتىزامى، غايە- ئىتقاد، خىزمەت پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئىدىيىۋى سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىتىزامسىزلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، قانۇن ئىنتىزامغا، كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ كىلىدىغان ئەھۋاللارنى بىخ ھالىتىدە ئىگەللەپ، قاراتمىلىقى، دەلىللىكى بولغان تەشۋىقات تەربىيە ئارقىلىق سىياسىي كەيپىياتىنى ياخشىلايمىز .
4) ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ ئەمىلىيلىشىشنى تەكشۈرۈش، دەرس تەييارلىق تەكشۈرۈش، تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دەرس ئۆزلەشتۈرۈش، نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن جىرىمانە قۇيۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
5) تەكشۈرۈش- ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، نوقتىلىق تەكشۈرۈش، ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئېلىپ بېرىلدۇ ھەمدە چۇقۇم خۇلاسە قىلىش ئارقىلىق يىتەرسىزلىكلەر كۆرسىتىپ بىرىلىدۇ.
6) شەخىسلەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، قوغداش، دۈجۈرنىلىك، پىلانلىق تۇغۇت، قاتناش، ئۇقۇغۇچىلاردىن راسخوت يىغىش، سېلىغ سېلىش، جېرىمانە ئېلىش، تەن جازاسى بىرىش قاتارلىق مەسىللەرنى قەرەلسىز ھالدا دائىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ باش كۆتۈرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىمىز.
7) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنى سۆيۈش، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى سۆيۈش، ئىلىم- پەننى ، ئەمگەكنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلىتىمزنىڭ رەھبەرلىرى، بەش بايراق، بىر گىرب، ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى، پارتىيىنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتى، پىئونىرلار ئەترەت بىلىملىرى، كوممونىستىك ئەخلاققا دائىر بىلىملەر، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە دىنىي سېڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بىلىملەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر  بىلىملەرنى بىلىش ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەق- ناھەقنى، توغرا- خاتانى پەرقلاندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ  سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
8) مەكتەپ ۋە شەخىسلەرنىڭ كوللىكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش، باشقۇرۇش، مال- مۈلۈك ئىشلىتىش، مالىيە ھىساۋات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قۇيۇپ، ئوغۇرلۇق، خىيانەتچىلىك، بۇزۇپ چېچىپ ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
Ⅴمەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى بويىچە مۇكاپاتلاش- جازالاش تۈزۈمى
مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتى _ ئىدىيە- ئەخلاق، مەدەنىي تەنتەربىيە، باشقۇرۇش، كەيپىيات، مۇھىت، كىشىلىك مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كونكىرىتنى سۆز- ھەرىكىتى ۋە روھى قىياپىتىدە ئەكىس ئىتىدۇ.
بىز ئىلغار ، مەدىنىي، ساغلام، گۈزەل بولغان مەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئۇنىىڭ يادروسى- ماركىسىزىم ئىدىيسىنى يىتەكچى قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇرۇشقا دائىر سىياسىي، قانۇن- تۈزۈم، تەلەپلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا پايدىلىق بولغان سوتسىيالستىك مەنىۋى مەدەنىيەت.
مەكتۋىمىزدىكى زور كۆپچىلىك ئوقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلارۋە ئۇلار ئالاقە قىلىشىدىغان كىشىلەر سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت تەلىۋىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ياخشى كەيپىياتنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى ناتوغرا مەدەنىيەت ھادىسلرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تەسىرى ياكى كىشىلىك دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارشى، مەقسەت قارشىدىكى ئىدىيىۋى بۇرۇلۇش سەۋەبىدىن بەزى ناتوغرا ھادىسلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
بىز ياخشى مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئەۋىج ئالدۇرۇش، ناتوغرا مەدەنىيەت ھادىسلرىنى تەنقىد قىلىپ، جازالاش، چەكلەش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ناچار قىلمىشلارنى جازالاش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
مۇكاپاتلاشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى:
1.كوللىكتىپ ئۇرۇنلارنىڭ شەرتلىرى:
1) شۇ ئۇرۇندىكى پارتىيە تەشكىلاتى، رەھبەرلىك بەنزە ۋە مەسئۇل خادىمنىڭ خىزمىتى ھەر جەھەتتىن ياخشى بولۇش، باشقۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش.
2)سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت، جەمئىيەت ئامانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىننىي سىڭدۈرمىچىلىكنى چەكلەش خىزمىتى ياخشى بۇلۇش.
3) دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلغان بولۇش، تەسىر يامان بولغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولۇش.
4) پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت ئۆگىنىش ياخشى بۇلۇش، فىئودال خۇراپاتلىق، قالاق ھادىسلەر تۈگىتىلگەن بولۇش.
5) ئىتتىپاقلاشقان، ھەمكارلىشىپ، ئالغا باسىدىغان ئىنتىزامچان بىرلىككە كەلگەن كوللىكتىپ بەرپا قىلىنغان بۇلۇش.
5) مۇھىت كەيپىياتى يەنى تازلىق، كۆكەرتىش، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەن بولۇش .
2.ئىلغار ئائىلە ۋە شەخىسلەرنىڭ شەرتلرى:
1) پارتىينىڭ سىياسەتلرىنى، قانۇن- نىزاملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان بولۇش
2) جەمئىيەت ئامانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىغان، مىللەت بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە قانۇنسىز دىننىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تورغان، قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلە سادىر قىلمىغان بۇلۇش.
3) ئىلىم- پەن ئۆگىنىشكە، مەدەنىيەتلىك، ئەدەبلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇش.
4) ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان، ئەخلاقسىزلىق ھادىسلرى كۆرۈلمىگەن بولۇش.
5)مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆز- ئارائىتتىپاقلىقى ياخشى بولغان بۇلۇش. قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلغان، قۇلۇم – قوشنىللىرى بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتكەن بۇلۇش.
6) كونا ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ، فىئۇدال خۇراپاتلىققا بىرىلمىگەن،  قۇلۇم- قوشنىلىرى بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتكەن بولۇش.
7)مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، گۈل گىياھ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن، جىرىم تىكىپ ئورمان بىنا قلىش، كۆكەرتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇش.
8) ئائىلە ئەزالىرى، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغان، پىلانلىق توغۇت، بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە سادىر  قىلمىغان بولۇش.
9) يامان سۆز- ھەرىكەتلەرنى، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەشىر بۇيۇملىرىنى پاش قىلغان، دادىل قارشى تۇرغان بولۇش.
يۇقارقى شەرتلەردە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلار تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
جازالىنىدىغانلارنىڭ شەرتلرى:
1)مىللەت بۆلگۈنچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇغۇنچىلىق قىلغان، جەمىئيەت تەرتىۋىنى ئىغىر دەرىجىدە بۇزغانلار.
2)پارتىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىغا توسقۇنلىق قىلغان ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزام بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلار .
3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇغۇنچىلىق قىلىدىغان مىللىي   ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان پىتنە پاسات، ئىغۋا تېرىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
4) مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ئەكسىيەتچىل نەشىر بۇيۇملىرىنى ياسىغان، تارقاتقان، ساتقان، يۇشۇرغانلار.
5) ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار.
6) فىئودال خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك، ئالدامچىلىق قاتارلىق رەزىل ئىللەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار .
يۇقارىقىغا ئوخشاش سىياسەت، قانۇن- نىزام، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئىجىتىمائىي كەتپىياتقا، ئىتتىپاقلىققا، نورمال ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىىۋىنى بۇزغان، ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا  قىلغانلار مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا تەنقىد قىلىنىدۇ ياكى مۇۋاپىق جازاغا تارتىلىدۇ.




10.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى باھالاش-  ئوقۇغۇچىلارنىىڭ ئىدىيە- ئەخلاق، سۆز- ھەرىكىتىگە قۇيۇلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە خىزمتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاشتا تۆۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ.
1)كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىش- ئوقۇتقۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان دائىملىق تەلەپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا قارىتا دائىملىق نازارەت قىلىش، ئايلار،ماۋسۇملار بويىچە باھالاش ئېلىپ  بېرىش يولغا قۇيۇلىدۇ.
2)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاشتا ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىدۇ .
3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى باھالاشتا قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ، دىننىي سىڭدۇرمىچىكنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، پىلانلىق تۇغۇت، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇش گەۋدىلىك ئۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ.
4)ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاشتا دىموگراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى باھالاش بىلەن ئۆز- ئارا باھالاش، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلىپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىش كەيپىياتىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.
5) ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا دائىر كونكىرىتنى مەزمۇنلارنى پىششىق بىلىش، ھەركىتىدە ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق  سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيتتە كەسپى ئەخلاق بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش، خۇلاسىلاش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.
6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا باھا بىرىشتە داۋامىدا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار، ۋە جەمىئەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن پىكىر  ئېلىش، رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. پائالىيەت ئاز دىگەندە بىر يىلدا بىر قېتىمدىن كام بولماسلىقى كىرەك.
7) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىشى ئالاھىدە ياخشى بولغان، ئوقۇتۇش سۈ پىتى يۇقىرى، سىياسىي ئىدىيىۋى ئەھۋالى ياخشى، ئۇمۇم ئىتراپ قىلغان ئىلغارلارنى مۇۋاپىق پەيىتتە تاللاش، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش  ئېلىپ بېرىلىدۇ.
8) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلمىغان. ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىگە، باشقىلارغا يامان تەسىر پەيدا قىلغان، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
9)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق ئەھۋالىدىن مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى، مەمۇرىيىتى، سىياسى خىزمەت بۆلۈم كەسپىي ئىستىلىنى ياخشىلاس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەردە باھالاش خاتىرىسى ، خۇلاسە ماتىرياللرىنى ياخشى ئارخىپلاشتۇرۇش لازىم













11. دۆلەت بايرىقى چىقىرىش تۈزۈمى
دۆلەت بايرىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش تۈزۈمى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسيات كۈچەيتىلىدۇ.
1) ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ياكى ئوقۇش باشلىغان بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا مەكتەپلەر بار بولغان بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۇراسىمغا تۇلۇق قاتنىشىش، ئەگەردە سەپكە كىچىكىپ كەلسە مېڭىپ يۈرمەي ئۆز ئورنىدا دىققەتتە تۇرۇشى كىرەك.تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن مۇراسىمغا قاتناشمىغۇچىلارغا بىردەك سەۋەبسىز خىزمەتتىن قالغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
2) مۇراسىم باشلىنىشتىن ئاۋۋال دۆلەت بايرىقىنى 4 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، 3تىن 5كىچە قوغدىغۇچى ۋە بارابان ئەتىرىتى مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. كۈرۈنۈش ھەيۋەتلىك، تەسىرلىك، جانلىق بولۇشى كىرەك.
3) دۆلەت بايرىقى دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇلغان دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە چىقىرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن بايراققا كۆز تىكىپ تۇرۇپ، (ئەترەت سالىمى بىرىپ) ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ، بايراق چىقىرىلىپ بولغاندىن كېين، ئايرىم- ئايرىم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قەسەم بىرىدۇ ھەم سىياسى يىتەكچى ياكى مەكتەپ مەسئۇلى بېغىشلىما سۆزلەيدۇ.
4) ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەي، دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن بايراققا كۆز تىكىپ تۇرۇپ، (ئەترەت سالىمى بىرىپ) ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ.
5) دۆلەت بايرىقى كۈندە كەچتە ئىشتىن چۈشۈشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن چۈشۈرىلىدۇ، بايراق چۈشۈشكە ئەڭ كەم دىگەندە بىر سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلرى قاتنىشىشى، بايراقنىڭ سۈپىتى ۋە ئاسرىلىشىغا ئەھمىيەت بىرىلىشى كېرەك.


12.مەكتەپ مەمۇرىيتىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت تۈزۈمى
مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى، پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققى قىلغان سوتسىيالىزىمنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان يىڭى بىر ئەۋلات كىشلىرنى تەربىيلەش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپىدىكى يولداشلار ئۆز ئۆستىگە ئالغان مەسئۇليەتنى ئەستايدىل ۋە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ ئۈنۈمنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھالقىلىق مەسىلە. ھەر بىر مەمۇرى خادىم ئۆزئۆستىگە ئالغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»،«پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياخشى ئادا قىلىشى كېرەككى، مەسئۇليەتسىزلىك ۋە بىپەرۋالىق قىلىشقا، شەكلىۋازلىق قىلىشقا، كۈن ئۆتكۈزۈپ ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىككە قەتئى يول قۇيۇلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى خىزمەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ:
1) مەكتەپ مەمۇرىيتىدىكى خادىملار خىزمەتكە ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇرۇن كىلىشى، كىيىن قايتىشى لازىم. دىجورنىلىك يوقلام تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، ئاي ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىدۇ.
2) ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئالدىنقى ھەپتىلىك خىزمەتلەردىن دوكلات قىلىش ۋە بۇ ھەپتىلىك خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق خىزمەتلەرگە ئاساس سېلىنىدۇ.
3) مەمۇرى خادىملار مەسئۇل بولغان خىزمەتنى تەلەپ بۇيىچە ياخشى ئىشلەش لازىم، خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بىرىلىدۇ.
4) مەمۇرى خادىملار  ھەر ھەپتىدە كام بولغاندا ئىككى سائەتتىن دەرىس ئۆتۈش، ئىككى سائەتتىن دەرىس ئاڭلاپ ئوقۇتۇشقا ئەمىلىي يىتەكچىلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرىس ئۆتۈش، دەرىس ئاڭلاش ئەھۋالى قەرەللىك ھالدا مەكتەپ مۇدىرى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلنىدۇ.
5) قەرەللىك ھالدا مەكتەپنىڭ مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ، كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
6) مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش، دىجۈرنىلىك خىزمىتىدە باشقىلارغا ئۈلگە بۇلۇش تەلەپ قىلنىدۇ. مەسئۇليەتسىزلىك قىلسا مەسئۇليىتى سۈرۈشتە قىلىنغاندىن سىرت، دۈجۈرنىلىك تۈزۈم-تەدبرىىنىڭ روھى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلنىدۇ.
7) مەمۇرى خادىملار پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ خىزمەت بىجىرشى، خىزمەتتە ئادىل بۇلۇشى، زىدىيەتتىن  قاچماسلىقى، ئۆزيېقىنلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنى قانات ئاستىغا ئالماسلىقى، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلنىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئالماسلىقى، بەنزىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، يىغىن مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى تەلەپ قىلنىدۇ.
يۇقارقى قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە تەنقىدى تەربىيە بىرىلىدۇ، بەنزە ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىلىدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزسە ئىدارە پارتكومى، مەمۇريىتىگە ۋەزىپىسىنى ئويلۇشۇپ كۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بىرىلىدۇ.








13. رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىتىپاقلىشىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگۈلىمىسى
1)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىتىپاقلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ يوليۇرۇقى ۋە قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، پاك-ئىنتىزامچان بۇلۇپ، ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلى قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
2)قانۇن بۇيىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى مەكتەپ ئىستىلى، ئۇقۇتۇش ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلايدۇ.
3-«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى يىڭىلىق يارىتىشقا يىتەكلەپ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەشتىكى ئاۋانگارتلىق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ.
4)تەشكىلى ئىنتىزام ۋە كادىرلار ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇپ، ئەمىلى ئىقتىدار ۋە ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق باشقىلارنى يىتەكلەيدۇ.
5- ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسى ساپاسى، ۋە ئەخلاقى ساپاسىنى ئۆستۇرۇش چىڭ تۇتۇلىدۇ. يەنى ئۇقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنى قەرەلىك بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسى-نەزىرىيە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ.
6)ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بارىدىغان ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە، ۋە ئەخلاقى-تەربىيە خىزمىتىنى پىلانلىق، سېستىمىلىق، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىپ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانۇننى ئۆگۇنۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، سۆز-ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلمىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەدەنىي، ئىلىمى سۆزلەشكە يىتەكلىنىدۇ.
7)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر ئىشنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى ئىجرا قىلماسلىققا قەتئى بولمايدۇ.
8) مەكتەپ ېەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى توغرا تۇنۇپ، بىجانىدىل ئۇرۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، زىددىيەتتىن قاچىدىغان، باشقىلارغا ياخشىچاقلىق قىلىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىدۇ.
9) بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىدىغان 4 خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىپ، سىياسى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئورتاق مەسئۇل بۇلىدۇ.
10) مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى  ئىنىق تۇنۇپ، كوللىكتىپ قارار قىلىپ، شەخىسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بۇلۇش، ئىش بىجىرىش يولغا قۇيىلىدۇ. بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئۇرۇنداش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
11-پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ئۆگىنىش پائاليىتى داۋامىدا بولمىسۇن ياكى باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەردە بولمىسۇن، رھبەرلىك بەنزە كوللىكتىپى ئەزالىرى ئۆز مەسئۇلىيىتنى ئىنىق تۇنۇپ، باشلامچىلىق، نەمۇمىلىك، ئاۋانگارتلىق رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، رھبەرلىكنى كۈچەيتىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
يۇقارقى بەلگۈلىمىنى ئىزچىللاشۈرۈشتىكى تەدبىرلەر:
1)ئەگەر يۇقارقى بەلگۈلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۈرۈلسە تەنقىد-تەربىيە بىرىلىدۇ ۋە رەھبەرلىك بەنزە ئىچىدە ئۈزىنى تەكشۈرەيدۇ.
2) تۈرلۈك خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرلىدۇ ۋە تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
3) ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى تەلەپ بۇيىچە ئۇرۇنلىيالمىسا ياكى ھۆددىسىدىن چىقالمىسا مائارىپ ئىدارىسىگە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى بىرىلىدۇ.

14. پارتىيە ياچىيكىسى رەھبەرلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى
مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن مەمۇرى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بۇلۇش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ:
1) مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئۇقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇشقا، زۆرۈربولغان مەمۇرى ئاپراتلارنى تۇرغۇزۇشقا، خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۇشكە، تەستىقلاشقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
2) تۈرلۈك ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلەرنى كونكىرىتنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە، ئالاقىدار ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.
3) يۇقۇرىنىڭ يول-يۇرۇق، ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يۇقۇرىدىن يوليۇرۇق سۇراش، خىزمىتىدىن دوكلاتى بىرىش، زۆرۈر خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ بىرىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
4) ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كەسپى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەربىيلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ مۇۋاپىق ئىشقا قۇيۇش، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا يىتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خۇلاسىلاپ ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش، خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارنى بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا لاھىيە تۈزۈپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى  كېڭىشىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىجىراقىلىدۇ.
5) مەكتەپ مەمۇرىيتى ياكى مەكتەپ ئىشچىلار كېڭىشىنىڭ يىغىنى، ئوقۇتقۇچىلار چوڭ يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا دىمگىراتىك كېڭىشىشنى يولغا قۇيۇش، ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بۇلىدۇ.
6) مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم لاھىيسىنى تۈزۈپ، مائارىپچىلار قۇرۇلتىيى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قۇيىدۇ.
7) مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى، ئارقا سەپ، مالىيە-ئقتىساد باشقۇرۇش، مەكتەپنى تۆتلەشتۈرۈش خىزمىتى ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھەر قايسى تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
8) ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى يولغا قۇيىدۇ. مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مەكتەپنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسى خىزمىتى ۋە ئەخلاقى-تەربىيە، تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتە ساغلام بولغان سىياسى كەيپىياتنى ئەۋىج ئالدۇرىدۇ. مىللەت بۆلگۈنچىلىك ئىدىيسى، دىننىي سىڭدۈرمىچىلىكنى قاتتىق چەكلەيدۇ.
















15.مائارىپچىلار قۇرۇلتېيى تۈزۈمى
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەكتەپنى دىمۇگراتىك باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاپ، دىمۇگراتىك نازارەتچىلىكنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيىنىڭ 18-قۇرۇلتېيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسىنى يىتەكچى قىلىپ «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش، پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى مەنبەسىدىن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.
يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتنىڭ روھى بۇيىچە مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمى تۈۋەندىكىچە تۈزۈپ چىقىلدى:
1.مائارىپ سىستمىسىدا ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمىنى يولغاقۇيۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى، مۇھىم ئەھمىيىتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ھەممە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ مەكتەپ ئىشلىرىنى دىمۇگراتىك باشقۇرۇش ،نازارەت قىلىش جەھەتتىكى مەسئۇليەتچانلىق ،خۇجايىنلىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقات تەربىيىسنى كۈندىلىك خىزمەتلەر تەركىۋىگە كىرگۈزۈپ، نەزىرىيە ۋە ئەمىليەت ئارقىلىق تۇنۇشنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
2. ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى سانلىق يىغىنى ئېچىش. قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىش، ماقۇللاش، قارار قىلىش، باھالاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق ھۇقۇقلىرىنى تۇلۇق يۈرگۈزۈشكە، قۇرۇلتاينىڭ ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئۇرۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
3.ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرقۇرۇلتېيى تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئۇرۇندايدۇ: مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، مەكتەپنىڭ مالىيە، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاش، پىكىر-تەكلىپلەرنىڭ بىجىرلىش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاش، بىرىلگەن دوكلاتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، يىڭىدىن پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش، بىرىلگەن دوكلاتلارغا قاراپ چىقىش، زۆرۈر تېپىلسا ئۆزگەرتىش، تۇلۇقلاش ۋە ماقۇللاش.
4. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مالىيە باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاش خىزمىتىنى ئەستايدىل  ياخشى ئىشلەش، يىللىق، ماۋسۇملۇق خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرى، تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرى، باھالاپ خۇلاسىلاش ئۆلچەملىرى، قائىدە-تۈزۈملەر ئاشكارا بۇلۇش، ھەر قايسى خىزمەت تۈرلىرىنىڭ ئەمىلى ئىھتىياجىغا  ئاساسەن ئاشكارلاش، زۆرۈر ۋاقتىدا ئالاقىدار تۈزۈملەرگە ئاساسەن ۋاقتىدا ئاشكارلاش، ئاشكارلاش ماتىرىياللىرىنى تەييالاشقا ئاساسلىق مەسئۇل خادىم مەسئۇل بۇلۇش، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ تەستىقلىغاندىن كىيىن ئاشكارلاش يولغا قۇيۇلىدۇ.
5. مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاشتا ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەش، سەمىمىى راسچىل بۇلۇش يولغا قۇيۇلىدۇ. يالغان ئاشكارلاش، شەكىلۋازلىق قىلىش، ۋاقتىدا ئاشكارلىماسلىقتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
6. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتېيى ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە ئىلگىرىكى قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بارلىق خىزمەتلەرنى تۈرلەر بويىچە خۇلاسىلاش، مۇزاكىرە قىلىش، قارار ماقۇللاش، قۇرۇلتاي يېپىش مەزگىلىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىجىرىپ، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغدايدۇ.
7. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ تۈزۈمنى يولغا قۇيۇش داۋامىدا تۈۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
1) قانۇن بويچە باھالاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
2) پارتىينىڭ رەھبەرلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
3) ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەش، بىرنىڭ ئىككىگە بۈلۈنۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
4) ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
5) ئومۇميۈزلۈك سىناپ تەكشۈرۈش،ئەمىلى نەتىجىگە ئەھمىيەت بىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
6) ئاممىغا ئىشىنىش ۋە ئاممىغا تايىنىش، دىمۇگىراتىينى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.
7) باھالاشقا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى- كادىرلار  خىزمىتى تۈزۈمى ۋە باھالاش خىزمىتى تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلنىشىغا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتايغا تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسى مەسئۇل بۇلىدۇ.















16. جەمىيئەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمەت تۈزۈمى
جەمىيئەت ئامانلىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، ھەردەرىجىلىك پارتىكوملارنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ئۇرۇنلار بىردەك ماسلىشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشۋىق تەربىيە ۋە باشقا مەمۇرى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، جەمىئيەتتىكى ئامانلىق مەسىللىرنى ھەل قىلىپ، جىنايەتكە قاتتىق زەربە بىرىپ، ئىجتىمائى مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائى مۇھىت يارتىدۇ.
ئۇنىڭدا ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن جىنايەتلەرگە زەربە بىرىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، يۈزەكى تۈزەش بىلەن تۈپ نىگىزىدىن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، «كىم ئاساسلىق باشقۇرۇسا شۇ مەسئۇل بۇلۇش» تۈزۈمى بۇيچە مەسىلە كۈرۈلسە ئاساسلىق مەسئۇلنىڭ مەسئۇليىتى سۈرۈشتە قىلنىدۇ.
جەمىيئەت ئامانلىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنى مەكتىپىمىزدە ئەمەللەشتۈرۈشتە تۈۋەندىكى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلنىدۇ:
1)مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئومۇملاشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى كۈندىلىك ئىشلار كۈن تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ ھەردائىم چىڭ تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2)جەمىئيەت ئامانلىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاساسلىق مەسئۇليەتنى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بىۋاستە ئۈستىگە ئالىدۇ.تارماق مەكتەپلەردە بولسا تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
3) مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەمۇرىيتى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش رەھبەرلىك گۇرپىسى بىلەن ھەرقايسى تارماق، ۋە ھەربىر ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بىلەن نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇليەتنامىسى ئىمزالاپ، مەسئۇليەتنى ھەر بىركىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.
4) ئاممىۋى نازارەتچىلىك، قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ياخشى ئەمىللەشتۈرۈش، قوغداش دۈجۈرنىسىنىڭ خىزمىتىنى قەرەلىك تۈردە دائىم تەكشۈرۈپ تۈرۇش، مەسئوليەتسىزلىك قىلغانلارنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش، ئۇلارنى دائىم ھوشيار بۇلۇشقا يىتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
5) بارلىق ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار، دىننىي ئەسەبى كۈچلەرنىڭ فىئۇدال خۇراپاتلىقتىن پايدىلنىپ، ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش، بۇلۇپمۇ دىننى سىڭدۈرمىچىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىدىيسىگە سىڭىپ كىرىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
6) جىنايى ئىشلارقانۇنى، ئامانلىق ساقلاش نىزامى، ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇقۇملۇقنى تۇتۇشتىكى بەش قاراش، ئالتە تەدبىر قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىدىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىقى تەربىيە ئىشلەپ، ھەرخىل جىنايى ھەركەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىنى چەكلەش، ئۇرۇش-جىدەل، ئوغۇرلۇق، ئوت، قاتناش ھادىسىللىرى پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7) جەمىيەت ئامانلىقى، دىن باشقۇرۇش، بىخەتەر ئشلەپچىقىرىش، قاتناش ھادىسىللىرىدىن ساقلىنىشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت باھالاشلاردا تەكشۈرۈپ، مەسىلە سادىر قىلغان بولسا بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى ئەمىللەشتۈرىلىدۇ ھەمدە ئەھۋالنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە ئاساسەن تەنقىدى تەربىيە بىرىش، ئاگاھلاندۇرۇش،جىرىمانە قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى  قوللىنىپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.ئختىسادى جەھەتتىن  50.00 يۈەندىن 1000.00 يۈەنگىچە جەرىمانە ئەمىللەشتۇرلىدۇ. ئېغىر بۇلۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى  مۇناسىۋەتلىك قانۇن  ئۇرۇنلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشقا يوللىنىلىدۇ.






17. قوغداش، دۈجۈرنىلىك خىزمەت تۈزۈمى
مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش دىجۈرنىلىكنى يولغا قۇيۇش-مەكتەپ مال-مۈلكىنى قوغداش، ئەنزە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۇنى ياخشى يولغا قۇيۇشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بار. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇنلاشتۇرغان ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق بىلەن قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تۇلۇق بىجىرىشى، يامان ئەھۋال، ناتوغرا كەيپىياتلاردىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.
كونكىرىتنى قائىدە-تۈزۈملەر تۈۋەندىكىچە:
1) دىجۇرنىلىكنى تاپشۇرۇپ ئېلىش، تاپشۇرۇپ بىرىش، كۈرۈلگەن ئەھۋاللارنى بىردەك يازمىچە خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كىرەك.
2) بارلىق ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىجۈرنىلىك ۋاختىنى ئىنىق بىلىشى، ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئېلىش، تاپشۇرۇپ بىرىش رەسمىيتى بىجىرىپ، دۈجۈرنىلىك خاتىرىسگە ئىمزا قۇيۇشى لازىم.
3) دىجۈرنىلىكنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مەزگىلىدە بارلىق مال-مۈلۈك كۆزدىن كەچۈرلىشى، ھادىسە كۈرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولغان ئەھۋاللارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
4)قوغداش ئورنىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئۆزى تۇرۇشى، خالىغانچە ئالماشماسلىقى، كىچىك بالىلارنى قويماسلىقى لازىم.
5) قوغداش دىجورنىلىكىگە ئادەتتە كىچە – كۈندۈز  ئىككىدىن دۇجۇرنى ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ. سەزگۇر پەيىتلەردە دۈجۈرنىلەر كۆپەيتىپ ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ. قوغداش ئورنىدا بەلگىلەنگەن دۈجۈرنى خادىملار باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ مەكتەپتىن ئايرىلسا بىردەك پوستا تۇرمىغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلنىدۇ.
  6) دىجۈرنى خادىملار، دىجورنىلىك ئورنىدا ھاراق ئىچىش، قەرت ئويناش، باشقا قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، يات ئادەملەرنى قوندۇرۇش، ھەمراھ قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
7) دىجۈرنىلەر دىجۇرنىلىك مەزگىلىدە سەگەكلىك  بىلەن مەكتەپ ئىچىنى قەرەلىك ئايلىنىپ ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
8) دىجۈرنىلەر نۆۋەتچىلىك ئۆيىنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ ،پاسكىنچىلىقتىن ساقلىنىش لازىم.
9)دىجۈرنىلىك ئەھۋالى مەكتەپ تەرپىدىن ھەر ۋاقىت قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ.تەكشۈرۈشتە بەلگىلەنگەن دىجۈرنى بولمىسا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار قويغان جىرىمانىدىن سىرت بىر ئادەم ئۈچۈن 200.00يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. پوستا تۇرغان بولسىمۇ ئۇخلاپ قېلىش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھادىسە كىلىپ چىقسا تىگىشلىك جىرىمانە ئەمىللەشتۈرگەندىن سىرت ئىقتىسادى زىيان تۇلۇق تۈلىتۋېلىنىدۇ. سىياسى جەھەتتە مەسئۇليەت قاتتق سۈرۈشتە قىلىنىپ، مەمۇرى تەدبىر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.













18. بىخەتەرلىك خىزمەت تۈزۈمى
مەكتىپىمىزدە بىخەتەر ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش- مەكتەپنىڭ مۇقۇملىقى، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئۇنى ياخشى يولغا قۇيۇشتا ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيتى بار. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەكتىۋىمىزدە تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ :
1) مەكتىۋىمىزدە بىخەتەرئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى گۇرۇپپا مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى تارماق، سىنىپ مەسئۇللىرى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە كونكىرىتنى مەسئۇل بۇلىدۇ. مەسئۇليەت ئادەم بېشىغا قەدەر كونكىرىتنى ئەمىللەشتۈرلىدۇ.
2) يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا ئاچقان يىغىن روھى، تارقاتقان ھۆججەت، ۋە ئۇقتۇرۇشلىرى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ، ئىجراسى ۋاختىدا تەكشۈرلۈپ  خۇلاسە قىلنىدۇ. شۇنداقلا بىخەتەرلىك خىزمىتى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى قاتارىدا پىلان ئىچىـگە كىرگۈزۈلۈپ ئەمەلىلەشتۈرلىدۇ .
3) تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇللىرى قوللۇنىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەسمىيەتسىز قاتناش قورالى ھەيدىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ موتۇسىكلىت مىنىپ مەكتەپكە كىلىپ-كىتىشى قاتتىق مەنئى قىلنىدۇ. ئوغۇرلۇق ۋەقەلىرى، ئوت، سۇ، توك، قاتناش ھادىسىللرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت يۈزبىرىش ئھتىماللىقى بولغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ھادىسە يۈزبىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلنىدۇ .
4) مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەجىربىخانىدىكى خېمىيۋىلىك دورا-سايمانلارنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش جەھەتتە ئاسان ئوت ئالىدىغان، پارتلايدىغان خېمىيۋىلىك دورا بار ئىشكاپلارغا قوش قۇلۇپ سېلىش، بىخەتەر تەجىربە مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ھەمدە يۇقۇرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بەلگۈلمىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
5) تەنتەربىيە دەرىس ئۆتۈشتىن بۇرۇن، تەنتەربىيە سايمانلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىش، ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماسلىق، ئەمگەك ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە بۇلۇپ ۋەقە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
6) مەكتىپىمىزدە 24 سائەت قوغداش، دىجۈرنىلىك تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقە ھادىسە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدى ئېلنىدۇ. بۇجەھەتتە ئايرىم تۈزۈم تۈزۈلدى شۇ تۈزۈم قاتتىق ئىجىرا قىلنىدۇ.
7) خەتەرلىك ئۆي-ئىمارەتلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ مەسىلە چىقىش ئىھتىماللىقى بار بولغانلىرىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى بىكىتىپ، تۈرلۈك مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئەمىللەشتۈرۈپ، خەتەر چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
8) رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى تۈرلۈك يىغىن، زىھىن سىناش، لىكسىيە سۆزلەش، قارادوسكا تەشۋىقاتى، شۇئار-لوزىنكا، كۆرگەزمە، تىلۋىزور ۋە رادىئو تەشۋىقاتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسنى كۈچەيتىپ ئۇقۇغۇچىلار ئىدىيسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش تەلەپ قىلنىدۇ.
9) كونىراپ كەتكەن توك سىملىرىنى ۋاختىدا ئالماشتۇرۇش، ئاشخانىدا ئوچاق ئەتراپىغا يېقىن جايدا ئۇتۇن  قويماسلىق، سىنىپ، ئىشخانىلاردىكى مەشلەردە كەچتە چوغ قالدۇرماسلىق، كۈل تۆككەندە چوغ قالماسلىققا دىققەت قىلىش كىرەك.
10) سىنىپ، تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۆزى مەسئۇل بۇلۇپ، خەتەر چىقىش ئىھتىمالىنىڭ بار-يوقلىقىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە مەسىلە چىقىش ئىھتىمالى بولغان تەرەپلەرنى ۋاقتىدا مەكتەپ مەمۇرىيتىگە دوكلات قىلىش كىرەك.
11) يىل بېشى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ مەمۇرىيتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى ئوتتۇرىسىدا قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇليەتنامە ئىمزالاپ، مەسئۇليەتنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلنىدۇ.
12) مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرى ۋاقتىدا تەكشۈرلۈپ، خەتەرلىك ئەھۋال سىزىلگەن ھامان ئوقۇغۇچىلارنى خەتەرلىك ئۇرۇندىن ئايرىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىش، خەتەرلىك قۇرلۇشلارغا بەلگە چاپلاش، رىمىنۇت قىلىش، تەدبىر قوللۇنۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش تەلەپ قىلنىدۇ.
يۇقارقى قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ-كىچىك مەسىلە سادىر قىلغۇچىلار كۈرۈلسە مەسئۇليەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلنغاندىن سىرت 50.00 يۈەندىن 200.00 يۈەنگە قەدەر جەرىمانە ئېلنىدۇ ھەم ئىختىسادى زىيان تۈلىتىۋېلىندۇ. ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر بىلەت بىلەن ئىنكار بۇلۇشقا سەۋەپچى بولغانلارغا ئىختىسادى جەھەتتە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيىلىدۇ. قانۇنى مەسئۇليىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يوللاپ بىرىلىدۇ.













19.قاتناش بىخەتەرلىك تۈزۈمى
1)قاتناشتا بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇلىدۇ. مەكتەپ مەسئۇلى ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۆز-ئۆستىگە ئالغاندىن سىرت، تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە سىنىپ مەسئۇلى ئۆز مەكتىۋى ۋە سىنىپىنىڭ قاتناشتا بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىش مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2)  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق ماتۇرسىز ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرنى ھەيدىشى قاتتىق چەكلىنىلىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ماتۇرلۇق ۋە ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ يۈرۈشى قاتتىق مەنئىي قىلنىدۇ.
3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتناش قۇراللىرىنى تىز سۈرەتتە ھەيدىشى، ھاراق ئىچىپ ھەيدىشى، رەسمىيەتسىز ھەيدىشى، باشقىلارنىڭ قاتناش قۇراللىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ھەيدىشى، تۇرمۇزى يوق ھەر قانداق قاتناش قۇراللىرىنى ھەيدىشى مەنئى قىلنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار موتولىرىنى مەخسۇس موتو قۇيۇش ئورنىدا قۇيۇش، يىڭىدىن موتو ، ماشىنا قاتارلىق قاتناش قورالى سېتىۋالغۇچىلار مەكتەپ مەمۇرىيىتىنى خەۋەرلەندۇرۇش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش لازىم.
4) يول يۈرگەندە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مېڭىشى، قاتناش بەلگىلمىللىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئوينىشىپ ماڭماسلىق، كىسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ئەتراپىقا ياخشى قاراپ ئاندىن ئۆتۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە خاتىرجەم كىلىپ كىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇقۇغۇچىلار قۇيۇپ بىرىلگەندە دۈجۈرنى ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ دارۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش لازىم.
5) مېڭىۋاتقان ماتۇرلۇق ھەم ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرىگە ئېسىلماسلىق،نەرسە-كىرەك ئاتماسلىق،قاتناش قۇرالىدا مېڭۋاتقاندا سەكرىمەسلىك ھەم بېشىنى سىرتىغا چىقارماسلىق لازىم.
6) يىلدا ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنى يول قاتنىشى قانۇننى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، قاتناش ساقچىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دەرىس ئۆتۈش پائالىيتى ئېلىپ بىرىش تەلەپ قىلنىدۇ.
يۇقارقى قائىدە تۈزۈملەرگە بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلنىدۇ.ئەگەر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ چوڭ كىچىك مەسىلەسادىر قىلغانلار بولسا مەسىلنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ50.00يۈەندىن 1000.00يۈەنگىچە جەرىمانە قۇيۇلغاندىن سىرت، مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلنىدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتە كۈرۈلگەن زىيان تۆلىتىۋېلنىدۇ. (ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلە كۈرۈلسە، سىنىپ مۇدىرى ۋە مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇليىتى سۈرۈشتە قىلنىدۇ).

















20.ئوتتىن مۇداپىيە كۈرۈش خىزمەت تۈزۈمى
1) مەكتىپىمىزدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى بىرىنجى قول مەسئۇللۇقنى ئۆستىگە ئالىدۇ. تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە  سىنىپ مەسئۇللىرى ئۆز مەكتىۋى ۋە سىنىپنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەمدە مەسئۇليەتنى كىشى بېشىغا قەدەر ئەمىللەشتۈرىلىدۇ.
2) يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرسىدا ئاچقان تۈرلۈك يىغىن، تارقاتقان ھۆججەت ئۇقتۇرۇشلىرى  ۋاقتىدا يەتكۈزىلىدۇ. ئىجراسى ۋاقتىدا تەكشۈرلۈپ  خۇلاسە قىلنىدۇ.
3) بىخەتەرلىك ھەم ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمىتى قاتارىدا ھەر قايسى تارماق، سىنىپ خىزمەت پىلانلىرىنىڭ مۇھىم نوختىسى قىلىنىپ ئالاھىدە ئىتبار بىرىلىدۇ. ئىجراسى ۋاقتىدا تەكشۈرۈلۈپ خۇلاسە قىلنىدۇ.
4)تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش ھەم تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەرەڭگە، چاقماق ئېلىپ يۈرۈشى، ئوينىشى، پوجاڭزا ئېتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ۋە ئىلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى، توكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ تەجىربىلىك، ئېلىكتىرلىك ئوقۇتۇشتا ھادىسە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
5) تۈرلۈك يىغىن، قارا دوسكا، شۇئار، لوزىنكا، زىھىن سىناش، لىكسىيە سۆزلەش، گۇاڭبو، تىلۋۇزور تەشۋىقاتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرسىدىكى تەشۋىقى تەربىيە كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش تەلەپ قىلنىدۇ.
6) كونىراپ كەتكەن توك سىملىرى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىلىدۇ. ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئېغىل، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا مەلۇم ئارلىق بۇلۇش، سىنىپ ئىشخانىلاردىكى مەشلەردە كەچتە چوغ قالماسلىق، سىنىپ ئىشخانىلاردىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى مەشكە يېقىن قويماسلىق كېرەك.
7) يىل بېشىدا ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇليەتنامە ئىمزالىنىپ، ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلنىدۇ.
يۇقارقى تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلماي مەسىلە سادىر قىلىنسا بىۋاستە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلنىدۇ. ئىختىزادى جەھەتتىكى زىيان تۆلىتىۋېلنىدۇ.













21.ساغلاملىق، تازلىق ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تۈزۈمى
مەكتىپىمىزدە ساغلاملىق، تازلىق ۋە كىسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تەشۋىقى تەربىينى ياخشى ئىشلەپ نۇرمالنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى.
1) تۈرلۈك شەكىلدىكى يىغىن، لىكسىيە، شۇئار، لوزىنكا، قارا دوسكا، رادىئو تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ساغلاملىق، تازلىق ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرسىدىكى تەشۋىقى تەربىينى كەم بولغاندا ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئېلىپ بىرىش لازىم.
2) مەكتەپنىڭ تازىلىق تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە كۈندىلىك ئۇقۇغۇچىلار دۈجۈرنىسى تازلىق خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش ۋە خۇلاسىلاشقا مەسئۇل بۇلىدۇ.
3) شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بىرىش، سىنىپ، مەكتەپ، مۇھىت تازلىقىنى ياخشىلاش، تازلايدىغان ئۇرۇن سىنىپ ۋە شەخىسلەرگە قەدەر بىكىتىلگەن بۇلۇش، تازلىق رايۇنلىرىغا تاختا قادالغان بۇلۇش لازىم.
4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسلىسىنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قايناق سۇ ئىچىدىغان، سۇغۇق سۇ ئىچمەيدىغان ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈش تەلەپ قىلنىدۇ.
5) يىمەك-ئىچەك تازلىقغا ئەھمىيەت بىرىش، پاكىزە قاچىدا تاماق يىيىش، سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، ھەر خىل ئەخلەت، پاسكىنا نەرسىلەرنى خالىغان يەرگە تۆكمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىپ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
6)ھەپتىدە ئىككى قېتىم چوڭ تازلىق قىلىش، ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا تازلىق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، سىنىپ دىجۈرنىسىنىىڭ مەسئۇلىيتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سىنىپنى ھەر  كۈنى ئىككى  قېتىم پاك- پاكىز تازلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.
7) كۈل- ئەخلەتلەرنى تۆكىدىغان ئۇرۇنغا تۆكۈش، خالىغان يەرگە كۈل، ئەخلەت تۆكمەسلىك، كۈل، ئەخلەتلەرنى ۋاختىدا يۆتكەپ كۈمۈپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
8) ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازلىقىنى ئايدا بىر نۆۋەت ئومۇميۈزلۈك چوڭ تەكشۈرۈش، سىنىپ مۇدىرلىرى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ خۇلاسىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ساقلانغان مەسىلەرنى تۈزۈتۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم-كىچەكلەرنى رەتلىك، پاكىزە كىيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.
9)ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە زۇكام، ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر كۆرۈلگەندە، سىنىپ مۇدىرلىرى ئەھۋالنى  ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەندىن سىرت مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىپ زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللۇنۇش لازىم.
10) ئائىلىدە، مەكتەپتە، جەمىئيەتتە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازلىقىنى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ تازلىقىنى ياخشى ساقلاش لازىم.
ئەگەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلامىقىغا تەسىر يىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىۋاستە مەسئۇل بولغان سىنىپ مۇدىرىنىڭ  مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.











22. ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنى مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈمى
خىزمەت ئىنتىزامىغا ئائىت تۈزۈملەر:
خىزمەت ئىنتىزامى-خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە مائارىپنىڭ خىزمەت ئىنتىزامى توغىرسىدىكى تەلىۋىدىن قارىغاندا ئىنتىزامنى كۈچەيتىشكە بۇلىدىكى، ئىنتىزامنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خارەكتىردىكى ئىدىيۋي تۇنۇشتا ۋە سۆز-ھەرىكەتلەردە  بۇلۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن:
1)پەۋقۇللەددە ئەھۋال بولمىسا ئىش روخسىتى سورىماسلىق تەلەپ قىلنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۇملۇق ئىش روخسىتى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم. (توي-تۈكۈن، ئۈلۈم-يىتىم، تۇغۇت روخسىتى بۇنىڭ سىرتىدا) ئىش روخسىتى سورىغانلارغا قارىتا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (2006)2-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە مۇئامىلە قىلنىدۇ. ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنىڭ بەش كۈندىن تۆۋەن روخسىتىنى ئىلمى مۇدىرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن  مەكتەپ مۇدىرى تەستىقلايدۇ. بەش كۈندىن يۇقىرى روخسەتنى روخسەت سورىغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا  ئاساسەن مەكتەپ قۇشۇلۇشى بىلەن مائارىپ ئىدارىسىغا تۇنۇشتۇرۇپ بىرىلىدۇ.رۇخسەت خېتىگە مائارىپ ئىدارىسى قۇشۇلغاندىن كىيىن مەكتەپكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئىتراپ قىلىنمايدۇ.
2) ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىكى توي-تۆكۈن ئۈچۈن 1كۈندىن 3كۈنگىچە رۇخسەت بىرىلىدۇ. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى ئۈچۈن 3كۈندىن 7كۈنگىچە روخسەت بىرىلىدۇ. كىچىكىپ توي قىلغان، كىچىكىپ پەرزەنىت كۆرگەنلەرگە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت قانۇن نىزاملىرىنىڭ روھى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر روخسەتسىز  خىزمەتتىن قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسى بويىچە ئىش ھەققى  تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
3) خىزمەت داۋامىدا ئېغىر كىسەل بۇلۇپ قىلىپ، بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشقا توغىرا كەلسە، ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ۋاقتىدا مەكتەپ تەشكىلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، ئىككىنجى كۈنىدىن قالدۇرماي بالنىستا يېتىپ داۋالانغانلىق ئىسپاتىنى مەكتەپ تەشكىلىگە تاپشۇرۇش لازىم. ئەگەر ئېغىر كىسەل سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە  دەم ئېلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، دوختۇرخانىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى، مەكتەپ پىكىرىگە ئاساسەن مائارىپ ئىدارىسىدىن روخسەت سوراش رەسمىيتىنى بىجىرىدۇ. رەسمىيەت بىجىرىلمىسە خىزمەتتىن قالغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ  ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلنىدۇ.
4) ئوقۇتقۇچىلار جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن خىزمەتتىن قىلىپ داۋالانغان ياكى تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسا خىزمەتتىن سەۋەپسىز قالغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلنىدۇ.
5) بىرەر جىددى خارەكتىرلىك ۋەزىپە ئۇرۇنلاشتۇرغاندا ياكى ئاپەت خارەكتىرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندە كۆكرەك كىرىپ خىزمەت كۆرسىتىش تەلەپ قىلنىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن مەسىلگە سەل قارىغۇچىلار كۈرۈلسە مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنغاندىن سىرت خىزمەت باھالاش، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشكە تەسىر قىلدۇرلىدۇ مەسئۇليىتى ئېغىر بولسا لاياقەتسىز باھا بىرلىدۇ ياكى كىچىكتۈرىلىدۇ.
6)ماۋسۇم ئىچىدە 10كۈندىن  ئارتۇق خىزمەت قالدۇرغانلار كۈرۈلسە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ماۋسۇملۇق يىللىق خىزمەت باھالاشقا تەسىر قىلدۇرۇلۇپ، «مۇنەۋەر ئۇقۇتقۇچى»، «ماۋسۇملۇق خىزمەت ئىلغارى» قىلىپ باھالىنىلمايدۇ.
يۇقارىقى تۈزۈمگە ماس  كەلمەيدىغانلىرى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (2006)2-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىللىىرنىڭ روھى بويىچە بىر تەرەپ  قىلىنىدۇ.





23.ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈمى
«ج ك پ مەركىزى كوممىتىت، گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قاراى» دا:« ساغلان بەدەن بولسا ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىكى ئالدىنقى شەرتى بۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى (2005)28-نۇمۇرلۇق ھۆججەت تارقىتىپ، مەكتەپلەردە تەنتەربىيە ئۇقۇتۇشنى كۈچەيتىش ھەم ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «سالامەتلىك بىرىنچى» دىگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيىلىدۇ:
1- ھەرقايسى مەكتەپلەر«سالامەتلىك بىرىنچى» دىگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، مەكتەپنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئەمىلىلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋاقتى خىزمەت مىقدارىغا قۇشۇپ ھىساپلاپ بىرىلىدۇ. سىنىپ مۇدىرى، تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى بۇ خىزمەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشتىكى بىرىنجى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
2-ھەرقايسى مەكتەپلەر دۆلەت تەسىس قىلغان دەرىس سېتكىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەنتەربىيە دەرىسنى تەلەپ بۇيىچە سائەتمۇ-سائەت ئۆتۈشكە ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن سىرىت، دەرىستىن سىرتقى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.
3-ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەتتىگەنلىك، چۈشلۈك گىمناستىكا پائالىيىتى ۋە كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى پائالىيىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمىلىلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچىلارنىمۇ گىمناستىكا ئويناشقا تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلار ئۈلگە بۇلۇش پائالىيىتىنى ياخشى ئەمىلىلەشتۈرۈش كىرەك.
4- ھەرقايسى مەكتەپلەر بار بولغان تەنتەربىيە ئەسلىھە-ئۈسكىنىللرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر قىسىم سايمانلارنى ئۆزى تۇلۇقلىشى، بىر قىسىملىرىنى رىمونىت قىلىپ ئۇقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.
5-مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچى يىتىشكەن ئەھۋال ئاستىدا مەخسۇس تەنتەربىيە كەسپىنى پۇتتۇرگەن ئۇقۇتقۇچىلارنى تەنتەربىيە دەرىسى ئۈتۈشكە قۇيۇلىدۇ. بۇلار ئارقىلىق باشقىلارنى يىتەكلەش ھەم مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشقا ئاساس سېلىنىدۇ.
6-ئايدا بىر نۆۋەت ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدە تۈرلۈك شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
7-ئېلىپ بارغان پائالىيەتنىڭ پىلانى بۇلۇش، پائالىيەت ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
يۇقارقى تۈزۈمنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قۇيىلىدۇ.
1- تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەشكىلى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋاقتى خىزمەت مىقدارىغا قۇشۇپ ھىساپلاپ بىرىلىدۇ. ئالاھىدە ياخشى تەشكىللەپ، ئۈنۈمگە ئىرىشكەنلەر بولسا تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
2- ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۈلگە بولماسلىق، كۆرسەتمەسلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلماسلىق ئەھۋاللىرى سىزىلسە، قاتناشمىغان ۋاقتى خىزمەتتىن قالغانلار قاتارىدا 3 ھەسسىلەپ ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ ھەمدە ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
3- ھەپتىلىك 3 سائەتلىك تەنتەربىيە دەرىسىنى مەكتەپتە بار شارائىت ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تۇلۇق ئۆتمىگەن، ئۆتسىمۇ ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمىگەن  ئەھۋاللار بايقالسا، بىر سائىتى ئۈچۈن 3 سائەت دەرىس ئۆتمىگەنلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.



















24.ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
1)مەكتەپلەر دەرس سىتكىسىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق دەرسلەرنى تەلەپ  بويىچە ئۆتۈشكە  كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز ئالدىغا دەرىس قالدۇرۇشقا يول قۇيۇلمايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن جىددى ئەھۋال  چىقىپ دەرس توختىتىشقا توغرا كەلسە مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەستىقلاپ ئىمزا  قويغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. روخسەتسىز دەرىس قالدۇرۇش ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2)دەرىس تەييارلاش، تەستىقلاش، تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، ئىمتاھان ئېلىش، ئىلمى خۇلاسە ئىشلەش، كۆرسەتمىلىك-تەجىرىبىلىك، ئىلىكتىرلىك دەرىس ئۈتۈش_ئوقۇ-ئوقۇش خىزمىتىدە ئەستايدىل ياخشى ئىشلەشكە تىگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۆتىلىدىغان دەرىسلەرنى ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئالدىن تەييارلاپ، تەستىقلىتىش تەلەپ قىلنىدۇ. ئەگەر دەرىسلەر تەييارلانماي، تەستىقلىتماي ئۆتۈلىدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەم ماۋسۇملۇق نۇمۇر قۇيۇپ باھالاشقا تەسىر قىلدۇرلىدۇ. ئىمتىھان قائىدە-تۈزۈملىرىنى بۇزغان، ئىلمى خۇلاسە ئىشلەشتە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ياكى ساختىپەزلىك قىلىپ خاتا نەتىجە چىقارغانلارغا قارىتا مەسىلنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مەۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت ئىلغارى بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىمتاھان قەغىزلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا كەم ياكى ئارتۇق نۇمۇر قويغان، نۇمۇر ئۆزگەرتكەنلەرگە قارىتا بىر نۇمۇر ئۈچۈن 0.50يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. ئەگەر خاتا دەرىس ئۆتكەن ، خاتا دەرىس تەييارلىغان بولسا %70 تىنى دەرىس تەييارلىغۇچى، %30 تىنى دەرس تەستىقلىغۇچىغا مەسئۇلىيەت ئەمىللەشتۇرۇلۇپ، سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
3) ئوقۇتۇشتا يىڭى دەرسلىك  ئىسلاھاتى ۋە ساپا مائارىپىقا يۈزلىنىشنى ئاساسى نىشان قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىش تەلەپ قىلنىدۇ. بۇ تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئاكتىپ پۇزۇتسىيە تۇتقان، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئوخشاش يىللىقلار ياكى ئۈنۋان قاتلىمى ئىچىدە نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلار ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەقدىرلەنگەندىن سىرت ئۈنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۇش ئالدىن ئويلاپ كۆرۈلىدۇ .
4)ئوقۇتقۇچىلاردا دەرىس ئۆتۈش داۋامىدا سائەتلىك دەرىس ۋاقتىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىش، دەرىس ۋاقتىدا دەرىسكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى بىجىرمەسلىكى، سىرتلارغا چىقىپ كەتمەسلىكى، باشقىلار بىلەن پاراڭ سېلىشىپ دەرىس ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، دەرىس ۋاختىدا تېلىفۇن ئۇرماسلىقى، قۇبۇل قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۈرۈلسە تەكشۈرۈپ دەرىسكە تەسىر يەتكەن ۋاقىت بىكىتىلگەندىن كىيىن سەۋەپسىز دەرس قالدۇرغان قاتارىدا مۇئامىلە قىلنىدۇ.
5) ئوقۇغۇچىلارغا پاكىزە، ئازادە، ساغلام بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار بارلىق پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ پائالىيتى ئارقىلىق ئۈلگە بۇلۇش تەلەپ قىلنىدۇ. تۈرلۈك خىزمەتلەردە بۇ تەلەپنى ياخشى ئۇرۇنلىمىغانلار مەدەنىيەتلىك  سىنىپ كوللىكتىۋى، ئىلغار سىنىپ كوللىكتىۋى، ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ تاللانمايدۇ.
7) مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىكى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇليىتى بار. شۇڭا مەكتەپتىكى بارلىق كىشلەر ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئەمگەك، دەرىستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە جەزمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىغى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-ئىنتىزام، بىخەتەرلىك تەربىيسى بىرىپ ئوت، سۇ، قاتناش، توك، ئوغۇرلۇق، ھادىسلىرى كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئەگەر بىپەرۋالىق قىلىپ ھادىسە كىلىپ چىقسا مەسئۇليىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، سىياسى، مەمۇرىي، ئىقتىسادى جەھەتتىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلنىدۇ.
8) ئوقۇتقۇچى دەرىسخانىغا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ نۇرمال ھالەتتە كىرىشى شەرت، سىنىپقا ھاراق ئىچىپ، ھاراق پۇرۇتۇپ كىرىشكە، غەلتە كىيىم-كىچەك كىيىپ ،زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ دەرسخانىغا كىرىشكە  بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۈرۈلسە ۋاقتىدا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
9) ئۇقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ئۆز-ئارا جىدەل ماجرا قىلماسلىقى، مەسئۇل كىشلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى، ئوقۇتۇشنى ئەستايدىل ياخشى ئېلىپ بىرىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرمەسلىكى لازىم. ھەمدە قالايمىقان ھەق ئېلىش، سېلىق سېلىش ئىشلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. بۇ خىل ئەھۋاللار كۈرۈلسە ئەھۋالغا قاراپ تەنقىدى تەربىيە بىرىش، ئىلغارلىقتىن مۇنەۋەرلىكتىن قالدۇرۇش، ئىقتىسادى جەھەتتە جەرىمانە قۇيۇش، ئېغىرلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپى تارماقلار ياكى قانۇن ئۇرۇنلىرىغا يوللاپ بىرىش ئارقىلىق قانۇنى جازا بىرىش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلنىدۇ.
10)1- يىللىق سىنىپقا يىل بېشىدا مۇقىمداپ بىرىلگەن ئۇقۇغۇچىلارنى ئالماشتۇرۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىر  ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 100يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەققى ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىنىپتا ئۇقۇپ تۇرغان ئۇقۇغۇچىنى ھەيدىۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەيدىۋەتكەن ئۇقۇتقۇچىدىن شۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ دەرستىن قالغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن 10يۈەندىن جېرىمانە ئېلىنىدۇ.
11) مەكتەپ ۋە تەكلىپ قىلىنغۇچى ئۇقۇتقۇچى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مائارىىپ قانۇنى»،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى» دابەلگىلەنگەن مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە باشقا قانۇن- نىزام، بەلگىلىمە سىياسەتلىرىگە چۇقۇم قاتتىق ئەمەل قىلىشى  كىرەك. تەكلىپ قىلىنغان ئۇقۇتقۇچى توختامدىكى ۋەزىپە كۆرسەتكۈچلەرنى تەلەپ بويىچە كۈرۈنەرلىك ياخشى ئۇرۇنلىسا ئەھۋالغا قاراپ تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەكلىپ  قىلىنغان ئۇقۇتقۇچى توختامدىكى ۋەزىپە- كۆرسەتكۈچلەرنى تەلەپ بويىچە كۆرىنەرلىك ياخشى قىلماي، ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق  قىلسا ياكى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا تەكلىپ بىرىپ، توختام ئەمەلدىن قالدۇرلىدۇ. ھەمدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئىش تۈرىگە مۇناسىىپ ئىش  ھەققى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
12) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت  ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى تۈزۈپ تارقاتقان تەلەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا مەكتەپ ئەمىليتىگە بىرلەشتۈرۈپ نۇمۇر قۇيۇپ، ماۋسۇملۇق، يىللىق باھالاشنىڭ ئاساسى قىلنىپ ئىلغار مەكتەپ، ئىلغار ئۇقۇتقۇچى تاللاپ چىقىلىپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلىنىدۇ.
يۇقارىقى تۈزۈمگە ماس  كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە  مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (2006)2-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 27- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
















.25ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قوشتىل بويىچە  تەربىيلەش ئۆگىنىش تۈزۈمى
خەنزۇتىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنش- قوش تىل ئۇقۇشنىڭ ھەم دەۋىر  تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجى. ئاپتۇنۇم رايون(2004)2نۇمۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، 2010يىلغا بارغاندا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىلدا دەرىس ئۆتۈش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتۇنۇم رايوننىڭ بۇ تەلىۋىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. مەكتەپ پارتىيە ياچىىكسى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ تەشكىلى تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ھەم ياخشىلاش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمىللەشتۇرۇشنى قارار  قىلدۇق:
1)ئۆگىنىشكە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلىدۇ. كونكىرىتنى تەشكىللەپ باشقۇرۇشقا ئىلمى بۈلۈم مەسئۇل بۇلىدۇ.  ئۆگىنشنىڭ پىلانى ۋە  كالىندار پىلانىنى تۈزەش، پىلاننى ئىجرا قىلىش دەرس ئۆتكۈچى خادىملارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، سىنىپلارغا ئايرىش  قاتارلىق ئىشلارغا ئىلمى بۈلۈم مەسئۇل بۇلىدۇ.
2)ئۆگىنىش گۇرۇپپىللىىرنىڭ ئىنتىزامىنىڭ ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر گۇرۇپپىغا بىردىن مەمۇرىيەت خادىمى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئۇلار  شۇ ئۆگىنىش  گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللەش، يوقلىما قىلىش، ئىشلىرىغا كونكىرتنى مەسئۇل بۇلىدۇ. ئەگەر بۇلار ئىچىدە مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلالمايدىغانلار كۆرۈلسە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ خىزمەت باھالاش ئىشلىرىغا تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
3) ئۆگىنشتە مەكتىۋىمىزدە خىزمەت قىلۋاتقان بارلق ئۇقۇتقۇچىلار ۋە  ئۇقۇتۇشقا ياردەم بەرگۈچى خادىملار تۇلۇق قاتنىشىدۇ.
4) ئۆگىنىش ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ،شەنبە كۈنى ئىككى كۈندە 8سائەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.(ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئايرىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىنىدۇ.)
5)ئۆگىنشىكە ھەرقانداق باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ قاتناشماسلىققا قەتئىي يول قۇيۇلمايدۇ. بىۋاستە ئۇرۇق تۇققانلار ئارىسىدىكى ئۆلۈم – يىتىم، توي- تۈكۈندىن باشقا ھەر قانداق ئىشلارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن رۇخسەت بىرىلمەيدۇ. ھەقىقەتەن رۇخسەت سورىمىسا بولمايدىغان ئىشلار بولسا ئالدىن يازما ئىلتىماس ئارقىلىق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كىرەك.
6) ئۆگىنشىنىڭ ۋاقتىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇمە كۈنى 2قېتىم، شەنبە كۈنى 3قېتىم مۇنتىزىم يوقلىما قىلىنىدۇ. بىر قېتىم يوقلىمىغا قاتناشمىغۇچىلار بىردەك 2سائەت سەۋەپسىز قاتناشمىغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ 3ھەسسىلەپ ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. رۇخسەت سورىغۇچىلارنىڭ كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققى تۇتۇپ  قېلىنىدۇ.  ئۇندىن باشقا كىچىكىپ كەلگۈچىلەر ياكى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ سىرتقا چىقىپ كەتكۈچىلەر كۆرۈلسە 1مىنۇت ئۈچۈن بىر يۈەن ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
7) ھەر بىر ئۆگىنىش قاتناشقۇچىسىدا چۇقۇم دەرسلىك كىتاپ، ئاساس دەپتەر ۋە مەشق دەپتەرلەر تۇلۇق بۇلۇشى كىرەك ، ئۆگەنگەن مەزمۇنلاردىن خاتىرە قالدۇرلۇشى كىرەك. ئۆگىنىش خاتىرلىرى تەكشۈرۈلۈپ ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
8) ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم  ئۆگىنىش ئەھۋالدىن  ئىمتىھان ئېلىنىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ. بۇ ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
9) دەرىس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار ھەر ھەپتىلىك دەرىسنى ئالدىن تەييارلاپ،  تەشتىقلىتىشى، دەرس ئۆتۈشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، تەييارلىقسىز ، تەستىقسىز دەرس ئۆتۈشتىن قەتئىي ساقلىنىش ھەم ئۆتۈلگەن دەرستىن ۋاقتىدا خاتىرە يېزىش لازىم.
10) دەرس  ئۆتكەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى رۇخسەت سورىغان، كىچىككەنلەرنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ ياكى ئۆگىنىش قاتناشچىللىرىنىڭ ئىش ھەققىدىن مۇۋاپىق  ھالدا تۇتۇپ ئىش ھەققى ھەل قىلىپ بىرىلىدۇ.
11) ئۆگىنشىكە قاتناشقۇچىلار ئۆگىنىش ئورنىنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى، مال- مۈلۈكنى ئاسىرىشى، ئۆگىنىش ئورنىدا نەرسە-كىرەك يىمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى، پاراڭ سېلىشماسلىقى،  ئۆگىنشىكە مۇناسىۋەتسىز ماتىرياللارنى كۆرمەسلىكى، ئۆگىنىش ئورنىغا بالا ئېلىپ كىرمەسلىكى لازىم.
بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقارقى قائىدە تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ۋە بۇ قائىدە تۈزۈملەرنىڭ ئىزچىللىشىغا نازارەت قىلىشنى سۇرايمىز.





















26.دەرسخانا ئۇقۇتۇشنى باھالاش تۈزۈمى
دەرسخانا ئوقۇتۇشى بولسا مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى بۇلۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش  ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدىكى بىردىن بىر مۇھىم ھالقا . دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ياخشى –يامان بۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىش ۋە تەربىيلىنەلمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھالقىلىق خىزمەت بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ھالقىنى نوختىلىق چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تۆۋەندىكى بىر قاتار تۈزۈم- تەدبىرلەر يولغا قۇيۇلۇپ ئىزچىللاشتۇرلىدۇ:
1.دۆلەت ئۇرۇنلاشتۇرغان دەرسلىكلەرنى تولۇق تەسس قىلىپ. دەرسخانىدا ئەينەن ئىزچىللاشتۇرۇش، جانلىق ئىجرا قىلىنىدۇ. تەسىس قىلىنغان دەرسلىكلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئالماشتۇرۇپ دەرس ئۆتكۈچىلەرگە يول قۇيۇلمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سىزىلسە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىر چىنە سۇ بىرىش ئۈچۈن ئۆزىدە تۈگىمەس بۇلاق بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دەرسلىكلەرنىڭ مۇھىم قىيىن نوختىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرسخانا  ئوقۇتۇشىنى ئارلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا دەرس مەزمۇنىدا چولتىلىق، خاتالىق بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان ئەھۋال سىزىلسە كەسپى جەھەتتىن تەربىيلىنىپ، بىلىم تۇلۇقلاشقا تەشكىللىنىدۇ. (دەم ئېلىش كۈنلىرى)
3.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تەجىرىبىلىك، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بىرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، دەرسلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابىي ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تەلەپ ئۇرۇنلانمىسا ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
4. نىشانلىق ئوقۇتۇشنى مۇستەھكەملەپ ساپا مائارىپىغا يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئالدى بىلەن ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرستە يەتمەكچى بولغان نىشان،مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۆتۈلگەن ھەر بىر مەزمۇننىڭ مۇھىم قىيىن نوختىللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق ئىگەللىتىش جەھەتتە ئىزدىنىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئارلاپ تەكشۈرۈش يەنى دەرس ئاڭلاش داۋامىدا دەرسنى تەلەپ بويىچە سېستىمىلىق ئۆتمىگەن ئەھۋال سىزىلسە ئوقۇتقۇچىلارنى ماۋسۇملۇق ، يىللىق باھالاشتا ئىلغار قىلىپ سايلاشقا تەسىر قىلدۇرلىدۇ.
5.دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ ياخشى بۇلۇشى ئۈچۈن يۈرۈش- تۇرۇشى جانلىق ، تىلى ئىنىق، راۋان چۈشۈنۈشلۈك بۇلۇش، دوسكا خېتى توغرا، كۆركەم ، رەتلىك بۇلۇش، دەرسخانىدا 40مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىپ، دەرس ۋاقتىدا دەرسكە مۇناسىۋەتسىز ئىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق لازىم. ئەگەر بۇ خىل تەلەپ ئۇرۇنلانمىسا مەسىلنىڭ ئېغىر – يىنىكلىكىگە قاراپ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ روھى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6.دەرسخانا ئوقۇتۇشى داۋامىدا ئوقۇغۇچى ئاساس ، ئوقۇتقۇچى يىتەكچى بۇلۇش ئالدىنىقى شەرتى ئاساسىدا دەرسلىك مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، كونا ئەنئەنىۋى ئوسۇلدا دەرس ئۆتۈشكە خاتىمە بىرىلىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشنى باھالاشتا بۇ خىل ئەھۋالغا خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلسە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىگە لاياقەتسىز باھا بىرىلىدۇ.
7.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كىتاپ ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ، ھەر قايسى پەن دەرسلىكلىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بېرىپ بىلىم ئىگەللىتىش بىلەن ئىددىيىۋي تەربىيىنى زىچ بىرلەشتۇرۇش كىرەك. ئىددىيىۋي تەربىيە سىڭدۈرۈلمىگەن دەرس تۇلۇق ئۆتۈلمىگەن دەرس ھىساپلىنىدۇ.


27.ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمى
مەكتەپلەردە ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپتە يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتىكى مۇھىم بىر تەدبىر ھىسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ :
1.تەكشۈرۈپ باھالاش نوقتىلىرى:
1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاپ بىكىتىش ۋە مۇكاپاتلاشتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، ھەرىكەت ئۆلچىمىنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇق ئۆزلەشتۈرگەن- ئۆزلەشتۈرمىگەنلىكىنى، مۇھىم سۆز ھەرىكىتىدە ئەمەل قىلغان- قىلمىغانلىقى ئاساس قىلىپ باھالىنىدۇ.
2) مىللەت بۆلگۈنچىلىكى، دىننىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قاتناشمىغان، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان كىتاب، ئۈن- سىن بۇيۇملىرى، تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان، باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا تەشكىلگە مەلۇم قىلغان بولۇش لازىم .
3) قانۇن- تۈزۈمگە رىئايە قىلغان، مۇھىمى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئۆگىنىپ، روھى ماھىيتىنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئۆز- ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنى يىتىلدۈرگەن بولۇش لازىم.
4) مەكتەپتە چەكلەنگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى ئويۇنلارنى ئوينىمىغان ۋە قاتناشمىغان بولۇش، قاتناشقانلارغا قارىتا تەربىيە بەرگەن ۋە ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئىنكاس قىلغان بولۇش لازىم.
2. مۇكاپاتلاش:
ماۋسۇم ئاخىرىدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، باھالاشتا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى»، «مۇنەۋۋەر پىئونېر»لار، ئوقۇغۇچىلار غۇلغۇلا قىلىپ نامزات بىكىتىش، سىنىپ مۇدىرى مۇقىمداش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللىنىدۇ. ئۇلار جەزمەن ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك جەھەتلەردە باشقىلارغا ئۈلگە بۇلالايدىغان، سىنىپ خىزمىتىگە ياخشى ياردەملەشكەن بولۇشى لازىم. ئەلاچىلارنى ماۋسۇملۇق ئىلمى نەتىجىسىگە ئاساسەن سىنىپ مۇدىرى ئۆزى تاللاپ چىقىدۇ (بارلىق پەنلەردە 90دىن يۇقىرى بولغان بولۇش) ۋە تىزىملىكنى مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمگە يوللايدۇ. ئىلمى بۈلۈم تەكشۈرۈپ، مەكتەپ مەمۇرىيتى تەستىقلىغاندىن كېيىن مۇكاپاتلاشقا بولىدۇ. ماۋسۇمدا ياكى يىلدا بىر قېتىم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئېلىپ بېرىلدۇ. شۇنداقلا مەكتەپ ئارخىپىغا سېلىنىدۇ.
3. جازالاش:
ئوقۇغۇچىلارنى جازالاشتا قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، دىنغا ئىشەنگەن ۋە دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، بىر ئايدىن ئارتۇق سەۋەبسىز دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئاۋال تەنقىدى تەربىيە بىرىلىدۇ. تەنقىدى تەربىيە بىرىلسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە قارىتا مەكتەپتە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بىرىلىدۇ. سىناق مۇددىتى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ. جازا بىرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىنىپ مۇدىرى يازما ماتىرىيال تەييارلاپ، تارماق مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن مەكتەپ مەمۇرىيتىگە يوللايدۇ. مەكتەپ مەمۇرىيتى قاراپ چىقىپ، تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.








28.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش- ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىملىق ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، ياخشى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، روھىغا ئىلھام بىرىپ، ئالغا ئىلگىرلەشكە يىتەكلەش، يىتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا تەربىيە بىرىپ تۈزىتىشكە تۈرتكە بولدىغان ياخشى تەدبىر.
بىز مەكتىۋىمزىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيلىنىشنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈملەر يولغا قۇيۇلىدۇ:
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئەخلاقىنى باھالاش- ئادەتتىكى باھالاش ۋە مەۋسۇملۇق باھالاش تەلىۋى بويىچە ئېلىپ بېرىلدۇ. ئادەتتىكى باھالاش ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلدۇ. ماۋسۇملۇق باھالاش ماۋسۇم ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمىنىڭ مەزمۇنى ئاساس قىلىنىدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشۈنىش ئىقتىدارى دائىرىسىدىكى ئەخلاقىي تەربىيە بىلملىرىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن باھالاش ئېلىپ لازىم.
4) ئەخلاقى تەربىيە ۋە ئەخلاقىنى باھالاش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىننىي سڭىدۈرمىچىكنى چەكلەش، قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىنى نوختىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇش لازىم.
5)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش  ، تۇنۇشنى ئۆستۈرۈش، يىتەكلەش، ئۇلارنى ئاسراش پوزىتسىيسىدە تۇرۇپ، سەمىمىي ياردەم بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.
6) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاشتا دىمۇگراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى باھالاش بىلەن ئۆز- ئارا باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش كىرەك.
7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش داۋامىدا «3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى»، « مۇنەۋەر پىئونىر»، «ئىلغارسىنىپ كادىرى»ۋە  ئالاھىدە ياخشى ئىشلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
8) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش جەريانىدىن تۇلۇق خاتىرە قالدۇرۇش، خۇلاسە چىقىرىش، باھالاش نەتىجىسىنى ئاتا- ئانىلارنى خەۋەرلەندۇرۇش، ئارخىپ قالدۇرۇش  كىرەك.



















29.مالىيە بۇغالتىرلىق ھىساۋاتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
1) مەكتىپىمىزنىڭ مالىيە بۇغالتىرلىق خىزمىتىدە كىرىمىنى كۆپەيتىش چىقىمىدا تىجەشلىك بۇلۇش، ئىستىراپچىلىقتىن ساقلنىش، ئىقتىسادى خىزمەتنىڭ مۇھىم نوختىسىنى-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتىش، يىل ئاخىردا بانكىدا ئېشىنچە پۇل بۇلىشقا كاپالەتلىك قلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
2) مالىيە بۇغالتىرلىق ھىساۋات ئىشلىرى دۆلەتنىڭ بۇغالتىرلىق قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگۈلمىلىرىنىڭ روھى بويچە توغرا ئېلىپ بىرىلشى، بەلگۈلمىگە خىلاپ بولغان قىلمىشلاردىن خىيانەتچىلىك، ئوغۇرلۇق، پارىخورلۇقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
3)كىرىم چىقىم ھىساۋات ھۆججەتلىرى تۇلۇق بۇلۇش، ھەر ئايدا ھەر بىر ئىش تۈردىكى ھىساۋات ۋاقتىدا بۇغۇلۇپ ئايدا بىر نۆۋەت مەكتەپ مۇدىرىگە ئايلىق ھىساۋاتتىن دوكلات بىرىش. يىلدا ئىككى قېتىم ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرگە مەكتەپنىڭ كىرىم-چىقىم ھىسابىتىدىن دوكلات بىرىش ۋە ئۇچۇق، ئاشكارە باڭ ئىلان قىلىپ ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىش كېرەك.
4)پۇل چىقىم قىلىشتا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (2006)2-نۇمۇرلۇق ھۆججتىدىكى بەلگۈلمە بويچە 500.00 يۈەندىن تۆۋەن چىقىمنى مەكتەپ مۇدىرى، 500.00 يۈەندىن يۇقۇرى 1000.00يۈەندىن تۆۋەن چىقىمنى مەكتەپ مەمۇرىيتى  قارار قىلىپ تەستىقلاش، 1000.00يۈەندىن ئارتۇق چىقىمغا ئىدارە مەمۇريىتىگە يازما دوكلات يېزىپ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن چىقىم قىلىشى كېرەك. ھۆججەتسىز، تەستىقسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا پۇل چىقىم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھۆججەتنى ھىساپقا بوغماسلىق لازىم.
5) نەرسە-كېرەك سېۋالغاندا 100.00يۈەندىن ئارتۇق سودىنى يالغۇز قىلىشقا بولمايدۇ. سېتۋېلىنغان مال-مۈلۈك مەكتەپ رەھبەرلىگىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئامبارغا كىرىم قىلىنىپ ھىساپقا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن ئىشلىتىشكە چىقىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا ناچار، ساختا ماللارنى سېتۋېلىشقا بولمايدۇ. مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپىئەتىگە، مەكتەپ كوللىكتىۋىگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادى مەسئۇليىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنغاندىن سىرت ھۆججەت پۇل سوممىسىنڭ %20 تى بۇيىچە جەرىمانە قۇيىلىدۇ.
6) كاماندۇروپكا خىراجىتى قاتتىق كونتىرول قىلنىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار چاقىرغان يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ بەلگۈلمىسى بويچە كاماندۇرۇپكا، يول كىراسى ۋە ياتاق راسخۇتى بىرىلگەندىن باشقا راسخۇت بىرىلمەيدۇ. كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئاي ئىچىدە رەسمىيىتى تۇلۇق بولمىغان قىسمىغا پۇل بىرىلمەيدۇ.  
7) كوللىكتىپ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ مەكتەپ پۇلنى شەخىسلەرگە ئارىيەت بەرمەسلىك كېرەك. قايتۇرۇش ئىمكانىيتى يوق كىشلەرنىڭ بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىشقا تۇنۇشتۇرۇش يازماسلىق، كىپىل بولماسلىق لازىم.
8) بۇغالتىر ھەر ئايدا ھىساب بوققاندا كاسىر قالدۇقىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈشى، نەخ پۇل ھىسابىتىنى ۋاقتىدا ئىنقلشى، كاسسىر 100.00يۈەندىن ئارتۇق نەخ پۇل ساقلىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، بۇغالتىر ھىساپنى، كاسسىر پۇلنى ياخشى باشقۇرۇش، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەستىقىسىز پۇل چىقىم قىلماسلىق  لازىم.
9) پەۋقۇلئاددە جىددى ئەھۋالدا نىسى سودا قىلىشقا توغرا كەلسە، مەكتەپ مۇدىرى ياكى ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش، سومما مىقدارىنى ۋاختىدا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن ھۆججىتى چىقىم قىلىنمايدۇ.
10) مالىيە خادىملىرى نەخ پۇل ھۆججەت ھىساۋات دەپتەرلىرىنى قاتتىق قوغدىشى، ئوغرى، تىرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ياكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قاتتىق ساقلىنىش كىرەك.
11) بۇغالتىر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئارقا سەپ خادىملىرى خىزمەت مەسئۇليىتىنى ئىنىق تۇنىشى  ئۆز ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى لازىم.  ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى،  مەكتەپ مەمۇرىيتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارغا دوكىلات قىلىنىپ باھالاش نەتىجىسى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلىدۇ. خىزمىتى ۋە دوكلاتى ئاممىنى قايىل قىلارلىق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
12) ئوقۇغۇچىلاردىن يىغشقا تىگىشلىك پارچە راسخۇت، كىتاپ پۇلى،تاپشۇرۇق دەپتەر  پۇللىرى قاتارلىقلارنى ئەينەن يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئارتۇق يىغىشتىن ساقلىنىش لازىم.
13) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش جەدىۋىلىنى ۋاختىدا ئىشلەپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش لازىم. ھەر ئاينىڭ 15چىسلادىن بۇرۇن ئۇچۇق باڭ ئىلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش كىرەك.  كىچىكتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
14) ئۇقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان مەشىق دەپتەر پۇللىرى، تاپشۇرۇق دەپتەر پۇللىرىنى مالىيە خادىملىرى ۋاقتىدا يىغىپ ، مەكتەپ مائالىيسىگە كىرىم  قىلىپ  باشقۇرۇش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش ،مالىيە ھىساۋاتىدا ئۇچۇق بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك. بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلمىسە مۇناسىۋەتلىك سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، كىتاپ پۇلى ھىساۋىغا ئۆتكۈزىلىدۇ.
15) بۇغالتىر پۇل چىقىم قىلىشتا، ھۆججەتتىكى مۇقۇم مۈلۈك ۋە قىرائەتخانىغا كىرىم قىلىشقا تىگىشلىك كىتاپ ماتىرياللارنى ۋاختىدا تىزىملاش ھەم مۈلۈك باشقۇرغۇچىلار بىلەن تىزىملىكنىڭ ئوخشاش بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
16) ئىقتىسادى ھىساۋات ئىشلىرىدا بىر قەلەم بىلەن تەستىقلاش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئىختىسادى ئارخىپلارنى ياخشى ساقلاش لازىم.
17) مالىيە ھىساۋات ئىشلىرىنىڭ ئىنىقلىق تەلىۋى يۇقۇرى بولغاچقا، باشقا يولداشلارنىڭ  مالىيە خادىملىرى خىزمىتىگە تەسلىك كەلتۈرۈپ، كىرىم-چىقىم ھىساۋاتىنى قالايمىقانلاشتۇرىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.


30.مەكتەپ مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى
مەكتىپىمىز مالىيە خىزمىتىگە بولغان نازاراتچىلىكنى كۈچەيتىش،  ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ تۈرلۈك ھەق ئېلىش دائىرىسىگە بولغان چۈشەنجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مالىيە ئىشلىرنى ئاشكارلاش خىزمىتنىڭ ئەستايىدىل، ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك تۈزۈم، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىلدى:
1.مەكتەپ مائالىىيە ھېساۋاتىنى ھەرئايدا بىر قېتىم قارا دوسكا چىقىرىپ، ئېلان قىلىش ئارقىلق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى خەۋەردار  قىلىش كىرەك.
2.مەكتەپ گۇڭخۇي ھىساۋاتىنى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم قارا دوسكا چىقىرىپ ئاشكارىلاش كىرەك.
3.ھەر  ئايلىق مائاش جەدىۋىلىنى كۆپەيتىپ چاپلاش. مال باھا تارماقلىرى بېكىتىپ بەرگەن تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچەملىرىدە ئۆزگىىرىش بولغاندا ئۆز ۋاقتىدا قارا دوسكا چىقىرىپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى خەۋەرلەندۇرۇش كىرەك.
4.مەۋسۇمدا بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان دەرسلىك كىتاپ باھاسىنى قارا دوسكا چىقىرىپ ئېلان قىلىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە  ئاتا- ئانىلارنى خەۋەرلاندۇرۇش كىرەك.
5.مەكتىۋىمىزنىڭ تەييارلىق سىنىپىدىن ئېلىنغان ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى مەۋسۇمدا بىر قېتىم قارا دوسكا چىقرىپ ئاشكارلاش كىرەك.







31.مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمەت تۈزۈمى
مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى –قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە دىموگراتىك مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى. مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارە بۇلۇش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى_خىزمەتچىلەرنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەكتەپ ئىشلىرىنىڭ دىمىگراتىك  ، ئادىل ، ھەققانى بىجىرىلىشىنى  ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇقۇتقۇچى- ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەكتىۋىمىزدە ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك خىزمەت تۈرلىرى:⑴ پارتىيىگە ئەزا قۇبۇل قىلىش ⑵ پىلانلىق تۇغۇت كۆرسەتكۈچى تارقىتىش⑶ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاپ ئۆستۈرۈش⑷ ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت ئىلغارلىرىنى تاللاش، مۇكاپاتلاش ⑸ئۇقۇتقۇچىلارنى توختام بىلەن ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش⑹ مەكتەپنىڭ مالىيە ھىساۋاتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى⑺ مەكتەپتە چوڭ سوممىلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش⑻ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى⑼ئايلىق ئىش ھەققى مائاش جەدىۋىلىنى ئاشكارىلاش⑽ ئۇقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىش تۈرلىرى⑾ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقىسىز دەرسلىك كىتاپلار بىلەن تەمىنلەش تۈرلىرى⑿ چىڭگۇڭ جەنشۆ ۋەزىپە كۆرسەتكۈچ ئەھۋالى⒀ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك دەرسنى ئۈستىگە ئېلىش ، ئۆتۈش ئەھۋالى⒁ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قالدۇرغان ۋاقتىدا تۇتۇلغان ئىش ھەققىنى قايتۇرۇش ئەھۋالى⒂مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆي ، ماشىنا ، تىلىفون، كومپىيوتىرقاتارلىقلارنى سېتىۋىلىشىدىن ئىبارەت. يۇقارقى  ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تۈرلەر بويىچە ئاشكارىلاش خىزمىتنى تەلەپ بويىچە  ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى:
1. مەكتىۋىمىزدە مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىللىرى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتى بىكىتىلىدۇ. ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
2. پارتىيىگە ئەزا قۇبۇل قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت كۆرسەتكۈچى تارقىتىش، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈش ، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش،  چىڭگۇڭ جەنشۆ ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى ۋە ئۇنى ئۇرۇنلاش ئەھۋالى قاتارلىقلار يىلدا بىر قېتىم ئاشكارىلىنىپ، ئاممىنىىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش، پىكىر – تەكلىپ قۇبۇل قىلىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
3.ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەتلەردىكى ئىلغارلارنى تۇرغۇزۇش، ئۇقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىش تۈرلىرى، ھەقسىز كىتاپ بىلەن  تەمىنلەش، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك دەرسنى  ئۈستىگە ئېلىش، ئۈتۈش ئەھۋالى ماۋسۇمدا بىر قېتىم ئاشكارىلىنىدۇ.
4.ئايلىق ئىش ھەققى مائاش جەدىۋىلى، خىزمەتتىن قالغانلاردىن تۇتىلىدىغان ئىش ھەققى ئايمۇ – ئاي ئاشكارىلىنىدۇ.
5.مەكتەپنىڭ مالىيە ھىساۋاتىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كىرىم- چىقىم ئەھۋالى ئايدا بىر نۆۋەت مەكتەپ مۇدىرى دوكلات ئاڭلاش، پەسىلدە بىر قېتىم ئاممىغا باڭ ئىلان قىلىش شەكلى ئارقىلىق  ئاشكارىلىنىدۇ.
6.مەكتىۋىمىزگە چوڭ سوممىلىق نەرسە سېتىۋىلنسا سېتىۋالغاندىن كىيىن ئاممىغا ئېلان قىلىپ باڭ  چىقىرىش شەكىلى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدۇ.
7.ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك تۈرلەرنى مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتگە پارتىيە ياچىكىسى، ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت بۈلۈم، ئىلمى بۈلۈم ، ئارقا سەپ ئىشخانىسى قاتارلىقلار ماتىرياللارنى تەييارلاشقا مەسئۇل بۇلىدۇ. مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ  تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاشكارلاش سەھنىسىگە چىقىرىلىدۇ. نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلشقا مەسئۇل بۇلىدۇ.
ئەگەر يۇقارقى تۈرلەر بويىچە مەكتەپ ئىشلىرى ۋاقتىدا ، تۇلۇق، توغرا  ئاشكارىلانمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇليىتى سۇرۇشتۇرلىدۇ ھەمدە ئۆز مەسئۇلىيەتنى ئادا  قىلالمىغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

32.توك ، سۇ ، تېلىفون پۇللىرىنى چىقىم قىلىش تۈزۈمى
1.مەكتەپلەر سۇ ،تېلىفون، توكنى تىجەپ ئىشلىتىشى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتپ، خەتەرلىك  ئامىللەرنىڭ كىلىپ چىقشىدىن ساقلىنىشى، توك، سۇ ، تېلىفون يوللىرى بۇزۇلسا ۋاقتىدا رىمونىت قىلىپ توك،سۇ، تېلىفون ئەسلىھەلىرىنى ئوقۇتۇش  ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم.
2.ھەر بىر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى  مەكتەپتىمۇ ئۆز ئائىلىسىگە ئوخشاش تىجەسلىك بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك .
3. توك،سۇ، تېلىفون ئەسلىھەلىرى بۇزۇلسا، يوقالسا  مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە  قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. مەسئۇلىيەتسىزلىك  قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرگەنلەرگە قارىتا(توك ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش، مال- مۈلۈك ئېغىر بۇزۇلۇش)مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگەندىن باشقا قانۇن ئۇرۇنلىرىغا يوللاپ بىرىلىدۇ.
4.توك، تېلفۇن پۇللىرى ھۆججەتكە ئاساسەن چىقىم قىلىنىدۇ. سۇ پۇلىنى مەكتەپ مەسئۇللىرى ئىشلەتكەن سۇغا ئاساسەن ئىسپات يازىدۇ، ئىسپاتقا  ئاساسەن رەسمىي ھۆججەت يېزىلغاندىن كىيىن چىقىم قىلىپ بىرىلىدۇ.
5. 2008-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ توك، سۇ، تېلفون پۇلى تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلىپ بىرىلىدۇ:
1) توك پۇلى بىر مەكتەپكە ھەر ئايدا 50.00يۇەن چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ.
2) تېلىفوننىڭ مۇقىم ھەققىنى مەكتەپ بىر تۇتاش چىقىم قىلىپ بىرىدۇ.
3) سۇ پۇلىنى شۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىىڭ بىر ئايدا 0.2يۇەندىن ھىساپلاپ چىقىم  قىلىپ بىرىلىدۇ.




33.مال مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى
ھەرقانداق مۈلۈك، ئامبار ھىساۋىغا كىرىم قىلنىپ، ئامباردىن چىقىم قىلىش تۈزۈمى بۇيچە باشقۇرلىدۇ :
1.قۇرلۇشقا دائىر تۈرلەر
1) مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق قۇرلۇشلار ئەسلىدىكى قۇرلۇش ۋاقتى ئاساس قىلنىپ دىگۋاردىكى مۇددەت بۇيچە ئەنگە ئېلنىدۇ، قۇرلۇشلار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەربىلەن ئاسىراش توختامنامىسى تۈزلىد.ۇ
2) مەكتەپ ئەتراپىدىكى دەرۋازا، رىشاتكا، تام، شاخ ۋادىك قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ھۆددىگە بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقۇرلىدۇ .
3) تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، ساقلىقنى ساقلاش، ئەمگەك-تېخنىكا سايمانلىرى، ۋە باشقا ئەسلىھەلەر مۈلۈك باشقۇرغۇچىلار بىلەن باشقۇرۇش، ئاسىراش ھەققىدە مەسئۇليەتنامە ئىمزالىنىپ، مەسئۇليەتنامىنىڭ روھى بۇيىچە باشقۇرۇش، ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. ئۆز مەيلىچە سىرتقا ئارىيەتكە بىرىش مەنئى قىلنىدۇ.
4)تەجىربىخانا، ئېلىكتېرلىك ئوقۇتۇشقا  ئائىت مۈلۈكلەر ۋە تەجرىبە سايمانلىرى لابرانىتلارغا ھۆددىگە بىرىپ باشقۇرۇلۇپ ئۇقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ.
5) گۇاڭبو تەشۋىقات ئۈسكىنىلرى گۇاڭبو باشقۇرغۇچىغا، تۈرلۈك تەشۋىقات دوسكىلىرى سىياسى خىزمەت بۆلۈمگە ھۆدىگە بىرىلىپ باشقۇرلىدۇ.
6) سىنىپ قۇرۇلۇشى ۋە سىنىپ ئىچىدىكى ئۇقۇتۇشقا ئائىت بارلىق مۈلۈكلەر سىنىپ مەسئۇلىغا ھۆددىگە بىرىلىدۇ .
7) ئىشخانا، ئىشخانىدىكى بارلىق مۈلۈكلەر ئىشخانا مەسئۇلىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇتقۇچىغا ھۆددىگە بىرىلىپ باشقۇرىلىدۇ.
8) پۈتۈن مۇقۇم مۈلۈكلەرنىڭ باشقۇرىلىشىغا سان ۋە سۈپىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش، ئۇقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا مەكتەپ مۈلۈك باشقۇرغۇچىسى مەسئۇل بۇلۇپ، بۇغالتىر ھىساۋى بىلەن ئۇدۇل بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ماۋسۇمدا بىر قېتىم مۈلۈكلەرنىڭ كىرىم-چىقىم ھىساۋى نەخلەشتۈرلىدۇ. بۇزۇلغان، يۇقالغان مۈلۈكلەر ئەسلى باھاسى بۇيىچە تۈلىتىۋېلىنىپ، سەپلىنىدۇ. كىرەكسىز بولغانلىرىغا قارىتا ئارقا سەپ ئىشخانسىسى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە يوللاپ، كوللىكتىپ قاراردىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
2. ھۆددە سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەدبىرلەر.
مەكتەپ مەمۇرىيتى خۇجۇلۇق مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بۇغالتىر، مۈلۈك باشقۇرغۇچى قاتارلىقلار ھەرماۋسۇمدا بىر نۆۋەت مەكتەپ مۈلۈكلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.
تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇقالغان،بۇزۇلغان ۋەشەخىسلەر ئىگەللىۋالغان مۈلۈكلەرئىنىقلانسا نەخ مەيدانداتۆلتىپ ئېلنىدۇ.
رىمنۇت قىلدۇرۇش، قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ھەم باشقىلار ئىگەللىۋالغان بولسا ئالدىنقى تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، كۈنىگە 10.00 يۈەندىن ئۇپىراش راسخۇتى تۈلىتۋېلىنىدۇ.
3.ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئۆتكۈزۋېلىش
ھۆددىگە ئالغۇچى ياكى سىنىپ مەسئۇلى ئالماشقاندا، مەكتەپ مەمۇرىيتىدىكى ئىقتىسادى خادىملارۋە مۈلۈك باشقۇرغۇچى بىرلىكتە ئەسلىدىكى ھۆددە دىگۋاردىكى مۈلۈكلەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ يىڭى باشقۇرغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ. مۈلۈكلەر يۇقالغان، بۇزۇلغان بولسا ئەسلى باھاسى بۇيچە تۈلتىپ ئېلنىدۇ.







34. تەجىرىبىخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە سايمانلارنى ئىشلىتىش تۈزۈمى
مەكتەپ تەجىربىخانىسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلرىدا نەزىرىيەنى ئەمىلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، بىلىمنى مۇستەھكەملەپ يىڭىلىق يارىتىش، ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بۇلىدىغان مۇھىم ئۇرۇن.
1)ھىساۋات ۋە ماددى بۇيۇم ئىنىق بۇلۇش كېرەك. تەجىرىبە سايمانلىرىنى، دورىلارنى سېتۋېلىش، كىرگۈزۈش، چىقىرىشقا ئىنىق ھىساۋات بۇلۇشى، ھەر ئوقۇش يىلىدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئىنىقلاپ تەكشۈرۈش لازىم.
2)تەجىرىبە ئەسۋاپلىرى، دورىلارنى دەرىس پەنلىرى بويچە تۈرگە ئايرىش، ھەر بىر تەجىرىبە ئەسۋاپلىرىغا نۇمۇر قۇيۇپ ئۆستىگە قەغەز چاپلاش، ئىشكاپنىڭ مۇقىم جايىغا قۇيۇش كېرەك.
3)ئوقۇتۇش ئىھتىياجىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەجىرىبە دەرىس ئۈتۈشتىن 3 كۈن ئىلگىرى، تەجىرىبە ئوقتۇرۇش جەدىۋىلىنى تۇلدۇرۇپ، زۇجاڭغا تەستىقلىتىپ لابرانىتلاغا تاپشۇرۇش، لابرانىتلار دەرىستىن ئىلگىرى تەجىرىبە ئەسۋاپ ۋە دورىلارنى تەييارلاپ قۇيۇشى كېرەك.
4) رىمۇنىت قىلىپ ئاسراشنى ياخشى ئىشلەش ھەر بىر تەجىرىبە سايمىننى ئاسراشنى دائىم مۇنتىزىم ئېلىپ بىرىشى كېرەك. ھەم ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەت، تەلەپ بويچە نەم ئۆتۈش، چاڭ-تۇزاڭ بېسىش، تەۋرىنىش، ماگىنىتلىنىش، داتلىتىش، چىرىش، قۇرۇت چۈشۈشتىن ساقلىنىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تەجىرىبە سايمان ئۈسكۈنلەرنىڭ دائىم مۇكەممەل ھالەتتە تۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم.
5) بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئوتتىن، ئۇغىرلىقتىن ساقلىنىش، ئۆتكۈر زەھەرلىك دورىلارنى مەخسۇس ئىشكاپقا سېلىپ ساقلاش لازىم. ھاۋا ئۈتۈشۈپ تۇرۇش، تازلىق ئىشىنى ياخشى قىلىش، بىخەتەر توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، سۇ ئۈسكۈنلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
6) تەجىرىبە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش، تۈلەش تۈزۈمىنى ۋە كىرەكسىزگە چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم.
7)سايمانلارنى ۋاقتىدا تىزىملاش، بۇزۇلغان يۇقالغان سايمانلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىش توغرسىدا مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمگە دوكلات يوللاپ ئەنگە ئالدۈرۇپ ۋاقتىدا مەكتەپ مەمۇريىتىنڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى  ئېلىش لازىم.
8) ئەگەر مەكتەپ تەجىرىبىخانىسىدىكى سايمانلارنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرسە، شەخسى ئىگەللىۋالسا، ئۇرۇنسىزبۇزۇپ قويسا يۇقۇتۇپ قويسا، مۈلۈكلەرنى جايىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغاندىن باشقا ئەسلى باھاسىنڭ  ئىككى ھەسسىسى بويىچە پۇل تۇتۇپ قېلىنىدۇ ياكى ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن10.00يۇەندىن پۇل تۇتۇپ قېلنىدۇ.















35. قىرائەتخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى
مەكتەپ قىرائەتخانىسى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مەنىۋىي ئۇزۇق ئېلىشتا ئورتاق پايدىلىنىدىغان مۇھىم ئۇرۇن. كىتاپ كۈرۈش، كىتاپ ئارىيەت ئېلىشتا، تەرتىپ ئىنتىزام ۋە رەسمىيەتلەرنى تۇلۇق بىجىرىشى ۋە تۈۋەندىكى تۈزۈمگە رىئايە قىلىشى لازىم.
1) قىرائەتخانا تازلىقغا رىئايە قىلىش، قىرائەتخانىغا گازىر چاقماسلىق، ئەخلەت تاشلىماسلىق لازىم.
2) قىرائەتخانا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قالايمىقان پاراڭ سالماسلىق لازىم.
3) قىرائەتخانىدىن ئالغان كىتاپنى ئاسراش، يىرتىماسلىق، كىرلاشتۇرماسلىق، خەت يازماسلىق لازىم.
4) قىرائەتخانىدىن ئالغان كىتاپنى ۋاقتى- قەرەلىدە قايتۇرۇش لازىم .
5) ئارىيەت ئالغان كىتاپنى يۇقۇتۇپ قويسا كىتاپ باھاسىنىڭ 2 ھەسسى بويچە پۇل تۈلەش لازىم.
6) قۇشۇلغان كىتاپنى ۋاقتىدا تىزىملاپ كىرىم قىلىش، ئارىيەت ئېلىش، ئارىيەت بىرىش، قايتۇرۇش ئەھۋالىدىن ئىنىق خاتىرە يېزىش، ئارخىپلاشتۇرۇش كېرەك. كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان، تەسىرات يازغان ئۇقۇغۇچىلار ٪80دىن ئاشقان بۇلۇشى كىرەك.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئارىيەت ئېلىش ئەھۋالىدىن مەكتەپ ئىلمى بۈلۈم مەسئۇللىرىغا ئايدا بىر نۆۋەت دوكلات مەلۇم قىلىشى كېرەك.






36. تەنتەربىيە، ناخشا-مۇزىكا،ئەمگەك تېخنىكا گۈزەل-سەنئەت، ساقلىقنى ساقلاش  ئەسلەھەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى
تەنتەربىيە،ناخشا-مۇزىكا، ئەمگەك-تېخنىكا، گۈزەل-سەنئەت، ساقلىقنى ساقلاش ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى مەكتەپ تەلىم-تەربىيسىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئوقۇتۇش قۇرالى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنى ياخشى باشقۇرۇش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، بۇزۇلۇپ كىتىش، يۇقۇلۇپ كىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بۇ ھەقتە تۈۋەندىكى تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى:
1) ئەسلىھەلەرىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە ھىساۋات دەپتىرى ئىنىق بۇلۇشى لازىم. مەيلى بىر نەچچە تۈر بىرلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرسۇن ياكى ئايرىپ باشقۇرسۇن جەزمەن ئىنىق تىزىملىك، سان، سۈپەت خارتىرسى بۇلۇشى لازىم.
2) ئەسلىھەلەر تۈرگە ئايرىلىپ ئايرىم ئىشكاپ ياكى جوزا ئۈستىدە رەتلىك ساقلىنىشى، نۇمۇر سېلىپ رەتكە تۇرغۇزۇلىشى، ئىنىق بەلگىسى بۇلۇش كېرەك.
3) تەنتەربىيە، ناخشا-مۇزىكا، ئەمگەك-تېخنىكا، گۈزەل-سەنئەت، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلەرنىڭ كۈپىنچىسى قىممەت باھالىق ماددى بۇيۇملار بۇلۇپ ئۇنى تىزىملىغاندا ئەسلى باھاسى، تەمىنلىگەن ئۇرۇن، سېتۋالغان ۋاقتى، مەسئۇل بۇلۇپ باشقۇرغۇچىلار ئەھۋالى كونكىرتنى خاتىرلىنشى كېرەك.
4) مۇۋاپىق ئىشلىتىش ۋە ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىشكە ئىھتىياجلىق سايمانلارنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئارىيەتكە ئېلىپ، ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارىيەت ئالغۇچى، باشقۇرغۇچىغا ئىمزا قۇيۇپ بىرىشى، تەكشۈرۈپ قايتۇرۋالغاندا خاتىرە قالدۇرۇپ تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم.
5) بۇ ئەسلىھەلەر ياخشى قوغدىلىشى، يۇقاپ كىتشتىن، بۇزۇلۇپ كىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى، ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئارىيەت بەرمەسلىكى، مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىكى، دائىم تازلاپ پاكىزە ساقلىنىشى كېرەك.
6) ئەگەر بۇ ئەسلىھەلەر مەسئۇليەتسىزلىك سەۋەبىدىن يۇقاپ كەتسە، ئۇرۇنسىز بۇزۇلۇپ كەتسە مەسئۇليەت سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئەمىلى باھاسى بويچە تۆلتىۋېلنىدۇ. باشقا پەۋقۇللەددە ئەھۋال كۈرۈلسە ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە  مەلۇم قىلىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.





















37. ئوقۇتۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەۋەلىكى شۇ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى كىلىدىغان دائىرگە نىسپەتەن باشقۇرۇش تەۋەلىكى بۇلۇپ، بۇ دائىردىكى مائارىپقا ئالاقىدار ئىشلارنى پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، كەنىت رەھبەرلىكى ۋە مەكتەپ تەشكىلى بىرلىكتە باشقۇرىدۇ.
1) ھەر يىلى نۇپۇس تىزىملاش، مەدەنىيەت سەۋىيە ئەھۋالىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ۋاقىت چىكى ئىنقىلىنىپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى يىڭى ئوقۇش يىلنىڭ 1-كۈنى قىلىپ تىزىملايدۇ ۋە ئاھالىنىڭ يېشى ئەنگە ئېلنىدۇ.
2) ئاھالىلەر بۇ ئوقۇش تەۋەلىكىگە كۈچۈپ كەلسە ياكى كۈچۈپ كەتسە، نۇپۇس باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ نۇپۇس يۆتكەش رەسمىيتىنى بىجىرىش، پەرزەنتىلەرنىڭ نۇپۇس ۋە ئوقۇش يۆتكەش رەسمىيتىنىمۇ بىرگە يۆتكەش لازىم.
3)ئوقۇش تەۋەلىكىدە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە بېرىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىىگە يەتكۈچە تۇلۇق ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يۆتكىلىپ كەتكەنلەر ئاۋال ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئوقۇش يۆتكەش رەسمىيتىنى، نۇپۇس يۆتكەش رەسمىيتىنى تۇلۇق بىجىرىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۆتكەش رەسمىيتى مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمى، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئارقىلىق بىجىرىلىدۇ.
4) ئىلمى بۈلۈم تۇراقسىز ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ۋاقتىدا تولدۇرۇشى كىرەك.
5) ئوقۇش ئىقتىدارىنى يۇقاتقان گاس، گاچا، قارىغۇ ۋەباشقا خىلدىكى مېيىپ بالىلارغا نىسبەتەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارى يوقلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتى بۇلىشى كىرەك، ئىسپات خەت يوقلار بىردەك ئوقۇش سىرتىدا قالغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلنىدۇ، يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تىگىشلىك تەدبىر قوللىنىپ بىرىشىگە يوللىنىلىدۇ.
6)ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتماي، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار يۆتكىلىشىنى سەۋەپ قىلىپ، ئوقۇشتىن چۈشۈپ قىلىپ دىننىى پائالىيەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۈرۈلسە مەسئۇليەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلنىدۇ . ئىختىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۈرۈلىدۇ.





















38. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سايمان ئۈسكىنىلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى
مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىۋىگە ئويغۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ساپا مائارىپنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەتلەر مەكتەپلەرگە تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق سىگنال قۇبۇل قىلىش ئەسۋابى قاتارلىق بىر يۈرۈش زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئوقۇتۇش شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ بەردى. بۇ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى بىخەتەر باشقۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش بىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى.
بۇ مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى :
1.ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەن سايمان ئۈسكىنىلەر مەسئۇل قىلىنغان ئۇقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق باشقۇرىشىدا بۇلىدۇ. سايمان ئۈسكىنىلەرنى ھەر قانداق ئۇرۇن ۋە كىشنىڭ يۆتكەپ  ئىشلىتىشىگە، باشقىلارغا ئارىيەت بىرىشكە، يۇقۇتۇپ قۇيۇشقا قەتئى يول قۇيۇلمايدۇ.
2.ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەن سايمان ئۈسكىنىلەر تۈرى، سانى ۋە باھاسى بويىچە مەكتەپنىڭ مۈلۈك دەپتىرىگە كىرىم قىلىنىپ باشقۇرلىدۇ.
3.باشقۇرۇش ئۆيى ۋە ئوقۇتۇش سىنىىپلىرىنىڭ شۇنداقلا سايمانلارنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، چاڭ توزاڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشىك دەرىزىلەرنى خالىغانچە ئۇچۇق قويماسلىق، سايمان ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ بولغان ھامان يۆگەپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
4.باشقۇرغۇچى خادىملار ئىشىك دەرىزىلەرنى ۋە قۇلۇپلارنى ھەر دائىم تەكشۇرۇپ، سايمان ئۈسكىنىلەرنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ  ئوغۇرلاپ ئېلىپ كىتىشىنىڭ ئالىدىنى  ئېلىش خىزمىتنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
5.باشقۇرغۇچى خادىملار مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى سايمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۇمۇميۈزلۈك بىر نۆۋەت تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئاندىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، مەشغۇلات جەريانىدا بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
6.سايمان ئۈسكنىلەرنى ئشلىتىش داۋامىدا تېخنىكىلىق تەلەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىپ،   سايمانلارنى بۇزىۋېتىدىغان ياكى سىم يوللىرىنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئەھۋاللاردىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.
7.باشقۇرغۇچى خادىملار ئوقۇتۇش  ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا لازىملىق بىلىملەرنى يەتكۈزۈش جەھەتتە توردىكى ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك بىلىملەرنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنى شارائىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە شۇ بىلىملەرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.
ئەگەردە سايمان ئۈسكىنىلەرنى باشقۇرۇش ۋەئىشلىتىش جەريانىدا يۇقارقى قائىدە- تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
1.باشقۇرغۇچى خادىملار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ بىرەر چوڭ- كىچىك  ئوغۇرلۇق ياكى خەتەرلىك ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارسا، كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە باشقۇرغۇچى خادىملار ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ.
2.سايمان – ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىش داۋامىدا تەلەپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارماي، سايمانلارنى بۇزىۋىتىدىغان ياكى سىم يوللىرىنى كۆيدۈرۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆز تىپى ۋە  ئۆز باھاسى  بويىچە تۆلىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشقۇرغۇچى خادىم مەسئۇل بۇلىدۇ.
3.باشقۇرغۇچى خادىملار سايمان ئۈسكۈنىلەرنى شەخسىي ئىشىغا ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئارىيەت بىرىدىغان ئەھۋاللار سىزىلسە، سايمان ئۈسكىنلەر تەكشۈرۈلۈپ ساق تاپشۇرۇپ  ئېلىنغاندىن سىرت بىر كۈنلىكى ئۈچۈن 100يۇەندىن جېرىمانە ئېلىنىدۇ.
4.كومپىيوتىردىن پايدىلنىىپ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتىسىز سىنئالغۇ فىلىملىرىنى كۆرىدىغان، ناخشا ئاڭلايدىغان، دەي كۆچۈرىدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە ياكى سىزىلسە، باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.  

39. مەكتەپ ، سىنىپ قىياپىتىنى باشقۇرۇش ۋە « يېشىل مەكتەپ» بەرپا قىلىش تۈزۈمى
مەكتەپ، سىنىپ قىياپىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى، شۇ مەكتەپنىڭ، شۇ سىنىپنىڭ ياخشى باشقۇرۇلغان ياكى باشقۇرۇلمىغانلىقىغا باھا بىرىدىغان ئاساسى ئۆلچەمدۇر. شۇڭا مەكتەپ، سىنىپلاردا تۈۋەندىكى ئاساسى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك:
1) مەكتەپ، سىنىپ ۋە دەرۋازا ئالدىدىكى تۈرلۈك تەشۋىقات دوسكىللىرىنى كۆركەم ئىشلەپ پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنى، مائارىپ قانۇنى، مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى، باش شۇجى جىياڭ زىمىن ئوتتۇرغا قويغان «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»،«3كە ئەھمىيەت بىرىش»مۇھىم ئىدىيسىدىن بايانلار قاتارلىقلارنى چىرايلىق يېزىپ، ئۇنىڭغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.
2)مەكتەپ دەۋازىسى مۇكەممەل، پۇختا، چىرايلىق بۇلۇشى، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە «مائارىپنى زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۇرەيلى»دېگەن شۇئار تەرتىپ بويچە چىرايلىق يېزىلىشى كىرەك. مەكتەپ ۋىۋىسىكىسى ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلىپ مۇۋاپىق ئۇرۇنغا ئېسىلىشى كىرەك.
3)دەرۋازا ئۈستىدىكى مۇۋاپىق ئۇرۇنغا « مەكتەپ ئىچىدە ۋېلىسپىت ۋە ھەرخىل قاتناش قۇراللىرىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ» دىگەن تەشۋىقات تاختىسىنى ئېسىش كىرەك. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قۇرو تامنىڭ سىرتىغا « 9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتىرەيلى» دىگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلىشى، قۇرو تامنىڭ ئىچىگە« مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى» دىگەنگە  ئوخشاش شۇئارلار يېزىلىشى كىرەك.مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرپىگە چىقىرىلغان تام دوسكىسىغا« تىرىشىپ ئۈگىنىپ،كۈنسىرى يۇقىرى ئورلەيلى» دىگەن تىمىدا شۇئار  ئىككى خىل يېزىقتا چوڭ قىلىپ يېزىلىشى كىرەك.
4)سىنىپلاردىكى دۆلەت بايرىقى، داھىلارنڭ رەسىمنى رەتلىك چاپلاش ئۆگىنىش باغچىسى چىقىرىش لازىم.
5)سىنپلارغا چاپلانغان تۈرلۈك كۆرسەتمە قۇراللار، شۇ سىنىپ، شۇ پەننىڭ ئوقۇتۇشقا ئۇيغۇن بۇلۇشى، رەتلىك جايى-جايىغا چاپلانغان بۇلۇشى لازىم.
6)مەكتەپ، سىنىپلارنىڭ مۇھىت تازلىقى ۋە ئوقۇتۇش تازلىقى شارائىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاش، ساغلاملىق تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.
7) مەكتەپ ئىچىگە گۈل-گىياھ تېرىش، ئىشخانا ۋە سىنىپلارغا ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن بىر تەشتەكتىن گۈل بۇلۇش ، دەل-دەرەخ سېلىش، پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈش، مەكتەپ ئىچىدىكى يەرلەر ۋە قېرىملارنى چېپىپ ئۇتاپ، ئەي بىرىش ۋە سۇغۇرۇش ئەمگىكىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلنىدۇ.
8) سىنىپ ياتاقلارنىڭ پەلەمپەيلىرى، ئىشىك-دەرىزە ئەينەكلىرى بۇزۇلمىغان، سۇنمىغان بۇلۇشى لازىم. ئەگەر بۇزۇلغان سۇنغان جايلىرى بولسا ۋاقتىدا رىمۇنىت قىلىش، تۇلۇقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. بۇ خىزمەت ياخشى ئىشلەنمىگەن بولسا، ئالاقىدار كىشلەرنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
9)مەكتەپ ئىچىدىكى بىر فۇڭ يەرنىمۇ قويماي گۈل – گىياھ تېرىش ، كۆچەت تىكىش، چىم كۆچۈرۈش، قاتتىقلاشتۇرۇش، قاتتىقلاشتۇرۇلغان كۆلەمنى ئاسىراش خىزمىتنى ئۆلچەم بويىچە ئىشلەپ،  مەكتەپ شارائىتىدا «ئون بۇلۇش» ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.






40.پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش تۈزۈمى
پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش- كەڭ خەلق ئاممىسىنىىڭ مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە قارىتا تەنقىد، تەكلىپ پىكىرلەرنى ئىگەللەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئۆز ئارا چۈشىنش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا مەكتەپلىرىمىزنى ئامما رازى بولغۇدەك ياخشى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.
بىز بۇ خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈمنى يولغا قۇيىمىز.
1.ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا ھەرخىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئاز دىگەندە ئىككى قېتىم ئاتا- ئانىلار، قوشنا ئىدارە- ئورگانلار، كەنت رەھبەرلىكىدىن پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش ئېلىپ بارىمىز.
2.پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىشتا جەدۋەل تارقىتىپ پىكىر ئېلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ پىكىر ئېلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئېلىش، پىكىر ساندۇقى ئارقىلىق پىكىر ئېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىمىز.
3. مەكتەپ ئاساسى قاتلام ئۇرۇنلىرىدىن ۋە جەمىئىيەتتىكى ۋەكىل خاراكتىردىكى كىشلەردىن نازارەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، پىكىر ئېلىشنى يولغا قۇيۇپ، ئاز دىگەندە پەسىلدە بىر قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەنقىد، تەكلىپ پىكىر بىرىشكە تەشكىللەيمىز.
4. پىكىر تەكلىپلەرگە نىسبەتەن بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش، چۈشۈنەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە سىردىشىش پائالىيتى ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشكە، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
5. پىكىر تەكلىپ بەرگۈچىنىڭ مەخپيەتلىكىنى ساقلاش، ئۆچ ئېلىپ زەربە بىرىشتىن ساقلىنىش، قارا چاپلاپ تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيىەت بىرىمىز.
6. قۇبۇل قىلىنغان پىكىر تەكلىپلەرنى ۋاقتى- ۋاقتىدا قاراپ چىقىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل- چارىلەر بىلەن ھەل قىلىشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.
7. پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش كۈنى ۋە پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلغۇچى بەلگىلەپ، پىكىر تەكلىپ قۇبۇل قىلىش شارائىتىنى ياخشىلايمىز.
8. قۇبۇل قىلىنغان پىكىر تەكلىپلەر ئىچىدە ھەل قىلىنغان مەسىللەردىن خاتىرە تۇتۇپ، خۇلاسە يېزىپ، ئارخىپ قالدۇرۇشنى ياخشى ئىشلەيمىز.



















41. كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى
كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كەنتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەمۇرىي جەھەتتىن ياردەملىشىپ، «مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى» ۋە «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۆز مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكى تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدۇ.
1. كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مائارىپ ئىشلىرىنى كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ. مۇھىم مەسىلىلەرنى كەنت پارتىيە ياچىيكىسى، ئاھالە كومىتىتىغا مەلۇم قىلىپ، قاراردىن ئۆتكۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
2. كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىنى مائارىپقا دائىر قانۇن- نىزاملارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قەرەرلىك مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقىرىپ ئىزچىللاشتۇرىدۇ.
3. رەھبەرلىك گۇرۇپپا كوللىكتىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى بىلەن ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ يولغا قۇيۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش، تۇراقلاندۇرۇش، كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، قىشلىق يېقىلغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4. كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمەت ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلۈپ، ئاز دىگەندە ئايدا بىر قېتىم مەكتەپلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدۇ.
5. «ئۈچ پىشقەدەملەر» ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە، سېلىشتۇرما تەربىيە، ياخشى ئۆگىنىش تەربىيسى بىرىدۇ.
6. يېزا كەنتلەردە ئىككى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى. شۇڭا كەنت مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بۇ خىزمەتكە ئەستايىدىل كۆڭۈل بۈلۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرىش ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
7. مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئۆز خىزمتىدىن تۇلۇق خاتىرە قالدۇرىدۇ ۋە تۈرلۈك سىتاتىستىكا، خۇلاسە ماتىرياللىرىنى تۇلۇق ئارخىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.




















42.ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى
مەكتەپ خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ئارخىپلارنى تۇرغۇزۇش ۋەساقلاش ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇھىم مەسئۇليىتى.ئۇنى ئەستايىدىل ياخشى ئشلەش لازىم. ساقلىنىدىغان ئارخىپ ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
1)يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەۋەتكەن تۈرلۈك ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش، كەسىپكە ئائىت ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى.
2)مەكتەپ، سىنىپ،شىتات، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار.
3)خىزمەت پىلانى، خىزمەت خاتىرسى، يىغىن خاتىرلىرى، خۇلاسە دوكلات، يوليۇرۇق سۇراش دوكلاتلىرى ھەر خىل قۇرلۇشلارغا بولغان توختام،خاتىرە.
4)ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى،كەسپى خىزمەت،خىزمەت نەتىجىسى ئىلغارلارنىڭ ماتىرياللىرى قاتارلىقلار.
5)تۇرغۇزۇشقا تىگىشلىك ئارخىپ ماتىرياللار ۋاقتى-ۋاقتىدا تۇلۇقلاپ، رەتلەپ تۇرۇلىشى، ھەر مەۋسۇمدا ۋە يىلدا بىر قېتىمدىن تۈپلەپ مۇندەرىجەتۇرغۇزۇپ، رەتلەپ تۇرۇش لازىم. تۇلۇق بولمىغان قىسمى ۋاقتىدا تۇلۇقلىنىشى لازىم.
6)رەتلەنگەن ئارخىپلار پۇختا، رەتلىك ساقلىنىشى، خالىغان كىشىنىڭ يۆتكەپ كىتىشكە يۈتتۈرۈپ قۇيۇشقا، قالايمىقان قىلىشقا يول قۇيماسلىق لازىم.
7)ئارخىپ ساقلىغۇچى ئالماشقاندا،ئالاقىدار كىشلەربىرگە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بىرىش، ئۆتكۈزىۋېلىش رەسمىيتىنى تۇلۇق بىجىرشى، كونكىرتنى تىزىملىكنى قالدۇرۇپ قۇيۇشى لازىم.
8)مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە، كۈرۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن بىجىرىلىدۇ.ئارىيەت بىرشكە توغرا كەلسە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئارىيەت بىرىلىدۇ.


43.دەم ئېلىشقا چىققان خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى
دەم ئېلىشقا چىققان خادىملار دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا پارتىينىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرۇپ مائاش تەمىناتتىن تۇلۇق بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆز- ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، مەكتەپ تەشكىلى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى، شۇنداقلا تۈۋەندىكى تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى لازىم:
1) دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن- سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، قانۇن- تۈزۈمگە بويسۇنۇشى، مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىننى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي ئارىلاشماسلىقى ھەم قارشى تۇرۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ھەسسە قوشىشى لازىم.
2) ئۆزى دىننى پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالماسلىقى ھەم ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى، تەربىيە ئىشلىشى، ئائىلە تاۋاباتلىرى ئىچىدە قانۇنسىز دىننى پائالىيەت، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپ قىلمىشلار، روپاچ، قىمارۋازلىق، شەھۋانىيلىق، ئىپپەت- نۇمۇسىنى ساتىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كىرەك.
3) ئۆزى ھەم ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئارىسىدا ھەر قانداق قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىدىغان، قانۇنسىز ئۈن- سىن بۇيۇملىرى، كىتاب ماتىرىياللارنى، قول يازمىلارنى ساقلايدىغان، تارقىتىدىغان قىلمىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىش ھەم تۇسۇش ۋە بۇ جەھەتتە مەكتەپ مەمۇرىيتىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئۇچۇر ئالاقە بىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
4) كەنت، مەكتەپ، يېزىلىق ھۈكۈمەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك سىياسى، ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ، تۇلۇق قاتنىشىش، ۋاقتىدا كىلىش، تەشكىل بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.
5) ھەر ئاينىڭ 10-كۈنى مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە كىلىپ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى تەشكىللىگەن ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە تۇلۇق قاتنىشىش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا ئىجابىي پىكىرلەرنى بىرىشى كېرەك.
6) تىنچ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش، ئائىلە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش، يوللۇق بولغان خەيرى- ساخاۋەت، ئىئانە توپلاش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك.
7) بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى، رەسمىيەتسىز قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىمەسلىك، تۈرلۈك خەيىم- خەتەر كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر بولغان ئائىلە بەرپا قىلىش كېرەك.
8) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۈرلۈك تەشكىلى تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە تۇلۇق قاتنىشش ھەمدە پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى لازىم.
تۈزۈمنى ئەمىللەشتۈرۈشتىكى تەدبىرلەر:
1) مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم دىننى پائالىيەتكە قاتناشقانلىق ئەھۋالى كۈرۈلسە سىياسى، ئىقتىسادى جەھەتتىن چارە كۈرۈلگەندىن سىرت، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بىرىلىدۇ.
2) ئۇرۇق- تۇغقان، ئائىلە تاۋاباتلار ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە پارتىيىنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن، سىياسەتلىرىگە زىت بولغان ئىش- ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆرۈلسە چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تەنقىد تەربىيە بىرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا سىياسى مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە جەرىمانە قۇيىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بىرىلدۇ.
3) تۈرلۈك شەكىلدىكى سىياسى، ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە تۇلۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر سەۋەبسىز قاتناشمىسا كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
4) بىخەتەرلىك خىزمتى ھەم بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىنىدىغان خىزمەتلەردە مەسىلە سادىر قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزسە ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ، 50.00يۈەندىن 1000.00يۈەنگىچە جەرىمانە قۇيۇلغاندىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار مەكتەپكە قويغان بارلىق جەرىمانە پۇلنى ئۈستىگە  ئېلىپ تۈلەيدۇ.

44.تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمەت تۈزۈمى
تىرىشچانلىق بىلەن  ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش_ پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى مەكتەپلەردە ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى،گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلىدۇرۇشتا مۇھىم بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىسىم جىسمانى ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرۇش  ئارقىلىق، ئىقتىسادى كىرىم يارىتىپ ، شارائىتىنى ياخشىلاش شۇ ئارقىلىق ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلىش ، ساغلام  ئۈسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بۇلۇشنى ئاساسى نىشان قىلىش كىرەك.
تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتنىڭ مەكتەپنىڭ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بۇ تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى:
1)يۇقىرىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك فاڭجىن- سىياسەتلىرى، بەلگۈلمىلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، مەكتەپلەردە ئەمىلىي ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
2)مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا تەقسىم قىلىنغان تىرىشچانلىق بىلەن ئشىلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمگەك بازىللىرىنى ياخشى قوغداپ ۋاقتىدا سۇغۇرۇش، ئوتاش، چاناش ئارقىلىق پەرۋىشنى كۈچەيتىپ تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كىرەك.
3)تىېرىلغۇ بازىلىرنىڭ مۇقۇملىقىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .(ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىن يۆتكەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا) تېرىلغۇ بازىلىرىنى باشقىلارغا ئارىيەت بىرىشكە، ئۆتۈنۈپ بىرىشكە، ئۆزى خالىغانچە سېتىشقا قەتئىي يول قۇيۇلمايدۇ.
4)ئەمگەك بازىلىرىغا تېرىغان زىرائەتنىڭ بىر تۇتاش بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.
5)ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىن يۆتكىلىش سەۋەبىدىن ئۆزى ئىگدارچىلىق قىلىۋاتقان يەرنى قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە شۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مەسئۇلىغا ئۆزى ئىگدارچىلىق قىلىۋاتقان يەرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش كىرەك. رەسمىيەتنى بىجىرمەي يەرنى باشقىلار ئىگەللىۋالىدىغان، يەرلەر قولدىن كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە شۇ ئوقۇتقۇچى ئىككى كىشىلىك ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
7)يەرلەرنى ئىشلىمەي ئاق تاشلىۋەتسە، ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويسا، مەسئۇلىيەت قاتتىق سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
8)يەرلەرنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بىرىشكە، سېتىشقا توغر كەلسە ئالدى بىلەن مەكتەپ مەسئۇلىنى خەۋەردار قىلىش، مەكتەپ مەسئۇلى مەكتەپ مەمۇرىيتىنىڭ قۇشۇلۇش پىكىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئارىيەتكە بىرىشكە، سېتىشقا يول قۇيۇش كىرەك.
9)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى قورال- سايمانلارنى ئېلىپ مېڭىش، ئەمگەككە بېرىپ ، كىلىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىككە ئوقۇتقۇچىلار بىۋاستە مەسئۇل بۇلۇپ ھادىسە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
10)شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەر يىلى چۈشۈرگەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسىنى شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇرۇنداپ بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
ئەگەردە مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇ تۈزۈمنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ يەرلەرنى ئاق تاشلىۋىتىدىغان ، ئۆز ئالدىغا ساتىدىغان ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى بۇزىۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلگەندىن سىرت مۇناسىۋەتلىك  كىشىلەركەلتۈرگەن ئىقتىسادى جەھەتتىكى زىيان تۆلىتېۋىلىنىدۇ.





45.ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش «تۆت مەزگىللىك »كۈتىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈمى
مەكتىۋىمىزدە ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ، جىسمانى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش «تۆت مەزگىللىك» كۈتۈنىشىگە ئېتىۋار بېرىش ، كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش  ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى.
1. ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ھۇقۇقى، ئىقتىسادىى مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئەر- ئايال باراۋەر بۇلۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ئاياللارنى يەكلەيدىغان ، كەمسىتىدىغان ، ئاياللارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى كۆرمەسكە سالىدىغان ئەھۋاللارغا يول قۇيۇلمايدۇ.
2. قىز-ئاياللارنىڭ توي قىلىش ۋاقتى، ھامىلدار بولغان ، تۇققان، بالا ئىمىتكەن ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانغان ۋاقىتتا بەلگىلىمە بۇيىچە دەم ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، پەۋقۇلئادە ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا بۇلۇپ قالسا يەنە مۇۋاپىق داۋالىنىش ، دەم ئېلىش رۇخسىتى بېرىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.
3. ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر پىلانلىق پەرزەنىت كۆرگەن بولسا بالا ئىمىتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەر كۈنى بىر، ئىككى قېتىم يېرىم سائەت چاممىسىدا بالا ئىمىتىش پۇرسىتى بىرىلىدۇ، بالا ئىمىتكەن ۋاقتى خىزمەت قالدۇرغان دەپ قارالمايدۇ.
4. ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئېمىتىۋاتقان بالىسى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالىتىشقا توغرا كەلسە ئانىسىغا ، بالىنى دوختۇرخانىدا بېقىپ داۋالىتىش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.
5. ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە سىياسى جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش ، تۇرمۇش، خىزمەت جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش ، پارتىيىگە قۇبۇل قىلىش، ئىلغارلارنى ، مۇنەۋەرلەرنى تاللاش ، مائاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان قىلىنىدۇ .
6. « ئاياللار تۆھپە قۇشۇش » پائالىيىتى « ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش » پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ ، كەسىپتە نەتىجە قازىنىشىغا مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.
7. ئايال ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇپ ئىدىيە، تۇرمۇش، ئائىلە ئىشلىرى ، ئەر- ئاياللار مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاياللارنىڭ خارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئاياللار ھەيئىتى ئالدىغا چىقىپ ئارىلىشىپ نامۇۋاپىق ئەھۋالنى ۋاقتىدا ھەل قىلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش