كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 0

شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس
روگافى ئىنگن
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە ماھارەت: شەيئىلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە كۆزىتىش.
ئىجابىي تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىش.
جەريان ۋە ئۇسۇل:مەركەزنى چۆرىدەپ،قاتلاممۇ-قاتلام بايان قىلىش.
ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:
ئۆزىگە ئىشىنىش، بەل قويۇۋەتمەسلىك، چوڭقۇر، ئەتراپلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.
موھىم نوقتا: شەيئىلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە كۆزىتىش.
قىيىن نوقتا:ئىجادىي تەپەككۇر ئامىللىرنى تېپىش.
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى:كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى.كۆرسەتمىلىك رەسىم.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:مۇھاكىمىگە يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش، گوروپپىلار بويىچە مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، كوللىكتىپ مۇلاھىزە قىلىش، ئا‍خىرىدا يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ئۆگىنىش شەكلى:ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش،ئىزدنىپ ئۆگىنىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەم جەريانى:
بۇ دەرس ئىككى سائەت ئۆتۈش پىلانلانغان.
‹1› ئېكراندىكى چەمبەر كۆرۈنۈشىنى باھالاتقۇزۇش
ئېكراندىكى چەمبەرنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
(ئوقۇغۇچىلار نېمىنى كۆرگەن، نېمىنى ھېس قىلغان بولسا شۇ بويىچە جاۋاب بېرىشى كېرەك)
‹2› 2- رەسىم ئارقىلىق «شەيئىلەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۈزەتكەندە جاۋابى ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەننى يەكۈنلەش
3- رەسىمدە يەلكەنلىك كېمە ئەترىتى بىلەن قۇملۇقتىكى كۆۋرۈك ياكى توساقنى دەپ بېرىش.
4- رەسىمنى كۆزىتىپ، شەيئىلەرگە يۈزەكى قاراش بىلەن، ئىنچىلىك بىلەن، ئەتراپلىق قاراشنىڭ پەرقىنى ھېس قىلدۇرۇش.
مۇلاھىزە قىلىڭ
كۆزىتىپ بېقىڭ، بۇ نېمە؟
قانداق ئادەملەر ئىجادىي پىكىرگە باي بولىدۇ؟
ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئىزدىنىش روھىغا، تەسەۋۇرغا باي، ئۆگىنىشنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان؛ جۈرئەتلىك، پىكىر قىلىشقا دادىل، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان كىشىلەر ئىجادىي پىكىرگە باي بولىدۇ.
2-سائىتىدە:
دەرسخانىدىكى مەشىق
1. بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
(1) ئاسماندىكى ئاي يۇمىلاق، يەنە (      ) يۇمىلاق.
(2) ۋاقىت غەلىبە دېمەكتۇر. ۋاقىت (      ) دېمەكتۇر.
2. توغرا جاۋابنى تاللاڭ.
(1) ھايات (      )
A. دېڭىزغا ئوخشايدۇ. B. ئويۇن سەھنىسىگە ئوخشايدۇ.
C. چۈشكە ئوخشايدۇ. D. بىر ئىستاكان سۇغا ئوخشايدۇ.
(2) ئەينەك ئۇ (       ) دېمەكتۇر.
A. تۇرمۇش  B. يېڭىلىق
C. ھەقىقەت  D. گۈزەللىك.
يۇقىرقىلاردىن «ھەرقانداق مەسىلىنىڭ جاۋابى كۆپ خىل بولىدۇ» دېگەن قاراشنى يەكۈنلىسەك توغرا بولامدىكەن؟ نېمە ئۈچۈن؟
دېمەك، كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن شەيئىلەرگە بېرىلىدىغان جاۋاپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق، بۇ شەيئلەرنىڭ بىرلا توغرا جاۋابى بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس.
(ئوقۇغۇچىلارنى گۇمانلاشتۇرۇش ۋە بىرلا جاۋابى بولىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەتكۈزۈش)
ئەگەر توغرا جاۋاب بىلەن بىر يولىدا دەپ قارىسىڭىز، مەلۇم جاۋابنى تاپقاندىن كېيىن ئالغا باسماي توختاپ قالىسىز، شۇڭا بىر جاۋاب بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجادىي تەپەككۈر تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجادىي تەپەككۇر دېگەن نېمە؟
ئىجادىي تەپەككۇر- يېڭى، ئەركىن پىكىر قىلىش، تەسەۋۇر قىلىش، ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلەشكە قارىتىلغان.
سىز دەرسلەردە مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ پىكىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە قارىشىڭىزنى، ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانمۇ؟ مىسال كەلتۈرەلەمسىز؟
ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرغا ئىگە دېيەلەمسز؟
(ئوقۇغۇچىلار ئۆز چۇشەنچىسى بويىچە ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ)
پارچىنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىڭ.
ئامىركىدىكى ھەيۋەتلىك، ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان مەلۇم بىر سودا سارىيىنىڭ لېفىتى يوق بۇلۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىشقا چىقىپ-چۈشۇشى ئۈچۇن ناھايىتى قۇلايسىز بوپتۇ.شىركەت خوجايىنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۇن ئىككى قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىىسىنى بۇ سودا سارىيىغا لېفىت ئورنىتىش لاھىسىنى تۇزۇپ بېرىش ۋە ئورنىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.لىفىت ئورنىتىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق خىزمەت توختىتىش ۋە بىنالارنىڭ ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەشتەك نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقلار بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېشى قېتىپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا شۇ ئورۇننى تازىلاۋاتقان تازىلىق ئىشچى دەرھال ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ. «بىز لېفىتنى بىنانىڭ سىرتىغا ئورنىتىش كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپتۇ.
تازىلىق ئىشچىسى نېمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن؟
مۇشۇنداق ئىنتايىن ئادەتتىكى ئىشلارغا، ھەتتا غىل- پال ئۆتۈپ كەتكەن خىيالغا ئەھمىيەت بېرىش نەتىجىسىدە كاتتا شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا دائىر مىساللارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭ.
(تازىلىق ئىشچىسى بىنا ئىچىنىڭ مەينەت بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەن)

تاپشۇرۇق
«بەزىدە شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى تۇرمۇشتىن ئەمەلىي مىسال ئېلىپ ئىسپاتلاپ يېزىپ بېقىڭ.
دەرستىن كىيىنكى تەسىرات:




ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش