كۆرۈش: 253|ئىنكاس: 1

1-يىللىق 2-مەۋسۈم «ئاينىڭ ئارزۇسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاينىڭ ئارزۇسى

سائەتلىك ئۇقۇتۇش پىلانىنى چۈشەندۈرۈش

1.        ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر،كەسىپداشلار مەن كورلا شەھرى يېڭشەر يېزا قارباغ مەكتەپ  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى گۈلـــــنىسا ياسىن بولىمەن.مەن ھازىر سىلەرگە ئۈزۈم ئۆتمەكچى بولغان بىر سائەتلىك دەرىسىمنىڭ دوكلاتىنى قىسقىچە ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن.
مەن ئۆتمەكچى بولغان تېكىست باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىرىبە دەرسلىكى باشلانغۇچ 1-يىللىق 2-قىسىم دەرسلىك كىتابىدىكى ئىككىنچى بۆلەك 8-دەرس«ئاينىڭ ئارزۇسى»دىگەن تېكىست بۇلۇپ، بۇ دەرسلىك بالىلار ھېكايىسى بۇلۇپ، تېكىستە ئاي، بالا، ئاغرىپ قالغان ئانا.......قاتارلىق ئوبرازلار ۋە رەسىملەر قاراتمىلىق ھالدا دەرس مەزمۇنىغا كىرىشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن.
1-كۆرسەتمە رەسىمدە ئاي بالىلارنىڭ ئەتىدىكى ساياھىتى ئۈچۈن قۇياش بوۋايدىن ھاۋانىڭ ئۇچۇق بۇلىشىنى تىلىگەن.
2-كۆرسەتمە رەسىمدە ئاي ئاغرىپ قالغان بالا ئۈچۈن قۇياش بوۋايدىن ئەتە يامغۇر يېغىشنى تىلىگەن.ئىككى كۈندىن كىيىنكى ئىللىق كۈندە بۇ ئىككىلا ئۇقۇغۇچى ساياھەتكە چىقالىغان،بۇ تېكىست كىچىك دوستنىىڭ ئاپىسىنى بېقىشى ئۈچۈن ساياھەتتىن ۋاز كەچكەنلىگى تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلارغا كۈيۈنىش ھەم غەمخورلۇق قىلىشتەك ياخشى ئەخلاقى پەزىلەتلەر ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق بىلدۈرۈلگەن.


2. ئۇقۇتۇش نىشانى ۋە ئۆگۈنۈش نىشانى:
بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا تېكىسنى راۋان ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى يىتۈلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تېكىستنى باشقىلارغا بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدار يىتۈلدۈرىلىدۇ.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىش.
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلار:
مۇھىم نوقتا:
1)        رەسىمىنى كۈزىتىش ۋە دىئالگلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيىسىنى ھېس قىلدۇرۇش.
2)        ئوقۇغۇچىلارنى ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش جەھەتتە تەربىيىگە ئىگە قىلىش.
3)        ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىسىغا ۋە چوڭلارغا كۈيۈنىدىغان روھنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا:
«ئاي» دىن ئىبارەت ئوبراز ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك روھنى ھېس قىلدۇرۇش.
ئەخلاقي تەربىيە: بۇسائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە بېرىلىدۇ.
2.        ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى
يېتەكلەش ئۇسۇلى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى، كۈزىتىش ئۇسۇلى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، مەشىق قىلىش ئۇسۇلى.

3.        ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى:

8. ئاينىڭ ئارزۇسى

ساۋاقداشلار سىلەرنىڭ قانداق ئارزۇيىڭلار بار؟ سىلەر قانداق قىلىپ بۇ ئارزۇلارنى ئويلاپ قالدىڭلار؟ دېگەن سۇئالنى سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1)        بىرىنچى پارچە رەسىمنىڭ مەزمۇنى
ئاينىڭ چىراي ئىپادىسىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئاي نېمە ئۈچۈن كۈلدى؟ ئاينىڭ ئارزۇسى نېمە؟ دېگەن سۇئاللار ئارقىلىق بىرىنچى پارچە رەسىمىنى چۈشەندۈرىمەن.
2)        ئىككىنچى پارچە رەسىمىنى كۈزىتىش
بىرىنچى رەسىمدىكى ئاينىڭ چىراي ئىپادىسى بىلەن ئىككىنچى رەسىمدىكى ئاينىڭ چىراي ئىپادىسىدە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
ئاي نېمە ئۈچۈن قاپىقىنى تۈرىۋالدى؟ ئاي نېمىنى ئويلىدى؟ ئاينىڭ ئارزۇسى نېمە؟ دېگەن سۇئال ئارقىلىق ئىككىنچى رەسىنى تەھلىل قىلدۇرىمەن.
3)        بۇ تېكىستىكى ئاغرىق ئانىسىنى بېقىۋاتقان قىزنىڭ قانداق بالا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟ دېيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىمەن.
4)        ئۇنداقتا بۇ  ئىشلارنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ساۋاقداشلار سايائەتكە بارالىدىمۇ؟
5)        ئاي نېمە ئۈچۈن قۇياش بوۋاينى ئىزدىمەكچى بولدى؟ كېيىن نېمىشقا گۈلدۈرماما بوۋاينى ئىزدىمەكچى بولدى؟سىنىپتا مۇلاھىزىگە تەشكىللەش ئارقىلىق دەرستىن خۇلاسە قىلىپ بېرىمەن.
دەسلەپتە بالىلار سەھرا سەيلىسىگە چىققانلىقى ئۈچۈن قۇياش بوۋاينى ئىزدىدى. كېيىن يەنە بىر قىزچاقنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۈچۈن گۈلدۈرماما بوۋاينى ئىزدىمەكچى بولدى. دېيىش ئارقىلىق دەرىسىنى ئاخىرلاستۇرىمەن.

دوسكا لايىھىسى



تاپشۇرۇق:
1)        سىزنىڭ ئايغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار. بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ كېلىڭ.
2)        مېھىر-مۇھەببەت توغرىسىدا ماقال-تەمسىل توپلاپ كېلىڭ.
كورلا شەھرى يېڭشەر يېزا قارباغ باشلانغۇچ مەكتەپ:
ئادىل ھۈسەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-31 11:44:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ماڭا ياردىمى بولدى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش