كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 0

9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
9-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
1.Ⅰ تاللاش سوئالى: تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە پەقەت بىرىلا سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئەنە شۇ جاۋابنى تاللاپ تىرناق ئىچىگە تولدۇرۇڭ. (20نومۇر)
«سەمىمىيلىك ئىنساننىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ  ئىگىسى:
: A ئىسىم               :B پېئىل          رەۋىش         : C سۈپەت
2. تۆۋەندىكىلەردىن ھەممىسى ھالەت تەقلىدى بولۇپ گۇرۇپپىلانغىنى     (    )
A .لوق- لوق، ۋال- ۋۇل، تىرىق-تىرىق : B ئىمىر- چىمىر، پىر- پىر، تاراق- تۇرۇق : C چىم- چىم، پالاق- پۇلۇق، غال- غال : D يالت- يۇلت، پار- پۇر، پىل- پىل
3. جۈملە ۋە جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى  ھەققىدە  تۆۋەندە  ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: A «  پاكلىق كېچىدە يېقىلغان چىراغقا ئوخشايدۇ » بۇ جۈملە مەزمۇنىغا  ئاساسەن بايان جۈملە، تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئىگىسىز ئاددىي جۈملە بولۇپ،جۈملىدىكى «كېچىدە ئوخشايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىگە- خەۋەر مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن
: B « بىلىملىك بىر كىشى مىڭ نادانغا تەڭ كېلەلەيدۇ» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتتىن يېيىق، ئىگىلىك، تولۇق ئاددىي جۈملە بولۇپ، جۈملىدىكى «بىلىملىك بىر كىشى» دېگەن سۆزلەر ياندىشىش   مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن. : C «  مۇزىكا خۇشالىق ۋە تۇرمۇش ھۇزۇرىنىڭ سەۋەبچىسىدۇر» دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، جۈملىدىكى «خۇشاللىق، تۇرمۇش» دېگەن سۆزلەر تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن.
: D « شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، كىشى شىجائەت بىلەن شىر بولىدۇ» دېگەن جۈملە ئاددىي جۈملە بولۇپ، جۈملىدىكى « كىشى شىجائەت بىلەن» دېگەن سۆزلەر ئىگە- خەۋەر مۇناسىۋىتىدە باغلانغان.
4.«پالۋان كەلدى›› ناملىق ھېكايىدا:  (     )
.A مانجۇ ھاكىمىيىتى ۋاقتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئالۋان- سېلىقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى باش تېما قىلىنغان.
.B ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
.C سادىر پالۋان بىلەن خائىن- مۇناپىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ۆۈرەش ئاساسلىق تەسۋىرلەنگەن.
.D سادىر پالۋاننىڭ باتۇرلىقى، خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە كەلگەنلىكى باش تېما قىلىنغان.
5.تۆۋەندىكى پارچىلار ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى(     )
: A «كىمىكى ھەق يولىدا جەڭ قىلسا، ئۇ جەننىتى›› دېگەن تەسۋىردە پېرسوناژنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئىپادىلەنگەن.
: B « ئۇ ئۆزى يازغان ئىلتىماستىن قانداق يالتىيىدۇ، سەپتە بىللە تىزىلغان بالىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ؟ بۇنداق دېيىش بەكمۇ قولايسىز. ئۇنىڭغا ئۇيات بولىدۇ». بۇ چوردۇن بوۋاينىڭ تىل تەسۋىرى بولۇپ، ئۇنىڭ  ئىنسانىي پەزىلەتنى، غورۇر، ۋىجداننى يۇقۇرى ئورۇنغا قويىدىغان ئېسىل خاراكتېرىنى ئىپادىلەنگەن.
: C « سەنمۇ مەسچىت سال، ئىمام بول!ــ دەپ بۇيرۇپتۇ ھۈسەيىن قارىمغا،ــ سېنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلىنغان دۇكان - ساراي، يەر- زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىل!›› دېگەن پارچە مۇھەممەدئەلى زۇنۇننىڭ ‹‹قوش مەسچىت›› ناملىق ھېكايىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، پارچىدىكى ئاكىسى ھەسەن قارىمنىڭ سۆزى.  
: D «دېھقاننىڭ ھالىغا ۋاي، بىر يىل قاتتىق ئىشلەپ ئارا- گۈرجەكنى قۇرۇق قۇچاقلاپ قېلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ». بۇ پارچە پىسخىك تەسۋىرىگە تەۋە بولۇپ، «پالۋان كەلدى» ھېكايىسىدىكى ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگنىڭ پۇقرا ئۈچۈن غەم يەيدىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن.
  . 6 «بىز ئادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئىۋان مىخايلوۋىچ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ھەرىكىتىنىڭ تۈزۈلۈشى تەلىماتىغا ھەقىقىي ئۇل تېشى قويۇپ بەرگۈچىدۇر.›› دېگەن پارچە ھەققىدە خاتا ئېيتىلغىنى:                                          (    )
. A بۇ پارچە روسىيە فىزىئولوگىيە ئالىمى پاۋلوفنىڭ ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ›› دېگەن نۇتۇقىدىن ئېلىنغان.
B .پارچىدىكى ‹‹ئۇل تېشى قويۇپ بەرگۈچى›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاساس سالغۇچى، ئەڭ دەسلەپ تەتقىق قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
.C پارچىدا تىلغا ئېلىنغان شەخس ئىلىمى بىلەن پەزىلىتى ھەقىقىي بىرلەشكەن ئۇلۇغ ئالىم
. D ئىۋان مىخايلوۋىچ ئۆزىنىڭ كاتتا نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەممىنى قايىل قىلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا يۇقۇرى شان- شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
7. تۆۋەندىكىلەردىن ئەسەر نامى، ئاپتورى، ژانىرى توغرا گورۇپپىلانغىنى:   (       ) . A «ياتۇر››            قۇتلۇق شەۋقى          چاچما شېئىر
. B «‹ئەقىللىق› ئوسكار بېلىق››   پاۋلوف    مۇھاكىمە ماقالىسى
. C « قوش مەسچىت››  مۇھەممەدئەلى زۇنۇن       بايان ماقالىسى
D .«نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى››  ئازاد سۇلتا  نۇتۇق
8. مېتېئورولوگىيە فېنولوگىيىسى ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاب: (       )
A: فېنولوگىيە دېگىنىمىز ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ياكى جانسىز نەرسىلەرنىڭ كىلىمات ۋە تاشقى مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىدە كېلىپ چىققان پەسىللىك ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
B: ئاسماندىكى نېپىز بۇلۇتلار قار- بوراننىڭ بىشارىتى، زىچ بۇلۇت قاتلىمى ئوچۇق ھاۋانىڭ بەلگىسى.
C: بۇلۇتلارغا قاراپ ھاۋا رايىنى ئالدىن پەرەز قىلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.
D: ‹‹يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە›› دېگەن ماقال- تەمسىلنىڭ فېنولوگىيە بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
9. «چېچەننىڭ بەلگىسى سۆزىدىن، باتۇرنىڭ بەلگىسى كۆزىدىن»: (  )
A: تەمسىل بولۇپ، ئۇنىڭدا باتۇرلۇق ۋە چېچەنلىك مەدھىيلەنگەن.
B: ماقال  بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوي- پىكىر ئۇدۇل ئىپادىلەنگەن.
C: ئىدىئوم بولۇپ، ئۇنىڭدا تەنە مەنىسى ئىپادىلەنگەن.
D: ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ، ئۇنىڭدا چېچەن ئادەم بىلەن باتۇر سېلىشتۇرۇلۇپ،چېچەن باتۇرنى يېڭىدۇ، دېگەن پىكىر ئىپادىلەنگەن.
10. «گۈزەللىك ئادەم ئۈچۈن مۇھىم،ئەمما ئادەمگە گۈزەللىك باقىۋەندە ئەمەس، قابىلىيەت ھاياتنىڭ مۇھىم قورالى، ئەمما قابىلىيەت بولۇپ، سەمىمىيلىك بولمىسا، ئۇنداق قابىلىيەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.  بايلىقمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ  كېتەلمەيدۇ.»  دېگەن  پارچىدا تەشەببۇس قىلىنغىنى:      (    )
A: گۈزەللىك     B: قابىلىيەت   C :بايلىق    D: سەمىمىيلىك

Ⅱ بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ:  (9نومۇر) ھەربىر بوش ئورۇنغا بىردىن نومۇر بېرىلىدۇ.
11. ‹‹كۈچلۈك چىراغ يېقىلىشى بىلەن ۋاراڭ- چۇرۇڭ توختاپ، كۆزۈم ئىمىر- چىمىر بولۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالدىم›› دېگەن جۈملىدىكى تەقلىد سۆزلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا (        ) تەقلىدى ۋە (        ) تەقلىدىگە كىرىدۇ.
12. «ئانا يۇرت» ناملىق ترولوگىيىنىڭ ئاپتورى (                ) بولۇپ، بۇ مەشھۇر ئەسەردە  (                                ) ئاساسىي تېما قىلىنغان.
13. چىڭگىز ئايتماتوف (        )- يىلى (       )دا تۇغۇلغان.
14. پروزا (          ) ۋە (                ) دىن ئايرىلالمايدۇ.
15. بۇلۇت ھاۋا رايىنىڭ (                    ).

Ⅲ قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ.
16. قانداق ئەسەرنى ھېكايە دەيمىز؟ ياخشى يېزىلغان قانداق ھېكايىلەرنى بىلىسىز؟  (3نومۇر)

17، تۆۋەندىكى جۈملىلەردە ئىپادىلەنگەن مەنىنى يېشىپ بېرىڭ. ( 4نومۇر)
1) ئۇ دائىم ھەقىقەتكە باش ئېگەتتى.


2) قىيىنچىلىق خاراكتېرنى تاۋلايدىغان پېچ.


18. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى بىرقانچە نۇقتىدىن يېزىپ بېرىڭ. (3نومۇر)



Ⅳ ئۇنىۋېرسال مەشىقلەندۈرۈش سوئالى
19. تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ جۈملە بۆلىكىنى ۋە سۆز تۈركۈمىنى ئايرىپ يېزىپ بېرىڭ (5نومۇر)
سىز مەرىپەتلىك كىشىلەر بىلەن دائىم ھەمسۆھبەت بولۇڭ.

20. تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
1) تۆۋەندىكى جۈملىلەردە قايسى تۈردىكى ئىملىقنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. (3نومۇر)
ھوي، ئۇكام، بۇ ياققا كېلە!

ئەستاغپۇرلا، نامداق قىلىدۇ، ماۋۇ!

مە، بۇنى ئۆيۈڭگە ئالغاچ كەت.

21. تۆۋەندىكى يىغىق ئاددىي جۈملىنى يېيىق ئاددىي جۈملىگە، يېيىق ئاددىي جۈملىنى يىغىق ئاددىي جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ يېزىڭ. (2نومۇر)
ئۇلار كەلدى.

بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئانا تەبىئەت بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.


22. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن ئىجادىي داۋاملاشتۇرۇپ يېزىڭ. (2 نومۇر)
1) پەقەت يۈگۈرەلەيدىغان ئادەمنىڭلا، يىقىلىش سەرگۈزەشتىسى بولغىنىدەك، نەتىجە قازانغان ئادەمنىڭلا (                                 ) بولىدۇ.
2) ئەينەك مۇنداق دەيدۇ: سەن كۈلسەڭ، مەنمۇ كۈلىمەن؛ سەن يىغلىساڭ، مەنمۇ  يىغلايمەن؛  ھايات  مۇنداق دەيدۇ: (               )


23. تۆۋەندىكى جۈملىگە تەقلىد قىلىپ «ئىشەنچ» دېگەن سۆزدىن  باشلانغان ئىككى جۈملىنى ئىجادىي تۈزۈڭ. (3نومۇر)
ئىشەنچ ــ گۆدەكلەرچە خام-خىيال ئەمەس.
ئىشەنچ ــ روھىي دۇنيا ئاسمىنىنى كۆتۇرۇپ تۇرالايدىغان تۆۋرۈكتۇر.
ئىشەنچ ــ
ئىشەنچ ــ

Ⅴ مۇھاكىمە قىلىش سوئالى
24. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ،ئاخىرىدىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
ــ مەنغۇ تەرتىپكە بويسۇناي دېگەن، بىراق ھەممە كىشى ئۆچىرەتتە تۇرماي، قىسىلىپ كىرىۋېلىپ قالايمىقان قىلىۋاتسا، ماڭا نېمە. ئامال؟
ــ مەن ساپ دىل بولاي دېگەن، ھەممە كىشى بىر- بىرىنى قاقتى- سوقتى قىلىۋاتسا،  قانداقمۇ ساپ دىل بولغىلى بولىدۇ؟
ــ مېنىڭغۇ ئادەم ئالدايدىغان تىجارەتنى قىلغۇم يوق، بىراق خەق  گۈرۈچكە قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ، گۆشكە سۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ سېتىۋاتسا، ئەل قاتارى ئىش قىلماي نېمە ئامال؟
ــ مەن ساختىپەزلىك قىلمايمەن دېگەن بىلەن، ھەممە ئىدارە- ئورگان ساختىلىققا تولغان تۇرسا، ئەلۋەتتە جاھانغا بېقىپ ئىش قىلىمەن-دە.
تەلەپ :
1) يۇقىرقى پارچىدا جەمئىيەتتىكى قانداق ئىجتىمائىي كەيپىيات ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؟ (2نومۇر)

2) سىزنىڭچە ئاستى سىزىلغان جۈملىدىكى «مەن»نىڭ كۆز قارشى توغرىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (2نومۇر)

3) بۇزۇلغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۈزەشنىڭ قانداق چارىسى بار ؟ كۆز قارشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. (3نومۇر)

25. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ، ئاخىرىدىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
«ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققانلارنى ‹سوگو، ئوغرى، بۇزۇق›؛ ئەلنىڭ ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ گۆشىنى شىلىپ، قېنىنى شورىغانلارنى بولسا، ‹بەگ، ئۇلۇغ› دېيىشىدۇ.» دەپ ئويلايتتى ئۇ «ھەي، بۇ جاھاندا ئادالەت، ئىنساپ قالمىدى، ھوسۇل ئىلگىرى سەككىز خو ئىدى، ھازىر 16خوغا چىقتى. دېھقاننىڭ ھالىغا  ۋاي، بىر يىل قاتتىق ئىشلەپ ئارا– گۈرجەكنى قۇرۇق قۇچاقلاپ قېلىش ئاقىۋېتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ، سادىر قوزغىلىپ ياخشى قىلدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھازىرچە ئۇچقۇندەك  كىچىك كۆرۈنگىنى بىلەن خەلقنىڭ غەزەپ ئوتلىرى قوشۇلۇپ ئاخىر چوڭ گۈلخانغا ئايلىنىدۇ...»
تەلەپ :
1) پارچىدا كىمنىڭ قانداق تەسۋىرى قوللىنىلغان؟ پارچىدىن ئۇنىڭ قانداق خاراكتىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ؟ (3نومۇر)


2) پارچىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان؟ (2نومۇر)

3) پارچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى جۈملىنىڭ مەمۇنىنى بىرەر تۇراقلىق ئىبارە ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىڭ (1نومۇر)

4) سادىر پالۋان ھەققىدە نېمەلەرنى بىلىسىز؟ (3نومۇر)


Ⅵ يېزىقچىلىق سوئالى   (30نومۇر)
26. تۆۋەندىكى بېرىلگەن شېئىرىي پارچىنىڭ بىرىنى تاللاپ خالىغان ژانىردا (شېئىر يېزىشقا بولمايدۇ ) بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
تەلەپ:
1› قايسى خىل ژانىردا يازسىڭىز شۇ خىل ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.
2› ھەجىمى بىر يېرىم بەت ئەتراپىدا بولسۇن.
3› خەت چىرايلىق، ئىملاسى توغرا بولسۇن.
4› ماۋزۇنى ئىجادىي قويۇڭ.
5› سىنىپ نامىنى، ئىسىم– فامىلىڭىزنى يېزىشقا قەتئىي بولمايدۇ. يەر- جاي ناملىرى، ئىسىم يېزشقا توغرا كەلسە XX ئارقىلىق ئىپادىلەڭ.
                   تەقدىرىڭ ھۆكمىگە سەۋەنچى ئېغىز،
                   سۆزۈڭدە شاكالدىن كۆپ بولسۇن مېغىز.
                   بىلگىنكى، راست سۆزۈڭ چايناتسا ناۋات،
                   لاپ سۆزۈڭ ئۆزۈڭگە سانجىيدۇ بېگىز.
                  *          *         *         *      
                   يېلىنىپ بىراۋغا سۇنساڭ قولۇڭنى ،
                   شاكالغا تولدۇرار ئەپسۇس قوينىڭنى .
                   ئۆزۈڭنى خار قىلىپ يۈرگىچە ياران،
                   ئەمگەك قىل، تەر ئاققۇز خار قىل كۈچۈڭنى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش