كۆرۈش: 842|ئىنكاس: 0

تولۇق تىل-ئەدەبىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تولۇق تىل-ئەدەبىيات
ۆتىنچى بۆلەك   بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى (II)  
سەيياھ بالا  
   
ئاپتور ھەققىدە: ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى قەشقەر شەھرىنىڭ  بەشكېرەم يېزىسىدا بىر موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىتنى پۈتكۈرۈپ، ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىنم قىلىنغان. 1988- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ھازىرقى خىزمەت ئورنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى.  

ئاپتورنىڭ ھازىرغا قەدەر «شاراب تومۇرى»، «كۆيگەن دېڭىز» دىن ئىبارەت ئىككى شېئىر توپلىمى، «ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» دىن ئىبارەت ئىككى ماقالىلەر توپلىمى، «زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، «غەربنىڭ تەپەككۇرى »، «ئەپلاتۇن پاراڭلىرى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

شېئىردا ئوبراز سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن «سەيياھ بالا»  زادى قانداق بالا؟ شېئىردا قانداق تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟  

شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ شېئىرىدا تەسۋىرلەنگەن  «سەيياھ بالا» قانداقتۇر بىرەر ساياھەت رايونىا يۈرۈش قىلغان بالا ئەمەس، بەلكى تەبىئەتتىكى تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ نازۇك خۇلقلىرىنى ئۆز خىياللىرى بىلەن تاماشا قىلغۇچى مەنىۋى مەۋجۇتلۇق. ئۇنىڭ قاردىكى ئىزلىرى تىۋىشقا ئايلىنىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ئىز (سۈرەت) تىۋىش(مۇزىكا) غا ئايلىنىدۇ.شېئىردا «قۇشلار» «ئورمان» نىڭ بالىسى، «شەبنەم » يوپۇرماقلارنىڭ «چىشى»، «ئاي» «باغۋەن قىز» سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. «كېچە» بولسا «مېۋىلىك دەرەخ»، «مەن» ۋە «چىغىر يول»لارنى تۇغىدىغان ئانا سۈپىتىدە كۆڭۈل كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ.  

2. بالىنىڭ كۆزى شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆرمەستىن بەلكى ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە باغلىنىشلىرىنى كۆرىدۇ. مەسىلەن، يۇلتۇزلار مېۋە، كېچە دەرەخ، قۇياش تەڭرىنىڭ كۆزەت چىرىقى، بۇغداي ئاي تۇغىدىغان ئانا، بۇلۇتلار ئىنەك، پەسىللەر يولۇچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. چۈنكى شېئىردىكى بالىنىڭ كۆزى ۋە ئۇنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭى ناھايىتى ھەرىكەتچان بولۇپ، بىر شەيئى ئوخشىمىغان سىياقلاردا جۇلالىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شائىر خىيال بىلەن رېئاللىقنى ئارىلاشتۇتۇپ، گىرەلەشتۈرۈپ يازغان. ئۆز ئوي- خىياللىرىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ماس ھالدا تەسۋىرلەش ئوبيېكىتلىرىغا بىۋاستە سېزىملىرى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ- پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەقلىي ئىش قوشۇلمىغان ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.  

2.  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىسانىيەت ئۆزىنى چۈشىنىشكە باشلىغان قەدىمكى زاماندىلا ئۆزىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان سىرلىق مەۋجۇدات بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان ئىدى. كىشىلەر دەسلىپىدىلا گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئايرىشنىڭ ئەڭ تۈپ ئۆلچىمى تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش دەپ قارىدى. چۈنكى، ئادەم تەبىئەتتىن ئايرىلسا ئۆزىنى ئۇنتۇپ، تەبىئەتمۇ ئادەمدىن ئايرىلسا مەنىسىز، قۇرۇق مەۋجۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. مەنىۋى كۆزەتكۈچى بولغان ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى تەبىئەتتىكى ھەرخىل شەيئىلەر ھەققىدىكى بايقاشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە مەنسۇپ مەنىۋى قىممەت يارىتىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

كۈتۈش  
مۇھاكىمە ۋە مەشق  

رېئاللىقتا ياشاشنىڭ ئۆزى كۈتۈش. ئىنسان پانىي دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، تاكى باقىي دۇنياغا سەپەر قىلغۇچە قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى كۈتىدۇ. ئىنساننىڭ كۈتۈشلىرىنىڭ چېكى يوق. شۇڭا كۈتۈش ئۈمىدلىك ياشاشنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمما ھاياتتا بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ، يەنە بەزى نەرسىلەرنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە، ھەتتا ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۈمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنى ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىككە توغرا كېلىدۇ. بۇ شېئىردىمۇ ئەنە شۇنداق ساددىلىق بىلەن كۈتۈش شېئىرنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.  

بۇ شېئىر قەستەن قۇراشتۇرۇلغان دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالىي، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پاراڭلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان تولىمۇ ئاددىي مىسرالاردىن تۈزۈلگەن. شېئىرنى چۈشىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان، لېكىن چاڭقىغان دىللارنى ھامان ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدىغان ئارمانلارنىڭ چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا شېئىردىكى «كۈتۈش» نى  مۇنداق ئۈچ قاتلامغا بۆلۈشكە بولىدۇ:      

1- قاتلامدا شائىر پەرھات ئىلياسنىڭ ئادىمىيلىك، دوستلۇق، مېھىر- مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشى، يەنى بىرەر مېھمان ياكى بىرەر دوستتىن خەت كېلىپ قېلىشىنى كۈتۈشىگە چەكسىز غېرىبلىق يوشۇرۇنغان. شائىر بۇ خىل غېرىبلىقىغا دادىل كۈتۈشلىرى بىلەن تەسەللىي بېرىدۇ. نەتىجىدە  غېرىبلىق بىر خىل  گۈزەل تۇيغۇ ھەم چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ.  

2- قاتلامدا شائىرنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن غايىۋى مەنزىلگە ئىنتىلىشى، يەنى «قۇرۇپ كەتكەن قاخشال سۇۋاداننىڭ بۆككىدە ئورمانغا ئايلىنىشى»، «كىچىككىنە ئېرىقنىڭ كۆپكۆك دېڭىزغا ئايلىنىپ قېلىشى» ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان رېئاللىق، ئەمما بۇ خىل غايىۋى مەنزىلگە ئىنتىلىشتىن توختاپ قالغاندا ھەرقانچە ماددىي پاراغەتمۇ بىزگە سۆيگۈ ئاتا قىلالمايدۇ.  

3- قاتلامدا شائىرنىڭ شېئىردىكى پەللىگە بولغان ئىنتىلىشى، يەنى شائىرنىڭ غېرىب كۆلبىسىگە ئاماننىسانىڭ تۇيۇقسىزلا مۇقام ئېيتقىلى، ناۋايىنىڭ شېئىر يازغىلى كىرىپ قېلىشى خىيالىي ئەپسانىلەرنى يارىتىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

شۇندىن بېرى...  
   

مۇختەر مەخسۇت  

   

ئاپتور ھەققىدە: شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان مۇختەر مەخسۇت 1957- يىلى 4- ئايدا گۇما ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇختەر مەخسۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1974- يىلى شېئىردىن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە  نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.  

مۇختەر مەخسۇت ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، تاگور ۋە ئەي چىڭ قاتارلىق چەتئەل ۋە جۇڭگودىكى مەشھۇر يازغۇچى- شائىرلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.  

مۇختەر مەخسۇت يەنە ئەدەبىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىستېتىكىلىق قاراشلار توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تەنھا قېيىق»، «ئاشىقلار سىرى» (باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، «ئىلاھ چوققىسى» ناملىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى، «مۇخبىرلىق سەنئىتى» ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان.   

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

  1. بۇ شېئىردا «شۇندىن بېرى» دىگەن سۆز جەمئىي بەش قېتىم تەكرارلانغان. ھەر بىر قېتىم دېيىلگەن «شۇندىن بېرى» دېگەن سۆز نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدۇ؟  

بۇ شېئىردا «شۇندىن بېرى» دېگەن سۆز جەمئىي بەش قېتىم تەكرارلانغان. «شۇندىن بېرى» شائىرنىڭ ئەسلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. «شۇندىن بېرى» دە شائىرنىڭ خىيالىدىكى باھارنى ئىزغىرىن كۈز ئىگىلەيدۇ، ئۇ گويا ئۆزى سۆيۈنگەن پەسىلدىن ئايرىلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىككىنچى «شۇندىن بېرى» شائىرنىڭ دېڭىز سەپىرىدىكى سەرسانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «سۇنۇق ماچتا»، «ئاق چايكا» قاتارلىقلار شائىر قەلبىدىكى تراگېدىيىلىك ھېسنى ئىپادىلەپ بەرگەن.  ئۈچىنچى «شۇندىن بېرى» دە شائىر ئىزدەشنىڭ يەنە بىر قىسمىنى ئايان قىلىدۇ. يوللار يۈتكەن، «گۇڭگا ئىز» لاردىن يىغا ئاڭلىنىدۇ. تۆتىنچى «شۇندىن بېرى» دە ئىزدىگەن نەرسىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەن شائىر پەرىشان كۈز ئىلكىدە قالىدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا پەسىل مەنىسى بار. بەشىنچى «شۇندىن بېرى» بولسا ئاۋۋالقى ئىزدەشلەرنىڭ پوسكاللىسى بولۇپ، شائىر گۇگۇمدىكى ئورمانلاردىن توزۇپ چىققان سىرلارنى ئاڭلايدۇ، بۇ يەردىكى «سىر» دېگەن ئىبارە «گۇگۇم پەيتىدىكى ئورمان» بىلەن باغلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنىسىنى رەڭ، تۈس، كەيپىياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.  

شېئىردا بالىلارچە مەسۈم قەلب ئۆزى تەلپۈنىدىغان جىلۋىلىك، رەڭدار بىر پەسىلنىڭ پىراقىدا تەنھالىققا گىرىپتار بولىدۇ. لېكىن ئۇ بۇ سوغۇق، ئادىل بولمىغان تەنھالىقنى  چۈشكۈن ھالسىراش بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇلقۇنۇپ تۇرغان شاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

قۇشلار  
   

مۇھاكىمە ۋە مەشىق:   

شائىر ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرىدا ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى قۇشلارغا خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەپ، تەسەۋۋۇرىدىكى يېڭىچە دۇنياغا يۈرۈش قىلىدۇ.  

قۇشلار ئۈچۈن دەرەخ بولۇش ،باھار پەسلىگە چۆمۈلۈپ ياشناش، ئاسمان ھەققىدە چۆچەكلەرنى ئاڭلاش، قۇشلارغا ئۇۋا بولۇش، تاغلارنىڭ ھىدىنى پۇراش، باھاردىن ئۇۋا ياساش قاتارلىقلارنى ئارزۇ قىلىش ماھىيەت بولماستىن، بەلكى شائىرنىڭ روھىي ئالىمىدىكى مەنىلەر قاتلىمىنى چۇخچىلاشنىڭ ۋە تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلغان. بۇ خىل ۋاستىلىك تەسەۋۋۇر شەكلى شائىر ئۈچۈن «ھەممە نەرسە بولۇپ بېقىش» خىيالىغا كېلىدىغان لىرىك مۇھىتنى يارىتىپ بەرگەن. شېئىردىكى «مەن» ئۆزى بىلەن قۇشلار، دەرەخ، ئاسمان ۋە يەرنىڭ سىڭىشىش جەريانىدىن ئۆزىنى يېڭىلاشقا سەۋەب ئىزدىگەن. بۇ ئارقىلىق «مەن» ئۆزى كىرمەكچى بولغان ئىچكى مەنە كەڭلىكىگە ئەركىن شۇڭغۇپ كىرگەن. شېئىردىكى تۈپ ماھىيەت بولسا يەنىلا تەبىئەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا سىڭىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىشتۇر.  

بۇ شېئىرنى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىۋېلىشتا «مەن»نىڭ «ئارزۇسى» دىكى دەرەخ، قۇشلار، ئاسمان، ئۇۋا قاتارلىقلارنىڭ قانداق مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى قىياس قىلىش ھەمدە شائىرنىڭ ئېستېتىك قارىشىنى تەھلىل قىلىش مۇھىم.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

يوپۇرماق  
   

مۇھاكىمە ۋە مەشىق  

شائىر ئەزىزىنىڭ بۇ شېئىرىدا «مەن» يەنە تەكرارلانغان زىمىستان ئىچىدە يىگانىلىق ئازابى تارتىدۇ ھەمدە توساتتىن ئالدىغا چۈشكەن «بىر تال يوپۇرماق» ئۇنىڭ تەنھالىقىغا تەقدىرداش بولۇپ، يالغۇزلۇقنىڭ ماھىيىتىگە شۇڭغۇيدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆزىنى ھەمدە دۇنيانى ئۇنتۇغان ھالدا شۇ يوپۇرماق ئۈچۈن يىغلايدۇ. «سوغۇق شامال»، «تىترىگەن قەلب»، «تەنھا ياپراقلار» «مەن» نى تەسىرلەندۇرگەن ھاياجانلىق ئامىللار بولۇپ، ئېستېتىك قىممەت يارىتىشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان.  

ئىنسان قەلبىدە ھامان يىگانىلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. مۇشۇ يىگانىلق تۇيغۇسىنى تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شېئىرىي تۇيغۇ يارىتىش بىر ئالاھىدىلىك.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

مەڭگۈلۈك ۋەتەن  
   

چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بۇ شېئىرىدا توپ ئويناۋاتقان ئوغلىغا قاراپ ئولتۇرغان ئانىنىڭ قەلبى ۋە كۆز ئالدىدىكى توپ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن مېھىر- مۇھەببەت دۇنياسىدا يايلاۋاتقان بالا بىزنى ئىختىيارسىز مەڭگۈلۈك بىر گۈزەللىك دۇنياسىغا باشلپ كەتتى. ئانىنىڭ زوقلىنىشلىرى، كۆيۈشلىرى بىلەن ئوغۇلنىڭ كۈلۈشلىرى، يۈگۈرۈشلىرى، توۋلاشلىرى بىلەن جانلانغان تەبىئەت قۇلىقىمىزغا بوش شىۋىرلىدى:  

   بالام يۈگۈرۈپ بېرىپ توپنى تۇتۇۋالدى،  

مەيدىسىنى توپقا يېقىپ يېتىۋالدى.  

توپنى گۈلگە ئوخشاش پۇرىۋالدى...  

بالىنىڭ قىلىقلىرى، تىنىقلىرى ئانىنىڭ يۈرىكىدىكى ئوتنى ئۇلغايتتى. توپ بالىنىڭ دۇنياسىغا، ئانىنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىگە ئايلاندى.  

_ بالام،  

دۇنيا توپقا ئوخشايدۇ.  

قاملاشتۇرۇپ تېپەلىسەڭ  

ئالەم سېنىڭكى...  

دادىنىڭ سېغىنىشلىرىدەك پارلاۋاتقان ئاپتاپ ۋە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆرلەۋاتىان ئىشەنچ ھەم مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مەڭگۈلۈك ئاۋاز بالىنىڭ يوللىرىغا نۇر بولۇپ تۆكۈلدى. بالىنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چىم ھەم يۇمشاق قۇم بولغۇسى كەلگەن ئانا، قىن- قىنغا سىغماي قېلىۋاتقان ئوغلىنىڭ چاپچىشلىرىدىنمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى يىگىتلىك جاسارىتىنى، ئەركەكلىك ھىممىتىنى، ھاتايلىقنىڭ پاراغىتىنى كۆرگەندەك بولدى.  

بۇ چوقۇم سەن     

مېنى ئەزىز قىلغان مەڭگۈلۈك ۋەتەن!  

ئاياللىق ئىززىتى، ئانىلىق شەۋكىتى بىلەن كەلمىشكە تۇتاشقان دوقمۇشتا تۇرغان ئانا، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەقىدە – ئىخلاسىنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكىنى بالىغا بىلدۈرمەكچى بولغاندەك ئۇنىڭغا مېھرى بىلەن قارىدى. بالا خۇددى ئانىنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك ئانىغا قاراپ كۆزلىرىنى قىسقىنىچە كۈلۈپ قويدى.  

بالامنىڭ قولىدىكى توپ كۈلۈپ كەتتى.  

يوللىرىغا قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتتى.  

بۇ كۈلكە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ياندىشىپ، بالىنىڭ دۇنياسىنى _ قولىدىكى توپنى كەلگۈسىنىڭ گۈزەللىكىگە ئولاشتۇردى.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

شېئىر يازدىم خېلىدىن بۇيان  
   

ئالىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ بۇ شېئىرىنى شائىرنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرى يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن مۇھەببەت لىرىكىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.  

شېئىردا شائىرنىڭ شېئىرغا بولغان ساداقىتى بىلەن زېمىن سۆيگۈسى ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنۈشى ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. شائىر بۇ شېئىرىدا تەبىئەت دۇنياسىنى رايىشلارچە تىڭشىغۇچىغا، مۆرىتى كەلسە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن مۇڭداشقۇچىغا ئايلانغان. بۇ شېئىرنى دىئالوگقا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلسە، شائىر مۇنداق سوئاللارغا دۇچ كېلىدۇ:  

_ نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسەن؟  

_ يېشىل قۇشقا ئايلىنىش ئۈچۈن.  

_ ئايلاندىڭمۇ؟  

_ توڭلار ئېرىدى، ئەگىزلەر ئاقتى، باھار كەلدى. لېكىن مېنىڭ قاناتلىرىم چىقمىدى...  

_ ئۇنداقتا ئادەم شېئىر يېزىپ قۇشقا ئايلىنالىشى مۈمكىنمۇ؟  

_ ياق...  

بۇ جاۋاب شائىرنى مۇڭلاندۇرۇشى مۈمكىن. دېمەك، شائىرنىڭ شېئىر يېزىشى مەڭگۈلۈك ئارزۇ يولىدىكى تەلپۈنۈشى، خلاس.  

شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇپلېتىدا شائىرنىڭ كۆز ئالدىدى بالىلىققا قايتقان خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئۈچىنچى كۇپلېتىدا دىئالوگلىشىش سۇژىتقا ئايلىنىدۇ. يەنى شائىر بالىلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن خوشلىشىدۇ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر خىيالىي ئوبراز  ۋىسالىغا يېتەلمىگەن مۇھەببەت پەرىشتىسى پەيدا بولىدۇ. تۆتىنچى كۇپلېتتىكى «يار سۇ ئىچكەن ئېرىقلاردا سۇ بولۇش» ئارزۇسى شائىردىكى ۋىسالسىز مۇھەببەتكە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بەشىنچى كۇپلېتتىكى شائىر خىيالىي تۇيغۇلاردىن ئاستا - ئاستا رېئاللىققا قايتىپ، ھايات يۈكلىگەن ساۋاقلارنى تەن ئېلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرقى كۇپلېتتىن بىز شائىرنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنىڭ سۆيگۈگە تەلپۈنۈش بىلەن تولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى پەقەت شېئىرلا تولدۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

رەسىمدىكى دېڭىز  
   

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ بۇ شېئىرىدا «مەن» رەسىمدىكە جانسىز دېڭىزدا چايكىلارنىڭ ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ قولۋىقىنى ھەيدەپ دېڭىزغا كىرىپ كېتىدۇ ۋەھېسسىياتى بارا – بارا دولقۇنغا ئايلىنىپ ئۆزىنى غەرق قىلماقچى بولىدۇ. ئاخىرىدا تىنچ ھالەتتىكى جانسىز رەسىم يۈزىگە قايتىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كۆز ئالدىدىكى يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشتىن قويۇق  ئىماگلار دۇنياسىغا شۇڭغۇش  يېڭىچە ئۇسلۇپتىكى شېئىرلاردىكى سەكرەتمە  ئۇسۇل. بۇ شېئىرنى تەھلىل قىلىشتا باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ رولىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

بەشىنچى بۆلەك  جۇڭگو كىلاسسىك شېئىرىيىتى  
   

21- دەرس  جۇدالىق زارى  
   

ئاپتور ھەققىدە: چۈيۈەن ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ۋەتەنپەرۋەر شائىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 340- يىللىرى جەنگو(يېغىلىق) دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىدە بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، مىلاادىيىدىن بۇرۇنقى 278- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.  

چۈيۈەن چۇ بەگلىكىدىكى زاۋال تاپقان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇ يېغىلىق دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، چۇ بەگلىكىدە مەسلىھەتچى بەگ بولغان. تەرەققىيپەرۋەر سىياسەتلەرنى، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چۇ بەگلىكىنىڭ باشقا بەگلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، چىن بەگلىكىگە قارشى تۇرۇشىنى ۋە چىرىك ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىغا قارشى قەتئىيى كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن چۇ بەگلىكى پادىشاھىنىڭ نادانلىقى، گالۋاڭلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئەكسىچە پادىشاھ تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى سۈرگۈن جەريانىدا  يېزىلغان.  

ئۇنىڭ شېئىرلىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «چۇ نەزمىلىرى» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ توپلامدا شائىرنىڭ «جۇدالىق زارى»، «توققۇز ناخشا»، «تەڭرىگە سوئال»، «توققۇز نەزم» قاتارلىق 25 پارچىغا يېقىن ئەسىرى بار. «جۇدالىق زارى» چۈيۈەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى تاىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن چوڭ ھەجىملىك لىرىك داستان بولۇپ، مەيلى ئىدىيىۋىلىك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتىن بولسۇن يۇقۇرى مۇۋەپپەقىيەتكە  ئېرىشكەن ئۆلمەس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1. ئەسەردىن تاللىۋېلىنغان بۇ تېكىست پۈتۈن ئەسەرنى تەشكىل قىلغان ئۈچ چوڭ بۆلەكنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۆلەكتە شائىر ئالدى بىلەن سالماق ۋە ئەركىن لىرىكىلىق قەلەم، تەنتەنىلىك ۋە ئىپتىخارلىق پوزىتسىيە بىلەن ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ۋەتەن يولىدا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك قىزغىنىلىقىنى ئىزھار قىلغان؛ ئاندىن غەزەپلىك ھېسسىيات بىلەن تىغ ئۇچىنى چۇ بەگلىكىنىڭ ھاماقەت بېگى ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرىغا قارىتىپ، ئۇلارنىڭ قابىل، ئىستېداتلىق، دانا ۋە ئاقىل ئادەملەرگە ھەسەتخورلۇق بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە دۆلەتنى خارابلاشتۇرىۋەتكەن جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن؛ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ دانىشمەنلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئاشۇ رەزىل ۋە چاكىنىلار بىلەن ھەرگىز بىر ئېقىندا بولمايدىغانلىقىنى، قەبىھ كۈچلەر ئالدىدا تىز پۈكۈپ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى قايتا- قايتا بايان قىلغان.  

شائىر بۇ داستاندا چۇ بەگلىكى بېگى پۇچىڭشيا گۇاڭ دەۋرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چاڭجىاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، يىراقتا سۈرگۈنلۈكتە روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىنىپ يۈرگەن چاغلىرىدا قاتتىق ئېچىنىش، غەزەپ- نەپرەت ئىچىدە يېزىپ چىققان. داستاندا ناھايىتى مول مەزمۇن ۋە مۇرەككەپ ھېس- تۇيغۇ ئىپادىلەنگەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، داستاندا شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، سىياسىي كۈرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ چەككەن ئەلەم- ھەسرەتلىرى، كۆڭلىدىكى نارازىلىقى ۋە غەزەپلىرى بايان قىلىنغان. رېئاللىقتىكى زۇلمەت تەنقىد قىلىنغان ھەمدە تەسەۋۋۇرىدىكى غايىۋى دۇنيا تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق  ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، ئۆز غايىسىگە بولغان ئاكتىپ تەلپۈنۈشى ۋە ئەكسىيەتچىل چىرىك كۈچلەرگە بولغان قىلچە مۇرەسسە قىلمايدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.  

2. شائىر بۇ تېكىستتە «گاۋياڭ» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «ياۋ بىلەن شۈن» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «جى بىلەن جۇ» توغرىسىدىكى رىۋايەت، «پېڭشيەن» توغرىسىدىكى رىۋايەت قاتارلىق رىۋايەتلەردىن پايدىلانغان. يۇقۇرىقى رىۋايەتلەر شائىر قەلىمى ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن زاۋال تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تېمىلارنى كونكرېت ماتېرىياللار بىلەن ئىپادىلەشتە ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  

3. ئەسەردىكى غايىۋى ئوبراز «مەن»  نىڭ ۋۇجۇدىدىكى تولۇپ  تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ يۈكسەك دەرىجىدىكى رومانتىزىملىق  روھ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، «مەن» نىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەرقانداق رەزىللىكنى بېسىپ چۈشۈدىغان جاسارەت، ئۆزىنى تارىختا ئۆتكەن ساپ پەزىلەتلىك دانىشمەن شەخسلەرگە ئوخشىتىشى، «مەن» نىڭ روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىمۋوللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەڭ گۈزەل گۈل- گىياھلار تەسۋىرلىرى شۇ خىل خۇسۇسىيەتنىڭ ئىپادىسى.  

شائىر داستاندا تارىخىي رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ، تارىخنى ئىبرەت ئەينىكى قىلىش، تارىخ ئارقىلىق ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەستەك سىمۋول ئۇسۇلىنى قوللانغان. غايىنى ئىزھار قىلىش ۋە پەزىلەتنى ئىپادىلەشتە گۈل- گىياھلاردىن پايدىلىنىپ ئىشارەت قىلىشتەك ئوخشىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. مانا بۇ شېئىرنىڭ ئىپادىلەش كۈچى بىلەن تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك رومانتىزىملىق روھنى نامايەن قىلغان.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

ئالتىنچى بۆلەك  جۇڭگو يېقىنقى، ھازىرقى ۋە  
بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتى  
   
26- دەرس  قېرى ئات  
   

ئاپتور ھەققىدە: زاڭ كېجيا  -(1905- 2004) جۇڭگو ھازىرقى زامان شائىرى. 1905- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغان. 2004- يىلى ۋاپات بولغان. شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇچىڭ ناھىيىسىدىن.  

ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ئىز» 1933- يىلى ئېلن قىلىنىپ يېڭى ئاي گۇرۇھى، مۇدىرنىزىمچىلار گۇرۇھىنىڭ جېنىغا تەككەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان،ئاممىباب، يېڭىچە بولۇش ئائلاھىدىلىكى بىلەن كەڭ ئەدىپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياپون باسقۇنچىلىىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە  «جىنايى قاراقول»، «ئۆزىنىڭ سۈرەتلىنىشى»، «يۈنخې دەرياسى» قاتارلىق دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، فېۋداللىق تۇرمۇش ۋە جياڭ جيېشىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقى پاش قىلىنغان شېئىرلارنى يېزىپ زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئەمما بۇ شېئىرلىرىدا كۈرەش يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ جاپالىق سېپىدە بەش يىل جاپالىق تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن. بۇ جەڭگىۋار تۇرمۇشتىن مول ئوزۇق ئېلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى يازغان شېئىرلىرى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلەك ھېسسىياتقا ئىگە بولۇپ، قىزغىنلىق يۇقۇرى بولغان، شەكىل جەھەتتىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كەڭلىككە ئىگە بولغان. «ئون يىللىق شېئىرىي ئەسەرلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1945- يىلى چوڭچىڭدا يولداش ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە «ھاياتىمنىڭ كۆزى» قاتارلىق كۈچلۈك سىياسىي خاھىشقا ئىگە بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. جياڭ جيېشى خاندانلىقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى پاش قىلىنغان ھەجۋى شېئىلار توپلىمى «ھاياتنىڭ 0 گىرادۇسى»،«قىس»، «ئەتىۋارلىق بالا» قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. 1947- يىلى بىرقانچە ھېكايىلەر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان ھەمدە نەسرلەر توپلىمى «ئۇنتۇلماس تەسىرات» نى ئېلان قىلغان. ئۇ ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ «زاڭ كېجيا  شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «باھار شامىلى توپلىمى»، «تەنتەنە توپلىمى»، داستان  «لى داجياۋ»، «زەپەر» قاتارلىق شېئىرىي ئەسەرلىرى ۋە «ئەدەبىيات – سەنئەت ئۆگىنىش يولىدا»، «شېئىر توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىم»  قاتارلىق ئىلمىي- نەزەرىيىۋى ئسەرلەرنى ئېلان قىلغان. جۇ جىنفۇ بىلەن بىللە «ماۋجۇشى شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىزاھلىق چۈشەنچە» قاتارلىقلارنى يازغان. شياڭگاڭدا «زاڭ كېجيا شېئىرلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنغان. ۋېن يىدۇ ئەپەندى «ئىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا يازغان كىرىش سۆزىدە: «زاڭ كېجيا شېئىرلىرىدا ھەقىقىي بولمىغان، ھاياتىي ئەھمىيىتى بولمىغان بىرمۇ شېئىر يوق» دەپ يازغان.  

شائىر 40 يىلدىن ئارتۇقراق شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو يېڭى شېئىرىيىتى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1.     بۇ شېئىرنىڭ تاشقى مەنىسىدىن قارىغاندا، تەبىئىي ھالدا ئېغىر يۈك ئارتىلغان قېرى ئاتنىڭ مەجبۇرىي قەددىنى پۈكۈپ ھارۋا سۆرەۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىچكى مەنە ئىزدىسەك، شېئىر يېزىلغان تارىخىي دەۋرنى يەنى 30- يىللارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شېئىردىكى «ئېغىر يۈك ئارتىلغان ھارۋا» چوڭ جەھەتتىن ئەينى دەۋرنىڭ، كىچىك جەھەتتىن ھەربىر ئائىلىنىڭ سىمۋولى. «قېرى ئات» خەلقنىڭ سىمۋولى.  

2.     بۇ شېئىر 1932- يىلى يېزىلغان. شائىر شېئىردا 1930- يىللاردىكى جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن.  

شېئىردىكى تاشقى ئىماگلاردىن قارىغاندا شائىر ئېغىر  يۈك ئارتىلغان قېرى بىر  ئاتنىڭ ھەرقانچە ھېرىپ كەتسىمۇ يەنىلا بېشىنى ساڭگىلااتقىنىچە تىرمىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى يازغان. ئىچكى قاتلىمى بولسا، قېرى ئات ئارقىلىق 1930- يىللاردا جاپا- مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان دېھقانلار (خەلق ئاممىسى) نىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. شۇ ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ دەرد- ھەسرەت، ئاچ- يالىڭاچلىققا تولغان تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.  

3.     بۇ مسرالاردا يۇقۇرى قاتلام ئەزگۈچى سىنىپلىرى بىلەن تۆۋەن قاتلام ئېزىلگۈچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تراگېدىيىلىك مۇناسىۋەت ئىپادىلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ رەھىمسىز، ۋەھشىيلىكى، تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچى ئاممىنى دەھشەتلىك تۈردە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

   

27- دەرس  ئاپئاق تام  
   

ئاپتور ھەققىدە: لياڭ شياۋبىن 1954- يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېبېي شەھرىدە تۇغۇلغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1.     ئاپئاق تام يېڭى دەۋرنىڭ سىمۋولى. شېئىردا گەرچە ئېنىق مەزمۇن ئىپادە قىلىنمىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق شائىر يوشۇرۇن مەنالار ئارقىلىق، 1966- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە بولغان 10 يىللىق قالايمىقانچىلىق، خانىۋەيرانچىلىق، بۆھتان چاپلاش، ناھەق جازالاش...قاتارلىق ئىللەتلەر، چېكىدىن ئاشقان قەبىھ دەۋرنىڭ مەڭگۈ  كېتىپ، ئاپئاق، يېپيېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

ھېچقانداق يامان سۆزلەر يېزىلمىغان «ئاپئاق تام» ئارقىلىق شائىر يېڭى دەۋرنى كۈيلىگەن. «ھەممە كىچىك دوستلارغا ئېيتقىن، تامنى بۇلغىمىسۇن بۇنىڭدىن كېيىن» دېگەن مىسرالاردا مۇدھىش دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ كەلگەنلىكىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن قاباھەتلىك كۈنلەرنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشتەك ھېسسيياتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  

2.     شېئىرنىڭ تاشقى قاتلىمىدا شۇئار- چاقىرىقلار، ھاقارەتلەش، تىللاشلار،ئەيىپلەشلەر يېزىلمىغان «ئاپئاق تام» نىڭ ئىچكى قاتلىمى «يېڭى دەۋر». شائىر گۇڭگا شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزگىچە ئىجاد قىلىش يولىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز قەلبىدىكى سېھىرلىك دۇنيانى ئايلىنىپ، دەۋرنىڭ تەقەززاسى بويىچە «ئاپئاق تام» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شېئىردىكى «ئاپئاق تام» سىمۋول بولۇپ، شېئىرنىڭ تاشقى قاتلىمى بىلەن ئىچكى قاتلىمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. بىر تەرەپتى  كىتابخانلارنى ئويغا سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇتقۇزغان. چۈنكى «ئاپئاق تام» نىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇ شائىرنىڭ قەلبى بىلەن دەۋرنى باغلاپ تۇرغان ۋاستە. ئىچكى قاتلامغا يوشۇرۇنغان مەنىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

28- دەرس  شېئىردىكى ئىماگ  
   

   

شېئىر شەكىل جەھەتتىن سۆز- ئىبارىلەر بىلەن مىسرالارنىڭ قۇراشتۇرۇلمىسى بولغىنى بىلەن، مەزمۇن جەھەتتىن ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلىمىنىڭ سىمۋول ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شائىرنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى ئۇنىڭ شېئىرىدا سىمۋولنى تۇغىدۇ. بۇ ئاۋۋال شائىرنىڭ خىيالىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇنىڭ خىيالىدا ئەكس ئەتكەن سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئاشۇ سۈرەت ياكى مەنە مۇھىتلىرى شېئىرىيەتتە ئىماگ دېيىلىدۇ.  

1. ئىماگنىڭ كېلىپ چىقىشى  

ئەنگىلىيە شائىرى توماس ئېللىئوت: «بىر ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئۇ ئوقۇغان كىتابلاردىن كېلىدۇ. ئىماگ بولسا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ھېسسىي ھاياتىدىن باشلاپ توپلانغان بولىدۇ. ھاياتىمىزدا كۆرگەن، بىلگەن، ھېس قىلغانلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى بەزىبىر ئىماگلار قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغام ھالدا تەكرار- تەكرار نامايەن بولىدۇ. قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشى، بېلىقنىڭ پىلتىڭلاپ ئۈزۈشى، گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى، تاغ باغرىدا كېتىپ بارغان موماي، تومۈريول ئاچىلىدىكى ئۆينىڭ كەچكى كۆرۈنۈشى، ئۇ يەردە تۇرغان يەنە بىر سۇ ماشىنىسى...بۇنداق ئەسلىمىلەرنىڭ سىمۋوللۇق قىممىتى بولىدۇ» دېگەنىدى. بۇنىڭدا ئېللىئوت ئىماگنىڭ شائىرنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ خاتىرىسىدە توپلانغان ھېسسىي كەچۈرمىشلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىتپ بەرگەن. ئىماگ بۇ تۈپكى مەنبەدىن سىرت يەنە كىتاب ئوقۇستىن ۋە باشقا بەدىئىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشتىنمۇ قايتا شەكىللىنىدۇ. ئۇ يەنە شائىر ئېرىشكەن ئىماگلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشتىنمۇ پەيدا بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، چۈشتە ئەكس ئەتكەن ئىماگلارغا ئوخشاش.  

2. ئىماگنىڭ تۈرلىرى  

يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان شائىرنىڭ ھېسسىي تۇرمۇشىدىن كەلگەن ۋاستىلىك، ۋاستىسىز ئىماگلىرى ئىككى چوڭ تۇرگە بۆلۈنىدۇ:  

بىرى، بىۋاستە ئىماگ. ئۇ مەلۇم ھادىسىلەر تۈپەيلى شائىرنىڭ ئويىدا بىۋاستە نامايەن بولغان تەسەۋۋۇر بولۇپ، شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى، كونكرېت تەسەۋۋۇرىغا بىۋاستە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. پۈتكۈل ئىماگلار ئىچىدە بىۋاستە ئىماگ ئەڭ تۈپكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىماگ بولۇپ، زور نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بەزىدە ئاددىي بىر ئىماگ بىلەنمۇ بىر شېئىر ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مەسىلەن،  

شامالدا سۇنىڭ يۈزى تۈرۈم- تۈرۈم،  

دولقۇنلار ئۇرۇلماقتا قىرغاقلارغا.  

ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاددىي ئىماگلار شەكىللىنىپ كوللېكتىپ ئىماگ شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە بىرقەدەر مۇرەككەپ ھادىسە ياكى كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل ئىماگمۇ ئاددىي ئىماگقا ئوخشاش شائىر قەلبىنىڭ رېئاللىققا بولغان بىۋاستە ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ ئاددىي ئىماگقا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ زور ئىپادىلەشچانلىققا ئىگە. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى بىلەن قەلب تۇپراقلىرىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ.   

يەنە بىرى، ۋاستىلىك ئىماگ. بەزىدە شائىر ئۇچراتقان ھادىسىلەر بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئويلىنىدىغان مەسىلىمۇ بىرقەدەر ئابىستراكىت، تەلەپ قىلىنىۋاتقان ھېسسىياتمۇ نازۇك بولغاچقا بىۋاستە ئىماگ ئۇلارنى ئىپادىلەپ بولالمايدۇ- دە، ۋاستىلىك ئىماگقا ھاجەت چۈشىدۇ. ۋاستىلىك ئىماگ بىۋاستە ئىماگنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئىدىيىۋى ھېسسىيات ئىماگقا مايىل بولماستىن، ئىماگ ئارقىلىق ئەگرى- توقاي ھالەتتە يوشۇرۇن پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدىكى ئىماگ شائىرنى ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى شائىرنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان ئوبېكىتقا ماس شەيئىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ئىماگنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ تىرەن بولغاچقا، ئۇ شائىرنىڭ ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرىدىكى مۇھىم نىشان ھېسابلىنىدۇ.  

ۋاستىلىك ئىماگ يەنە مەجازى ئىماگ ۋە سىمۋوللۇق ئىماگ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مەجازى ئىماگ ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر ھادىسە، ئىدىيە ياكى ھېسسىيات بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولغاچقا، تەمسىل قىلىنىدىغان ئىماگنى كۆرسىتىدۇ. مەجازى ئىماگ ئادەم ۋە نەرسىلەرگە تەقلىد قىلىنىدۇ. مەجازى ئىماگ ئادەم ېە نەرسىلەرگە تەقلىد قىلىنغاندىن باشقا، ئۇنىڭ شېئىرىيەتىك ئەڭ كۆرۈنەرلىك رولى ئابىستراكىت ئوبرازنى كونكرېت ئوبرازغا يەنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ھېسسىيات، ئوي، خاراكتېر ۋە ئاۋاز قاتارلىق شەكىلسىز ھادىسىلەرنى كونكرېت ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنگە زوق ئاتا قىلىدۇ.  سىمۋوللۇق ئىماگ بولسا مەلۇم بىر رېئال شەيئى ياكى ئىدىيىۋى مەزمۇنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىماگنى كۆرسىتىدۇ. شېئىردىكىسى سىمۋول بولغاچقا كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدۇ. ئەگەر ئوقۇرمەن سىمۋول پەردىلىرىنى قايرىپ، شائىرنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بىلىۋالىدىغان بولسا، خۇددى تاغ- داۋان، چۆل- جزىرىلەرنى كېزىپ ئاخىرى مەنزىلىگە يەتكەن سەيياھتەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىمۋول بىلەن ئەسلىي شەيئى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بەلگىلىك ئەركىنلىككە ئىگە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا شائىر ئۆز ئىجادچانلىقىنى پۇخادىن چىققۇچە نامايەن قىلالايدۇ ۋە  ئوقۇرمەنمۇ ئۇنى ھەر تۈرلۈك چۈشىنىپ باقىدۇ. بۇ ھال كەيپىياتنىڭ سىغىمچانلىقى بىلەن ئىپادىلەش قاتلاملىرىنىڭ كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بېرىدۇ.  

3. ئىماگنىڭ تاللىىنشى  

شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ھېس قىلغانلىرى شۇقەدەر مۇرەككەپ بولىدۇكى، ئۇلارنى بىر- بىرلەپ تىزىپ قويغان بىلەن شېئىر بولمايدۇ. تەسەۋۋۇرنىۇ خام ماتېرىيالى بولغان تۈرلۈك ئىماگلار شېئىرغا كىرىش ئۈچۈن ئىنچىكە سۈزگۈچتىن ئۆتىدۇ.  

بىرىنچى، شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق ئىماگلارنى تاللاش. ئىماگلار چوڭ ۋە كىچىك، نازۇك ۋە يىرىك، نەپىس ۋە ئاددىي بولۇپ، بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شائىر ئۈچۈن ئۆز تۇيغۇسىنى چىن ۋە ئېنىق ئىپادىلىيەلىگىنى ياخشى ئىماگدۇر. بەزىبىر ھەۋەسكارلار بۇنى چۈشەنمەي ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەشەمەتلىك ئىماگلارنى بولۇشىغد ئىشلىتىۋېلىپ شېئىرنىڭ تەمىنى بۇزۇپ قويىدۇ. مۇنەۋۋەر شائىرلار ھېسسىياتنىڭ بالقىپ چىقالىشى ئۈچۈن ھېسسىياتىنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ.  

ئىككىنچى، مەزمۇنى مول ئىماگنى تاللاش. مەزكۇر تۈردىكى ئىماگلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ مول ياكى پۈچەكلىكىنى بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئىماگ ئەكس ئەتتۈرگەن ئوبېكتىپ شەيئىنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق بولىدۇ. قۇياش، تولۇنئاي، بۇلبۇل، قىزىلگۈللەرنىڭ ئەسىرلەر بويى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا زىكرە بولۇپ تۇرالىشىنى شائىرلارنىڭ ئىزدەنمەسلىكى دەپ ئاددىيلا چۈشەنسەك بولمايدۇ. بۇ ئىماگلار بىرقەدەر تىرەن مەزمۇنغا ئىگە بولغاچقا ھەرقايسى دەۋردىكى شائىرلارغا مەنبە ھازىرلاپ بەرگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئىماگنىڭ ئىچكى سىغىمچانلىقى يەنە شائىر ئوبېكتىپ ھېسسىياتىنىڭ بىر خىل چاقنىشى بولۇپ، بەزى تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئاددىي ئادەملەرنىڭ كۆزىدە قىلچە شېئىرىي مەنىگە ئىگە ئەمەستەك كۆرۈنگەن بىلەن قەلبى ئاتەش شائىرلارنىڭ قەلىمى ئۈچۈن ئۇ شېئىر بۇلىقى ھېسابلىنىدۇ.  

ئۈچىنچى، يېڭىچە ئىماگلارنى تاللاش. ئىماگ شېئىر مىسرالىرىغا يېڭى پۈتۈلگەندە ئادەمگە يېڭىچە ھەم جانلىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. بىراق ئۇنى داۋاملىق قوللىنىۋەرگەندە يېڭىچە ئىماگمۇ كونىراپ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلالماس بولۇپ قالىدۇ. «بىر گەپنى تولا چايناۋەرسە مەززىسى قالماس» دېگىنى دەل شۇ. ئىماگلارنى يېڭىلاپ تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك.  

بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىسلاھات، ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، يېڭى- يېڭى ئىماگلار تاللىنىپ، ئىماگلار تەرەققىي قىلىدۇ. روشەنكى، كلاسسىك شېئىرلاردىكى «يار»، «مەي»، «گۈل» قاتارلىق كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىماگلار بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىپادىلەشكە كۇپايە قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەر شائىردىن يېڭى- يېڭى ئۇچۇر، يېڭى- يېڭى ئىماگلارنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان شائىرى بولغان كىشى ھازىرقى زامان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشى، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشى، نەزىرىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا بۇرىشى كېرەك.  

يەنە بىر تەرەپتىن كونا ئىماگلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش كېرەك. يېڭى ئىماگنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن مۇئەييەن چەكلىمىلەر بولغانىكەن، ھەممە شېئىردا جەزمەن يېپيېڭى ئىماگ قوللىنىلىشى كېرەك، دېيىش ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم ئۇنداق قىلىشمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق بىر شائىر ئۆز ئىجادىيىتىدە باشقىلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ يۈرۈش ئىشلەتكەن ئىماگلىرىنى قايتىلاپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاقىلانە ئۇسۇل، بۇنىڭدىن ساقلىنىمەن دېمەي، كونا ئىماگلاردىن يېڭى مەنە قاتلىمىنى ھاسىل قىلغان تۈزۈك.

بايراق توغرىلىق نۇرغۇن شائىرلار شېئىر يېزىپ باققان. سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى،  شائىر سىمىنوفنىڭ «بايراق» ناملىق مۇنۇ شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى:  

بايراق  

سىگارت ئۈچۈن بولالماس چاقماق.  

ئۇنىڭ يېنىدا،  

ئاستىدا ھەم بولمىسۇب چاخچاق.  

ئوق كېلىپ باغرىنى ئەيلىسە ھەم چاك،  

كېرەك ئەمەس ئاش ھەم ياماق.  

بايراق كۆكسى ئەيلەنگۈسى قان،  

يىقىلىپ يەرگە تاشلانغان زامان.  

يەنە ماياكوۋىسكىي، ئەي چىڭ قاتارلىق شائىرلارمۇ بايراق ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنى ئىنقىلابنىڭ سىمۋولى قىلغان. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بايراق ھەمىشە ئېگىزلەردە لەپىلدەپ، مۇقەددەس گۈلخاندەك لاۋۇلداپ تۇراتتى. بىراق سىمىنوف بۇ دائىمىي ئىماگنى يېڭىلىغان. ئۇ بايراققا تۆۋەندىن ئەمەس، ياندىن قارىغان. ئۇنىڭ بايرىقى گۈلخاندەك لاۋۇلدىمايدۇيۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەڭ جانجىگەر سەپداشلىرىغا ئوخشاش ئاددىي، مۇلايىم، تەبىئىي، سەمىمىيلىك بىلەن جىلۋە قىلىدۇ. بۇ خىل ساپ ۋە چىن تۇيغۇ پۇرىقى مۇشۇ خىلدىكى شېئىرلاردا ئۇچرىمايدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

   

   

   

   

يەتتىنچى بۆلەك چەت ئەل شېئىرىيىتى  
   
29-دەرس  تۇنجى قار  
   

ئاپتور ھەققىدە: سېرگىي ئالىكساندىرىۋىچ يېسېنىن (1895- 1925) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق لىرىك شائىرى. ئۇ رازان ئوبلاستى كازمى يېزىسىنىڭ كاستاندىنوپ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سانىتاۋىسكى خەلق ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. شۇ يىلى 12- ئايدا يېسېنىن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. «شائىرنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش كۈنى» 1916- يىلى نەشر قىلىنغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ بوران- چاپقۇنلىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە تۈپ بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇنى ئىنقىلابقا يۈزلەندۈرگەن. «يولداش»، «ئالەمنىڭ دۇمباقچىسى» دېگەن شېئىرلىرىدا يېسېنىن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى ماختاپ، ئۆزىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. بىراق ئۇ ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلمىگەن بولغاچقا، بىر قىسىم شېئىرلىرىدا روھىي چۈشكۈنلۈك ئىپادىلەنگەن. 1924- 1925- يىللىرى يېسېنىننىڭ ئىجادىيىتىدە يېڭى دولقۇن كۆتىرىلگەن دەۋر بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ «روسىيە ۋە ئىنقىلاب»، «سوۋېت رۇسلىرى» دېگەن شېئىرلىرىغا كوممنۇزم قۇرۇش ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن.  

شائىرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئىچىدە «بىر قىزغا خەت»، «ئانامدىن كەلگەن خەت»، «پارىس شېئىرلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى، «لېنىن» داستانى، «پۇگاچىپ» ئوپېراسى بار.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1.     شائىر يېسېنىننىڭ «تۇنجى قار» ناملىق بۇ شېئىرى بىر گۈزەل تەبىئەت لىرىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا چەكسىز كەتكەن قارلىق دالا مەنزىرىسى سۈرەتلەنگەن. بۇ شېئىردىكى نۇرغۇن ئىماگلارمۇ يېسېنىنىنىڭ نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلىرىغا ئوخشاش، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تولىمۇ جانلىق ھەم جىلۋىگەر. بۇنىڭدىن رۇسىيە سەھرالىرىنىڭ گۈزەل تۇپرىقى پۇراپ تۇرىدۇ. بۇ مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، شېئىردىكى مىسرالار ئېڭىمىزدا خۇددى كىنو لېنتىسىدەك روشەن كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلىپ، بىزدە قارلىق دالىلاردىكى ساپ ھاۋادەك تۇيغۇلارنى ئاپىرىدە قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قاغىلارمۇ شۇنچە سۆيۈملۈك، ئۇلار قاقىلدىشىپ، بەزمە قىلماقتا، قار ئىچىگە مۆكۈنگەن ئورمان خۇددى چۆچەكلەردىكى گۈزەل چۈشكە ئوخشايدۇ. قارىغايلار ئادەمدەك ھېسسىياتلىق، بېشىغا ئاق لىچەكلەرنى ئارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن. ئۇلار بەكمۇ ئوخشايدۇ ھاسا تۇتقان بىر توپ مومايغا. تۆمۈر تۇمشۇقلارنىڭ توكۇلداشلىرىدىمۇ بىر خىل شېئىرىي رېتىم بار.  

2.     شېئىردا ئاتقا مىنىپ كېتىۋاتقان «مەن»نىڭ  كۆز ئالدىدىدىكى  تۇنجى ياغقان قارلىق دالا مەنزىرىسى يېزىلغان، بۇلار بىر ئىماگ. ئەگەر بىز شېئىرغا تەبىئەت مەنزىرىسىنى سۈرەتلەش دېگەن نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئاقكۆڭۈل، پاك بىر قەلبنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىغا قەدەم قويۇش دېگەن نۇقتىدىن كۆزەتسەك، «مەن» مىنگەن ئات ئات ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق دۇنياسى، شائىرنىڭ قار بىلەن قاپلانغان ئۇزاققا سوزۇلغان قىشتىكى تەنھا ھاياتلىق سەپىرى. ئۇ ھالدا بۇ سەپەردىكى «مەن»نىڭ  باشتىن- ئاخىرقى ھېسسىياتى قانداق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە قەلبىدىكى ئاقلىق دۇنياغا، قار بىلەن قاپلانغان قارلىق دالا دۇنياسىدىكى ئاقلىق قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەممىلا نەرسە گۈزەل، سۆيۈملۈك، ھەممىلا نەرسە كىشىنى شادلاندۇرىدىغان چەكسىز گۈزەللىك ئالىمى ھاسىل قىلىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

30- دەرس  غۇۋالىقتا كۆرۈنگەن ھايات  
   

ئاپتور ھەققىدە:  ئوكتاۋىئو پاز (1914- 1998) مېكسىكىلىق شائىر. «ئورماندىكى ئاي»، «ئۆتۈشكە يول يوق»، «فاشىستلارنىڭ بومبىسى ئاستىدا»، «ئىسانىيەتنىڭ مەنبەسى»، «سۈزۈك سايەڭ ئاستىدا»، «تىل ئاستىدىكى ئەركىنلىك»، «بىر مۇقەددەس شېئىرنىڭ ئۇرۇقى»، «ئەسەبىي پەسىل»، «سەمەندەر»، «شەرقىي يانباغىر»، «دەسلەپكى شېئىرلار: 1935- 1955» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «كېيىنكى خاتىرىلەر»، «گۆدەك ۋە قۇلۇلە»، «تىرەن ئويلار»، «ھىندىستانغا سەپەر» قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى، «لاياق چىلتار»، «ئارچا دەرىخىدىكى ساپان» قاتارلىق ئوبزورلار توپلاملىرى بار. ئۇ 1990 –يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

بۇ شېئىر شائىرنىڭ ئالەم ۋە ھاياتلىق، مۇقەررەرلىك ۋە تاسادىپىيلىق، ماھىيەت ۋە ھادىسە توغرىسىدىكى چوڭقۇر تىۋىنىشلىرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولۇپ، شائىر سىمۋول ۋە ئوخشىتىشلارنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قىسمىتى توغرىسىدىكى ئوي- پىكىرلىرىنى ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن ۋە ھاياتلىق زۇلمەتلىك دۇنياغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، دېگەن باش تېمىنى يورۇتۇپ بەرگەن.  

بېلىقلار تۈندىكى دېڭىز قوينىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، غۇۋالىقتا ئاندا- مۇندا كۆزگە چېلىقىپ قويۇپ يەنە دېڭىز قوينىغا شۇڭغۇيدۇ؛ قۇشلار تۈن قاراڭغۇلۇقىدىكى ئورماندىن پالاقلاپ ئۇچۇپ چىقىپ قاياقلاارغىدۇر غايىپ بولىدۇ؛ ئورمان يەنە تىنچىپ قالىدۇ. بۇ ھال چاقماقنىڭ تۈن ئاسمىنىنىڭ قاراڭغۇ باغرىنى يېرىپ غىل- پال كۆزگە چېلىقىپ  ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر گەرچە تاسادىپىيلىق بولسىمۇ، لېكىن دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بېلىق، قۇش، چاقماق ۋە قاراڭغۇلۇق ئۆزئارا بىرىكىپ، بىزگە ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدىۈانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.  

1.     شېئىردا باشتىن- ئاخىر يوشۇرۇن ئوخشىتىش قوللىنىلغان. ئادەتتە ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ  مۇناسىۋىتى ئوخشىتىش سۆزلىرى ۋە قوشۇمچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن ھالدا كەلسە بىز ئۇنى يوشۇرۇن ئوخشىتىش دەيمىز. «بېلىقلارنىڭ شۇڭغۇشى چاقماق»، «قۇشلارنىڭمۇ شۇڭغۇشى چاقماق»، «سۆڭەكلەرمۇ بەئەينى چاقماق»، «ھاياتمۇ ھەم ئەسلىي بىر چاقماق» دېەن مىسرالاردا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى يوشۇرۇن كەلگەن، شۇڭا بۇ يوشۇرۇن ئوخشىتىشقا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ.  

2.     بۇ شېئىردىكى مەنە تولىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، شائىر سېلىشتۇۇرش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تۆت خىل ئوخشىمىغان شەيئىنىڭ ھەممىسىنى چاقماققا ئوخشاتقان. ئالدىنقى ئىككى شەيئى تەبىئەت دۇنياسىدىكى «بېلىق» ۋە «قۇش»، ئۇلار شۇڭغۇغان، ئۇچقان ئاشۇ دەمدە خۇددى يالتتىدە چاققان «چاقماق» تەك بىپايان قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ تاشلىغان بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە سىمۋول قىلىنغان. «ۋۇجۇدتىكى قاراڭغۇ تۈندە، سۆڭەكلەرمۇ بەئەينى چاقماق» دېگەن مىسرالارنى ئوقۇغىنىمىزدا نېرۋىلىرىمىز ئىختىيارسىز چۆچۈمەي قالمايدۇ. «سۆڭەك» ئەسلىدە قورقۇنۇچلۇق، تەننى شۈركەندۈرۈدىغان نەرسە، ئەمما ئۇ بۇ يەردە تەنگە چېقىن سانچىلىپ كىرگەندەك تۇيغۇ بېرىپ، شېئىردىكى مەنە قاتلىمىنى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا بۇرىغان. ئاخىرقى ئىككى مىسراغا كەلگەندە بۇ خىل سېلىشتۇرۇش بىردىنلا توختىتىلىپ، ھاياتمۇ خۇددى چاقماققا ئوخشاش دۇنياغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، دېگەن باش تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

31- دەرس  غەمسىنىش ئويۇمغا كەلمەيدۇ زىنھار  
   

ئاپتور ھەققىدە: مىسترال (1889- 1957) چىلىنىڭ مەشھۇر ھازىرقى زامان شائىرەسى. ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 14 يېشىدىن باشلانغان. 1914- يىلى ئېلان قىلغان «ئۆلۈم سونېتلىرى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئۇنىڭ نامى چىققان.  

1922- يىلى مىسترال تەكلىپكە بىنائەن مېكسىكىغا  مائارىپ  ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىشلەشكە بارغان. 1924- يىلىدىن باشلاپ ئۇ يەنە ئۇزۇنغىچە چىلىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، چىلىنىڭ ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، بريۇسسېل، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ، «تىكەنلىك دەرەخ»، «يانچىش ماشىنىسى»، قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ 1945- يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كۈچلۈك ھاياجانغا تولغان لىرىك شېئىرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ نامى «پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەر غايىسىنىڭ سىمۋولى» بولۇپ قالغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا بالىغا بېغىشلانغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ كۈچ ئاتا قىلىشى بىلەن، تۇرمۇشنىڭ ئىنسانغا يۈكلىگەن سوغۇق ھەم زېىكىشلىك قىسمەتلىرىگە پەرۋاسىز ھالدا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن بىر ئانىنىڭ ئىللىق قەلب دۇنياسى ئاشكارالىنىپ، ئانىلىق مېھىر- مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچ- قۇدرىتى نامايەن قلىنغان. پۈتكۈل شېئىردىن كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.  

بىرىنچى كۇپلېتتا، تاغلاردىن دېڭىزغىچە بارلىق كائىناتنى قاپلىغان ئۇزۇن  كېچىدە ئانا پەقەت يېنىدا بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى غەمسىز ھېس قىلغان. ئىككىنچى كۇپلېتتا، ئاي نۇرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان سوغۇق ھەم زۇلمەتلىك كۈنلەردە ئانا يەنىلا بالا بولغانلىقتىن ئۆزىنى غەمسىز ھېس قىلغان؛ ئۈچىنچى كۇپلېتتا، تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان، گەرچە دۇنيا كەڭ بولسىمۇ، كىشىلەرگە ھاياتلىق تار تۇيۇلۇپ، ھەممە كىشى دېگۈدەك ئازاب بىلەن ياشاۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ بالا مېھرى بىلەن ئانا يەنىلا ئۆزىنى غەمسىز ھېس قىلغان. دېمەك، ئانىنىڭ بالىسىغا دەريادەك ئېقىپ تۇرغان مېھرى ئالدىدا بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەت، ئازاب- ئوقۇبەت، ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھېچنېمە  ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى مۇھەببەت ئىچىدە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھەببەت يوق دەيمىز.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

   

   

32- دەرس  ئېغىر كۈنلەر  
   

ئاپتور ھەققىدە: راينىر مارىيا رېلكې (1875- 1926) ئاۋسترىيەلىك شائىر، نېمىس تىلىدىكى سىمۋولىزم شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىلى. 1926- يىلى ئاق قان كېسەللىكى بىلەن   شىۋىتسارىيىدە ۋاپات بولغان.  

ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1899- يىلى يازغان «بايراقدار كرىستوپ رېلكىنىڭ مۇھەببەت ۋە ئۆلۈم ناخشىسى» ناملىق  نەسرىي شېئىر بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «تىلاۋەتنامە»، «مەنزىرىلەر توپلىمى»، «يېڭى شېئىر» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «مارت لولىد بولىگې خاتىرىسى» دېگەن رومانىنى ئېلان قىلغان. بۇلاردىن باشقا رېلكى مەشھۇر تەرجىمان بولۇپ، ئىنگىلىز، فىرانسۇز، ئىتالىيان، رۇس تىللىرىدىن بەزى بەدىئىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

شائىر بۇ شېئىرىدا ئەركىن تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، ئازابلىق رېئاللىقنىڭ زېرىكىشلىك مۇھىتىدىن ھالقىپ چىقىپ، ماكان چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى، ئىزدىنىشلىرى ۋە بەدەللىرىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە تەقدىرى بىلەن باغلاپ ئويلىنىپ، تەنھالىق ئىچىدىكى غېرىب قەلبىگە تەسەللى تاپىدۇ. بۇ خىل ئويلىنىش ۋە تەسەللىلەر شېئىر مىسرالىرىغا كۈچلۈك ئۈمىدۋار روھنى سىڭدۈرۈپ، شېئىرىي تىلنىڭ ئاددىي، مەنە قاتلاملىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىدەك بەدىئىي گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ ئەركىن تەسەۋۋۇرنىڭ شائىرغا ئاتا قىلغان سېھرىي كۈچى.  

شائىرنىڭ چوڭقۇر خىياللىرىدىن بىز ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق، ترگېدىيە بىلەن كومېدىيە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ كىشىلىك ھايات مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايمىز.  

1. غەرب شېئىرلىرىدا ئادەمدىكى ئۆزلۈك ئېڭى بەكرەك تەكىتلىنىدۇ. بۇ شېئىردىمۇ شائىر ئۆزىنى مەركەز قىلغان ھالدا نۇرغۇن باغلانما تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئاشكارىلىغان. شېئىرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىپ قارايدىغان بولساق، ئېغىر ۋە ئازابلىق كۈنلەرگە دۇچكەلگەن شائىرنىڭ تەنھالىقنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئازاب ئىچىدە قالغان شائىر كۈچلۈق ياردەمگە مۇھتاج بولغان، ئەمما ياردەم قىلغۇدەك يېقىنى بولمىغان. ئازابلىق ئېغىر كۈنلەر ئالدىدىكى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن شائىر خىيالىنى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىغا باغلاپ، ئەركىن تەسەۋۋۇر يۈرگۈزگەن. شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى دۇنيادىكى بارلىق ئېغىر كۈنلەرگە قالغانلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھېسداشلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. بۇ خىل ھېسداشلىقنىڭ تېشىغا تېپىشى بىلەن قارىماققا قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئادەم ۋە ئىشلارنى بىر- بىرىگە باغلايدۇ. بۇ شېئىردا «مەن» دۇنيادىكى باشقا بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى، يەنى ئۇنىڭ يىغىسى ۋە كۈلكىسى، ئازابى ۋە خۇشاللىقى، تەقدىرى بىلەن سىرلىق ئالاقە باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئازابلانغانلارنىڭ ئازابىغا، بارلىق شادلانغۇچىلارنىڭ شادلىقىغا شېرىك بولۇشتەك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان.  

2. شائىرنىڭ ئېغىر كۈنگە دۇچار بولغانلىقى مانا بۇ ئوبېكتىپ رېئاللىق. ئۇنىڭ بۇ رېئاللىقتا تەنھا قالغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. شۇنداقلا شۇ دەقىقىلەردە دۇنيانىڭ خالىغان بىر يېرىدە مەلۇم  بىر كىملەرنىڭ ئېغىر كۈنلەر ئازابىدىن يىغلاۋاتقانلىقىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇچىنىڭ ھەتتا ھېسداشلىق قىلغۇچىنىڭمۇ بولمايۋاتقانلىقىمۇ بىر رېئاللىق. ئوخشاشلا شۇ دەقىقىدە دۇنيانىڭ خالىغان بىر يېرىدە مەلۇم بىر كىملەرنىڭ ئېغىر كۈنلەر ئازابىدىن ئاچچىق كۈلىۋاتقانلىقىمۇ ياكى كىچىككىنە ئۈمىدنى كۆرۈپ، مەمنۇنلارچە كۈلىۋاتقانلىقىمۇ ۋە ياكى ئازابلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ ۋە ياكاى ئازابتىن ئۆلۈۋاتقانلىقىمۇ بىر خىل رېئاللىق. مۇشۇنداق تالاي ئوبېكتىپ رېئاللىقلار شائىرنىڭ گۈزەل خىياللىرى ئىچىگە يوشۇرۇنغان.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

33- دەرس  ياشانغىنىڭدا  
   

ئاپتور ھەققىدە: ۋىليام بۇتلېر يېتز (1865- 1939) ئېرلاندىيىنىڭ مەشھۇر ھازىرقى زامان شائىرى ۋە يازغۇچىسى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلرىرىدىكى ئېرلاندىيە ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىزچىل ھالدا ئىلھامغا باي بولغانلىقى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىنى يۈكسەك بەدىئىي شەكىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن 1924- يىللىق  نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھازىرقى ئەنگىلىيە شېئىرىيىتىينى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تەسىر كۆرسەتكەن. يېتز بىر رەسسام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تارتىپ ئەدەبىيات- سەنئەت جەھەتتە پىششىق تەربىيە ئالغان.  

ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى يازغۇچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. نامى چىققاندىن كېيىن ئېرلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە ۋە مائارىپ مۇپەتتىشى بولغان. يېتزنىڭ «يىننا سىفىر ئارىلى» ،«سەن قېرىغاندا»، «1916- يىلىدىكى پاسخا بايرىمى»، «كىرىل قورۇقىدىكى ئاققۇ»، «بىزانتىيە»، «بىزانتىيىگە يۈرۈش»، «شاگىرتلار ئارىسىدا»، «خىرىستوس قايتىش ئالدىدا»، «شۇنداق خىيال»، قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئورخەندىكى كىبېرىن» ناملىق سەھنە ئەسىرى قاتارلىقلار بار.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

شائىر بۇ شېئىرىدا ئاشىقلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭغا يېڭى- يېڭى مەنىلەرنى يۈكلەپ، چىن سۆيگۈ- مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيىلىگەن.  

1.     بۇ بىر تەسىرلىك مۇھەببەت لىرىكىسى بولۇپ، شائىر ئۆزى بىر ئۆمۈر قوغلاشقان بىر قىزغا ئاتاپ يازغان. ئادەتتىكى مۇھەببەت لىرىكىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ياش شائىر ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتىنى دەرغال ئاشكارىلىماي، نەچچە .ون يىلدىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ چېچى ئاقىرىپ، بېلى مۈكچەيگەندە ئوقۇشقا قالدۇرغان. چۈنكى ياش قىز يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھاتات ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا گۈزەل قەددى- قامىتى، گۈلدەك لاتاپىتىگە  كۆيگەنلەرنىڭ قايسىلىرىنىڭ قېرىپ، چىرايىدىن كېتىپ، ماغدۇرسىزلانغاندىمۇ يەنىلا ياشلىقىدىكى ھېسسىياتى بىلەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئۇنىڭ بىر مەزگىللىك گۈزەللىكىنىلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. قىزغا چىن قەلبىدىن كۆيگەنلەر بىر ئۆمۈر ئۇنى ھاياتىدەكلا قەدىرلەيدۇ، ھەقىقىي، چىن مۇھەبببەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇرۇوپ قالمايدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ شائىر تۇيغۇلىرىنى پارلىتىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭقۇر ئەقىدىسىگە ئايلانغان. شۇنداقلا شائىر تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ يىراق كەلگۈسىگە باشلاپ بارغان.  

2.            شېئىردىكى بىشارەتلىك مىسرالار:  

«چاچ ئاقىرىپ، بەل مۇكچىيىپ ياشانغىنىڭدا»، «چۈشسۇن دەردلىك، غەمكىن ھېسلار كۆزۈڭدىن ئېرىپ»، «قورۇق باسقان چىرايىڭنى ھەسرىتىڭنى ھەم...»، شېئىردىكى بىشارەتلىك سۆزلەر:  «مەش»، «ئوت كۆيىدۇ»، «چوققىلار»، «توقايلىقلار»، «يۇلتۇزلۇق ئاسمان» قاتارلىقلار بولۇپ، شائىر بىشارەتلىك مىسرا ۋە سۆزلەرنى ھەرخىل ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتايىن جەزبىدار ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىزھار قىلىپ، مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈ قېرىمايدىغانلىقىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

نەسىر ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە  
   

   

بىرىنچى بۆلەك .     ئۇيغۇر نەسىرلىرى  

20- ئەسىردىكى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى بىر ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەسىر ئاخىرىغا كەلگەندە، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.  

نەسىر يالغۇز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ شەرھىيلەش، چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ھازىرغىچە «نەسىر» ھەققىدە ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ياكى ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى بۇ خىل ئىجادىيەتنى چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان بىرەر نوپۇزلۇق تەبىر ئوتتۇرىغا چىقمىدى. بۇنداق بولۇشىنى نەسىر ئىجادىيىتنىڭ باشقا ژانېرلاردىكى ئىجادىيەتكە قارىغاندا ناھايىتى زور ئەركىن ئىجادىيەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرگەن. دېمىسىمۇ نەسىر ئىجادىيىتى ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ئەركىن شەكلى بولۇپ، تېما چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، قۇرۇلمىسى باشقا ھەرقانداق ئەدەبىي ژانىرلارنىڭكىدىن ئەركىن بولغان، نېمىنى يازسا، قانداق يازسا بولېۋېرىدىغان، تۇرمۇش تەسىراتلىرىنى، ھايات ھەققىدىكى ئويلارنى، مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرنى ياكى تەبىئەت ئاتا قىلغان تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىر.  

ئەدەبىي ژانىر سۈپىتىدە چۈشىنىشكە توغرا كەلسە، شەكىللەنگەن ۋە دەسلەپكى ھوسۇلغا ئېرىشكەن ۋاقتىنى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 20- ئەسىر ھەقىقىي مەنىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى شەكىللەنگەن ۋە نەسىر ئىجادىيىتى مىسلىسىز گۈللىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گەۋدىسىدىكى ئاساسلىق ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان دەۋرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى 40- يىللارنىڭ باشلىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، شۇنداقلا گەۋدىلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى.  

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىگە ئاساس سالغان كىشى ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 40- يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ئۇنىڭ كەلگۇسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» قاتارلىق بىر تۈركۈم نەسىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەدەبىي ژانىر ھېسابلىنىدىغان نەسىرچىلىككە ئاساس سالدى ھەم ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچتى. شۇ يىللاردا يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «دېڭىزدىن سادا»، «باش ئەگىم» قاتارلىق نەسىرلەرنى يېزىپ، 40-يىللار ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ ئاڭلىق ئىجادىيەت دەۋرىنى شۇنداقلا تۇنجى گۈللەنگەن دەۋرىنى ياراتتى.  

ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭدا دۇنياۋى تېمىلار، مۇھىم سىياسىي، ئىجتىمائىي تېمىلار، خەلق تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بەدىئىيلىك يېقىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇلاردا ھازىرقى زامان بەدىئىي تىلىنىڭ پاساھەتلىرى، بەدىئىيلىكىنىڭ خېلى يۇقۇرى سەۋىيىلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. پىكىر، ئىدىيىلەر، سىمۋوللۇق ئوبرازلار، بىشارەتلىك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىش سەۋىيىسىگە يەتتى.  

70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، 80- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەدەبىيات تارىخىدا «يېڭى دەۋر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئالاھىدە ئەدەبىيات باسقۇچىدا، باشقا ئەدەبىي ژانىرلار قاتارىدا ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىمۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ، ناھايىتى زور ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. تېخمۇ قىممەتلىك بولغىنى شۇكى، پەقەت مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى بىر مۇستەقىل ئەدەبىي ژانىر سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گەۋدىسىدىن ئورۇن ئالدى.  

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى دەۋر باسقۇچى نەسىر ئىجادىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن بىر دەۋر بولدى. بۇنداق گۈللىنىش ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  بىر قىسىم قابىل يازغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان نەسىر يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدە ۋە ئۇلارنىڭ زور بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۇنىڭ رەڭدارلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىدا ئىپادىلەندى.  

بۇ يىللاردا ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىر ئىجادىيىتى ساھەسىگە كىرىپ كېلىشى ئۇيۇر نەسىرچىلىكىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەكبەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نەسىرچىسى مەيدانغا چىقتى. ئۇ «قەلب سادالىرى»، «تىرىك يىتىمنىڭ ئاتىسىغا»  قاتارلىق بىر تۈركۈم چاتما نەسىرلىرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. شۇنداقلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ، نەسىرنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گەۋدىسىدە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ نەسىر ئىجادىيىتى مەخسۇسلۇقى، ئىزچىللىق، يۇقۇرى سەۋىيىلىكلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە خاراكتېرلىق بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان «ئوۋ تاماشاسى»، «تۇپراق ساداسى»، «سادا»  قاتارلىق نەسىرلىرى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىكنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىپ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ جىبرانى» دېگەن شەرەپكە ئىگە قىلدى.  

80- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  شەكىللەنگەن نەسىر قىزغىنلىقى كۆپلىگەن يازغۇچى- شائىرلارنى نەسىر ئىجادىيىتى ساھەسىگە باشلاپ كىردى. بۇلار ئىچىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن، ماخمۇتجان ئىسلام، نۇرمۇھەممەت توختى، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، زۇلپىقار، مۇتىللا ئىبراھىم قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى گەۋدىلىك بولدى. ھەتتا داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىقلارمۇ نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتى. نەسىرچىلىكىمىزنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ نەسىر ئىجادىيىتىگە كىرىپ كېلىشى بىلەن نەسىرلىرىمىزنىڭ تېما دائىرىسى كېڭەيدى، ئىدىيىۋى مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ رەڭدارلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىتقان زور بىر تۈركۈم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىدە:  

   

34- دەرس  دېڭىزدىن سادا  
   
ئاپتورى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ژانىرى لىرىك نەسىر. 1945- يىلى لەنجۇدا يېزىلغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1.     ئاپتور بۇ نەسىردە شائىرانە قىياپەتتە ۋەتەن زېمىنىغا نەزەر سېلىپ، زۇلمەتلىك دەۋر رېئاللىقى بىلەن ئەسىرلەر بويى ئېزىلىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى، مۇڭ- زارىنى، كۈرەشلىرىنى لىرىك يوسۇندا ئىپادىلەپ، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.  

ئاپتور لىرىك تۇيغۇلىرىنى، ئوي- پىكىرلىرىنى ئىپادىلەشتە سىمۋول، ۋەكىللىك ئوخشىتىش، رىتورىك خىتاب، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. مەسىلەن، قاراڭغۇ كېچە زۇلمەتلىك دەۋرگە، كۆپكۆك دېڭىز ۋەتەنگە، تەڭرىتاغ، ئالتاي، كۇئېنلۇن، پامىر تاغلىرى ۋە ئىلى، تارىم، ئېرتىش، باغراش قاتارلىق دەريا- كۆللەر ئانا يۇرتقا سىمۋول قىلىنغان. ئازادلىق، ئەركىنلىك نۇر ۋە گۈزەل باھارغا،  ئادالەتسىزلىك قارا پەردىگە ئوخشىتىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ۋەكىللىك ئوخشىتىش قوللىنىلغان. ئاپتور يەنە دېڭىزغا سۇئال تاشلايدۇ ۋە خىتاب قىلىدۇ. دېڭىز جانلاندۇرۇلۇپ، قەلبىدىكى جاۋابلارنى دېڭىز نامىدىن ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. مىتافۇرا ۋاستىسىنى قوللىنىپ «ھەر زامان كۆڭلىمىز سۇنۇق» دېيىش ئارقىلىق، ئازار يېگەن دىللارنىڭ مۇڭ- زارىنى ئىپادىلەيدۇ.  

2.            1) بۇ جۈملە مەزمۇنىدىن ئۈندەش جۈملە، تۈزۈلۈشىدىن مۇرەككەپ جۈملە.  

جۈملىدىكى «توختا» سۆزى مۇستەقىل جۈملە ۋەزىپىسىدە كەلگەن. چۈنكى، بەلگىلىك تىل شارائىتىدا (بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى تەسۋىر ۋە دىئالوگ) بىر سۆز ياكى بىر بىرىكمە جۈملە بولۇپ كېلەلەيدۇ.  

2)     كۈن شەرقتىن چىقىدۇ. ھەر كۈنى تاڭنىڭ ئاتقىنى شەرقتىن كۈننىڭ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاپتور «تاڭ» نى يېڭى دەۋرگە، «كۈنچىقىش» نى جۇڭگوغا سىمۋول قىلغان.  جۇڭگودا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بەرگەن. چۈنكى، 1945- يىلى ياپون جاھانگىرلىكى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىكىگە تەن بېرىپ، تەسلىم بولغان، جۇڭگو جاھانگىرلىككە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. كۆز ئالدىدا پەقەت گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئۇ يەر بۇ يەردە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان دەۋرلەر ئىدى. ئاپتور نەسىردە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دۈشمەنلىرىنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم باسىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

3)     بۇ بىر ئابزاسنى ئەسەرنىڭ پىكىر قاتلىمىدىكى يادرولۇق نۇقتا دېيىشقە بولىدۇ. چۈنكى، ئەسەرنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىدا خەلقنىڭ زامان- زاماندىن بېرى زۇلۇم، ئازاب – ئوقۇبەت ئاستىدا نامرات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.  

يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ ئەركىنلىككە، ھۆلۈككە، بەختىيار ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى، ھەم ئەرك يولىدا قىلغان كۈرەشلىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق ھالدا تەسۋەرلەپ بەرگەن. مەسىلەن، «بوران سوققان  دەشت- دالىلاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟....»  

ئاخىرقى بىر ئابزاس ئارقىلىق خەلقنىڭ تارتقان ئازاب- كۈلپەرلىرى ئاخىرلىشىپ، يېڭى ھاياتنى كۈتىۋېلىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، نەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزمۇنلىرى كېيىنكى بىر ئابزاسنىڭ يادرولۇق نۇقتا بولۇشىنى ھەر خىل دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلپ بەرگەن.  

4) مېنىڭچە، سىزىقمۇ، سىزىقچە قويۇشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئورۇنغا سىزىق قويۇش ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش يوسۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەگەر سىزىقچە قويۇلسا، قان بىلەن زەرداپ جۈپ سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ- دە، يۈرەكتىكى قان ۋە زەرداپ سۇغا ئايلاندى، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «يۈرەكدىكى قان زەرداپ سۇغا ئايلاندى» دېيىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

35- دەرس  ئادەم ئۆز دېمەتى بىلەن قېرىمايدۇ  
   

بۇ ئەسەر ژانىرى بويىچە لىرىك نەسىرگە كىرىدۇ. ئاپتورى ئەخمەت ئىمىن .  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

ئاپتور توققۇزتارا يايلاقلىرىدا بىللە چىنىققان دوستلىرى بىلەن 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغاندا جەم بولغان ھەم بۇ جەم بولۇشتا يىراقتا قالغان شۇ كۈنلەرنى ئەسلىگەن. ئاپتورنىڭ بۇ سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىكى مەقسىتى تەسەۋۋۇر، خىياللىرى ئارقىلىق بالىلىق، ياشلىق دەۋرلىرىگە قايتىپ، ھەر ىر سۆز، ھەر بىر تىنىقتىن بالىلىقنى قايتا ھېس قىلىش، بالىلىق، ياشلىق دەۋرلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەردەن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە زوقلىنىش، بالىلىق تۇيغۇلىرىغا ھەقىقىي يوسۇندا چۆمۈلۈپ، قەلبىگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بېغىشلاشتىن ئىبارەت.  

3.     ئاپتورنىڭ «يىللار بىزنى قېرىتىمەن دەيدۇ، لېكىن بىز بىر- بىرىمىزنى قېرىتمايمىز» دېگەن سۆزىگە «دوستلۇق، مېھىر- مۇھەببەت، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق بىر- بىرىمىزگە ئىلھام ۋە كۈچ ئاتا قىلىپ، ھاياتىمىزنى يېڭى مەنىلەر بىلەن تولدۇرۇپ، ياشلىق ناخشىسىنى توختاتماي ياڭرىتىپ تۇرىمىز، بالىلارچە كۈلكىمىز دائىم جاراڭلاپ تۇرىدۇ» دېگەندەك چوڭقۇر مەنىلەر يوشۇرۇنغان.  

  دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

36- دەرس  رەقىب ۋە رىقابەت  
   

ئاپتورى پولات ھېۋزۇللا 1966-يىلى ئۇرۇمچىدە تۇغۇلغان. «بىر قىز قەلبىگە تېز سىزما» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

1.     ئاپتور بۇ نەسىرىدە لىرىك تۇيغۇلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئىچى تارلىق، رەھىمسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى ۋە ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىۋاتقان غەيۋەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق رەزىللىكلەرنى پاش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېچىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ۋە كىشىلەرنى ئۆزىنى تونۇشقا، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە دەۋەت قىلغان.  

2.     ھەقىقىي رىقابەت_ ئۆزئارا كۆڭۈلسىزلىك، ئاداۋەت ، بىر- بىرىنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ. بەلكى، تەڭتۇشلار ياكى ساۋاقداش، خىزمەتداشلار ئۆزلىرىدىكى بوشاڭلىق، ھورۇنلۇقنى تۈگىتىپ، بىر- بىرىگە تۈرتكە بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.  

ھەقىقىي رىقابەت كۆڭۈل ئازادىلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. رىقابەتلەشكۈچىلەر بىر- بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ۋاقتىنى قانداق كونترول قىلىش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلەردە قانداق ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ.  

دەرستىن كېيىن كىخاتىرە:  

   
ئىككىنچى بۆلەك   جۇڭگو نەسىرلىرى  
   

37- دەرس سەت تاش  
   

ئاپتور جيا پىڭۋا - 1952- يىلى شەنشىدە تۇغۇلغان. داڭلىق يازغۇچى ۋە نەسىرچى.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

ئاپتور بۇ نەسىردە ماتېرىيال تاللاشتا ئۆزگىچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كۆرۈمسىز، سەت تاشنى تەسۋىر ئوبېكتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىك توغرىسىدىكى يېڭىچە  ئوي- پىكىرلىرىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىجادىيەتتە تېما تاللىغاندا ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى ھەر خىل نۇقتىدىن كۈزىتىپ، يېڭى- يېڭى تۇيغۇلارغا ئىگە بولۇش، شادلىقنىڭ يەنە بىر  يۈزىدە غەم- قايغۇنىڭ، گۈزەللىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە سەتلىكنىڭ، ئۈمىدنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئۈمىدسىزلىكنىڭ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ باي مەزمۇنلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ بىزنى تېخىمۇ كەڭ ئىجدىيەت بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.  

گۈزەللىك بىر خىل تۇيغۇ بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەت كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇ گۈزەللىككە ئايلىنىدۇ. ئېھتىياجغا ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇ سەتلىك، كۆرۈمسىزلىككە ئايلىنىدۇ.  

ئاپتور ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى سەت تاشنىڭ سەتلىكىنى بايقاپ، ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ قىممەتلىك، گۈزەل تەرىپىنى بايقىيالمىغانلىقى ئارقىلىق «شەيئىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن قىممىتى زىچ بىردەكلىككە ئىگە» دېگەن مەنتىقىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

كۆرۈمسىزلىك گۈزەللىككە ئوخشاشلا بىر خىل مەۋجۇتلۇق. كېسەللەك ئازابى جاننى قاخشاتقاندا، كىشىلەر ساغلاملىقنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق، يۈزسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئەقىدىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ؛ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى يوقىتىپ قويغىنىدىلا ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ زىمىستان قىش تەننى مۇزلىتىپ، ئارامىنى قويمىغاندا ئىللىق باھارغا قانچىلىك تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ...  

3.     دۇنيادا ھەرقانداق شەيئى ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. مەسىلەن، جانلىقلار ياخشىلىق ھەم يامانلىققا، جانسىز شەيئىلەر گۈزەللەك ھەم سەتلىككە دېگەندەك. ئىچكى ماھىيەتكە نەزەر سالساق، ھەرقدنداق گۈزەل نەرسىلەر تاشقى جەھەتتىن گۈزەل كۆرۈنگىنى بىلەن، ئىچكى جەھەتتە سەتلىك ياراتقان قىممەتكە باراۋەر قىممەت يارىتالماسلىقى مۈمكىن. ئۆز نۆۋىتىدە سەتلىكمۇ ھەم شۇنداق.  

ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە مۇئەييەن تووھپە قوشالىغان، بەلگىلىك قىممەت يارىتالىغان سەتلىك تەبىئىيلا گۈزەللىككە ئايلىنىدۇ؛ گۈزەل بولسىمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن، ئنسانلار ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى يوق گۈزەللىك سەتلىككە ئايلىنىدۇ.  

4.     ئاپتور بۇ ئارقىلىق شەيئىلەرگە ياكى ئادەملەرگە باھا بەرگەندە، پەقەت تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا باھا بېرىشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك، خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شەيئىلەرگە ۋە ئادەملەرگە باھا بەرگەندە ئۇلارنىڭ ئىچكى ماھىيىتىگە، ھەقىقىي قىممىتىگە، شۇنداقلا جەمئىيەت، ئىسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىىسگە قاراپ باھا بېرىشنىڭ ئەڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

   دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

39- دەرس تەنھالىقنى خاتا چۈشىنىۋالمايلى  
   

ژانىرى نەسىر.  ئاپتورى- تيەن دۇڭيۇڭ.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش  

ئاپتور بۇ نەسىرىدە تەنھالىققا بىر شائىرنىڭ، بىر پەيلاسوپنىڭ كۆزىدە قاراپ، ئۇنىڭدىن يېڭى- يېڭى مەنىلەرنى ئىزدەيدۇ ھەمدە «تەنھالىق» نى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋەسۋەسىسىدىن خالىي بولۇپ ئۆز قەلبىگە چوڭقۇر چۆكۈش ۋە ھەقىقىي ئۆزلۈكنى ھېس قىلىشنىڭ زېمىننى، ئادەمنى مۇكەممەللىككە ئىتتىرىدىغان كۈچ دەو قاراپ، «مەن تەنھالىقنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن» دەيدۇ.  

دۇنيادىكى ئۇلۇغ نەزەرىيىلەر، قىممەتلىق ئىدىيىلەر، كەشپىياتلار، ئالەمشۇمۇل بىباھا ئەسەرلەر تەنھالىقتا، جىمجىتلىقتا قىلىنغان ئۇلۇغۋار تەپەككۈرنىڭ مەھسۇلى. قايناق ئادەملەر ئارىسىدا، شاۋقۇن سۈرەنگە تولغان مۇھىتتا چوڭقۇر تەپەككۈر يۈرگۈزۈش بەسى مۈشكۈلدۇر. تەنھالىق ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلىنىشقا، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىمكان بېرىدۇ. «تەنھالىق» نى يەككە- يىگانىلىق، يالغۇزلۇق، غېرىبلىق دەپ چۈشىنىۋېلىش بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

   
ئۈچىنچى بۆلەك  چەت ئەل نەسىرلىرى  
   
40- دەرس گىتەنجالىدىن ئىككى پارچە  
   

ئاپتور ھەققىدە: رابىندرانات تاگور ھىندىستانلىق مەشھۇر شائىر، پەيلاسوپ، يازغۇچى، دېموكراتىزىمچى. 1861- يىلى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھرىدە پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت مۇھىتى ناھايىتى قويۇق بىر ئائىلىدە  دۇنياغا كەلگەن. 1913- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چوڭقۇر دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئىدىيىلەرگە تويۇنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ نەزەرىدە شېئىرلىرى ئىلاھقا قىلىنغان سوۋغىدۇر. تاگورنىڭ شېئىرلىرى ھىندىستاندا ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە.  

ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «گىتەنجالى»، «ماي قوڭغۇزى»، «گورا» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ۋە «ھالاكەت» ناملىق رومانى بار. تاگور يەنە رەسسام ۋە كومپوزىتور بولۇپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم سىزغان. ئۇ ئىجاد قىلغان «خەلقنىڭ ئىرادىسى»  ناملىق ناخشا 1950- يىلى ھىندىستاننىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.  

بۇ مەشھۇر ئەدىب 1941- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.  

مۇھاكىمە ۋە ئىزدىنىش   

1. «شېئىرىم ئۆزىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى، ئۇنىڭدا زىبۇ- زىننەتنىڭ مەغرۇرلۇقىدىن ھېچنېمە قالمىدى» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا شېئىرلاردىكى مەنىسى پۈچەك دەبدەبىلىك سۆزلەر، قۇرۇقتىن قۇرۇق شوئارۋازلىقلار، بىمەنە سۆز ئويۇنلىرى دېگەندەكلەر شېئىرلارنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. دۇنياغا داڭلىق «كاتيۇشا»، «موسكۋا كېچىسى»، «كەپتەر»، قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالىي، تىلى چۈشىنىشلىك،  شۇنداق بولسىمۇ بۇ ناخشىلار تا بۈگۈنگە قەدەر جەلپكارلىقىنى يوقاتمىدى. خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان «تار كوچا»، «بوغدا ئانام»، «بۇيلۇق باغلىرى»، «زېمىن»...قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىمۇ ئارتۇقچە بېزەكتىن خالىي، تىلى خەلقنىڭ جانلىق تىلى. ئا. ئۆتكۈر يازغان «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «قاش تېشىغا مەدھىيە»، «بوغدا ئانام» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تىلىمۇ ھەب شۇنداق بېزەكلەردىن خالىيدۇر.  

2. قومۇش نەي ئاددىي، پەردازسىز بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئادەتتىكى بىر ھەشەمەتمۇ يوق. لېكىن ئۇنىڭ يېقىملىق، گۈزەل كۈيلىرى كىشىنى مەھلىيا قىلىپ، قەلبلەرنى ئېرىتىدۇ. ئاپتور، شۆھرەتپەرەسلىك، مەغرۇرلۇقتىن خالىي، ئاددىي- ساددا، ئەمما مەنىلەرگە باي ھاياتقا ئىنتىلىپ، قومۇش نەينى ئۆز ھاياتىنىڭ تىمسالى قىلىدۇ.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

   

41- دەرس  ئىستىقبال تىلەكلىرى  
   

ئاپتورى- جىبران خېلىل جىبران.  

1.      ئاپتور تىلغا ئالغان «رېئاللىق قەسىرىنىڭ ئۇ تەرىپى» نى ئاپتورنىڭ غايىۋى دۇنياسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. «رېئاللىق قەسىرىنىڭ بۇ تەرىپى» بولسا ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن رېئال تۇرمۇش» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.  

2.     بارلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىنى دىيانەت تارازىسىدا ئۆلچەپ تۇرىدىغان دەۋردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.  

3.     ئاپتور رېئال دۇنيا مەنزىرىلىرىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى دۇنياسى ئىچىگە قويۇپ كۆزىتىپ، ئۇنىڭ خىلمۇ خىل مۇرەككەپ زىددىيەتلەر بىلەن تولغان، ۋەقەلەرگە باي ئىجتىمائىي قىياپىتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن «يېڭى- يېڭى» دېگەن سۈپەتلەشنى قوللانغان.  

دەرستىن كېيىنكى خاتىرە:  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش