| قېرىنداشلىرىم بايقاشنى قالايمىقان قىلىۋاتقان مۇھىنم نوختا ئۈستىدە توختىلىۋاتىسىلەر ،تولىمۇ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىۋاتىسىلەر،مەنمۇ يىڭى تىزىملاتقاندا سىلەر ئىيتقاندەك ئەھۋاللاردىن خالى بولالمىغان ئىدىم .باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ قوللىشى يىتەكلىشى نەتىجىسىدە مانا ئەمدى بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ھەرخىل تىپتىكى ماتىرياللارنى يوللىيالايدىغان ،،چۈشۈرەلەيدىغان بولدۇم سىلەرگە رەخمەت. دىمەكچىمەنكى بايقاشقا ئىنتىلىۋاتقان ياش يىڭى ئەزالار ئۈچۈن بىراقلا يۇقۇرى تەلەپ قويساق چەكلەش بولۇپ قالامدۇ قانداق. ئەمما بايقاشتىكى بەزى ماتىرياللار ھەقىقەتەن ناچار،تىما ئاستىدىكى مەزمۇن تىمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدىغان،ئىزدىگەن تىما تىپىلسىمۇ مەزمۇن تىپىلمايدىغان. تىما ئىگىلىرى ھەدىسىلا تەڭگە تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەپ قىلىۋاتىدۇ. تورداشلىرىمىز ماتىريالنى يوللىغاندا باشقىلارنىڭ كۆرىدىغانلىقىنى بولۇپمۇ مائارىپچىلارنىڭ كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويسا،ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ مىللى مائارىپىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسەت قىلىنسا نوقۇل ھالدا تەڭگە ئۈچۈنلا بولمىسا،تەڭگە تەلەپ قىلىنغان ماتىرياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولسا مەسىلەن بىرقىسىم تورداشلىرىمىز پايدىلىق قىممىتى بار ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان كۆپخىللىققا ئىگە ماتىرياللارنىمۇ يوللىدىغۇ (180بەتلىك تۈزۈم،100لىكسىيە...) ھەممەيلەن بىرلىكتە بايقاشنى قوللاپ قويايلى.
|
|