| ھاياتلىق ياراتقۇچىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىسىل سوۋغىسى.ئۇ ئادەملەرگە بىرلا قېتىم نېسىپ بۇلىدىغان بۈيۈك پۇرسەت،ھاياتلىقتىن ئىبارەت كىچىك،ئەمما مۇرەككەپ دۇنيانى يارىشىملىق بىزەشتە ئىلىم لازىم بۇلىدۇ،ئىلىمنى قانچە ئۈگەنگەنسىرى ئادەمنىڭ مىڭىسى شۇنچە ئۆتكۈرلىشىپ،قايسى ئىشنى قىلسام پايدا ئالىمەن؟كىملەرنى ھۆرمەتلەيمەن؟كىملەر بىلەن ئۇچرىشىمەن؟كىملەردىن قاچىمەن؟دېگەنلەرگە جاۋاپ تاپالايدۇ.روھى تىتىك،تىنى ساغلام،ھەركىتى رەتلىك،ئىشى بەركەتلىك بولىدۇ،ئۇ ھايات يولىمىزنى يۇرۇتۇپ،بىزنى ئالىجاناپلىققا باشلايدۇ.دىمەك بىز مائارىپ سىپىدە ئىشلىگەن ئىكەنمىز چۇقۇم ئوقۇتقۇچى دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چوڭقۇر تۇنىشىمىز كېرەك.ئۇنداقتا بىز ئوقۇتقۇچى دېگەن سۆزنى بۇغۇم بۇيىنچە تەھلىل قىلىپ كۈرەيلى.بۇ سۆز بىزگە قانداق ھېكمەتلەرنى ئاتا قىلار؟ئوقۇتقۇچى –بۇ تولىمۇ شەرەپلىك بىر نام.بۇ سۆزگە تازا دىققەت قىلىدىغان بولساق بىزنى ھەم ئوقۇشقا،ھەم ئوقۇتۇشقا،ھەم ئۇتۇشقا چاقىرىدىغان بىر سېگنال.ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ سۆز ئوقۇ،ئوقۇت،ئۇت دېگەندەك مەنىلەرگە ئېگە،مەن ئۇقۇدۇممۇ؟ئوقۇتتۇممۇ؟ئۇتتۇممۇ؟ بۇ بىر مائارىپچى بولغان كىشى ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.ئۇنداق دىسەم نۇرغۇن يولداشلار بەلكىم مىنى نېرۋىڭىز چاتاق ئوخشايدۇ؟ئوقۇغاچقا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىڭىز،ئوقۇتقاچقا ھازىرغىچە مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتىسىزدىيىشىڭىز،ھەتتا بۇبىر قىمار سورىنىمىكەن؟ سىز ئۇتۇپ ياكى ئۇتتۇرىدىغانغا دىيىشىڭىز مۈمكىن.ئەمما بۇ قاراشلار تولىمۇ يۈزەكىلا بىر قاراش ئەلۋەتتە.مەن ئوقۇيالىسام نېمە ئۈچۈن ئەتراپلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بايقىيالمىدىم؟ئوقۇتالىسام مەكتىپىمىزدە ئۆگۈنۈش،ئەخلاق كۆز قارىشى ناچار ئوقۇغۇچىلار چىقارمىدى؟ئۇتالىسام جەمئىيەتتە ھازىرقىدەك بىدئەدچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغانلار چىقارمىدى؟بۇ مەندەك بىر مائارىپ خىزمەتچىسى دەپ يۈرگەن ئادەم ۋىجدانىم ئالدىدا جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە .مەن سۈت ئۇيقامدىن ئويغانماي يۈرسەم مەڭڭۈ ئۇتتۇرغۇچىلاردىن بۇلۇپ قېلىشىمدا گەپ يوق.مەن ھازىرغا قەدەر مەيلى جىق بولسۇن مەيلى ئاز بولسۇن ئۇتتۇردۇم،جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىپ،جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەن،ئەخلاق كۆز قارىشى يېتەرسىز كىشىلەر بۇلۇپ،بۇ دەل مىنىڭ مائارىپ سىپىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمنىڭ جانلىق شاھىدى،چۈنكى ئۇلارنى كىم تەربىيلىگەن؟بىزنىڭ ئازغىنە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمىز تۈپەيلى جەمئىيەتتە بىدئەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغانلارغا يۇچۇق پەيدابولماقتا.ئۇلار بىز بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئىز-باسارلىرىنى تالاشماقتا.بۇ مەندەك بىر مائارىپچى ئۈچۈن كەسكىن بىر جەڭ مەيدانى .مىنىڭ ئۇتتۇرۇش ياكى ئۇتۇشۇم ئىرادەمگە،غۇرۇرۇمغا باغلىق.«چۈنكى مەن ھىسسىياتلىق ھايات ئادەم»دېگەن شېئىردىكى«چۈنكى مەن ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم»دېگەن مىسراسىدەك،مەنمۇ ئۆز غۇرۇرۇمنىڭ،ئوقۇتقۇچىلىق نامىمنىڭ پايخان بۇلىشىغا قاراپ تۇرماي،تۇرمۇش دەرسخانىسىدا كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ،ماھىرلىق بىلەن ئوقۇتۇپ،مائارىپچىلارنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلالىسام،بۇ جەڭ مەيدانىدا ئۇتقۇچى بۇلۇپ غەلبىگە ئىرىشىشىمدە گەپ يوق.تىرىشىپ ئوقۇپ،ھەم ئوقۇتۇپ ئۆز قابىليىتىم ئارقىلىق سەبى بالىلارنى،نادان ئاممىنى مائارىپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم باغچىسىغا مايىل قىلالىسام،ئۆز مېھرى-مۇھاببىتىم ئارقىلىق،ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلىسەم،ئۇلارنىڭ مائارىپ يولىدىن ئاغماسلىققا ئىشەنچىم كامىل.ياشلارنىڭ چۈشكىنلىشىشى مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشنىڭ ئالامىتى.يامان ئادەت،ناچار ئىللەت،چاكىنا مەدىنىيەت ياشلارنى خىروئىندەك زەھەرلەيدۇ،ئەخلاقسىز،ۋىجدانسىز،نادان ئادەم ھېچنىمىگە يارىماس ئەخلەتتۇر.ۋىجدان سوتچى،ئەخلاق ساقچى بولغان بولسا، دۆلەتتە ساقچى،جەمئىيەتتە جىنايەتچى ئاز بولغان بۇلاتتى.شۇڭا بىز بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ،ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ كۇيىغا كىرىشىمىز كېرەك.يامان تۈزەلسە، زامان تۈزىلىدۇ.ئائىلە،ئەۋلات،مىللەت، دۆلەتنىڭ بەخىت ئىقبال،تەقدىر ئىستىقبالىغا بىۋاستە باغلىنىدىغان مۇھىم ئۆزەك.بىر قىسىم نادان ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىش،جان بېقىش،كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدىلا بۇلۇپ،بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارىماقتا.نەتىجىدە بالىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرماقتا.ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنى،مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا بىز قەتئى ئېغىشماي ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ،ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈر.بىزدە بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،سورىماسلىق ئەيىپ»دەيدىغان گەپ بار،بىلىش ھەقىقەتەن شەرەپلىك،بىلمەسلىك بولسا كىشىنى ھەر قاچان بىچارە قىلىپ قويىدۇ.بەزى ھاللاردا بىلىشكە تېگىشلىك ئىلىمنىمۇ بىلمەسلىك نۇمۇس ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى بىلىمسىزلىك،نادانلىق،خۇراپاتلىق كىشى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.شۇڭا بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ،بۇ مائارىپ باغچىسىدا ھەقىقى پۇراق تارقاتقۇچىلاردىن بۇلۇپ،ئىلىم-پەننىڭ نۇرىنى كەڭ جاھانغا تارقىتايلى.جەمئىيەتتە ھەقىقى ئۇتقۇچىلاردىن بۇلايلى. |
|