ئىگىسى: زەپەر

بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋان بەرسىڭىز 10 تىللا مۇكاپات

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-5-28 09:14:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچكىمگە 10 تىللا بېرىلمەپتۇغۇ ،زەپەر ئەپەندىم ئەگەر جاۋاپلار قانائەتلىنەرلىك بولمىغان بولسا سىزلا تولۇقلاپ جاۋاپ بېرىۋەتمەمسىز .قېنى سىز ؟
ۋاقتى: 2015-5-28 10:18:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ياخشى بوپتۇ، مەن مۇشۇنداق سوئاللارغا ئويلىغىنمنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
ۋاقتى: 2015-6-15 13:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ  ياخشىسى بۇ تېمىنى  كەسپى ئىنتاھاندىن كىيىن مۇلاھىزە قىلاي.
ۋاقتى: 2015-6-19 11:19:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئۇقۇغۇچىدا ئۆزىگە ئىشىىنىش مومكىنچىلىكى بولمىسا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ئەلۋەتتە ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستە ناچار بۇلىشىنى بىرقانچە تەرەپلەردەن ئويلاشقابۇلىدۇ
1.ئۇقۇغۇچىدا ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل بولوپ دائىم پىسخەكا جەھەتتە تۇسالغۇبۇلوپ يۇلوققان ھەربىر كىچىك قىييىنچىلىق ئالدىدا ئۆزىنى چۈشەپ قۇيۇش ئىددىيسى مەۋجۇت .
2. ئاتا ئانىسىدىن يارددەم تەلەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ ھەمدە بەزى ئاتا ئانىلار
ۋاقتى: 2015-10-29 13:44:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنۈشتە ئارقىدا قېلىشى كىچىك كەمچىلىك ،جىسمانىي ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسىلە بولسا ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك ، ئۈزىگە ئىشىنىش ، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا ئۇ ئەجەللىك كەمچىللىكى . چۈنكى ئۇ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ -دېگەن بۇ پىكىرگە قانداق قارايسىز ؟
مەنچە بولغاندا بۇ تۇلىمۇ دەل جايىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىنتايىن دانا پىكىر دەپ قارايمەن.چۈنكى ئىنساندىكى بۇ ئۈگۈنۈش دىگىنىمىز ئىنسان تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىنىڭ،ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمىيەتنىڭ ئۈگۈتىشى ۋە تەسىرى بىلەن بۇلىدۇ.بالا ئانىدىن تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەڭ ئاددىسى  سۆزلەشتىن باشلاپ ھىچ قانداق تۇرمۇش،ئىلىم-پەن،جەمىيەت بىلىمىگە ئىگە ئەمەس بۇنى تەدرىجى ئۈگىنىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ.لېكىن تۇغۇلغاندىن كىيىن يىغلاش،يىيىش،تارەت قىلىش،كۇرۇش،ئاڭلاش، مانابۇ تۇغما قابىلىيەت بۇلۇپ بۇنى ھىچكىم ئۈگەتمىسىمۇ ئۈزى تەبىئى ھالدا قىلاليدۇ.مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئادەمدىكى جىسمانى ساغلاملىق،پىسخىىكا ساغلاملىق،ئۈزىگە ئىشىنىش،ئۈزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى دىگىنىمىز ئاساسلىغى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇجەز خارەكتىر پسخىكىسىنى  تارىتسا قۈشۈمچە قىلىپ ئائىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەكتەپنىڭ تەسىرى تەربىيسى ئارقىلىق تەدرىجى شەكىللىنىدىغان بۇلۇپ،بۇنى ئوگۈنۈشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىغا بىرنەچچە كۈن تەكرار قلىپ بىرىش ئارقىلىق نەتىجىسىنى ياخشىلىغانغا ئوخشاش ئادەم پىسخىكىسىدىكى بۇ يىتەرسىزلىكنى تۇلۇقلىغىلى بولمايدۇ«قان بىلەن كىرگەن خۇي،جان بىلەن چىقىدۇ»دىگەندەك بۇ ئادەم ئىرسىيتىدىن مىراس قالغان بۇ روھى جەھەتتىقى بۇ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىش بەكمۇ مۈشكۈل ئەگەر بىرئادەمنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ پىسخىكىىدا ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ ئۇ بىر ئىشتىن باشقا بىر ئىشقا ئاتلانغا ئۇنىڭدا توسقىلى بولمايدىغان ئەتتەك قىزغىنلىق يۈزبىرىپ شۇ ئىشنى ھەرقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىمۇ بەرداشلىق بىرىپ ئاخىرغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.لېكىن بۇنداق ئەتتەك قىزغىنلىق پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن جەريان كىتىدۇ.بىر ماتىرىيالدا كۈرۈشۈمچە ئۈمىتسىزلىك ئادەمنى ئەڭ تىز تۈگەشتۈرىدىغان روھى كەمتۈكلۈك بۇلۇپ پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئادەم پىسخكىسى ئۈستىدە مۇنداق بىر ئەمەلىي تەرجىبە ئىشلەپ كۆرگەن.ئۈلۈم جازاسى بىرىلگەن بىر جىنايەتچىنىڭ كۈزىنى تېڭىپ قۇيۇپ بىز ھازىر سىنىڭ قۇلۇڭنىڭ غول تۇمۇرىنى كىىسپ تاشلاپ قېنىڭنى ئېقىتىپ تۈگۈتۈپ ئۈلۈش جازاسى بىرىمىز دەپ قۇلىنى باغلاپ قۇيۇپ قۇلىنىڭ بىرقىسمىنى كىسىپ شۇ يەرگە ئاسما ئۇكۇل سۇيۇقلىغىنى چۈشۈرۈپ قۇلىدىن ئۇكۇل سۇيۇقلىقىنى قان ساقىپ چۈشكەنگە ئوخشاش ساقىتىنپ چۇشۇرۇپ ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا ئۈزىنىڭ قېنى ئېقىپ چۈشۈۋاتقانلىق سىزىمى پەيداقلىپ قويغان ئۇ ئۈزىنىڭ قېنىنىڭ ئاستا-ئاستا يەرگە ئېقىۋاتقانلىغىنى ھىسقىلىپ ئۇنىڭ روھىيتى بارا-بارا ئۈلۈم يۇلىغا يېقىنلىشىپ بۇ دۇنيادىن ياشاشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن راسلا ئۈلۈپ كەتكەن.مانا بۇ نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ دىسە ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىدا ئۈمىتسىزلىنىش يۈربەرسە ئۇنىڭ ئۈلۈك ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
يېغىپ ئېيىتقاندا ئوقوغۇچىلاردىكى ئۈزىنى كۈچەيتىش ئۈزىگە ئىشىنىش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ.بۇنى كىچىگىدىنى باشلاپ ئۆزگەرتىشكە ياردەم بىرىپ ئۇنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىرقىلىپ ئۈزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا ياردەم بىرىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈر دەپ قارايمەن.
ۋاقتى: 2015-10-29 14:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئالى باشقۇرغۇچىمىز پەرىنىڭ سۈزى بەكمۇ ئۇرۇنلۇق بىر ئىككى سائەت باش قاتۇرۇپ جاۋاپ يېزىپ ئاران 50نۇمۇرلۇق جاۋاپ بىرىپ لاياقەتسىز بۇلۇپ 5تەڭگىگە ئىرىشىپتىمەن دىسە .زەپەر ئەپەندىمغۇ مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنداق پىسخىق ئادەم ئەمەس ئىدى
ۋاقتى: 2016-1-10 09:28:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىسخىكا ساغلاملىقى نۇرغۇن تەرەپلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ.بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىز تۇلىمۇ شەرەپلىك بىر كەسپ.بىز ياراملىق بىر ئوقۇتقۇچى بۇلىمىز دەيدىكەنمىز،چۇقۇم ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۆزىمىزگە تەلەپنى يۇقۇرى قۇيۇپ،ئەڭ ئاۋال مەن ئوقۇتقۇچىلىق نامىمغا يۈز كىلەلەمدىم يوق دىگەن سۇئالنى ئۈزىمىزگە تاشلىيالىساق،ھەم ۋىجدانىمىز ئالدىدا ئازاپلانماي،يۈزىمىز قىزارماي تۇرۇپ،جاۋاپ بىرەلىسەك ئاندىن ئۈگۈنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يىتەكلىيەلەيمىز.ھازپىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ دەپ زارلايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسپ،شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ كەسىپنى بۇيۇن قىسۇرۇ
ۋاقتى: 2016-1-10 09:35:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇقۇچىلىق تونىغ خس ئوقۇتالىساق ئندىن كىشىلە    بىزنى ھۆمليدۇ
ۋاقتى: 2016-1-10 19:55:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق ياراتقۇچىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىسىل سوۋغىسى.ئۇ ئادەملەرگە بىرلا قېتىم نېسىپ بۇلىدىغان بۈيۈك پۇرسەت،ھاياتلىقتىن ئىبارەت كىچىك،ئەمما مۇرەككەپ دۇنيانى يارىشىملىق بىزەشتە ئىلىم لازىم بۇلىدۇ،ئىلىمنى قانچە ئۈگەنگەنسىرى ئادەمنىڭ مىڭىسى شۇنچە ئۆتكۈرلىشىپ،قايسى ئىشنى قىلسام پايدا ئالىمەن؟كىملەرنى ھۆرمەتلەيمەن؟كىملەر بىلەن ئۇچرىشىمەن؟كىملەردىن قاچىمەن؟دېگەنلەرگە جاۋاپ تاپالايدۇ.روھى تىتىك،تىنى ساغلام،ھەركىتى رەتلىك،ئىشى بەركەتلىك بولىدۇ،ئۇ ھايات يولىمىزنى يۇرۇتۇپ،بىزنى ئالىجاناپلىققا باشلايدۇ.دىمەك بىز مائارىپ سىپىدە ئىشلىگەن ئىكەنمىز چۇقۇم ئوقۇتقۇچى دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چوڭقۇر تۇنىشىمىز كېرەك.ئۇنداقتا بىز ئوقۇتقۇچى دېگەن سۆزنى بۇغۇم بۇيىنچە تەھلىل قىلىپ كۈرەيلى.بۇ سۆز بىزگە قانداق ھېكمەتلەرنى ئاتا قىلار؟ئوقۇتقۇچى –بۇ تولىمۇ شەرەپلىك بىر نام.بۇ سۆزگە تازا دىققەت قىلىدىغان بولساق بىزنى ھەم ئوقۇشقا،ھەم ئوقۇتۇشقا،ھەم ئۇتۇشقا چاقىرىدىغان بىر سېگنال.ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ سۆز ئوقۇ،ئوقۇت،ئۇت دېگەندەك مەنىلەرگە ئېگە،مەن ئۇقۇدۇممۇ؟ئوقۇتتۇممۇ؟ئۇتتۇممۇ؟ بۇ بىر مائارىپچى بولغان كىشى ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.ئۇنداق دىسەم نۇرغۇن يولداشلار بەلكىم مىنى نېرۋىڭىز چاتاق ئوخشايدۇ؟ئوقۇغاچقا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىڭىز،ئوقۇتقاچقا ھازىرغىچە مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتىسىزدىيىشىڭىز،ھەتتا بۇبىر قىمار سورىنىمىكەن؟ سىز ئۇتۇپ ياكى ئۇتتۇرىدىغانغا دىيىشىڭىز مۈمكىن.ئەمما بۇ قاراشلار تولىمۇ يۈزەكىلا بىر قاراش ئەلۋەتتە.مەن ئوقۇيالىسام نېمە ئۈچۈن ئەتراپلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بايقىيالمىدىم؟ئوقۇتالىسام مەكتىپىمىزدە ئۆگۈنۈش،ئەخلاق كۆز قارىشى ناچار ئوقۇغۇچىلار چىقارمىدى؟ئۇتالىسام جەمئىيەتتە ھازىرقىدەك بىدئەدچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغانلار چىقارمىدى؟بۇ مەندەك بىر مائارىپ خىزمەتچىسى دەپ يۈرگەن ئادەم ۋىجدانىم ئالدىدا جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە .مەن سۈت ئۇيقامدىن ئويغانماي يۈرسەم مەڭڭۈ ئۇتتۇرغۇچىلاردىن بۇلۇپ قېلىشىمدا گەپ يوق.مەن ھازىرغا قەدەر مەيلى جىق بولسۇن مەيلى ئاز بولسۇن ئۇتتۇردۇم،جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىپ،جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەن،ئەخلاق كۆز قارىشى يېتەرسىز كىشىلەر بۇلۇپ،بۇ دەل مىنىڭ مائارىپ سىپىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمنىڭ جانلىق شاھىدى،چۈنكى ئۇلارنى كىم تەربىيلىگەن؟بىزنىڭ ئازغىنە  ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمىز تۈپەيلى جەمئىيەتتە بىدئەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغانلارغا يۇچۇق پەيدابولماقتا.ئۇلار بىز بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئىز-باسارلىرىنى تالاشماقتا.بۇ مەندەك بىر مائارىپچى ئۈچۈن كەسكىن بىر جەڭ مەيدانى .مىنىڭ ئۇتتۇرۇش ياكى ئۇتۇشۇم ئىرادەمگە،غۇرۇرۇمغا باغلىق.«چۈنكى مەن ھىسسىياتلىق ھايات ئادەم»دېگەن شېئىردىكى«چۈنكى مەن ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم»دېگەن مىسراسىدەك،مەنمۇ ئۆز غۇرۇرۇمنىڭ،ئوقۇتقۇچىلىق نامىمنىڭ پايخان بۇلىشىغا قاراپ تۇرماي،تۇرمۇش دەرسخانىسىدا كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ،ماھىرلىق بىلەن ئوقۇتۇپ،مائارىپچىلارنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلالىسام،بۇ جەڭ مەيدانىدا ئۇتقۇچى بۇلۇپ غەلبىگە ئىرىشىشىمدە گەپ يوق.تىرىشىپ ئوقۇپ،ھەم ئوقۇتۇپ ئۆز قابىليىتىم ئارقىلىق سەبى بالىلارنى،نادان ئاممىنى مائارىپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم باغچىسىغا مايىل قىلالىسام،ئۆز مېھرى-مۇھاببىتىم ئارقىلىق،ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلىسەم،ئۇلارنىڭ مائارىپ يولىدىن ئاغماسلىققا ئىشەنچىم كامىل.ياشلارنىڭ چۈشكىنلىشىشى مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشنىڭ ئالامىتى.يامان ئادەت،ناچار ئىللەت،چاكىنا مەدىنىيەت ياشلارنى خىروئىندەك زەھەرلەيدۇ،ئەخلاقسىز،ۋىجدانسىز،نادان ئادەم ھېچنىمىگە يارىماس ئەخلەتتۇر.ۋىجدان سوتچى،ئەخلاق ساقچى بولغان بولسا، دۆلەتتە ساقچى،جەمئىيەتتە جىنايەتچى ئاز بولغان بۇلاتتى.شۇڭا بىز بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ،ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ كۇيىغا كىرىشىمىز كېرەك.يامان تۈزەلسە، زامان تۈزىلىدۇ.ئائىلە،ئەۋلات،مىللەت، دۆلەتنىڭ بەخىت ئىقبال،تەقدىر ئىستىقبالىغا بىۋاستە باغلىنىدىغان مۇھىم ئۆزەك.بىر قىسىم نادان ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىش،جان بېقىش،كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدىلا بۇلۇپ،بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قارىماقتا.نەتىجىدە بالىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرماقتا.ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنى،مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا بىز قەتئى ئېغىشماي ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ،ئائىلە سۆھبىتىنىڭ  رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈر.بىزدە بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،سورىماسلىق ئەيىپ»دەيدىغان گەپ بار،بىلىش ھەقىقەتەن شەرەپلىك،بىلمەسلىك بولسا كىشىنى ھەر قاچان بىچارە قىلىپ قويىدۇ.بەزى ھاللاردا بىلىشكە تېگىشلىك ئىلىمنىمۇ بىلمەسلىك نۇمۇس ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى بىلىمسىزلىك،نادانلىق،خۇراپاتلىق كىشى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.شۇڭا بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ،بۇ مائارىپ باغچىسىدا ھەقىقى پۇراق تارقاتقۇچىلاردىن بۇلۇپ،ئىلىم-پەننىڭ نۇرىنى كەڭ جاھانغا تارقىتايلى.جەمئىيەتتە ھەقىقى ئۇتقۇچىلاردىن بۇلايلى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش