ئىگىسى: زەپەر

بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋان بەرسىڭىز 10 تىللا مۇكاپات

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-3-31 18:13:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ‹‹ئەقىل كەمتۇكلىكىنى ئەخلاق كەمتۇكلىكى يېپىپ كېتەلەيدۇ،ئەمما ئەخلاقتىكى كەمتۇكلىكنى ھېچقانداق نەرسە يېپىپ بولالمايدۇ››دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە، ئۆگىنىشتە ياخشى بولغان بالىنىڭ ھەممە جەھەتتە ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن . شۇنداقلا ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈنلەي يارامسىز بولۇپ قېلىشىمۇ ناتايىن. بۇنىڭ مىسسالىرىمۇ جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن كۆپقۇ(بەزى ئادەملەر مەكتەپ يۈزىنى كۆرمەيمۇخەلقئارالىق سودىگەرلەردىن بولۇپ كىتىدىكەن،بەزى ئادەملەر نەچچە ئون يىل مەخسۇس سودا مەكتىپىدە ئوقۇسىمۇبىر پايپاقنى ئىككى پۇڭ پايدىسىغا ساتالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە بولالمايدىكەن)
ئىنسان پۇشتىنىڭ بۇدۇنياغا يالغۇز  تۇغۇلۇپ، ئاخىرى يالغۇز كېتىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسان بالىسىنىڭ پىشانىسىگە يېزىلغان  تەقدىر-قىسمەت. ئادەمدە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت پىسخىكا جەھەتتىكى كەمچىلىك بولسا ئۇ ئادەم مەڭگۈ  ..............
چۈنكى ئادەم=ئەقىل-پاراسەت +ئىلىم –مەرىپەت +ئەخلاق-پەزىلەت ...
ۋاقتى: 2015-4-2 14:51:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنۈشتە ئارقىدا قېلىشى كىچىك كەمچىلىك ،جىسمانىي ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسىلە بولسا ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك ، ئۈزىگە ئىشىنىش ، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا ئۇ ئەجەللىك كەمچىللىكى . چۈنكى ئۇ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ -دېگەن بۇ پىكىرگە بولغان كۆز -قارشىم :
روھى ساغلاملىق بىر ئادەمنىڭ ھاتىدىكى تۇسالغۇغا ئۇچرايدىكەن ئۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئىش ھەركەتلىرى تۇسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن :بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بېرىشدىن قورقىدىغان ئەھۋال بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇ ئۇقۇغۇچى مەكتەپنى بىر خىل ئازاپ ئوقۇبەت ئېلىپ كىلىدىغان يەر دەپ قاراپ ئۈگۈنۈش ،ھەم باشقا پائالىيەتلەرگە تۇسالغۇ پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ....................        .

1.بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى ئاجىز بولسا ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ .ئۆزىنى-ئۆزى كەمسىتىدۇ ،بۇ بارا-بارا بۇ بالىنىڭ ھەرىكەت ۋە پەزىلىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. نەتىجىدە ئۆگىنىشتە ئارقىدا قېلىش كېلىپ چىقىدۇ . كۆپ ساندىكى ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان بالىلار -ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ ،ئىرادىسىز ،ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ .
2.نېمىشقا بۇ  بالىلارنىڭ  پىسخىكىسى ساغلام ئەمەس ؟- مەسلە دەل -مۇشۇ بالا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مۇھىتتا .بۇ مۇھىتتا ئاتا-ئانىلار بار ،بىز ئوقۇتقۇچىلار بار ،بۇ بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرى بار ، .....نۇرغۇن ،نۇرغۇن كىشىلەر بار .شۇنداق ئىكەن  ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىغان كىشىلەر قانداقمۇ بۇ بالىلارغا بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بارالىسۇن .
3.بالىلارنىڭ بالىلىق ،ئۆسمۈرلۈك مەزگىلدىكى پىسخىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىش قىلماسلىقى -ئۇلاردا  كىيىن كۆرۈلدىغان  پىسخىك بىنورمالىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا  ئۈزىگە ئىشىنىش ، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا ئۇ ئەجەللىك كەمچىللىكى . چۈنكى ئۇ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ دېگەن يەكۈ ننى خاتا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .
4. بالىلاردا پىسخىك بىنورماللىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا  بايقاپ ، ۋاقتىدا مەسلىھەت  بېرىپ  كىيىنكى ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك .
5.مەكتەپلەر پىسخىك مەسلىھەت بېرىش  كەسپىنىڭ ھەقىقى ئەھمىيتىنى ،زۆرۈرلىكىنى  تونۇپ يېتىپ، مەخسۇس  مۇشۇ كەسىپتە تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى  تىزدىن سەپلەپ  خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ،ھەقىقى قانات يايدۇرۇش كېرەك .
ۋاقتى: 2015-4-27 03:27:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى كىچىك كەمچىلىك، جىسمانى ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسلە بولسا، ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا، ئۇ ئەجەللىك كەمچىلىك، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
بىر ئادەمدە پەزىلەت بولۇپ، بىلىم بولمىسا، ئۇ ئادەم جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر يۈك.
بىر ئادەمدە بىلىم ھەم پەزىلەت بولسا، ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى.
بىر ئادەمدە بىلىم بولۇپ، پەزىلەت بولمىسا ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتكە دۈشمەندۇر.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۈتۈنلەي كىرەكسىز ئادەم بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ ئادەم ياخشى پەزىلەت، تىرىشچانلىق، ئېسىل مىجەز-خۇلقى بىلەن بۇ كىچىككىنە كەمچىللىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ.
جىسمانى جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىنى تولۇقلىغىلى بولمىغان بىلەن، يەنىلا ئېسىل پەزىلەت بىلەن يوشۇرغىلى بولىدۇ. پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىك بولسا، بىلىم ۋە ھەرقانداق نەرسە بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايلا قالماي، بەلكى بۇ كەمچىلىك بۇ كىشىنى ئىنسانىيەتكە دۈشمەن قىلىپ قويىشى مۇمكىن،
ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت پىسخىكا جەھەتتىكى كەمچىلىككە كەلسەك، بۇ كەمچىلىك جىسمانى كەمچىلىكتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ، ئادەمنى روھى جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىش يولىنى پۈتۈنلەي توسۇپ، «روھسىز تەن»گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
بۇنداق «تەن»دە نەدىمۇ بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىققۇدەك جاسارەت، ئۈمىد بولسۇن؟
مەسىلەن:
ئوقۇغۇچى ئا بىلەن ب ئوخشاشلا دەرستە ئاجىز. (ھەر ئىككىسىنىڭ جىسمانىيىتى ساغلام ئەمەس دەپ قارايلى)
ئوقۇغۇچى ئا: «مەن دېگەن دەرستە بەك ئاجىز، چۈنكى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەكتەپكە تولۇق كىلەلمەي، ئاساسىم ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچۇم ھەم ساۋاقداشلىرىم مىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. قانچە تىرىشساممۇ، ‹ئېشەك قانچە چاپسىمۇ ئات بولالمايدۇ› دېگەندەك، مەن ئۈگىنىشتە ئالغا باسالمايمەن. بولدىلا....»
ئوقۇغۇچى ب: «مېنىڭ تىنىم ئاجىز بولغاب بىلەن روھىم ئاجىز ئەمەس، مەن ئۆزۈمنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنى، روھى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىم بىلەن تولدۇرۇشۇم كېرەك، دەرستە ئاجىز بولسام نېمە بوپتۇ؟ ‹بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب›، مەن قانداقلا بولمىسۇن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئاتا-ئانامغا ، قېرىنداشلىرىغا، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك. نەدىمۇ‹بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن›دەيدىغانلارغا بېرىۋىرىدىغان ئىش بار ؟ بولغان تەقدىردىمۇ تويغىچە بىرىۋەرمەيدۇ-دە. چۈنكى بۇ‹ئىشلىگەن چىشلەيدۇ›غان دەۋر.
بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تورداشلارغا سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ بولار. چۈنكى:
تېرشچانننىڭ ئەجىرى ھېچقاچان يەردە قالغان ئەمەس، ساغلام غايە، تىرىشچانلىق بولغاندىلا مەيلى ئۈگىنىشتە ئاجىز بولسۇن، مەيلى جىسمانىيىتى ئاجىز بولسۇن، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ، ساغلام روھى پىسخىكا ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ،
ۋاقتى: 2015-4-27 03:29:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى كىچىك كەمچىلىك، جىسمانى ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسلە بولسا، ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا، ئۇ ئەجەللىك كەمچىلىك، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.
بىر ئادەمدە پەزىلەت بولۇپ، بىلىم بولمىسا، ئۇ ئادەم جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر يۈك.
بىر ئادەمدە بىلىم ھەم پەزىلەت بولسا، ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى.
بىر ئادەمدە بىلىم بولۇپ، پەزىلەت بولمىسا ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتكە دۈشمەندۇر.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۈتۈنلەي كىرەكسىز ئادەم بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ ئادەم ياخشى پەزىلەت، تىرىشچانلىق، ئېسىل مىجەز-خۇلقى بىلەن بۇ كىچىككىنە كەمچىللىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ.لاياقەتسىز ئوقۇغۇچى يوق،لىكىن لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى بار.بۇجەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا،
جىسمانى جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىنى تولۇقلىغىلى بولمىغان بىلەن، يەنىلا ئېسىل پەزىلەت بىلەن يوشۇرغىلى بولىدۇ. پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىك بولسا، بىلىم ۋە ھەرقانداق نەرسە بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايلا قالماي، بەلكى بۇ كەمچىلىك بۇ كىشىنى ئىنسانىيەتكە دۈشمەن قىلىپ قويىشى مۇمكىن،
ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت پىسخىكا جەھەتتىكى كەمچىلىككە كەلسەك، بۇ كەمچىلىك جىسمانى كەمچىلىكتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ، ئادەمنى روھى جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىش يولىنى پۈتۈنلەي توسۇپ، «روھسىز تەن»گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
بۇنداق «تەن»دە نەدىمۇ بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىققۇدەك جاسارەت، ئۈمىد بولسۇن؟
مەسىلەن:
ئوقۇغۇچى ئا بىلەن ب ئوخشاشلا دەرستە ئاجىز. (ھەر ئىككىسىنىڭ جىسمانىيىتى ساغلام ئەمەس دەپ قارايلى)
ئوقۇغۇچى ئا: «مەن دېگەن دەرستە بەك ئاجىز، چۈنكى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەكتەپكە تولۇق كىلەلمەي، ئاساسىم ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچۇم ھەم ساۋاقداشلىرىم مىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. قانچە تىرىشساممۇ، ‹ئېشەك قانچە چاپسىمۇ ئات بولالمايدۇ› دېگەندەك، مەن ئۈگىنىشتە ئالغا باسالمايمەن. بولدىلا....»
ئوقۇغۇچى ب: «مېنىڭ تىنىم ئاجىز بولغاب بىلەن روھىم ئاجىز ئەمەس، مەن ئۆزۈمنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنى، روھى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىم بىلەن تولدۇرۇشۇم كېرەك، دەرستە ئاجىز بولسام نېمە بوپتۇ؟ ‹بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب›، مەن قانداقلا بولمىسۇن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئاتا-ئانامغا ، قېرىنداشلىرىغا، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك. نەدىمۇ‹بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن›دەيدىغانلارغا بېرىۋىرىدىغان ئىش بار ؟ بولغان تەقدىردىمۇ تويغىچە بىرىۋەرمەيدۇ-دە. چۈنكى بۇ‹ئىشلىگەن چىشلەيدۇ›غان دەۋر.
بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تورداشلارغا سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ بولار. چۈنكى:
تېرشچانننىڭ ئەجىرى ھېچقاچان يەردە قالغان ئەمەس، ساغلام غايە، تىرىشچانلىق بولغاندىلا مەيلى ئۈگىنىشتە ئاجىز بولسۇن، مەيلى جىسمانىيىتى ئاجىز بولسۇن، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ، ساغلام روھى پىسخىكا ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ،
ۋاقتى: 2015-4-28 01:43:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى مەسىلە بوپتۇ... بۇ بىر ھازىر ھەربىر ئىنسان، ھەربىر مائارىپچى ئويلايدىغان ھەم ئويلىسا بۇلىدىغان مەسىلە بۇلۇپتۇ.. مەن بۇ مەسىلىگە بىر تەربيچى، مائارىپچى مەيدانىدا تۇرۇپ جاۋاپ بىرىپ باقاي...

شۇنداق ھازىر جەمئىيتىمىزگە ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قولىدىن ئىش كىلىدىغان، ياراملىق كىشىلەر لازىم... بىراق ھازىر قانداق بۇلىۋاتىدۇ.. مەجبۇرى مائارىپ دەپ بالىسىنى ياخشى ئۇقۇتسۇن دىسە ھازىر مەجبۇرى ئالۋاڭ ئورنىدا كۈرۈپ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۈگۈنىشكە، بىلىم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى يوق تېخى مەكتەپلەردىن، ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئاغرىنىپ، پەرزەنىتلىرىنى مەكتەپكە تۇلۇق بەرمەيدىغان، ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇرۇشدىغان ناچار كەيپىياتلار مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ...
ئەخلاقسىز، ئەسكى، دۆت ئۇقۇغۇچى يوق... بالىلار تۇغۇلىشىدىن ئۇنداق ئەمەس، بىراق جەمئەتنىڭ تەسىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەشتىكى بىلىمىنىڭ تۈۋەنلىكى، بەزى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا ئۆلگە بۇلۇشقا، تەربىيەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەخلاقسىز، ئەسكى، دۆت ئۇقۇغۇچىلار يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
مۇھىت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. سۇئالدىكى ئا ئۇقۇغۇچىدەك ئۈزىگە ئىشەنىچ تۇرغۇزالماي تۇرغاندا ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزلىرى تېخىمۇ ئۈزىنى كەمسىتىشكە "ئىلھام" بۇلۇپ تېخىمۇ ئۈزىنى يۇقىتىپ قۇيىدۇ. ب ئۇقۇغۇچىدەك ئا ئۇقۇغۇچىمۇ ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ئازراق ئىشەنىچ تۇرغۇزالىسىلا تىزلا ئۈگۈنىش، ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىش يۇلىغا قاراپ ماڭغان بۇلاتتى....
شۇڭا ھەربىر ئۇستاز ئۇقۇغۇچى مەيلى قاندق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ باشقا دەرستە ياخشى ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشاش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنىچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بىرىشى، ئاددى ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ،  ھەر ۋاقىت باشقا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا  ماختاپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كىرەك...  شۇنداق قىلغاندىلا ئا ئۇقۇغۇچىدەك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
دۇنيادا ھېچكىمنىڭ يارامسىز، ئەسكى ئادەم بۇلۇپ قالغۇسى يوق..
شۇڭا مەن ئاخىرىدا بارلىق ئۇستازلاردىن  ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكىنى، بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەرخىل گەپلەر بىلەن تىللىماسلىقىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلار بىلەن ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاجىز، ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بىرىپ يىتەكلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن..

تەجىرىبەم كەمچىل بۇلۇش تۈپەيلى ئىگىز-پەس سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر...
ۋاقتى: 2015-4-28 01:44:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ توغرىسى: تېرشچانننىڭ ئەجىرى ھېچقاچان يەردە قالغان ئەمەس، ساغلام غايە، تىرىشچانلىق بولغاندىلا مەيلى ئۈگىنىشتە ئاجىز بولسۇن، مەيلى جىسمانىيىتى ئاجىز بولسۇن، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ، ساغلام روھى پىسخىكا ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ
ئەڭ مۇھىمى :ساغلام بولغان روھى پىسخىكا....
ۋاقتى: 2015-5-6 12:09:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كىيىن قىلىشى كىچىك كەمچىلىك، جىسمانى ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسلە بولسا، ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا، ئۇ ئەجەللىك كەمچىلىك، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ.بۇ سۇئالغا ئىنتايىن ئەتراپلىق جاۋاب يېزىپسىز.بارىكاللا!
ۋاقتى: 2015-5-16 11:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2. 20-ئەسىردىكى تىلشۇناسلىق پىسخولوگىيە ، ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە فونكىسىيىلىك تەسىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىڭ
ۆتۈپ كەتكەن شۇ ئالدىنقى ئەسىردە ئىنسانىيەت ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى ،پەن -تېخنىكىدا ئۆتكەن نەچچە يۈز يىللىق ،نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتتىنمۇ يۇقۇرى بولغان پەن- مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ۋە ئىختىرا ئىجادىيەتلىرىنى ياراتتى .تەرەققىياتتىكى تېلىك ۋە تەرەققىياتنىڭ قۇتۇپلىشىش ھادىسىسى تەبىئەت دۇنياسىدىسىدىكى ئالى جانلىق ھىساپلانغان ئىنسانلارنىڭ ياشزاش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن، ھايات مەئىشەتلىرىدىن قانغىچە ھوزورلىنىش، جىسمانىي روھى ۆەھەتتىكى يېڭىلىنىشلارنى پەيدا قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىق ھىساپلىنىدىغان تىپىك روھى جەھەتتىكى بىر ئادەت«شەخسىيەتچىلىك» پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پىسخىكىسى ۋە روھى دۇنياسىسىغا مىسلىسىز رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىپ تېمىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك،تىلشۇناسلىق،پىسخىكىلىق مەسىلىلەر، ۋە شۇنىڭدا يانداشقان ئىنسانشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئەبجەش پەن سېستىمىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە خېمىرتۇرۇچ بولۇپ قالدى.
تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مېنىڭ ئاددى تونۇش چۈشەنچەم بىلەن قارىغىنىمدا تىلشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى يەنىلا يېقىنقىمەزگىللەردە روياپقا چىققان ياش پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مۇكەممەل بولغان نەزىرىۋى سېستىمىسى ،تەتقىقات ئوبىكتى، تەتقىقات نەزىرىۋىۋى ئاساسلىرى يەنىلا دۇنيادا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 6000 غا يېقىن مىللەتنىڭ ئىتنىك تەركىبى ، تىل سېستىمىسى ، ئورتاق پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ،تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىق بىر قاار روشەن بولغان مىللى «كىملىك»لىرى ئاساسىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تىپ قىلىپ ئىتنىك تەركىبى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ىل جەھتتىكى خاسلىقى ۋە پەرقلىرىنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن سېستىمىسى خالاس.
ىلشۇناسلىق - مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىك بولغان تىلنى ۋاستە قىلغان ھالدا دۇنادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ بارلىققا كېلىغ تارىخى ۋە شۇ تىلغا باشقا تىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن شەكىللەنگگن تىل ئۆزگۈرۈشلىرى ، ئالغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن شەكىللەنگەن باشقا تىللارنىڭ قوشۇۇشىدىن شەكىللەنگەن تىل ئۆزگۈرۈشلىرىنى تەتقىق قىلىپ مىللەتنىڭ تۈپ بەلگخلىرىدىن ۈبولغان ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىش شۇ ئاساستا رەڭگا رەڭ ھاياتلىقنى يەنىمۇ جلالاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
پىسخولوگخيە - ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە ئەسلى بار بولغان تۈرلۈك كەيپىياتلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە بارلىققا كېلىش جەريانىدىكى مىڭە ھۈقەيرىلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئادەملەردىكى تۈرلۈك پىسخىكىىق مەسىلىلەررگە قارىتا داۋالاش ۋە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر پەن بولۇپ بۇ يەردىكى تىلشۇناسلىق بىلەن پىسخىكىلق روھى ھالەت ئەسلىدىنلا ئىنسان تەبىئىتىدىكى خاسلىق بولسىمۇ ئەمما ئەمما ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئكۆتكەن 20- ئەسىردىكى تەرققىيات يولى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىمنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن بايان قىلىمەن
1- باغلىنىشچانلىقلىقى
مەيلى تىلشۇناسلىق ۋە پىسخولۇگىيە بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئىنسان ئاڭ قاتلىمىدىلا مەۋجۇت بولغان بىر خىل ھىسسى چۈشەنچە بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىر كۇنكىرت مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە رىياللاشتى .كىشىلەر تىلشۇناسلىقنى ئادەم بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق بۇ خخل ئىلىمنى شەكىللەندۈردى . يەنە ئادەم تەبىئىتىگە ئاساسەن ئىنسان كەيپىياتىدىكى مەۋھۇم ئۇچۇرلارنى پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن شەرھىلەشتى مەيلى نىمىلا دىسۇن شەكىل ۋە ھالەتك ئىگگ بولمىغان بۇ ئىككى خىل ئىلىم ئاستا-ئاستا ئىنسانلارنىڭ روھىغا ،ئېڭىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە بىزنىڭ يۇقۇرىدا دىگىنىمىزدەك بۇ ئىككى ئىلىم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بېسىپ كىردى .
من شۇنداق قاريمەن مەيلى تىلشۇناسلىق بولسۇن ۋە ياكى پىسخولوگىيە بولسۇن ەر ئىككىلىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەبىئىتىدىكى «شەخسىيەتچىلىك»نى پەردەزلەيدىغان ئۇپا ئەڭلىكى خالاس چۈنكى تىلشۇناسلىق ۋە ۋە پىسخولوگخيە ئەسلىدىنلا جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ،دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەرباپلىرىنىڭ قىسقىسى دۆلەت ماشىنىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىش مەقسىدىدە تۈزۈلگەن چۈنكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك پەرقلەردىن شەكىللەنگەن مىللى كىملىكنى چۈرىدىگەن بىر قاتارزىدىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى نەتىجىسىدە تىلشۇناسلىقنى شەكىللەندۈرۈش تامامەن مۈمكىن ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق .پىسخولوگىيە دەل جەمىيەت ئادىللىق بىلەن ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى بولغان «شەخسىيەتچىلىك» ئوتتۇرسىدا زىدىيەت شەكىللەنگگندە پەيدا بولغان كەيپىيات ھادىدسىسى بولۇپ ئۇنىڭ مەھىيىتى «باراۋەرلىك» «شۇئارىمۇ باراۋەرلىك » باراۋەرسىزلىق ۋە ئوخشاش بومىغان تەسىرات پىسخىكىلىق ئىنكاسنى پەيدا قىلىپ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئادەملەردىكى تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى شەكىلكلەندۈرمەكتە .
ۋاقتى: 2015-5-18 13:18:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا مىللەتشۇناسلىق،پىسخولوگىيەۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ گىرەلىشىش نۇقتىسى ۋە باغلىنىش ھالقىسى ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان پەنلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى دىسەك توغرا بولىدۇ.
2- ئۆتۈشۈشچانلىق
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە يىللاردىن بۇيان توپلىغان مىللى ئىتنىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلاردا شەكىللەنگەن بىر قىسىم پىسخىكىلىق كەيپىيات ھالەتلىرى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياشاش چۈشەنچىسى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان زامان، ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بەزى بىر پىسخىكىلىق تۇرمۇش شەكىللىرى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە مەلۇم بىر توپتا ھەمدە مەلۇم بىر جغراپىيىۋى مۇھىتتا ئوخشاش بولغان پىسخىكىلىق روھى ھالەتلەردىكى ئورتاقلىق شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئورتاقلىق مەلۇم مىللەت ۋە مەلۇم بىر ئاھالە توپىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە مىللى بەلگىسىگە ئايلىنىپ پەقەت شۇ مىللەت كىشىلىرىگخلا خاس بولغان پىسخىك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مىللەتشۇناسلىق ،پىسخولوگخيە بىلەن يېقىنلاشقان ئىنسانشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ پەن ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ بىر -بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىن ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ۋاقتى: 2015-5-28 00:37:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپتۇ........ۋاقىت بولسىلا نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىرىشەلىگەن بۇلاتتۇق........ئەپسۇس ئوقۇتقۇچىلىق نىمىدىگەن جاپالىق ،ئالدىراش ، چارچىغانلىقتىن ................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش