| مەنمۇ توردىشمىز ئالمجاننىڭ پىكرىگە قۇشۇلىمەن، دەرۋەقە ئادەمنىڭ ئەخلاقى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، ئەقلى جەھەتتىن تەربىيەلىنشىنىڭ ئالدىنىقى شەرتى، چۈنكى ئادەم بۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئەخلاق ۋە ئادەم ئۆز ئادىمىيلىكىنى تۇنۇپ يىتىش ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى ساغلام پىسخىكا ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى تاشقى ئامىللارمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ئەلۋەتتە. جىسمانى ساغلاملىققا كەلسەك ھەممە ئادەمنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بۇلىشى ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولالماي تەقدىرنىڭ كاجلىقىدىن مېيىپ ياكى باشقا كېسەل بولغاندىمۇ، شۇ ئادەمنىڭ ساغلام پىسخىكىسى ۋە شۇ ساغلام پىسخىكىنى يارىتىشقا ئىمكان يااتىپ بېرىدىغان مۇھىت بولسىلا يەنىلا شۇ ئادەم تەقدىر ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئەمدى ئەقلى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە كەلسەك، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇش باسقۇچىنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا دەرستە يىتىشەلمىسە، مەڭگۈ يىتىشەلمەيدۇ دەپ ھىچقايسىمىز كىسىپ ئېيتالمايمىز، ياكى شۇ ئوقۇغۇچى تۆۋەن يىللىقتا دەرستە ناھايىتى ياخشى بولسا، ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغىچە دەرستە ياخشى بۇلۇپ، كەلگۈسىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاپالايدۇ دەپمۇ كىسىپ ئېيىتقىلى بولمايدۇ. مەن 20 نەچچە يللىق ئوقۇتقۇچىلىق تەجىربەمگە ۋە بىر قىسىم ماتىريالللاردىن كۆرگەنلىرىمدىن سىلەرگە مۇنۇ ئىككى خىل مىسالنى سۆزلەپ بېرەي: 1. مەلۇم مەكتەپتە بىر سىنىپ، بىر پارتىدا ئولتۇردىغان ئىككى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ، دەرستە ياخشىسى زىيالىينىڭ بالىسى، دەرستە ئارقىدا قالغىنى كارخانىچى باينىڭ بالىسى ئىكەن. بۇ ئىككىسى تاكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بىللە ئوقۇپتۇ. مەكتەپتە ھەر قېتىم تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلسا دەرستە ياخشى بالىنى تەقدىرلەپ، باشقىلارغا ئۈلگە قىلىدىكەن، ئەمما دەرستە ئاقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنى بولسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىت قىلىدىكەن. ئۆيىدىكىلرى: دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بالىسىغا چۇقۇم ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك بولمىسا ....... بولىسەن دەپ ئوقۇشىنى ياخشى ئوقۇشنى زېھنىنى باشقا ئىشلارغا چاچماسلىقىنى تەكىلتلەيدىكەن. دەرستە ئاقىدا قالغان ھېلىقى ئوقۇغچىنىڭ دادىسى بولسا بالىسىغا تەربىيە قىلغاندا ‹‹ بالام ، دەرسنى بىلمىسەڭ بوپتۇ، بۇ سىنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس، بەلكىم دەرسلىكلەر بەك قىيىن بۇلىشى مۇمكىن، باشقا ئىشلارنى ئۆگەنسەڭمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا روھىڭنى چۈشۈرمەي ئۆزەڭ قىلالىغۇدەك ئىشلارنى قىل، شۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ماڭا ئېيىتقىن ›› دەپ تەربيە بېرىدىكەن. تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردىغان يىلى ھېلىقى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى كۆپ ھاللاردا دەرسكە كىرمەي سىرتلاردا يۈرۈپ، ئۇنى- بۇنى ئېلىپ سېتىپ ، ئانچە - مۇنچە پۇل تېپىپ تىجارەتكە كىرىشىپ قاپتۇ. ئامال يوق دادىسىمۇ ئۇنى قوللاپتۇ. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى يۇقۇرى نومۇر بىلەن داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ، ئەمما دەرستە ئاقىدا قالغان ئوقۇغۈچى بولسا جەمئىيەتكە چىقىپ كىتىپتۇ. ئارىدىن خېلى كۆپ يىللار ئۆتۈپ، ھېلىقى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشلىگەن داڭلىق كارخانا ئىقتىسادى كىرزىس تۈپەيلىدىن ۋەيران بۇلۇپ خىزمەتچىللرىنى ئىشتىن بۇشۇتۇپتۇ. شۇ قاتاردا ھېلىقى ئوقۇغۇچىمۇ ئىشتىن بۇشۇتۇلۇپتۇ. ئەمدى ئۇ بىرەر تىجارەت قىلاي دىسە ئىلگىرى ئوقۇشتىن باشقىنى ئۆگۈنمىگەن بولغاچقا قاملاشتۇرالماپتۇ، باشقا بىرەر ئورۇندا ئىشلەي دىسە، بىرسى كەسپىگە ماس كەلمەپتۇ، يەنە بىرسىنى ئو ياراتماپتۇ دىگەندەك ئىشسىز قاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەينى ۋاقتتىكى ئانا ماكتىۋى قۇرۇلغانلىقىنىڭ .... يىللىقىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شۇ مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى چاقىرىپتۇ. شۇ قاتاردا شۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغىمۇ باغاق يېزىلپتۇ. خاتىرلەش كۈنى ئەتىگەندە ھەر ئىككىسى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇرۇشىپتۇ. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى قارىسا ، ھېلىقى دەرستە ئاقىدا قالغان ئوقۇغۇچى شەھەر رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئىسىل ماشنىدا كىرىپ كىتىپتۇ، ئەمما دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىنى ئەينى چاغدىكى قېرى دەرۋازىۋەن تۇسىۋاپتۇ ۋە كىملىكىنى كۆرۈپ ئاندىن كىرگۈزۈپتۇ ۋە ئۇ بىر قانچە قەدەم مېڭىپ بۇلىشغا دەرۋازىۋەن يېنىدا تۇرغان نەۋرىسىگە ‹‹ ئاۋۇ ماشنىدا ئولتۇرغان ئەپەندىمنى كۆردۈڭمۇ، سەنمۇ ياخشى ئوقۇساڭ ئۇنىڭدەك.... بۇلۇپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلالەيسەن، ئەگەر ياخشى ئوقىمىساڭ ماۋۇ ۋېلىسپىت يىتىلەپ كىرىپ كىتىۋاتقان نان قېپىدەك ئىش ئورنىڭدىن ئايرىلىسەن ›› دەپ نەسىھەت قىپتۇ. خاتىرلەش يىغىنى باشلىنىپتۇ. ھېلىقى دەرستە ئاقىدا قالغان ئوقۇغۇچى سەھنىدە، دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى پەستە ئولتۇرۇپتۇ. دەرستە ئاقىدا قالغان ئوقۇغۇچى نەڭ مەيداندا ئۆز نامدىن مەكتەپكە 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىپتۇ ۋە مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر 50 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدىغانلىقنى، ئۆز نامىدىن ئوقۇش مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئاخىردا ئۆزىنىڭ ۋە ساۋاقدىشىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى ئۆز ئەينى بۇيچە سۆزلەپ بېرىپ ئەڭ ئاخىردا دادىسىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ ھەم نەق مەيداندا ھېلىقى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىنى شىركتىگە تەكىلىپ قىلىپ قولىغا تەكلىپنامە بېرىپتۇ. 2- مىسال: مىنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىپ 2-3 يىل بولغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەن شۇ چاغدا 4- يىللىقنى تۇتاتتىم سىنىپىمدا بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بۇلۇپ، دەرستە بەكلا ئارقىدا ، ئەخلاقىمۇ بەكلا ناچار ئىدى . ئۇنىڭغا ھەر قانچە تەربىيە بەرسەممۇ قەتئىي ئوڭشالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. بۇ بالا ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇدىكەن . ئانىسىدىن ئەھۋال ئىگەللىسەم ، بۇ بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى قېشىدا يوق بۇلۇپ، ئانسى ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كىتىپتۇ، دادىسى بالىسىنى ئانىىسغا باغقىلى بېرىپ سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن. مەن بالىنىڭ ئانىسىغا بالىنىڭ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئانىسى‹‹ مەن قانداق قىلىمەن، بۇ بالا يا مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمىسا ....›› دەپ كۆز يېشى قىلدى. شۇ كۈندىن كىيىن كۆپ ۋاختىمنى شۇ بالىغا ئاجراتتىم، كۆپنچە كەچلىكلىرى تاماقنى بىللە ئىتىپ يىدۇق. قىش كۈنلىرى ئوقۇچىلارنى قۇيۇپ بېرىپ،مەن ئىشتىن چۈشۈپ بولغىچە بۇ بالا ياتىغىمغا ئوت قالاپ ، سەي ئادالاپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ بىر مەۋسۈم ئىچىدە بۇ بالىنىڭ ئەخلاقىدا ئۆزگۈرۈش بولدى، كىيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ، دەرسلەردە تىرىشىپ. ئوتتۇرھال ئورۇنغا ئۆتتى. 6- يىللىقنىڭ 1- مەۋسۈمىگە كەلگەندە بۇ بالىنىڭ دادىسى قايتا ئۆيلەندى. چۆچەكلەردە ئۆگەي ئانىنى شۇنداق يامان كۆرسەتكەچكىمۇ، مىنىڭمۇ ئۆگەي ئانىغا بولغان كۆز- قارىشىم تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ بالىنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بۇ بالىغا ئۆز بالىسىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئائىلە ئىللىقلقىنى ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا بارا- بارا دەرسلەردە تىرىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ . تۇلۇقسىزغا ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتى. تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ، نوقتۇلۇق ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ناھيىىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. يۇقارقى ئىككى مىسال ئارقىلىق ھەر قايسىڭلارغا شۇنى دىمەكچى: بىرىنچىسى مۇھىم بولغىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكىسى، ئەخلاقى ۋە روھى ھالىتى، ئاندىن قالسا ، ئەقلى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى. |
|