ئىگىسى: زەپەر

ئۇقۇتقۇچى بولسىڭىز قېنى كەسپىي بىلىمىڭىزنى سىناڭ (5 تىللا مۇكاپات)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-9-15 00:37:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانا ئۇقۇتقۇچىللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قابىلىيتى شۇكى ، ئۇ ئۈزىنىڭ ھەر بىر ئۇقۇغۇچىسىنى تۇلۇق  چۈشۈنىدۇ . ھەمدە ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغا  ماس كىلىدىغان تەربىيە قىلىش مۇھىتىنى يارتىپ بىرىدۇ . ئۇلارنى ئۆز ئۇسۇلى بۇيىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈگۈنۈش  ۋە تەرەققى قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ ››دىگەن بۇ پىكىرگە مەنمۇ تولۇق قوشۇلىمەن .
ۋاقتى: 2015-9-15 00:55:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  زەپپەرئۇستاز ئادەمىنى خىلى ئويغا سالىدىغان ،ھەم خىزمەتلىرىمىزدە دۈچ كىلىدىغان مۇھىم بىرئېشىنى ئۇتتۇرىغا قويۇپتۇ،يوقارقى ئۇستازلارنىڭ سۆزنى بۇنىڭىدىن كىينىكى خىزمەتلىرىمدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ مۇشۇنىڭغا مەسسللەرگە قارتادىققەت قىلىش كىرەككىنى بىلۋالىدىم.ھەم سوغۇققان بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچلىقىنى جارى قىلىدۇرۇپ،كەمىچلىكىنى تۈزۇتۇشكە ئىمكانقەدەر ۋاقىت ئاجىرتىپ پات-پات شەخىسى سۆھبەت ئېلىپ بىرىپ ،شۇئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان كۆز قارشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمەن.ھەم تەنبۇس ۋاقىتلىردا دۇس بولۇپ سىردششقا ئەھىمىيەت بىرىمەن.
ۋاقتى: 2015-10-27 12:55:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟دىگەن بۇ سۇئال ئىنتايىن كەڭ مەنىدىكى سۇئال بۇلۇپ،مىنىڭ قارىشىمچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدىكى بۇ تۇقۇنۇش يەسلى مائارىپى،باشلانغۇچ مەكتەپ  مائارىپى،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئارىپى،تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ  مۇئارىپى ۋە ئەڭ ئاخىردىكى ئالى مەكتەپ مائاىپىدىكى  بۇخىل زىددىيەت بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ دەپ قارايمەن.چۈنكى ئوقوغۇچىنىڭ يېشىنىڭ چۇڭىيشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىدە پىسخىكا دۇنياسىدا كۈنسايىن ئۆزگۈرۈشلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساۋاقتاشلارغا ئوقۇتقۇچىلارغا جەمىيەتكە جەمىيەتكە ،مەكتەپكە بولغان قاىشى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتكە مەكتەپكە  بۇلۇپمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان قارىشى بەك تىز ئۆزگۈرۈپ يىڭىلىنىپ كەتتى.ئاددى مىسال مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىنى مىسال قىلىپ ئۆتسەم بىز باشلانغۇچتا ئوقۇغان 80-يىللاردا ئوقۇتقۇچىلارنى بەك چوڭ بىلەتتۇق،ئۇلارنى مۇئەللىم سىلى ئۆزلىرى دەپ بەك ھۆرمەت قىلاتتۇق.ئۇلارنىڭ قىلغان ھەربىر سۈزىنى تۇلۇق ئۆزگەرمەس ھەقىقىيقەت دەپ بىلەتتۇق،بىز گە ئۇلاردىن باشقا ھازىرقىدەك زامانىۋى ئىلغار پەن-تېخنىكىنىڭ مەسئۇلى بولغان «ئىلكتىرونلۇق مۇئەللىملەر »يوق ئىدى.ئۇلارنى كۆرسەك ئۇلاردىن قورقۇپ ھايا قىلىپ خىجىل بۇلۇپ يېنىدىن قېيىپ ئۈتەتتۇق.مانا بۇ يىللاردا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ھازىرقىدەك زىددىيەت جىدەل ماجىرا %99يوق دەپ قاراشقا بۇلاتتى .مانا ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيەت سەۋىيسى ئۆستى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ دەرس ئوتىدىغان «ئىلىكتىرونلۇق» مۇئەللىملەر كۈندىن كۈنگە كۈپىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابىستىراكىتنى بىلىمىنى كۈسايىن يىڭىلاپ بىزگە ئوخشاش مۇئەللىملەرگە بولغان ئىھتىياجىنى تۈۋەنلىتىپ قويدى.شۇ سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى سىلى ئۆزلىرى دىيشنىڭ ئورنىغا «سىز»دەپ چاقىرىدىغان يولدا دۇقۇرشۇپ قالسا قىلچە ھېدىقماي سۇۋۇنۇپ ئۈتۈپ كىتىدىغان ئۇلاربىلەن بولغان ئارلىق يېقىنلاشقاندەك قىلىپ ئوتتۇردىكى ھۆرمەت سۇسلىشىپ كەتتى.
شۇڭا يېغىنچاقلىغاندا مەن ئويلايمەنكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزىنىڭ كەسپى ساپاسى،مەدەنىيەت ساپاسىنى كۈنسايىن يۇقۇرى كۈتىرىپ جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىمگە ئىگە قىلىپ ئۇلارنى ئىددىيسىدىن ئىختىيارسىز ئۈزىگە قايىل قىلىپ ئۇلار ئالدىدا ھەممىنى بىلىدىغان ھەممىگە جاۋاپ بىرەلەيدىغان،ھەممىنى قىلالايدىغان،ھەممىگە ئۈلگە بۇلالايدىغان ھەممە ئادەم ئىتراپ قىلىدىغان مانا مۇشۇنداق بىر غايىۋى ئوبرازنى يارىتالىغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئىشەنجىسىگە ئىرىشىپ ئۆز-ئارا زىددىيەت تۇقۇنۇشلىرىنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.چۈنكى كىچىك باللار كارتونلاردىكى غايىۋى ئوبراز بولغان«ئۆمۈچۈك پالۋان»،«خېيمەن»،قاتارلىقلارنى بەك ياخشى كۈرىدىكەن ھەم ئۇلارغا چۇقىنىدىكەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۇ ئوبرازلار ھەممىنى قىلىلايدىغان قەھرىمانلار بۇلۇپ ئۈزىنىڭمۇ شۇلاردەك بۇلۇشنى بەك ئارزۇ قىلىدىكەن.
ۋاقتى: 2015-12-5 23:09:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشۇنىمىزدا ھەقىقەتەن بىلىملىك ،قابىليەتلىك كىشىلەر بار ئىكەن ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەمەدانلىق قىلشقا نىمە ھەددىم .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش