| مەنمۇ ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلىپ باقاي، مىنىڭچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى توقۇنۇشۇپ قالدى دىگەن سۆزنىڭ قاراتمىلىقى ، سەۋەنلىكى كۆپرەك ئوقۇتقۇچىغا قارىتىلىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەر بىر زىدىيەتنىڭ مەنبەسى، سەۋەبى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ بىلىم يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىسى ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇش، ئۆز كەسپىنىڭ خارەكتىرىنى ياخشى بىلىش لازىم.بۇ خىزمەتنىڭ خارەكتىرىنى تۈپتىن چۈشەنمەسلىك، ئوقۇتۇش سېپىدا بىرقىسىم پارازىتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ خارەكتىرىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ئوقۇتۇش سېپىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس سەپكە قېتىلىۋېلىشى بۇ خىزمەتنىڭ كىشلەر نەزىرىدىكى ئوبرازىغا تەسىريەتكۈزىۋاتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن چوڭ ، كىچىك زىدىيەتلەر كۆرىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىمۇ مەسىلىلەر مەۋجۈت، يەنى ھازىرقى مەلۇم ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسىلىقى، پۇلغا، ھەشەمەتچىلىككە زىيادە بىرىشلىىشلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەربيىسىنىڭ توغرا، ئىلمىي بولماسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى، ھەتتا بەزى جايلاردا مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى پۈتۈن جاھان ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتا-ئانىلارغا تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ، ئوقۇتۇشنى قوللىمىغانلارنى يىغىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاندىن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇلارمۇ ئاستا-ئاستا ھەل بولىۋاتىدۇ. مەن تۆۋەندە مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپرەك ئوقۇتۇچىدا كۆرۈلۈپ قېلىش سەۋەبى توغرسدا قىسقچە توختىلىمەن. 1. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇتۇش، بىلىم بىرىش مۇلازىمىتى بىلەن شوغۇلغانغۇچى، بىلمىگەننى بىلدۈرۈش، سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۇرۈش ئۇنىڭ بۇرۇچى. خىزمەت خارەكتىرىنى توغرا تونۇماسلىق خىزمەتتە ئاسانلا خاتالىشىش، ھەتتا ئورۇنسىز قۇربان بىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى، خارەكتىرىنى ، ئائىلە ئەھۋالىنى چۈشىنىشى، شۇلارغا بىرقەدەر ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى ، قوللىنىشى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك ، ياخشى خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسىي. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان ئىجتىمائىي كوللىكتىپنى تەشكىللىگۈچى، يېتەكلىگۈچى، پىسخىلوگىيە، پىداگوگىكىنى لاياقەتلىك ئۆگەنگەن ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن بۇ كوللىكتىقا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەش بىلەن كوللىكتىپ يېتەكلەشنى قانداق بىرلەشتۈرۈش ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئەلۋەتتە . 3. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمتىياز، ھوقوق، ئىززەت -ئابروي توغرىسىدىكى كۆز-قارىشىنىڭ توغرا ، يېتەرلىك تولۇق، كەڭ دائىرىلىك بولۇشىمۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدىكى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە ئەمەس ، بەلكى ئوقۇغۇچىغا بىلىم يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزىنى ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپىنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى توغرا تونۇشى، ئوقۇتقۇچىغا خاس ئوبرازىنى ساقلىشى لازىم. بۇ مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش ، ياخشى، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىپادىسى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى. 4. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىملىك بولۇشى بىلەن بىلگەن بىلىمىنى يەتكۈزۈش ئىككى مەسىلە بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى چوقۇم مۇشۇ مۇناۋسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىشى، ئۆزىدىكى بىلىمنى ئوقۇغۇچىلىرى ھەزىم قىلالىغىدەك سەۋىيەگە ئەكىلەلىشى لازىم. مىنىڭچە ئوقۇتقۇچ ئاز بولغاندىمۇ ئۆزىننىڭ يۇقارقى تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى توغرا مۇلاھىزە قىلغاندا ۋە ھەل قىلغاندا ئاندىن زىدىيەتلەرنىڭ مەنبەسىنى ياخشى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارايمەن . |
|