كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 0

كىتاپ ھەققىدە ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىتاپ ھەققىدە ھېكمەتلەر
ۋاقىت :2010-07-29 23:23:46  مەنبەسى :  يوللۇغۇچى:ھەقىقەت
* كىتاب — ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ يازما خاتىرىسى.
* ئەقىل – پاراسەت كىتابقا تايانمىسا، خۇددى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.
* كىتاب — ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان ئوغۇز سۈتىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
* ياخشى كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا خۇددى بىر ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك بولىمىز.
* كىتاب ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدىكى مەسلىھەتچى، ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت سىز ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ.
* كىتاب — غايەت زور كۈچ.
* كىتاب — تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ تېزلەتكۈچىسىدۇر.
* كىتاب — خەلقنىڭ يىلنامىسى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەددى – ھېسابسىز مول تەجرىبىلىرىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ.
* كىتاب — گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن خۇددى چاقناپ تۇرغان ياقۇتقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر دانىسى غايەت زور قىممەتكە ئىگە.
* كىتاب — كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئاتا قىلىنغان نەسىھەت ۋە تەسەللىدۇر، ئۇنىڭ قىممىتى چەكسىز.
* كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب — ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
* كىتاب — بىپايان زامان دېڭىزىدىكى ماياك.
ئابلىز ئابلەت مەخسۇم تەييارلىغان
_ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە سەنئەت ۋە پەندىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ئىككى كۈچ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. – م. گوركىي
_ كىمىكى ئەجدادلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقلارنى بىلمىسە، ئۇ گۈزەللىكتىن بىخەۋەر ياشىغان بولىدۇ. – گېگېل
_ كىتابلار ئالدىدا ھەممە نەرسە نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. – ئا. پ. چېخوف
_ كىتابلار بىر ئەۋلادنىڭ يەنە بىر ئەۋلادقا قالدۇرغان مەنىۋى ۋەسىيىتى، ئۆمرى ئاخىرلاشقان قېرىنىڭ ھاياتقا ئەمدى قەدەم قويۇشقا باشلىغان ئۆسمۈرگە قىلغان پەند – نەسىھىتى، پوستىن ئايرىلغان ساقچىنىڭ پوستا تۇرغان ساقچىغا بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. – ئا. ن. گېرتسېن
_ گاھىدا ئادەم كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە مۇتلەق باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەڭ مەغرۇر ئەقىل ئىگىلىرىمۇ، نازاكەتلىك شەخسلەرمۇ، ساددا ۋە ئەۋلىيالارمۇ ئۇنىڭ بۇ تارتىش كۈچى ئالدىدا باش ئېگىدۇ. – ۋ. گيۇگۇ
_ ياخشى يېزىلغان تارىخىي رومان تارىخ توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى دەرسلىكلەر بىلەن تەڭ. – بالزاك
_ كىتابسىز ئۆي جانسىز تەن. – تىتېسرون
_ كىتابلار جانسىز، ئەمما سادىق دوستلاردۇر. – ۋ.گيۇگو
_ بىرىنچى قېتىم ياخشى كىتاب ئوقۇغاندا گويا ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئوقۇغان شۇ كىتابنى تەكرار ئوقىساق كونا دوست بىلەن قايتا ئۇچراشقاندەك بولىمىز. – ف. ۋولتېر
_ سىزنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان كىتابلا ئەڭ ياخشى نەپ بېرىدىغان كىتابتۇر. – ت. پاكىر
_ ئادەمنىڭ ئادەملىكىنى ئۇ ئوقۇيدىغان كىتابلاردىن بىلىش مۇمكىن. – س. سمايلىس
_ ياخشى كىتاب ھەر قانداق سىناققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئۆمۈر بويى ياخشى ھەمراھ سۈپىتىدە خاتىرىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا كىتابلارنى توغرا تاللاشنى بىلىش كېرەك. – پ. ئا. پاۋلېنكوۋ
_ ھاياتنىڭ مەنىسى، ئادەملەرنىڭ ئارزۇ – تىلىكى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنىلا ئوقۇش ۋە قەدىرلەش كېرەك. – م. گوركىي
‹‹تەپەككۇر گۈلشەنى›› دىن ئاينۇر مۇھەممەد تەييارلىغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش