كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 0

دوپپا رىۋايىتى ھەققىدە دەرس تەييارلىقى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلانىڭ باش كىيىم مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ بىر دۇنيا ھېسابلىنىدۇ . كەڭىرەك دائىرىدە 5- يىللىققا چىققاندا قالغىنى ئۆگىنىلىدۇ . ھازىر ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئاشتى . زامانىۋېلىشىپ كومپىيۇتېردا لاھىيلەپ ئىشلەۋاتىدۇ .
ئورنى :
« دوپپا رىۋايىتى » دېگەن بۇ دەرس مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىربە دەرسلىكى 2- يىللىق 2- قىسىمنىڭ 5- بۆلىكى يەنى « ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى »  دېگەن بۆلەك ، دەرسلىك كىتابنىڭ 106 بېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
بۇ بۆلەككە « مەڭگۈلۈك ئەسلىمە » ، « ئوغلاق تارتىشىش » قاتارلىق دەرسلىكلەر كىرگۈزۈلگەن . بۇلار ئۆز – ئارا باغلىنىشلىق .
ۋاقتى :
1. ئۆتىلىدىغان دەرس :
                   15 – دەرس  دوپپا رىۋايىتى
                       ژانىرى : چۆچەك  
2. ئوقۇتۇش نىشانى  (1) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا ، تىككىسىتنى ئىپادىلىك ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، دوپپىنىڭ پەيدا بولىشى ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئەستە ساقلاش ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش لازىم  .
(2) جەريان ھەم ئۇسۇل نىشانى :
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش بىلەن ئاڭلاش ، قايتا بايان قىلىش ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە سوئاللار ئاساسىدا دوپپىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىجادىيەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشىنىۋېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ .
(3) قىممەت قاراش ، ھېسىيات ، پوزىتسىيە نىشانى :
ئەۋلادلارغا ئەجداتلاردىن قالغان مىراسلارغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلىش . مەدەنىيىتىمىزدىن پەخىرلىنىش ، ئۇنى قەدىرلەش ، ئۇنى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بارىمەن .
3. مۇھىم نۇقتا :
بۇ چۆچەكتىكى دوپپا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۇ بىلەن بېلىقتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش .
4. قىيىن نۇقتا :
ئوقۇغۇچىلاردا مەلۇم شەيئىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ھەققىدە ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش .
5. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى :
دوپپىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدىن بىر نۇسخىدىن ئېلىپ كىرىش ، دوپپىغا مۇناسىۋەتلىك شېئىر ، دوپپىغا مۇناسىۋەتلىك ناخشا ، يارىشىملىق دوپپا كىيىشكەن قىز – ئوغۇللارنىڭ رەسىمى قاتارلىقلار .
6. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
لىكسىيە ھەم سۆھبەت ، ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەرس ئۆتىلىدۇ .
7. ئوقۇتۇش سائىتى :
دوپپىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ دەرسكە بىر ئوقۇش سائىتى ئاجىرتىمەن .
8. ئوقۇتۇش جەريانى :
دەرسكە باشلاپ كىرىش . ئوقۇغۇچىلارغا ئۈنئالغۇ ئارقىلىق تۆۋەندىكى ناخشىنى قويۇپ بېرىمەن . ھەمدە بالىلار ناخشىسى « چىمەن دوپپا » دېگەن ناخشىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئېيىتقۇزىمەن .
دوپپا تىكىشىم چىرايلىق ،
كىيسەم بېشىمغا لايىق .
كىيىپ ئۆتسەم كوچاڭدىن ،
ھەيران قالار خالايىق  .
1- ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئالدىنقى سائەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە چۆچەكنى قايتا بايان قىلىدۇ . بىرى ئىپادىلىك ئوقۇيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئەكىرگەن دوپپىلارنى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارغا تارقىتىپ بېرىپ ، ئۇنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق ، ئاق قەغەزگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ يازىدۇ . تام رەسىم . دوپپا كىيگەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ، دوپپا توغرىسىدا ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەيدۇ .
شارائىت يار بەرسە مەشرەپ پىروگراممىسىدىن بىرەر شائىرغا ياكى ئالىمغا تەرىپلەش مۇناسىۋېتى بىلەن تون كىيگۈزگەن ۋاقىتتا ، بېشىغا دوپپا كىيگۈزگەن كۆرىنىشنى كۆزىتىپ نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورايمەن .
3- باسقۇچتا تۆۋەندىكى سوئاللار ئاساسىدا تەھلىلگە چوڭقۇرلايمەن .
1) ئۇيغۇر دوپپىسى نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغان ؟
2) بىز بۇنىڭدىن نېمىگە ئامراق ، نېمىنى قىزغىن سۆيىدىكەنمىز ؟
3) ھازىر بىزدە دوپپا كىيىدىغانلار نېمىشقا ئازلاپ كەتتى ؟ قانداق سورۇنلاردا دوپپا كىيىمىز ؟ ھازىر ئاياللىرىمىز نېمە كىيىۋاتىدۇ ؟
4) قايسىڭلار قەغەزدىن بولسىمۇ دوپپا ياساپ باقىسىلەر ؟
5) دوپپىدىن باشقا يەنە قانداق باش كىيىمىنى بىلىسىز ؟
6) ھەربىر يۇرتنىڭ دوپپىلىرى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ ؟
يۇقارقى سوئاللار سورىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرنەچچىسى ئۆزلىرى سوئال لاھىيىلەپ ، سىنىپتا غۇلغۇلا ئېلىپ بارىمىز .  مەن تۆۋەندىكى سوئالنى غۇلغۇلا قىلىش ئارقىلىق دەرسنى خۇلاسىلەيمەن . سوئال : ھازىر شۇ چىرايلىق دوپپىلىرىمىزنى قولدا تىكەمدۇ ؟ چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەڭ .  بۇ باسقۇچتا يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىش ھەم جۈملە تۈزۈش ئېلىپ بېرىلىپ ، دەرس خۇلاسىلىنىدۇ .
9. تاپشۇرۇق :
ئېنتىرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ ، دوپىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى توپلاپ كېلىڭ .
10. دوسكا لاھىيىسى :








11. سوۋغا :
ئۆز مەدەنىيىتىنى قەدىرلىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ قەدىرلەيدۇ .
12. دەرستىن كېيىنكى ئانالىز .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش