كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 0

مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدىكى دەرس تەييارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەرس ئۆتۈش ۋاقتى :
1. ئۆتىلىدىغان دەرس تېمىسى :
                         24- دەرس : ئۇنتۇلمايدۇ مەھمۇد قەشقەرى
                                              ژانىرى : شېئىر
                                            ئاپتۇرى : مەھمۇد زەئىدى
ئورنى :
« ئۇنتۇلمايدۇ مەھمۇد قەشقەرى » دېگەن بۇ شېئىر مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىربە دەرسلىكى 4- يىللىق 1- قىسىم يەتتىنچى بۆلەك « ئۆچمەس ئىزلار» دېگەن بۆلىكى 151- بېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
بۇ بۆلەكتە « 25 – جۇڭغۇانىڭ قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈن ئوقۇيمەن . » ، « 26- دۇكانچى بوۋاي » قاتارلىق تېككىسىتلەر كىرگۈزۈلگەن .
رولى : يەنى شېئىرنى ئۈنلۈك ، ھېسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ، پەخىرلىنىش ھەمدە ئەۋلادلارنىڭ ئالىمىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم رولى بار .
1. ئوقۇتۇش نىشانى
1) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى :
بۇ سائەتلىك دەرستە دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇپ – تاشقان ھاياجان ، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل ھەم ھېسىيات بىلەن تېككىسىتنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز .
بۇ نىشاننى قوللىنىشىمدىكى سەۋەب : ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ، شېئىردىن ئىلھام ئېلىش ، شېئىردىكى ئىدىيىۋى – ھېسىياتنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سېلىش ئۈچۈن بۇ نىشاننى قوللاندىم .
2) جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى :
شېئىرنى شەخىسلەر ، گۇرۇپپىلار ھەمدە كوللىكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ، شېئىردىكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىگە بولغان چوڭقۇر مەدھىيە ، پەخىرلىنىش ئۇنىڭ روھىدىن ئۈلگە ئېلىش ئىستىكى تۇرغۇزىلىدۇ .
3. قىممەت قاراش ، ھېسىيات ، پوزىتسىيە نىشانى
ئوقۇغۇچىلارغا شېئىرنى ئەستايىدىل دېكلاماتسىيە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بۈيىك ئالىمىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان ئەۋلاد بولۇش تەربىيىسى بېرىلىدۇ .
4. مۇھىم نۇقتا :
شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا ئۇنىڭدىكى رېتىم ، تۇراق ، قاپىيىلەرگە ھەم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كوبلىت ، مىسرالارغا دىققەت قىلىش  .
5.قىيىن نۇقتا :
يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىش ئاساسىدا شېئىردىكى كۈچلۈك ھېسىيات ، مول تەسەۋۋۇرنى ئايدىڭلاشتۇرېۋىلىش .
6. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى :
شىرئەلى ئەلتىكىننىڭ « مەھمۇد ۋەتىنى » DVD پىلاستىنكا ، ئەبەيدۇللانىڭ « ياشىسۇن مەھمۇد روھى » شېئىر . مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » مەھمۇد قەشقەرىنىڭ رومانى . ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ دېكلاماتسىيىسىنىڭ بىرىنى ئۈلگە قىلىمەن . مەھمۇد قەشقەرىنىڭ پورتىرت رەسىمى .
7. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : ھەمكارلىشىش ئاساسىدا شېئىرنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇتىلىدۇ .
8. دەرس سائىتىنىڭ تەقسىملىنىشى :
شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش ، ئاساسىي ئىدىيىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىر دەرس سائىتى ئاجىرتىمەن .
9. ئوقۇتۇش جەريانى :
1) دەرسكە باشلاپ كىرىش
DVD پىلاستىنكىسى ئارقىلىق « مەھمۇد ۋەتىنى » ناملىق ناخشا قويۇپ بېرىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە تەسىرات تۇرغۇزىلىدۇ .
2) ساۋاقداشلار « مەھمۇد ۋەتىنى »  ناملىق ناخشىنى ئاڭلىدىڭلار ئەمدى بىز تۆۋەندىكى ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ شېئىرنى قانداق دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى . « ئۇنتۇلمايدۇ مەھمۇد قەشقەرى » ناملىق شېئىرنى تولۇپ – تاشقان ھاياجان بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق سۆيۈملۈك بوۋېمىز ، دۇنيا بىلىدىغان ئالىمىمىز بىلەن يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تونۇشىمىز .
ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ئۇسۇلى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن بىر رەتتىن ئوقۇيدۇ . گۇرۇپپىلار بويىچە دېكلاماتسىيە قىلىشقا ، كوللىكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . ئاخىرىدا شېئىرى شەكلىنى نەسرى شەكىلدە ئىپادىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىنىپ ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى شەرھىيلىنىدۇ .
10. تاپشۇرۇق :
شېئىرنى تولۇقلاپ يادلاپ كېلىڭ .
11 . دوسكا لاھىيىسى :
           تېما : ئۇنتۇلمايدۇ مەھمۇد قەشقەرى .  
   
                             ئاپتۇرى : مەھمۇد زەئىدى  
                             ژانىرى : شېئىر   
سوۋغا :
دۇنيادا بىر ئالىم كۆپەيسە مىڭلىغان ئادەم بەختكە ئېرىشىدۇ .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش