كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 0

پېئىل ھەققىدە دەرىس تەييارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى :
1. دەرس تېمىسى
                 پېئىل
دەرسلىك ئورنى :
2. ئوقۇتۇش نىشانى :
1) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى
پېئىلدىن ئىبارەت بۇ سۆز تۈركىمىنىڭ نېمىلىكىنى ھەم جۈملە ئىچىدىكى پېئىللارنىڭ ئورنىنى توغرا دەپ بېرەلەيدىغان ۋە توغرا پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش .
2) جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى :
پېئىل سۆز تۈركىمىگە دائىر ئويۇن خارەكتىرلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان تۈر ۋە ھەجىم جەھەتتە سالماق ئورۇننى تۇتىدىغان پېئىل چۈشەنچىسى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىمەن .
3) قىممەت قاراش ، ھېسسىيات ، پوزىتسىيە نىشانى :
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ئىچىدە پېئىلدىن ئىبارەت بۇ سۆز تۈركىمىنىڭ مەنا ئىپادىلەش دائىرىسىنىڭ بىر قەدەر كەڭلىكى چۈشەندۈرۈلۈپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى ، قوللىنىشچانلىقى ، تەسىرچانلىقى شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدىن پەخىرلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەربىيە سىڭدۈرىلىدۇ .
3. مۇھىم نۇقتا :
پېئىللانى توغرا پەرىق ئېتەلەيدىغان ، جۈملە تەركىبىدىكى پېئىللانى تونۇپ ئايرىيالايدىغان بولۇش .
4. قېيىن نۇقتا :
پېئىللار تومۇرى بىلەن قوشۇمچىلىرىنى ئايرىپ يازالايدىغان ، پېئىل تومۇرىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان بولۇش .
5. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى :
سوئال – جاۋاب ئارقىلىق ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى بويىچە ئۆتىلىدۇ .
7. ئوقۇتۇش سائىتى :
پېئىل ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە بىر دەرس سائىتى ئاجىرتىمەن .
8. ئوقۇتۇش جەريانى :
1) دەرسكە باشلاپ كىرىش
1- بەش نەپەر ساۋاقداش مۇنبەرگە چىقىدۇ . ئۇلارنىڭ مەيدىسىگە رەڭلىك بوياق قەلەمدە 1- ساۋاقداشقا ( ئەركىن ) 2- ساۋاقداشقا ( قىزىل ) 3- ساۋاقداشقا (قەلەمدىن) 4- ساۋاقداشقا (بەش دانە ) 5- ساۋاقداشقا ( سېتىۋالدى ) . دەپ يېزىلغان بولىدۇ . يەنە بەش ساۋاقداش مۇنبەرگە چىقىپ ئىسىم سۆز تۈركىمىگە ، سان سۆز تۈركىمىگە ، سۈپەت سۆز تۈركىمىگە تەۋە ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشۇپ دوستلىشىدۇ . بۇ يەردە « سېتىۋالدى » دېگەن سۆز يېزىلغان ساۋاقداش ئېشىپ قالىدۇ . چۈنكى بۇ سۆز پېئىل بولغاچقا ، بۇ دەرس ئۆتۈلمىگەن شۇڭا ئۇنىڭغا ئىگە چىقمايدۇ . ئوقۇتقۇچى ئەنە شۇ ساۋاقداشنى ئېلىپ قېلىپ ، ئۇسۇل ئوينۇتۇپ ، خەت يازغۇزۇپ ، تازىلىق قىلدۇرىدۇ . ھەم باشقا ساۋاقداشلارغا ئۇ نېمە قىلسا شۇ توغرىسىدا جۈملە تۈزگىزىپ ، ئۇلارنى ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزنى تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە دوسكىغا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرىنىشنى ئىپادىلەيدىغان رەسىمنى سىزىپ ئۈستىگە « پېئىل » دەپ ھۆسنىخەت شەكلىدە يازىدۇ .
2- بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلار بەش گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ئايرىم – ئايرىم ئارىسىدا ھەرىكەتنى ، ئىشنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى توپلايدۇ . جۈملە تۈزىدۇ . ئاندىن ھۆسنىخەت يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ھەربىر ئوقۇغۇچى « پېئىل دېمەك ئىش دېمەك » دەپ يازىدۇ .
3- بۇ باسقۇچتا بەش گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇ – خىل ئويۇنلارنى تەييارلاپ مۇنبەردە كۆرسىتىدۇ . قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغا قاراپ « نېمە قىلىۋاتىدۇ ؟ » « نېمە قىلدى ؟ » دېگەنگە ئوخشاش پېئىلغا دائىر سوئاللارنى سورىشىدۇ . شۇنداق ئويۇنلار بىلەنلا پېئىل ھەققىدىكى چۈشەنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىلىدۇ .
4- پېئىلنى تونۇش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا ئالدىنقى يىللىقتا ئۆگىنىپ ئۆتۈلگەن سۆز تۈركۈملىرىدىن 10 سۆز ، پېئىلغا مۇناسىۋەتلىك سۆز تۈركۈملىرىدىن بەش سۆز ئارىلاشتۇرۇلۇپ ، يەنە جۈملە تۈزۈلۈپ بۇنىڭ ئىچىدىن پېئىلنى تونۇش ئويۇنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .
5- بۇ باسقۇچ خۇلاسە باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا ھەر بىر گۇرۇپپىدىن بىردىن ۋەكىل چىقىرىپ پېئىل ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ . ئوقۇتقۇچى يىغىنچاقلايدۇ .
9. تاپشۇرۇق :
جاپادىن   قورۇقماي    ئىشلىگىن   ئىشلە ،
ئەمگەكنىڭ مېۋىسىن چىشلىگىن چىشلە .
يۇقىرىقى مىسرالاردىن پېئىللارنى تېپىپ ، ئۇنىڭغا جۈملە تۈزۈڭ ، ھەمدە تەركىبىدە پېئىل بار ماقال – تەمسىلدىن 10 نى تېپىپ كېلىڭ .
10. دوسكا لاھىيىسى :
مىساللار : 1 . ........     2. .............   3. .............
قائىدە ..........................
11. سوۋغا :
ھەرىكەتنى ۋە ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان سۆز ئىزدىسەڭ ، ئالدى بىلەن پېئىلنى ئىزدە .

بولدى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش