| چۈشەندۈرۈش ماقالىسىغا دائىر نەزەرىيىۋى ماقالىنى ئۆتۈش دەرس لاھىيىسى ۋاقتى : 2012- يىل 9- ئاينىڭ 19- كۈنى ، پەيشەنبە 1. ئوقۇتۇش نىشانى : 1 ) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش خارەكتىرىدىكى نەزەرىۋىيى چۈشەنچە ئىلگىرى ئۆتۈلگەن بۇنىڭغا دائىر ماقالىلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق پەيىتتە چۈشەندۈرۈش خارەكتىرلىك ماقالە يازالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرىمەن . 2) جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى : ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش ، مۇھاكىمە قىلىپ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، ئەمەللىيەت بىلەن نەزەرىييەنى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈش يولى ئارقىلىق نىشانغا ئىچكىرلەپ كىرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۆتۈش جەريانى تاماملىنىدۇ . 3) قىممەت قاراش ، ھېسىيات ، پوزىتسىيە نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى توغرا بايقىيالايدىغان ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپ ، شۇ شەيئىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ، قارشى تەرەپنى رازى قىلالايدىغان ، ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزالايدىغان قىزغىن ، چىقىشقاق ئادىمىيلىك ساپ يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام - مەدەت بېرىمەن . 3. مۇھىم نۇقتا : نەزەرىيەنى ئەمەللىيەتكە توغرا تەدبىقلاپ ھەم ئاغىزاكى چۈشەندۈرەلەيدىغان ھەم مەلۇم شەيئىنى ماقالە شەكلىدە يېزىپ چۈشەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش . 4. قىيىن نۇقتا : شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشقا ماھىر بولۇش ، كۆزىتىشتىن ھاسىل بولغان چۈشەنچىنى توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان بولۇش . 5. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى : دەرسلىك كىتاپ ، قوللانما ، تەييارلىق دەپتەر ، كۆرسەتمىلىك قوراللار ، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش سىنىپى 6. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش ، لىكسىيە – سۆھبەت ، دەرسخانا بايلىقى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆتىلىدۇ . 7. ئوقۇتۇش سائىتى : بۇ دەرسكە جەمئىي بىر سائەت تەقسىم قىلىمىز . 8. ئوقۇتۇش جەريانى : 1) دەرسكە باشلاپ كىرىش ، ساۋاقداشلار تۆۋەندىكى تېپىشماقنى تېپىپ باقامدۇق ! سۇنى ئىسسىق ساقلايدۇ ، كۈمۈش رەڭلىك ئىدىشتا . ئەللىك سانتا بويى بار ، ئەپچىل چاينى قۇيۇشقا . ھەممە ئۆيدە بىردىن بار ، سوئال قويدۇم تېپىشقا . ( چايدان ) 2) ساۋاقداشلار بۇ تېپىشماقنى ئۇنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ تاپتىڭلار ؟ 3) سىز چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ چايداننى چۈشەندۈرۈپ يېزىپ بېقىڭە . بىز كۆرۈپ باقايلى . ئادەم ۋە تەبىئەت فىلىمىنى كۆرەمسىلەر ؟ ھايۋانلار قانداق چۈشەندۈرىلىدۇ ؟ ھەربىر ھايۋاننىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق گەۋدىلەندۈرۈلگەن ؟ بۇ توغۇرلۇق بىر قىسقا فىلىم قويۇپ بېرىمەن . ئاندىن سىنىپ ئىچىدە قىزىقارلىق قىلىپ بىرەر نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ چۈشەندۈرۈپ سىنىپ ئىچىدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرىمەن . 4) چۈشەندۈرۈش ماقالىسى دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ يۇقارقىدەك بىر قانچە سوئاللار سورىلىدۇ . ئەمەلىي مەشىق ئىشلىنىدۇ . ھەر كىم ئۆزىگە تونۇش بولغان بىرەر شەيئىنى ئاغزاكى ياكى يازما شەكلىدە چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . 9. خۇلاسە : ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ھەقتە بىر نەچچە سوئال سورىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەبىر بېرىدۇ . 10. تاپشۇرۇق : ئائىلىڭىزدىكى ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان بىرەر شەيئى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈش ماقالىسىدىكى تەلەپ بويىچە يېزىپ كېلىڭ . تەلەپ : خەت چىرايلىق ، ئىملا توغرا ، جۇملىلەرنىڭ ئالدى – كەينى باغلاشقان بولىشى ، ھەجىمى ئىككى بەت ئەتراپىدا بولىشى كېرەك . 11. دوسكا لاھىيىسى : چۈشەندۈرۈش ماقالىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
دەرس تامام
چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى دەرسلىكتىن ئۈلگە چاڭ-تۇزان ئۆزى يازغان ئەسەردىن چايدان مىسال كەلتۈرۈش ، سانلىق مەلۇمات ، سېلىشتۇرۇش ، ئوخشىتىش دېئامېتىرى مىليۇن يۈزدىن بىر (سانلىق ) سان- ساناقسىز نۇقتىۋى يورۇقلۇق . ساپ ھاۋا ، چاڭ – توزان قارا تۈتەككە ئوخشايدۇ سۇنى قىززىق پېتى كۆرىسىز ، 50 ~ 80 سىلېتسىيە گىرادۇس ئادەتتىكى ئاپتۇېادىن ئېگىزرەك قىزىل ياقۇتقا ئوخشايدۇ .
|
|