كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 0

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكىباشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

    يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىلگىرى–ئاخىر ‹‹قەشقەر كېچىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، ‹‹ئىز›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئۆمۈر مەنزىللىرى››، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئويغانغان زېمىن››، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تۇرپان تەسىراتلىرى››، ‹‹قەشقەر كېچىسى››، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹شېئىرىيەت››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› (ھازىرقى ‹‹غەربى دىيار ئەدەبىياتى››) قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.

   يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر — جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش