كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 5

«مۇنەۋۋەر ئاتا، مۇنەۋۋەر ئانا» لارنى توردا باھالاش پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 17:08  

«مۇنەۋۋەر ئاتا، مۇنەۋۋەر ئانا» لارنى توردا باھالاش پائالىيىتى


140707124305_ss.jpg


بىلەت تاشلاش ئادىرسى


http://barmu.cn/vote/View.aspx?id=659


          ھەبىبۇللا ئابلەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتىماتېكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بولغان (ئەسلىدىكى 14-ئوتتۇرا)، 2012-يىلى 9-ئايدا ئىچكى قىسىمدا دەم ئېلىشقا چىققان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، «ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپى» نىڭ ئەزاسى.

نۆۋەتتە ئىزچىل تۈردە «ئۇلۇغ ھويلا» خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ھەبىبۇللا ئابلەت ئۆزى باشلىغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق داۋام ئېتىشى ئۈچۈن، ئۆز نامىدىكى ئومۇمىي كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق 7 يۈرۈش دۇكان، بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي، بىر دانە ئائىلە ئاپتوموبىلى قاتارلىق مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا مەڭگۈلۈك ئاتىۋەتكەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتا ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ھەبىبۇل ئابلەت ئىلگىرى ئاددىيلا بىر نەپەر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تومۇرىدا جۇش ئۇرۇۋاتقان ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئىسسىق قېنى، ئۇنىڭغا سودىغا ماھىر بولۇشتەك تالانت ئاتا قىلغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ كەسىپنى ئۆزگەرتىپ سودىغا كىرىشتى. تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش، كۆتۈرۈلۈش بولغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سالمىدى. بەلكى، يادىدا چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت قانداق قىلىپ جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزۈش، قانداق قىلىپ ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ، ئىزدىنىپ كەلدى. ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشقىلى بولىدىغان سەھنە ئىزدەپ كەلدى. ئاخىرى، ھەبىبۇللا ئابلەت خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا كىچىك ئىشلاردىمۇ ئوخشاشلا ھەسسە قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاستا-ئاستا چوڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. شۇنداق قىلىپ ھەبىبۇللا ئابلەتنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا باسقان تۇنجى قەدىمى «ھەقسىز» يولۇچى توشۇشتىن باشلاندى. ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقان ھامان، ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئۆز-ئۆزىگە: « بىر تىيىن پۇل ئالماي، ئون مىڭ يولۇچىنى بارار جايىغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ قويىمەن»-دەپ ۋەدە بەردى. شۇنداق قىلىپ ھەبىبۇللا ئابلەت ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، تېگىشلىك ھەسسە قوشقىلى بولىدىغان تۇنجى سەھنىسىنى تاپتى.

تا بۈگۈنگىچە، ھەبىبۇللا ئابلەت ھەقسىز «كىرا قىلىش» دىن باشلاپ، يەنە ئۆز قۇربىتى يېتىدىغان ھەقسىز «ئاش-تاماق»، ھەقسىز «مېھمانخانا»، ھەقسىز «كۇتۇپخانا»، ھەقسىز «كىيىم-كېچەك»، ھەقسىز «ئىسىنىش ئۆيى» قاتارلىق جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇدىغان بىر يۈرۈش سەھنىنى بارلىققا كەلتۈردى.

1. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «كىرا قىلىش»: تا بۈگۈنگىچە كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەپەر يولۇچى ھەقسىز «كىرا قىلىش» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلدى، جەمئىي 18 مىللەت (ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق) 10000 دىن ئارتۇق ئادەمگە مۇلازىمەت قىلدى (ھەر بىر يولۇچى «خەير-ساخاۋەت قوللانمىسى يولۇچىلار پىكىر قالدۇرۇش خاتىرىسى»دە ئۆزىىنىڭ تەكلىپ-پىكىرى، باھاسى، كىرا قىلغان چېسلاسى، ئالاقىلىشىش نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىقلارنى قالدۇرۇپ قويغان).

2. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «ئاش-تاماق»: ھەبىبۇللا ئابلەت ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم (سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە) ھەر قېتىمدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 110 كىشىلىك تەملىك ھەم قۇۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ئاش-تاماقلارنى ئېتىپ پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا يېتىپ كېسەل داۋالىتىۋاتقان شۇنداقلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا يولۇققان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داستىخىنىغا سۇندى، تا بۈگۈنگىچە جەمئىي 13530 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەقسىز «ئاش-تاماق»قا ئېغىز تەگدى، بۇ ھەرىكەتمۇ جەمئىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئەكىس تەسىر قوزغاپ، بەلگىلىك تۈردە ئىجابىي مۇھىت ھاسىل قىلدى. مەلۇم دەرىجىدە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇلدى (ھەر مىللەت بىمارلىرى «خەير-ساخاۋەت قوللانمىسى بىمارلار پىكىر قالدۇرۇش خاتىرىسى»دە ھەر خىل تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە مەمنۇنىيەتلىك باھالارنى قالدۇردى).

3. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «مېھمانخانا»: ھەبىبۇللا ئابلەت مەخسۇس مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە كېلىپ كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ياتاق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان، مېھمانخانىلارنىڭ قىممەت باھالىق ياتاقلىرىدا يېتىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھەر مىللەت بىمارلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۈردە بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆينى ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ياتاق ئورنىدا پايدىلىنىشىغا ھەقسىز سەپلەپ بەردى، تاكى بۈگۈنگىچە 720 نەپەردىن ئارتۇق سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كېسەل داۋالاتماقچى بولغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت بىمارلىرى مەنپەئەتلەندى (ھەر قايسى بىمارلار بىردەك «خەير-ساخاۋەت قوللانمىسى مېھمانلار پىكىر قالدۇرۇش خاتىرىسى»دە كېيىنكى قېتىم يەنە پايدىلىنىشى، ئالاقىلىشىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى قالدۇردى).

4. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «كۇتۇپخانا»: جەمئىيەت ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھىياجىنى قاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، ھەبىبۇللا ئابلەت مەخسۇس بىر يۈرۈش دۇكىنىنى ئاجرىتىپ، 4000 پارچىگە يېقىن ھەرخىل يېزىقتىكى، ھەرخىل مەزمۇندىكى كىتاب-ژۇرناللارنى توپلاپ، «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «كۇتۇپخانا» قۇرۇپ چىقتى. مەزكۇر كۇتۇپخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ھەقسىز تۈردە كىتاب ئوقۇيدىغان، چاي ئىچىدىغان بىر ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

5. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «كىيىم-كېچەكلىرى»: جەمئىيەتتىكى ھەر خىل كۈچلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، جەمئىي 13000 يۈرۈشتىن ئارتۇق ھەرخىل كونا-يېڭى كىيىم-كېچەكلەرنى توپلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق نامرات رايونلاردىكى ھەر مىللەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ۋە كۆيۈنۈشنى ھېس قىلدۇردى. مەزكۇر تۈرلۈك پائالىيەت نۆۋەتتە ئىزچىل داۋاملاشماقتا شۇنداقلا داۋاملىق يولغا قويۇلماقچى، ھەبىبۇللا ئابلەتنىڭ نىشانى بولسا تېخىمۇ كۆپلىگەن نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتۇر.

6. «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «ئىسىنىش ئۆيى»: ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولۇشتەك ناچار كىلىمات ھادىسىسىنى ئويلىشىپ، ھەبىبۇللا ئابلەت «ئۇلۇغ ھويلا» ھەقسىز «كۇتۇپخانا»سىنىڭ ئۇدۇلىدا پولات-قاڭالتىر قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يولۇچىلارنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان «ئىسىنىش ئۆيى» تەسىس قىلدى، يولۇچىلار بۇ ئۆيدە «كۇتۇپخانا»دىكى كىتاب-ژۇرناللارنى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى (ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)، قانۇنچىلىق گېزىتى (ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)، ئۈرۈمچى كۈندىلىك گېزىتى (خەنزۇچە نۇسخىسى)، شىنجاڭ گېزىتى (قازاقچە نۇسخىسى)، «تارىم»، «تەرمىلەر»، «ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللارنى كۆرگەچ ئىسىنالايدۇ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، «ئىسىنىش ئۆيى»نىڭ نۆۋەتتە بار بولغان قاتتىق-يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە.

مىننەتسىز تۆھپە قوشۇش، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ھەبىبۇللا ئابلەتنىڭ قەلبىدىكى ئىستەك-ئارزۇلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ قىبلىنامىسىگە ئايلاندى، ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۆزگەردى. باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنىڭ، كىشى قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئىنسان قەلبىنى قانچىلىك مەمنۇنىيەتكە تولدۇرىغانلىقىنى يۇقىرىقى ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق تونۇپ يەتتى، خەير-ساخاۋەتكە باسقان قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇتلاشتى، ئىرادىسى تاۋلىنىپ، تەجرىبىسى ئاشتى. ھەر مىللەت ئاممىسىدىن كەلگەن «ياخشى ئادەم»، «ساخاۋەتچى»، «ھايات لېي فېڭ»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى»، «ئىجابىي كۈچ» قاتارلىق تالايلىغان مەدھىيە-ماختاشلار 20 نەچچە خاتىرە دەپتەرگە لىق كەلدى. بۇلار ھەبىبۇللا ئابلەتنىڭ مىننەتسىز بەخىش ئېتىشلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ زور جاۋابلاردۇر. ھەبىبۇللا ئابلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىم گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھەسسە قوشۇشىنى ئالىي ئېھتىراملار بىلەن تىلەيمىز!



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-18 10:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاشلىۋەتتىم شۇ بىلەتنى

باھا سۆز

قوللاپ بەرگىنڭىزگە رەھمەت زەپەر .مەنمۇ تۈنگۈن بىر بىلەت تاشلاپ قويغان بۈگۈن يەنە بىر بىلەت تاشلىدىم .مۇمكىن ب تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-18 20:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-18 20:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 10:54
مەنمۇ تاشلىۋەتتىم شۇ بىلەتنى

قوللاپ بەرگىنڭىزگە رەھمەت زەپەر .مەنمۇ تۈنگۈن بىر بىلەت تاشلاپ قويغان بۈگۈن يەنە بىر بىلەت تاشلىدىم .مۇمكىن بولسا ھەممىز قوللاپ قويساق .بۇلارمۇ ئۈزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىدىن كەڭ خەلىق ئاممسىنىڭ سۈيۈندىغانلقىنى بىلسە .ئارمىزدا مۇشۇنداق ساخاۋەتچى ئاتىلارمۇ ،يەنە تاپقان پۇلىنى باشقا ناشايان ئىشلارغا بۇزۇپ چېچۋاتقان ئاتىلارمۇ بار .  دۇنيا مىھىر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل دەپ   پۇل تاپقاندا باشقىلارنى ئويلايدىغان مۇشۇنداق گۈزەل قەلپلەرنىڭ كۆپرەك مەيدانغا كىلشىنى چىن دىلمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .
ۋاقتى: 2014-7-20 16:46:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق تاشلاشنى بىلمىدىمغۇ ، يانفۇندا تاشلىغىلى بولمامدۇ نىمە؟

باھا سۆز

يانفۇندا بولمايدىغۇ دەيمەن ،مەن سىناپ باقماپتىمەن . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-23 19:26
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 19:26:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرال يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 16:46
قانداق تاشلاشنى بىلمىدىمغۇ ، يانفۇندا تاشلىغىلى بولما ...

يانفۇندا بولمايدىغۇ  دەيمەن ،مەن  سىناپ  باقماپتىمەن .
ۋاقتى: 2014-8-18 03:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنىڭ كۆپ  چىقىپ ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!   رەخمەت ئاتا ، ئىشلىرىڭىز  كۈندىن- كۈنگە رۇناق تاپقاي!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش