| 2345 تور كۆرگۈچىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك نۇسخىسى يىقىندا يەنە ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، تورداشلار پەقەت ئاددىيغىنا تۆت باسقۇچلۇق مەشغۇلات ئارقىلىقلا توردا ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن. يەنى ئالدى بىلەن 2345 تېز سۈرئەتلىك تور كۆرگۈچىسى (بۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ) ىنى قاچىلاپ، قوزغاتقاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ، ئەگەر ئىلگىرى بۇ تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ تور كۆرگۈچتىكى 2345 ئۇلىنىش بېتىنى ئاچسىڭىز، ياكى تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭ قىسمىغا قارىسىڭىز، يېشىل رەڭلىك تېلېفون ئۇرۇش بەلگىسىنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەرنى چەككەندىن كېيىن، تېلېفون ئۇرۇش بېتىگە كىرىسىز، ئاندىن خالىغانچە تېلېفون ئۇرۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ھالبۇكى، تېزىملاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەقەت بىر مىنۇتلا ئۇرغىلى بولىدىكەن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تېزىملىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، تېزىملىتىش باسقۇچى ئىنتايىن ئاددىي شۇنداقلا ھەقسىز، پەقەت چ چ نومۇرى بولسىلا بولىدۇ، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. كومپىيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىسىدا ئوخشاشلا ھەقسىز تېلفون ئۇرۇشقا بولىدۇ كومپىيۇتېر نۇسخىسى: بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇيانفون نۇسخىسى:

|
|