ئىگىسى: pari

بايقاش تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك ( مۇكاپاتلىق تېما )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-7-16 01:12:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، پەرى مۇئەللىم !بۈگۈنكى بۇ تىمىڭىز تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ، ئېسىل تىما بوپتۇ ، تىمىڭىز ئارقىلىق بايقېشىمنىڭ تەۋەللۇت ۋاقتىنى ، قانچە نەپەر دوستىمىزنىڭ بارلىقىنى ، قانچىلىك تىما-ئىنكاسلارنىڭ بار ئىلكەنلىكىنى بىلىۋالدىم ، راستىنلا كۆپ جاپا چىكىپسىز ، مۇشۇنداق گۈزەل دەقىقىلەردە بايقاشتىكى بارلىق ئاتامان ، باشقۇرغۇچى ۋە كونا-يېڭى ئەزالار نامىدىن سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ئەزىز تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، ساخاۋەتلىك قوللىرىڭىزغا گۈلدەستە ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت-ئامەت تىلەيمەن !
مىللىي مائارىپىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ، تۆھپىكار باغۋەنلەرنىڭ ئىللىق ماكانى ، ئىلىم-پەن ئاسمىنىنىڭ قۇچىقى ، تۈمەنلىگەن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنىڭ غەزىنىسى بولىمىش بايقاش مائارىپ تورىمىزنىڭ تەۋەللۇت كۈنىگە بېغىشلاپ ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتاي :
سەن بولغاچ كۈلىدۇ بارىچە قەلىب ،
چۈنكى سەن بىرىسەن ئۇلارغا ئوزۇق .
مىھنىتىڭ گوياكى كەڭرى بىر دېڭىز ،
ئۇنىڭدىن ئالىمىز ئالەمچە بىر زوق …
بايقاش مائارىپ تورىمىزنىڭ كۈنسىرى تەرەققىي قىلىشىنى ، ماتىريال غەزىنىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ، سەر خىل بولۇشىنى  جۈملىدىن رايونىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بىكەتكە ئايلىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن …

باھا سۆز

رەھمەت ئۇكام بەك ئورۇنلۇق ئىنكاس يېزىپسىز ، ماڭا تىلىگەن ئۇلۇغ تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە ئورتاق بولسۇن رەھمەت تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-16 04:46

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-16 00:47:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايقاش مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزەمنىڭ بىركىشلىك تۆھپىسىنى قۇشىمەن . بۇلۇپمۇ بۇ جەھەتتە مۇنبەردىكى يىڭى ئەزالارنى ياخشى تەربىيلەپ ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان دەرىسلىك دىتال ۋە دەرىس لاھيەسىنىى يوللاپ ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىلغار ماتىرياللارنىڭ بارلىققا كىلىشى ئۈچۈن ئۈزەمنىڭ بىركىشلىك ھەسسىنى قۇشىمەن . مەنمۇ تۇلۇق قۇشىلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-16 01:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amarniyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 19:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەرى خانىم، مۇنبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى  ...

ھۆرمەتلىك ئەمەرنىياز ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ سىزنىڭ بايقاش مائارىپ تورىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ، ھەقىقەتەن ئوبىكتىپ تەكلىپلەرنى بىرىپسىز …
بەزى نوقتىلارنى ئويلاپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن :
ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى ئاپتوماتىك تەستىقلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇشنى تەۋسىيە قىپسىز ، بۇ تامامەن بولىدۇ ، بىراق ، بۇ قانداقسىگە ئەزالارنىڭ دەرىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس ، بايقاشتا سالاھىيەت دەلىللەش يولغا قويۇلغىلى خېلى بولدى ، بىراق ، ئاۋاز قوشقانلار قانچىلىك ؟ ھەقىقىي سالاھىيىتى دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن شۇ دوستلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپلا ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاپتوماتىك تەستىقلىنىدىغان قىپ قويساق سىزنىڭچە مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ ، سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە ئاۋاز قوشمىغان ئاشۇ كىشىلەرنى يامان نىيەتلىك ئىنكاسلارنى يوللىمايدۇ دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ ئەگەر ئۇلار شۇنداق يامان نىيەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىسا ئۇنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل باشقۇرغۇچىلار كىم قانداق ئىنكاسلارنى يوللىدى بىلىپ بولالارمۇ؟ ئۇچاغدا بايقاشنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولار؟ ئاز ساندىكى بىر ئۇچۇ كىشىلەرنىڭ بايقاشقا يامان غەرەزدە سوقۇنۇپ كىرىپ تورداشلارنىڭ يوللىغان تىمىللىرىنى ئۆچۈرۈپ ، تىللالىرىنى يوق قىلىۋەتكەنلىكى ، يامان غەرەزدە باشقۇرغۇچىلارنى بايقاشتىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىشكە دەۋەت قىلغانلىقى بۇنىڭغا يىتەرلىك دەلىل ئىسپات بولالايدۇ ، شۇڭا بۇ نوقتىنى ئېنىق چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن . بايقاشنىڭ باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن كىچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ سىز قاتارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىنى بىرىنجى ۋاقىتتا تەستىقلاپ ئولتۇۇپتۇ ، مىنىڭچە ئەمەلىيەت بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى پاكىت . ئۇلارنىڭمۇ ۋاقتىىن-ۋاقىت چىقىرىپ ھەر بىر ئىنكاس ۋە تىمىلارنى تەستىقلىشى دەل بايقاشنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىزنى قايتا ، ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن ، باشقا تەكلىپلىرىڭىزنى مومكىنقەدەر تىز سۈرئەتتە ئويلىشىمىز ، قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر…

باھا سۆز

ئورۇنلۇق ئىنكاس، قوللايمەن.  ۋاقتى: 2014-7-16 08:12
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-16 04:46:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرال يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 01:12
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، پەرى مۇئەللىم !بۈگۈنكى بۇ تىمىڭى ...

رەھمەت ئۇكام بەك ئورۇنلۇق ئىنكاس يېزىپسىز ، ماڭا تىلىگەن ئۇلۇغ تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە ئورتاق بولسۇن رەھمەت سىزگە .
سىزمۇ يۈرەك سۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپسىز ، رەھمەت .شېئىرىڭىزنى تەكرار ئوقۇپ كەتتىم، ياخشى چىقىپتۇ  .

سەن بولغاچ كۈلىدۇ بارىچە قەلىب ،
چۈنكى سەن بىرىسەن ئۇلارغا ئوزۇق .
مىھنىتىڭ گوياكى كەڭرى بىر دېڭىز ،
ئۇنىڭدىن ئالىمىز ئالەمچە بىر زوق …

ۋاقتى: 2014-7-16 06:10:50يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش تورى ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سەھنە بۇ تورنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-16 06:17:29يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش تورىغا بولغان تەشەككۈرۈمنى ئېيتىپ بۇلالمايمەن ،بايقاش تورى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ روناق تاپقۇسى ،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-17 23:10:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
pari + 5

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-19 00:35:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇلار كەلمەيدىغۇ ؟؟
ۋاقتى: 2014-7-19 08:25:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ،
                    مائارىپ جەڭگاھى ، سېھىرلىك بايقاش.
                    قاناتلان ، شۆھرەت تاپ ،ھۈرمىتىڭ ئاشسۇن .
                    مەڭگۈگە قېرىما ، تۇرغىن سەن ياپياش .
      
          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار .  مەن بايقاشنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە ھەرقايسىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت  ،تۇرمۇشىڭلارنىڭ ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن .

باھا سۆز

شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ،رەھمەت سىزگە .  ۋاقتى: 2014-7-19 10:33
ۋاقتى: 2014-7-19 08:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19 08:42  

                 ھەر كۈنى سەھەردە تۇرسام ئورنىمدىن ،
                 خىيالىم كۆكىدە پەقەت سەن بايقاش .
                 كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتمەكتە مېنىڭ ،
                 سەن ماڭا بولغاچقا دائىملىق سىرداش .
                                       
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش