كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئادىتى ۋە ئائىلە تەربىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 23:33  

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئادىتى ۋە ئائىلە تەربىيەسى
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى، ئۇلار ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.
ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدە كۆز قارىشىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. شۇ سەۋەبتىن قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېقىلسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ. «چاقتا گۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن چىققان.
ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆزئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل–پاراسەتلىك، ئىنساپلىق قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشنى ئاساسەن ئاتا، قىز بالىنى تەربىيەلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا تاپشۇرىدۇ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلار نەزىرىدە قىز بالا باشقا ئائىلىگە «بالا» بولىدىغان بولغاچقا، قىز بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازىلىقى، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا پۈتۈلگەن «خاتىرىسىز ئاساسىي قانۇن» دۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

مەنبە: http://www.tuzyol.cn/show_edu.asp?mid=190

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-9 15:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  http://v.youku.com/v_show/id_XNzE0MzQxNTUy.html
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-9 15:38:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 23:12  

   ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئەنئەنىسى

ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر- بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار سالاملىشىشنى مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن قاتارىدىن سانايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى - مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر- بىرى بىلەن سالاملىشىش ئادىتى ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئارا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇنى ناھايىتى مولدۇر.ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىشنىڭ ئۆزگىچىلىكىئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش بەزىدە قول ئېلىشىپ، بەزىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش يولى بىلەن بولىدۇ. دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلار ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قىسقارتىلىدۇ. قۇچاقلىشىش تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بەزىلەر بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوڭ قولىنى كۆكرەككە قويىدۇ. بۇ سالامنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققانلىقىنى، چىن دىلىدىن ئامانلىق تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر ئوڭ قولىنى بېرىپ كۆرۈشۈپ، سول قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ بىلىكىگە قويىدۇ. بۇ بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە سالاملاشقۇچىلارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.سالاملىشىشنىڭ قائىدىسىمەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى سالاملىشىشنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: سالامنى ئاۋۋال باشلاش سۈننەت بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: سىلەرگە بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلاردەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى، تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەنى(ئاللاھنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە بولسۇن)دەپ سالام بەرگەن كىشىگە: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ يەنى(ئاللاھنىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن) دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇش دېگەنلىك: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام يەنى(سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن)دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر.سىراجىددىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سالام بەرگۈچى گەرچە يالغۇز بىرلا كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشتا ئەلەيكۇميەنى(سىلەرگە...)دەپ قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ كۆپچىلىكنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە بىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.مۇسۇلمانلاردا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتىئىككى كىشى ئۇچراشقىنىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىشى دۇنيادا ھەركىم ياقتۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا بېرىش، نەسىھەت سورىسا نەسىھەت قىلىش، چۈشكۈرسە ئەلھەمدۇ لىللاھدېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ كەتسە نامىزىغا بېرىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر- بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: سىلەرگە يەھۇدىيلاردىن ياكى خرىستىئانلاردىن بىرى سالام قىلسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوئە ئەلەيكۇم (يەنى: سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن)دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلاردەپ كۆرسەتكەن.ئىسلامسۆزى بىلەن سالام سۆزىنىڭ ئەرەبچە تۈپ يىلتىزى بىر بولۇپ، ھەر ئىككىسى تىنچلىق دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىنىدىن تاشقىرى، سالاملىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سالاملىشىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە سانىلىدىغان، ھېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان، ئۆزى ئاسان، پايدىسى ئىنتايىن مول بىر ئىشتۇر.سالام بېرىشنىڭ تەرتىپىسالام بېرىشتە كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا ۋە قاتناش ئۈستىدىكىلەر پىيادىلەرگە سالام بېرىدۇ. شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكىلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئېرى ئايالىغا، مېھمان ساھىبخانغا سالام بېرىدۇ.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزارا سالام بېرىشكە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن خەلق بولۇپ، ئۆزارا ھۆرمەت قائىدە -يوسۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەرگە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا باي.  
مەنبە :توردىن ئېلىندى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-9 15:40:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 23:09  

ئەدەپ ئەخلاق توغۇرسىدا



http://v.youku.com/v_show/id_XNjkzMzU1MzQ0.html
ۋاقتى: 2014-7-9 19:17:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرياللارنى يوللاپسىز ، ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن ، بۇ ھەقتە يەنە بىر بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
ۋاقتى: 2014-7-9 19:46:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ياخىشى مەزمۇن يوللاپسىز .
ۋاقتى: 2014-7-9 22:00:24يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھمىيتى بار ماتېرياللارنى يوللاپسىز. ھەر قانداق ۋاقىتتا ئائىلە تەربىيسىگە سەل قارىساق بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك شارائىتتا.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-9 23:21:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 23:27  

    ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك



  http://v.youku.com/v_show/id_XNjU3NTc4MzEy.html
ۋاقتى: 2014-7-10 20:07:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش