| ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇم جاپالىق ئىشلەپ ئارام ئالارمىز دېگەندە تەتىلدىكى ئۈگىنىشلەر بېزار قىلىۋىتىدۇ. بۇمۇ بىر كۈنى تۈزۈلەر،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. شېئىرنى ياخىشى يازىدىكەنسىز. بەزى ئازىراق يىتەرسىزلىكنى ئەسكەرتكىم كېلىۋاتىدۇ: شېئىرنىڭ تۇراق، بوغۇملىرىغا دېققەت قىلىپ قويسڭىز.بۇ:"ئۈتىۋالساق نىمە بۇلار"دېگەن بۇ مىسىرادا بىر بوغۇم ئارتۇق.ھەمدە:"ئۈتىۋالساق" ئەمەس،" ئۆتىۋالساق" دېيىلىشى كېرەك. "ئەتە باشقا پائالىيەت ." دىمۇ بوغۇم ئارتۇق.شېئىرنىڭ تېمىسىدىمۇ بىر بوغۇم ئارتۇق، ئەسلىدە بۇ شېئىر يەتتە بوغۇم بىلەن باشلانغان شۇڭا ئىزچىل شۇنداق يېزىلىشى كېرەك. شېئىرنى بىر قەلەم بىلەن يېزىپلا يوللاشقا ئالدىراپ كەتمەي، قايتا- قايتا تۈزۈتۈڭ، پىششىقلاڭ. ئارتۇقچە لوقما سالغان بولسام كەچۈرۈڭ، سىڭلىم. |
|