| ئاتا ( مۇھەممەتسۇلايمان ئابدىقايىم )
ئىگىلىپتۇ مەغرۇر قامىتىڭ ، ئىگىلگەندەك ئانارنىڭ شېخى. پىشانەڭگە قاپتۇ سىزىلىپ ، شۇيىللارنىڭ سانسىز كەچمىشى، ھەر ئويلىسام شېئىر يازىمەن، شېئىر ئۈچۈن باققانمۇ مىنى؟ .
شۇ ياشانغان ئالتۇن بۇيۇڭنى ، ماڭالمايسەن مەزمۇت كۈتۈرۈپ. ئېغىزىڭغا تېتىماس غىزا، سەدەپ چىشىڭ كەتكەن تۈكۈلۈپ. كۆزلىرىڭگە يەتكەن قېرىلىق، تۇرغاندەكلا سېنىمۇ كۈتۈپ.
چاك-چاك كەتكەن ئالقانلىرىڭغا، ھەمراھ بوپتۇ ئەمدى يانتاياق، قەدەم ئالساڭ ئاغرىيدۇ بىلىڭ، باشلىرىڭنىڭ يوقتۇر يىرى ساق، قولاشمايدۇ گەپ سۆزلىرىڭ ھەم، تىنىقىڭدا يوقتۇر ھەم تۇراق.
ئاھ بەختىمنى بەرگۈچى ئاتا، يوللىرىمغا تال-تال نۇر تۆكۈپ، بەردەملىكنى قالدۇرۇپ ماڭا. پەرۋىش قىلدىڭ مىنى ئاۋايلاپ، يىگىت بولدۇم مەنمۇ ئالدىڭدا ، ئوتتۇز ئىككى باھاردىن ئۆتۈپ. ھاردىڭ توختا ئەمدى مەشخۇلدىن، سۈت رەڭگىدەك ساقاللىرىڭنى ، ياساپ قوياي ئۆزەم ئاۋايلاپ، خامىنىڭنى تېپىپ بىرەي مەن، سېنىڭكىدەك يېقىملىق ئۈندە، سەن ئۈگەتكەن ناخشىنى توۋلاپ.
نۇر بۇيۇڭنى قېينىسا كېسەل ، ھەتتا بارساڭ مەككە مەدرىسكە، مەنمۇ سېنى ئاپىراي يۈدۈپ، سەنمۇ مىنى كېچىك چېغىمدا، يىغلاپ كەتسەم ھېچ سەۋەپسىزلا ، ماڭغىنىڭدەك ھەر يان كۆتۈرۈپ.
تۇتۇپ قوياي پۇت-قوللىرىڭنى، گوياكى مەن «دادا» دىگەندە ، سېلىغاندەك مەڭزىمدىن سۆيۈپ. ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلاي مەن ، سەنمۇ خۇددى قىرانلىقىڭدا. ئىشلىگەندەك مەن ئۈچۈن كۈيۈپ.
رەھمەت دېمە ئىشلىرىم ئۈچۈن ، بالىلىقنى ئادا قىلاي مەن. سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ ئارزۇيۇم، سېنىڭ بىلەن گۈزەل مەندە تەن، ئاتا ، تىنىڭ بولسۇن سالامەت، شۇندا ماڭا سۈيۈملۈك ۋەتەن.
مەنبە: روھلان تورىدىن ئېلىندى
|
|