كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 0

ئەقلىي تور كۆرگۈچ ئارقىلىق توردىكى ئېلانلارنى سۈزۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەممەيلەنگە مەلۇم، مەيلى بىز خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە تورغا چىقىپ كىنو كۆرەيلى، كىنو كۆرگەندە باشلىنىشتىن بۇرۇن 40 نەچچە سېكونتلۇق ئېلان چىقىۋىلىپ كىشىنى بىزار قىلىدۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىنو تور بېكەتلىرىنىڭ مەنبەسى 56، يۇكۇ، تۇدۇ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى فىلىم تورلىرىدىن كەلگەن، شۇڭا، بۇلارغا قىستۇرۇلغان ئېلانلار ئۇيغۇرچە بەتلەردىمۇ كۆرۈنىدۇ. بىراق، بۇنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى يوقمۇ ئەمەس، بىراق بۇ ئۇسۇللار بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزنىڭ كومپىيۇتېر جەھەتتىكى بىلىمىڭىز خىلى ياخشى بولۇشى كىرەك.ئۇنداقتا بۇنىڭ باشقا ئاددىي ئۇسۇلى يوقمۇ؟

مىنىڭچە بۇ خىل ئېلاننى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل كومپىيۇتېرىڭىزدىكى توركۆرگۈچنى يەنى 浏览器 نى ئالماشتۇرۇش. چۈنكى نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىققان تور كۆرگۈچلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەرخىل تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بار.، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كومپىيۇتېردا بىر نەچچە خىل تور كۆرگۈچ بولسا ھىچقانداق يامان يېرى يوق . ئۇنداقتا قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەندە بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

تەۋسىيە قىلىدىغان تور كۆرگۈچنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: (سېغىمى پەقەت 5.6 مىگابايت)

(باسسىڭىزلا چۈشىدۇ، چۈشۈرۈۋالغاندىن كىيىن، مائۇسنى قوش چېكىپ قەدەم-باسقۇچلار بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلاڭ)

http://download.2345.com/jifen_browser/2345_k198413_browser.exe



يۇقارقى توركۆرگۈچ ئىچىگە ئېلاننى ئاپتوماتىك توسۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنى  چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن، يۇكۇ،56، تۇدۇ قاتارلىق تورلارنى ئېچىپ خالىغان بىر فىلىمنى قويۇپ كۆرۈپ بىقىڭ، فىلىم باشلىنشىتىن بۇرۇنقى ئېلاننىڭ يەنى 视频广告 نىڭ يوقالغانلىقىنى بايقايسىز. بەلكىم، يۇكۇ تورىنى ئېلان يوقالماسلىقى مۇمكىن، بىراق، دىققەت قىلسىڭىز يۇكۇنىڭ 40 نەچچە سېكونتلۇق ئۇزۇن ئېلانى چىقمايدۇ.بىراق، باشقا تورلاردا ھەقىقەتەن ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.(ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ)

بۇندىن باشقا، يۇقارقى تور كۆرگۈچ يەنە توربەتكە قىستۇرۇلغان سەكرىمە ئېلان (弹窗广告) لارنىمۇ ئۈنۈملۈك توسالايدۇ، توسۇش ئۈنۈمى %100 گە يىتىدۇ. قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ.ئەگەر ياقتۇرسىڭىز دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش