كۆرۈش: 1029|ئىنكاس: 2

يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم


ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش- غەربىي رايۇنلار بىلەن تەرەققىي قىلغان ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈۈش ئۈچۈن يولغا قويغان مۇھىم ،ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش .
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم -تەربىيە خىزمىتى ، 2-دەرسخانا پائالىيتى ،ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تەربىيلەش ،قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلىشى قاتارلقلارنى بىرقەدەر سىستېمىلىق ئىشلەشكە ،مۇۋاپىق پايدىلنىپ بۇخىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ .
بۇبىرنەچچە يىللىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى  جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمىكى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش قاتتىق دىتال قۇرۇلىشى ،باشۇرغۇچى خادىم ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيسى ۋە ئىدىيسى، شۇنداقلا باشقۇرغۇچى رەھبىرىي خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەت .
شۇنداق بولغاچقا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىلىپ، چىڭ تۇتۇلسا يىراق مۇساپلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
   ئالدى بىلەن مەكتەپ تەشكىلى ، رەھبەرلىك بەنزىدىكى رەھبىرىي خادىملار يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشقا بولغان كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىشى ، بۇخىزمەتنىڭ مۇھىملىقى ،مەكتەپ تەلىم -تەربىيە خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق تونۇش لازىم
   مەكتەپ مالىيەسىدىن مۇۋاپىق چىقىم ئاجرىتىپ ،يىراق مۇساپلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش،ئاسراش . بۇئارقىلىق بۇئۈسكۈنلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى ماددى شارائىتقا ئىگە قىلىشى كېرەك.
ئوقۇتۇش ئۈسكىنلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىمدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى كومپيۇتېر بىلىمى،ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرگە بولغان چۈشىنىش،ئىشلىتىش ئىقتىدارى بولىشى ، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش ئېڭى بولىشى كېرەك.
باشقۇرغۇچى خادىم خىزمەت كومپيۇتېرىنىڭ ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ  نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى بۇئارقىلىق ئوقۇتۇش بايلىق ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق قوبۇل قىلىشقا ئاساس يارىتىشى كېرەك .
قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلار ۋاقتىدا رەتلىنىشى ،ئوقۇتقۇچىلارغا ئاشكارىلاش ئىشلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنشى كېرەك.
مەكتەپ ئىلىمىي بۆلۈم مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك تۈردە تەربىيلەش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ،مەكەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىراق مۇساپلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلنالايدىغان ،كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق دەرس لايىھىلەش، دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك .
   مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىدىيسىنى يېڭلاپ ،يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشى ،مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئېلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-14 14:13:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماقالە ئىكەن. دېمىسىمۇ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم خىزمەت.
ۋاقتى: 2014-9-1 23:26:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈستىدە تولىمۇ ياخشى توختىلىپسىز ، داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرشىڭزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش